دورىلارنىڭ تاۋار نامى بىلەن ئورتاق نامى قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-06-19
ئاۋاتلىقى: 877 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بىر خىل دورىنى نۇرغۇن زاۋۇتلار ئشلەپچىقىرىدۇ، نۇرغۇن زاۋۇتلار ئۆزىنىڭ ماركىسنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، دائىم ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىغا باشقا كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئۆز ئارا پەرقلەندۈرۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ئوخشاش بىر خىل دورىلارنىڭ كۆپ خىل تاۋار نامى بولىدۇ، مەسىلەن: پاراسېتامولنىڭ تاۋار نامىدىن پانادول(泌利通)، بۇففېرىن(百服宁)، تىلېنول(泰诺)، قاتارلىقلار بار. بىمار دورا ئشلەتكەندە قايسى خىلدىكى تاۋار نامى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئورتاق نامى يەنى قانۇنلۇق نامىنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە بەلگىلگەن دورا نامىنى توغرا تونۇش لازىم. <<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى>> دا: دورىنىڭ ئورتاق نامىنى تاۋار ماركىسى ياكى تاۋار مەھسۇلاتىنىڭ نامى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، دورىنىڭ ئورتاق نامى دورىلارنى بىر-بىرىسدىن پەرقلەندۈرۈشكە ياردەم بىرىپ، تەكرار دورا ئىشلىتىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى دورا باشقۇرۇش قانۇنى»دا: دورىنىڭ ئورتاق نامى دورا ئورالما نامى ئورالما قېپنىڭ ئۈستىدە ياكى چۈشەندۈرۈلۈشىدە، بولۇش ھەمدە تاۋار نامىغا ئىشلەتكەن خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى دورىنىڭ ئورتاق نامىغا ئىشلەتكەن خەتنىڭ بىر ھەسسىگە باراۋەر بولىشى، بىر ھەسسىدىن ئېشىپ كەتمەسلكى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن.