تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!
2009-05-31
مۇھەببەتكە مۇھەببەت قىلىش - [ئىسلام دۇنياسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40237568.html
مۇھەببەتكە مۇھەببەت قىلىش
(پاكىستانلىق مەشھۇر ئالىم شەمس نەۋىد ئوسمانىنىڭ ماقالىلار تۇپلىمىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى)
ئۇككازنىڭ تارىخىي بازىرىدا، ئىنسانىيەت ئۇلاغ ئورنىدا بازارغا سېلىنىۋاتقان ئىدى. ساتقچىمۇ "ئىنسان"، سېتىۋالغۇچىمۇ "ئىنسان"، سېتىلىۋاتقانمۇ دەل "ئىنسان" ئىدى. "زەيد" ئىسىملىك ئوماققىنە بىر گۆدەك "ئىنسان" غا باھا قويىلىۋاتاتتى.
ئۇ ئەسلىدە يەمەننىڭ ئەڭ شانۇ ـ شەۋكەتلىك قەبىلىسى بەنى قۇزائەنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، دادىسى ھارىسە بىلەن ئانىسى سۇئدانىڭ مېھرى ـ شەپقىتى سايىسىدا، دۇنيانىڭ ھېچقانداق ئىسسىق ـ سوغۇقىنى كۆرمەي گۆھەردەك ئەتىۋارلىنىپ چوڭ بولغان ئىدى. زەيد ياۋۇزلارنىڭ قانخورلىقىنى ئەمەس، ئىنسانىۋېلىكنىڭ پاك سۆيگۈ ـ مۇھەببىتىنىلا تونۇيتى. ھايۋانىي غەزەپ ـ نەپرەت دېگەننى ئەسلا بىلمەيتى. ئەمما ئۇ قىسمەتنىڭ نېمىلىكىنىمۇ چۈشۈنۈپ يەتمىگەن گۆدەك يېشىدا، تۇيۇقسىز شەيتانىي نەپسانىيەتچىلىكنىڭ قارا قۇيۇنلىرىغا يەم بولدى.
بەنى قەين قەبىلىسىنىڭ قانخور باسمىچىلىرى بەنى قۇزائە قەبىلىسىگە باستۇرۇپ كېلىپ، نۈرغۇنلىغان جانسىز، ماددىي بايلىقلارنى بولاش بىلەن بىرگە ئەشۇ تىرىك، كىچىككىنە گۆدەك بالىنىمۇ، ئانىسىنىڭ مىھىرلىك قوينىدىن يۇلۇپ، دادىسىنىڭ شەپقەتلىك باغرىدىن ئايرىپ تاشلىغان ئىدى. كۆكرەكتىن ئاجرىغان بالا ئازاپ شىددىتىدە بوغۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كىچىككىنە يۈرىگى جۇدالىقنىڭ زەھەرلىك تىرناقلىرىدا يارىلىنىپ، كۆزلىرى ھاياتىدا تۈنجى قېتىم ئازاپلىق ئىڭراشلىرىغا جاۋابەن رەھىمسىز تەستەك تىگىۋاتقىنىنى كۆرمەكتە ئىدى. باسمىچىلاردىن قايسىدۇر بىرى ئۇنىڭ يىغا ـ زارىنى ئاڭلاپ، ئېتىلىپ كەلگەنچە، قاتتىق بىر شاپىلاق بىلەن غۇنچىدەك رۇخسارىنى سارغايتىپ قويغان ئىدى. ۋەھشىلىكنىڭ بۇ تۇنجى زەربىسى تېگىش بىلەن تەڭلا گۆدەكنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ جىمىپلا قالدى. غەزەپلىك كۆزلەر... تاشتەك قەلبلەر... گۇناھكارلىقنىڭ قورقۇنچلۇق تەلەتى... قارانىيەتلىكنىڭ لەنەتى ياۋۇزلىقى... قورشاۋىدا، زەيد تۈنجى قېتىم ئىنسانىيەتنىڭ ھايۋانلاشقان سەسكىنىشلىك ئەپتى ـ بەشىرىسىنى كۆرمەكتە ئىدى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، گەرچە شەكلى ئىنسانغا ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئەمما ئىنساننىڭ دەردىگە يېتىشنى بىلمەيدىغان يەنە بىر تۇپ كىشىلەر ئۇككازنىڭ بازىرىدا ئۇنىڭ ئالاقزادە كۆزلىرىگە چېلىقىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ھېسسىز كۆزلىرى زەيدكە مىختەك قادالغان بولۇپ، زەيدنىڭ جىسمانىي ئەزالىرىنى، گۆش، ئۇستىخان، مۇسكۇل، تىرىلىنى ئۆلچەپ، باھالاپ، قۇللۇق يۈكىنى تارتىش كۈچىنى دەڭسەپ، نەرخ تالاشماقتا ئىدى. بۇ ئاجايىپ كۆزلەر زەيدنىڭ پۈتۈن ئەزايىغا شۇنچە سىنچىلاپ قارايتى، يۇ ـ ئۇنىڭ جاراھەتلىك كىچىككىنە قەلبىگە نەزەر سالمايتى. قاراقچىلارنىڭ قويىۋاتقان باھالىرىنى شۇنچە قۇلاق سېلىپ ئاڭلايتى، يۇ ـ ئوماققىنە سەبىنىڭ ساداسىز پەريادىنى تىڭشاي دېمەيتى.
ـ ئاھ! سىلەر راستىنلا ئىنسانمۇ؟!
زەيدنىڭ، يىگانىلىق دەھشىتىدە ئېزىلگەن روھى ئازاپتىن نالە قىلماقتا ئىدى.
ـ سىلەر زادى قانداق ئىنسانلار؟! كۆزىڭلار پولتىيىپ تۈرغان بىلەن مىنى كۆرمەس قارىغۇ، قۇلىغىڭلار بولغان بىلەن پەريادىمغا گاس ئىكەن. چىرىيىڭلار دادامغا ئوخشايدىكەنۇ، لېكىن سەبىيلەرگە شەپقەتتىن دېرەكمۇ يوق ئىكەن. ئاھ! سىلەر قاراقچىنىڭ شېرىگىمۇ يە؟! ياۋۇزنىڭ دوستىمۇ يە؟! سىلەر نېمە ئۈچۈن سەبىنىڭ دەردىگە ئىچ ئاغرىتىشنى بىلمەيسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن زالىمغا نەپرەت قىلمايسىلەر؟
ئەمما ئاللاھنىڭ ئاۋازى كىرمەيدىغان قۇلاقلارغا ئىنساننىڭ ئاۋازى قانداقمۇ كىرسۇن، دەيسىز؛ ئۇنىڭ بۇ ئەلەملىك روھىي پىغانىنى ئاڭلىيالايدىغان بىرەر ئىنسانمۇ يوق ئىدى.
بۇ دەل زەيد كۆزدىن كەچۈرىۋاتقان ئىلگىركىدەكلا شەپقەتسىز، ئىككىنچى قېتىمقى سەسكىنىشلىك مەنزىرە بولۇپ، ئۇنىڭ قاباھىتى ھەتتا ئىنساننىمۇ ئىنسانىۋېلىكتىن يىرگەندۈرىشكە ئېلىپ باراتتى. ئاخىرى باھا تارتىشىش ھەكىم ئىبنى ھېزام ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئاياقلىشىپ، ئىنسانپۇرۇشلۇقنىڭ بۇ چىدۇغۇسىز مەنزىرىسى ئۆز ئىنتىھاسىغا يەتتى. ھەكىم ئىبنى ھېزام زەيدنى ئېلىپ، مەككىدىكى ئەڭ ئېسىل ئەخلاغلىق ئايالغا، يەنى، ھاممىسى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ھەديە قىلىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئاللاھنىڭ تەقدىرى زەيد ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇقەددەس سايىسىدا پاناھلىنىش يولىنى ئاچقان ئىدى. زەيد خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كەلگەندىن كىيىن خاتىرجەملىكنىڭ تۈنجى تىنىقىنى تىندى. ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۆتمۈشنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىلىرى ئۇنىڭ روھىيەت دۇنياسىغا زادىلا ئاراملىق بەرمەيتى. گەرچە خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇمشاق مۇئامىلىسى ئۇنىڭ دەردىگە مەلھەم بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما سېغىنىشلىق ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئىللىق مىھرىگە بەدەل بولالمايتى. ئەخلاق ۋە شاراپەتنىڭ بۇ يېڭى دۇنياسىدا گەرچە زەيدنىڭ قەلبى ئارام تاپقاندەك قىلسىمۇ، روھى تەسكىن تاپمىغان ئىدى. يۈتتۈرۈپ قويغان ئاتا ـ ئانىسىنىڭ تاتلىق ئەسلىمىلىرى بىر دەممۇ ئۇنىڭدىن نېرى كەتمەيتى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئىچ ـ ئىچىدىن پۇچىلىنىۋاتقان سەبى روھى يۈرەك ـ باغرىدىكى زەخىم جاراھەتلەرگە شىپا بولالايدىغان بىر نادىر مەرھەمگە تەشنا ئىدى.
خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا گەرچە تەنھالىقتا كۈن كەچۈرىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇزۈلمەي كېلىۋاتقان ھەر كاتتا باي، رەئىس، سەردارلارنىڭ توي تەلىپىنى پەقەت قوبۇل قىلمايتى. نۈرغۇن قەبىلە سەردارلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاق ھايات كەچۈرۈشنى كېچە ـ كۈندۈز چۈشەپ يۈرەتتى، يۇ ـ ئەمما خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نە ئۇلارنىڭ سەردارلىقىغا، نە مال، بايلىقىغا قىرززىقمايتى. چۇنكى ئۇمۇ زەيدكە ئوخشاش ئىنسانلار جەۋھىرىنىڭ تەلەبگارى بولۇپ، دەردىنىڭ دەرمانى ئۈچۈن قەلبلەر ئۈستىدە شاھلىق قىلالايدىغان، ئازغۇن ئىنسانىيەت كارۋانلىرىغا ھەقىقىي رەھنىما بولالايدىغان ئەڭ ئۇلۇغ نادىر بىر زاتقا تەشنا ئىدى. گويا مەلىكە بىلەن قۇل، زەيد بىلەن خەدىچە، تەڭلا ھەقىقىي ئادىمىيلىكنىڭ جەۋھىرىنى ئىزدەۋاتاتتى.
ئاخىرى بۇ جەۋھەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇپىتىدە مەيدانغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەككىدە ھېچكىمنى پىسەنتىگىمۇ ئالمايدىغان خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ تەڭداشسىز جۇلاسى ئالدىدا ئۆزى ئىگىلىپ، توي تەلىپىنى سۇندى. تويدىن كىيىن پات يېقىندا پەيغەمبەرلىكنىڭ دۇنيادىكى تۇنجى روھانى قەسرىگە ئايلانماقچى بولىۋاتقان ئۇلۇغۋار ئۆيگە يـۆتكەپ كېلىندى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە (پۈتۇن ئالەمنىڭ شاھلىقىدىنمۇ ئۇنىڭ قۇللىقى بەكرەك قىممەتلىك بولغان) مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىگە زەيدمۇ تەڭ ھازىر بولدى. زەيد، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىقىنلىقىغا ئېرشىش بىلەنلا ئازاپلىق روھى شاتلىق ساماسىدا پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك تۈيغۇنى سېزىشكە باشلىدى. ئۇ ئۆزىنى خۇددى يېڭى بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك، گويا، پۈتۈن مەككىلىكلەر ئىھتىرام قىلىپ، نامىنى ئاتىماي، بەزىدە "ئامانەتدار" بەزىدە "ساداقەتمەن" دەپ چاقىرىدىغان ئەشۇ بىرلا "ئىنسان" مەۋجۇت يېڭى بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلماقتا ئىدى.
ـ ئۇ نېمانچە يېقىملىق ئازگىچە "ئىنسان"، ھە؟!
زەيد ئىچ ـ ئىچىدە ئويلاۋاتاتتى.
ـ ھەتتا خىزمەتگارىنىڭمۇ خىزمىتىنى قىلىۋېلىشقا ئالدىرايدىغان... بېچارىلەرگە خۇدا بولىۋېلىشنىڭ ئورنىغا خۇدانىڭ ئامانىتىنى ساقلىغاندەك كۆڭۈل بۆلۈپ ئاسرايدىغان... نەزىرىنى ئۈستۈن قىلىپ باققانلىرىدا، گۇيا دۇنيادىكى بارلىق مىھرى ـ مۇھەببەت ئۇنىڭ كۆزىگىلا مۈجەسسەملەشكەندەك ئىللىق قارايدىغان... سۆز قىلىدىغان بولسا، قەلبلەرگە خۇشپۇراق ئەنبەر قۇيىلىۋاتقاندەك ياكى ھەسەل تامشىۋاتقاندەك ئاجايىپ شىرىن تۇيغۇ بېرەلەيدىغان... تەبەسسۇم قىلىدىغان بولسا، پۈتۈن ھاياتلىق مەۋھۇم لەززەتلەر قوينىدا مەستانىلەرچە تەڭكەش قىلىشقا باشلايدىغان... باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلىرىدا، خۇددى قەلب دۇلقۇنلىرىنى ساناۋاتقاندەك ئەستايىدىللىق بىلەن تىڭشايدىغان...
ئاھ! ئۇنىڭ باغرىدا ئانامنىڭ ئىلىق مىھرى بىلەن دادامنىڭ شەپقەتلىك قەلبى ماۋجۇتمىدۇ، يە؟... ياق، بەلكى ئۇلاردىنمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ ئىللىق، ئاجايىپ بىر مۇقەددەس دۇنيا ئۇ...
زادى نېمە ئۈچۈن ئۇنى ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە "ئاتا ـ ئاناممۇ تەسەددۇق!" دەپ توۋلىۋەتكۈم كىلىدىغاندۇ؟!....
بۇ زەيدنىڭ ۋۇجۇدىدا بەرپا بولىۋاتقان ئەزىم ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ ئۆز قەلبىدە ئاجايىپ سىرلىق بىر مەھلىيالىقىنى سەزمەكتە ئىدى. ئاخىرى بۇ ئىنسانىي جەزىبدارلىقنىڭ سىرلىق تۈگىنى يېشىلىدىغان ۋاقىتمۇ يېتىپ كەلدى. ھىرا غارىنىڭ خىلۋەتلىرىدە، ئاللاھنىڭ پەرىشتىسى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام، ناھەقچىلىككە قارشى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ كۆرەش ئۈچۈن مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەزىپە تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن زەيد تۇنجى قېتىم ھەققانىيەت ئىرپانىغا ساھىپ بولۇپ، سېغىنغان ئاتا ـ ئانىسى بىلەن ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ چىن مۇھەببىتىنى ئىمان نۇرى ئاستىدا، مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەكىس ئېتىۋاتقان ھالەتتە كۆرىشكە سازاۋەر بولدى. قەلبىدىكى نامەلۇم مەھلىيالىق ئۇنى ھەققانىيەت ئىرفانىنىڭ دولقۇنلۇق ھاياجانىغا چۆمدۈرمەكتە ئىدى. "چىن ئىنسان" ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئويغانغان بۇ تۇنجى يارقىنلىق مۇھەببەت بارغانچە يېڭىلمەس ئىشەنچ ھەم پىداكارلىقنىڭ ئەمەلىي ۋۇلقانىغا ئايلىنىپ، زەيدنى گويا پەيغەمبەرلىك نۈرىنىڭ ئەتراپىنى تاۋاپ قىلىپ قانمايدىغان مەستانە پەرۋانىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.
ئەمما يېراق يەمەندە، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى شۇنچە يىللاردىن بېرى يوقۇتۇپ قويغان ئارزۇلۇق كۆز گۆھىرىنىڭ دەردىدە قاتتىق ھىجران ئازاۋى چەكمەكتە ئىدى. بىر كۈنى تۇيۇقسىز مەككىدىن كەلگەن بىر يەمەنلىك "يۈرەك پارەڭلار مەككىدە ئىكەن، مۇھەممەد ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ يېنىدا ساق ـ سالامەت تۈرىۋېتىپتۇ" دېگەن خوشخەۋەرنى يەتكۈزدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئاتا ـ ئانا ئۆزىنى تۇتالماي شاتلىقتىن ھۆڭرەپ يىغلىشىپ كەتتى ۋە ھايال ئۆتمەيلا ھارىسە ئېنىسى كەئىبنى ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن زەيدنى تىلىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراش يولغا ئاتلاندى. ئۇلار خۇشاللىقتا مەككىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيلا قىلغان ئىدى.
ـ خالايىق! بىز مۇھەممەدنى ئىزدەيتۇق، ئۈنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ؟ ـ ئۇلار كىشىلەردىن ئالدىراش سۇرۇشتەرمەكتە ئىدى.
ـ مۇھەممەد شۇ تاپتا مەسجىدى ھەرەمدە ئولتۈرىدۇ ـ دېگەن جاۋاپنى ئاڭلاش بىلەن تەڭلا بىر دەم ئىچىدە پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغىمۇ ھازىر بولدى ۋە "ئى، قەۋمىنىڭ سەردارى ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى! ئابدۇل مۇتەللىبنىڭ نەۋرىسى! بىلىشىمىزچە، سىلې ھەرەمدە تۇرىدىغان، غىرىپ ـ غۇرۋالارغا يارىدەم قىلىدىغان، ئاچ ـ يالىڭاچلاردىن خەۋەر ئالىدىغان پەزىلەتلىك ئادەمكەنلا. بىز سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا يۈرەك پارىمىزنى ئازات قىلىپ، كاتتا بىر ئىھسان قىلارمىكىن، دېگەن تېلەك بىلەن كەلدۇق. ئەگەر ھەق ئادا قىلىشىمىزنى خالىسىلىرى، ئېغىزلىرىدىن چىققاندىن ئاشۇرۇپ پۈتۈن دۇنيايىمىزنى تەقدىم قىلىشقا ھازىرمىز" دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
ماھىيەتتە، ئۇلار پەيغەمبىرىلىكنىڭ مەرھەمەتلىك سايىسى ئاستىدا، ئاللاھدىن غەيرىگە قۇل بولۇشتىن مەڭگۈلۈك ھۆرلۈككە چىققان زەيدنى ئازات قىلماقچى بولىۋاتاتتى. ئالتۇن ـ كۈمۈشنىڭ قاتمال تەڭگىلىرى بىلەن ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇھەببەت پەرۋانىسىنى سېتىۋالماقچى بولىۋاتاتتى.
شۇنداق،
ئەمىلىيەت راستىنلا شۇنداق بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن "سىلەر زادى قايسى قۇلنىڭ ئازاتلىقىنى تەلەپ قىلىۋاتىسىلەر؟ سىلەرنىڭ يۈرەك پارەڭلار زادى كىم؟" دەپ سورىدى.
"زەيدنى..." دېگەن تىترەڭگۈ سادا ئۇلارنىڭ ھىجراندا پۇچىلانغان قەلبلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئەلەملىك قاقشال لەۋلىرىدە مۇڭلانماقتا ئىدى. ئۇلار كۆڭۈلىدە "ئەمدى قانداق جاۋاپقا ئېرىشەرمىز" دېگەن ئەندىشىلەرنىمۇ قىلماي تۇرالمىدى.
دېمىسىمۇ، يات بىر ئادەملەرنىڭ تەلىپى ئۈچۈنلا سېتىۋېلىنغان بىر قۇلنىڭ ئازات قىلىنىشى ئاسان گەپ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە "ئىماندىن مەھرۇم ھارىسەگە بىر مۆئمىننى تاپشۇرۇپ بېرىش ئىسلامنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ، كەلمەمدۇ؟" دەيدىغان تېخىمۇ چىگىش مەسىلە مەۋجۇت ئىدى. ئەمما ئۆزىنى قويۇپ، ئۆزگىنىڭلا غېمىنى يەپ ئادەتلەنگەن مىھرىبان پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ بارلىق غەم ـ ئەندىشە، دەرت ـ ئەلەملىرىنى ئاللى بۇرۇن چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. شۇڭا كامالى مىھرىبانلىق بىلەن "بىز قىلىپ بېرەلۇگۈدۈك يەنە باشقىمۇ خىزمىتىڭلار بارمۇ؟" دەپ سورىدى.
بۇ سۇئال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاجايىپ ساخاۋەتكارلىق بىلەن تىلىگۈچىلەرنىڭ ئەلەملىك تىلەكلىرىدىنمۇ ئاشۇرۇپ بېرىۋېتىش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرمەكتە ئىدى.
ـ ياق، ئى ئۇلۇغ شەپقەتچىمىز! بىزگە باشقا ھېچنەرسە كېرەك ئەمەس...
ھارىسە مەمنۇنىيەتتىن لەرزىگە كەلگەن ھالدا ئالدىراش جاۋاپ بېرىۋاتاتتى.
ـ مۇشۇ قىلغانلىرىنىڭ ئۆزىلا ھەممە نەرسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈكۈت ئىچىدە نېمىلەرنىدۇر ئويلىنىشقا باشلىدى. بىر تەرەپتە، قەلب رىشتىسى باغلىنىپ، سۆيۇملۇك جان ـ جىگىرى بولۇپ قالغان زەيد، يەنە بىر تەرەپتە، ئەشۇنداق قىممەتلىك مۇھەببەتنىڭ ھىجران ئازاۋېدا پىغان چىكىۋاتقان بىر ئاتا قاراپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال ئازاپلىق قەلبىگە مۇز تېڭىپ، بىراۋنىڭ دەردىنى ئەلا بىلگەن ھالدا،
ـ ئۇنداقتا زەيدنى چاقىرىتايلى، ئۇ مەن تەرەپتىن ئازات. ئەگەر ئۇ سىلەر بىلەن كېتىشنى خالايدىغانلا بولسا، ئېلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ ـ دەپ جاۋاپ بەردى.
ھارىسە بىلەن كەئىب "ئەگەر ئۇ سىلەر بىلەن كېتىشنى خالايدىغانلا بولس" دېگەن بۇ جۈملىنى بىرئاز غەلىتىرەك ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇلار "شۇنچە يىل ئاتا ـ ئانىسىنىڭ جۇدالىقى بىلەن قوللۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بىر سەبىي، ئاران تەستە مىھرىبان ـ ئاتا ـ ئانىسىغا سازاۋەر بولغاندا، بىرگە كېتىشنى رەت قىلىدۇ، دەپ قانداقمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن؟" دېگەنلەرنى ئويلىماي تۇرالمىدى.
لېكىن "ئېلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ" دېگەن سۆزدىن ئۇرغۇپ تۇرغان كامالى ساخاۋەتنىڭ مەمنۇنىيىتى ئۇلارنى ئىلگىركى جۈملىدىن ھەيران قالدۇرۇپ يۈرمىگەن ئىدى. دەل ئەنە شۇنداق پەيتتە زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھ ئەنھۇ يېتىپ كەلدى.
ئۇ شۇ تاپتا ئىنتايىن نازۇك بىر ئاچا يولغا كېلىپ قالغان بولۇپ، بىر تەرەپتە، شەپقەتلىك، قەدىردان ئاتىسى غۇلاچلىرىنى كەڭ ئېچىپ، ئارزۇلۇق ئۆغلىنىڭ "دادا!" دەپ يۈگۈرگەنچە باغرىغا ئۆزىنى ئېتىشىنى، دادىسىنىمۇ يىغلىتىپ، ئۆزىمۇ تەڭ يىغلاپ كېتىشىنى ئاجايىپ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە، ئائىلە، قان ـ قىرىنداشلىق جەھەتتىن زەيدنىڭ ھېچ نەرسىسى ھېساپلانمايدىغان يات، ئەمما ھەقىقىي "ئىنسان" قاراپ تۇراتتى. زەيدنىڭ دادىسىنى سېغىنغان كۆزلىرى مۇشۇنداق ۋېسال پەيتىدىمۇ ھەممىدىن ئىلگىرى ئۆزى ئىمان كەلتۈرگەن ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا تىكىلدى. ئۇنىڭ جىمغۇر نەزەرلىرى سۆيۈملۇك پەيغەمبىرىگە بىر قارىۋالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا بولغان قەتئىي ئىتائەتمەنلىكىنى جاكارلاۋاتقاندەك چۇڭقۇر ئەدەپ، ئىھتىرام بىلەن يەرگىلا تىكىلىپ تۇراتتى. شۇ پەيتتە ئۇنىڭ مۇھەببەت ئىزھارى بولغان بۇ بېقىشلىرىغا قارىتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىدە زادى قانداق ھېسلار بەرپا بولغانلىقىنى ھېچ كشى بىر نېمە دېيەلمەيتى.
ـ زەيد!... سەن بۇلارنى ... تۇنۇمسەن؟ ـ دائىم تەبەسسۇم بىلەن سۆز قىلىدىغان ئەمما ھەرگىز قاقاقلاپ كۈلمەيدىغان كامالى ئەخلاغلىق زات سۆز قىلىۋاتقان بولۇپ، مۇبارەك ئەۋازىدا گويا، ئاتا ـ بالىنىڭ ۋىساللىق شاتلىقى بىلەن بىرگە، ئۆز ئەزىزىدىن ئايرىلىش ھەسرىتىمۇ ئورتاق ئىپادىلىنىۋانقاندەك بىلىنىپ تۇراتتى.
ـ ھەئە! ـ زەيد جاۋاپ بەرمەكتە ئىدى ـ ناھايىتى ياخشى تونۇيمەن. بۇ كىشى مىنىڭ ئاتام ھارىسە، بۇ كىشى تاغام كەئىب بولىدۇ.
زەيد مۇشۇنچىلىكلا سۆز قىلىپ باشقا ھېچنەرسە دېمەستىن، جىممىدە بولۇپ قالدى. باشلىرى يەرگە ساڭگىلىغانچە، كۆزلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازدا ئۆرە تۇرىۋېرىپ كۆپىنچە ئۇيۇشۇپ ئاغرىپ كېتىدىغان مۇقەددەس قەدەملىرىگە تىكىلگەن ئىدى. ئىمان ۋە ئىشەنچنىڭ ئۈزۈلمەس رىشتە يىپلىرىغا باغلانغان زەيد، نىچۈنكىنتاڭ، ئائىلە، قان ـ قىرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ قايناق بولىقى بولغان قەدىردان ئاتىسىغا مۇشۇنداق كەم ئۇچرايدىغان ۋېسال پەيتلىرىدىمۇ قېنىپ بىر قاراي دېمەيتى. ھارىسە بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا داڭ قىتىپلا قالدى. كەئىبمۇ بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ چۇڭقۇر ئويغا پىتىپ كەتكەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلكەش ئاۋازى بىردىنلا ھەممەيلەننى سۈكۈتتىن ئويغاتتى.
ـ مىنىڭ كىملىكىمنى ھەم ساڭا قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىمنى ياخشى بىلىسەن. ئەمدى ساڭا ئىككىلا يول بار؛ بىرى، خالىساڭ مەن بىلەن قالساڭمۇ بولىدۇ. يەنە بىرى، داداڭ بىلەن ئەزىز تۇققانلىرىڭنىڭ يېنىغا كەتسەڭمۇ بولىدۇ.
جىملىق يەنە ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى. ھارىسە ئۈمۈد بىلەن خەۋپنىڭ جان ئالغۇچ كەيپىياتىدا سىقىلىشقا باشلىدى. كەئىبمۇ ئەندىشىلىك خىياللىرى بىلەن زەيدكە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا، تەمكىنلىكنىڭ مۇجەسسەم تەسۋىرىگە ئايلانغان ئىدى. زەيد نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، خۇدىنى يوقاتقان ھالدا بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە بىر ھازا سۈكۈتتە قالدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ دەرھال بېشىنى كۆتەردى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كۆزىدە شاتلىق ئەمەس، بەلكى ئەلەملىك ياشلارنىڭ لىغىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتاتتى. بۇ دەل ئىمانغا بولغان مىسلىسىز سۆيگۈ بىلەن پىداكارلىقنىڭ ھەسرەتلىك كۆز يېشى ئىدى. ئاخىرى جىسىم بىلەن ئىمان ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ھېسسىياتلىق مۇھەببەت كۆرىشىدە يەنىلا ئىمان غالىپ كەلدى. زەيد بۇنداق شارائىتتا دۇنيانىڭ تەسەۋۋۇرىغىمۇ سىغمايدىغان ئاخىرقى قارارىنى تىترەپ كېتىۋاتقان ئاۋاز بىلەن جاكارلاشقا باشلىدى.
ـ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ھەرگىزمۇ سىلىنى قويۇپ، باشقىنى ئەلا بىلىدىغانلاردىن ئەمەس. سىلې مەن ئۈچۈن ئاتا ـ ئانامدىنمۇ ئەزىز ھەم قەدىرلىك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ جاۋابىدىن چۇڭقۇر شاتلىققا چۆمدى. ھارىسە بىلەن كەئىب بۇ قارارنى ئاڭلاش بىلەن تەڭلا باشلىرىنى چاڭگىلىغانچە ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى. ئۇلار "بىز زادى نېمىنى ئاڭلاۋاتىمىز؟ نېمىنى كۆرىۋاتىمىز؟ ھەتتا ئاتا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتىنمۇ ئۈستۇن تۇرىدىغان بۇ زادى قانداق رىشتە؟" دېگەنلەرنى ئويلىماي تۇرالمىدى.
ـ ئەس ـ ھۇشىڭ جايىدىمۇ قانداق؟! ـ ھارىسە ئاچچىقلاپ قاتتىق ۋاقىراپ كېتىۋاتاتتى ـ ئىسىت! ئسىت! ساڭا زادى نېمە بولدى؟! ئەجىبا داداڭنى تاشلاپ يات بىرسىنى ياخشى كۆرىۋاتامسەن؟ قاراپ تۇرۇپ، قۇللۇقنى ئازاتلىقتىن ئەلا بىلىۋاتامسەن؟
زەيد ئەمدى تۇنجى قېتىم دادىسىغا بېقىپ قارىماقتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە قانداقتۇر ئاجايىپ بىر يۈكسەك ھەققانىيەتنىڭ نۇرلىرى پارلاپ تۇراتتى. چۇنكى ئۇ ئىلگىركى گۆدەك زەيد ئەمەس، بەلكى تومۇرلىرىدا قان ئورنىغا ئىماننىڭ نۇرى ئېقىۋاتقان، جىسمى ئارقىدا قىلىپ، روھى ئالدىدا مېڭىۋاتقان باشقىچىلا بىر زەيد ئىدى.
توغرا، مەن بۇ گەپنى پۈتۈن ئەقلى ـ ھۇشۇم بىلەن بىلىپ قىلىۋاتىمەن ـ زەيد ھەققانىيەت ئىرفانىغا چۆمۈلگەن ھالدا ئەستايىدىل جاۋاپ بېرىشكە باشلىدى
ـ سىلەر ياخشىسى مىنى ئۇنتۇپ كېتىڭلار، مەن بۇ ئۇلۇغ زاتتا باشقا ھېچ ئىنساندا كۆرمىگەن پەزىلەتنى كۆردۇم. ئەمدى مەن ھېچ كىشىگە ئەمەس، بەلكى پەقەت يىگانە ئاللاھىم بىلەن مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىلا مەنسۇپ!
ئۇنىڭ بۇ ياڭراق ساداسى پۈتۈن ئاسمان ـ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرمەكتە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق ھاياجان بىلەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى، دە ـ ھەجرى ئەسۋەدنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى ۋە ئۈنلۇك خىتاب قىلىپ: "خالايىق! گۇۋاھ بولۇڭلارىكى، بۈگۈندىن باشلاپ زەيد مىنىڭ ئوغلۇمدۇر! بۈگۈندىن باشلاپ، زەيد مىنىڭ ئوغلۇمدۇر!" دەپ ئىلان قىلىشقا باشلىدى.
ئىككى ئىنساننىڭ ئىمان ۋە ساداقەت ئاساسىدا قۈرۈپ چىققان بۇ ئاجايىپ مۇناسىۋىتى نېمە دېگەن قالتىس، نېمە دېگەن مۇستەھكەم، ئۈزۇلمەس رىشتە، ھە! ھالبۇكى، زەيد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە ھاياتىغا ئادەتتىكى سېتىۋېلىنغان قۇل سۈپىتىدە كېرىپ گەلگەن ئىدى. ئۇ مەككىنىڭ ئەشۇنداق ئىنسانخور، ئىنسانپۇرۇش جەمئىيەت مۇھىتىدا، بىرەر ئىنساننىڭ ئۆزىنى باغرىغا مەھكەم بېسىشىنى، ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، قۇللۇق تامغىسى بېسىلغان ئەرزىمەس پىشانىسىگە مىھىرلىك لەۋلىرى بىلەن سۆيۈش ئارقىلىق قۇل، خوجايىن، ھەممەيلەننىڭ ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە بەندىسى ئىكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەندۈرەلىشىنى قەتئىي ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ھەزرەتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بايان قىلىشىچە، زەيد ھەر قېتىم ئۆيگە كىرىپ چاقىرغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى قانداقلا ئەھۋالدا بولمىسۇن، دەرھال يۈگۈرەپ چىقاتتى. ۋە چۇڭقۇر مىھرى بىلەن زەيدنىڭ پىشاينىسىگە سۆيۇپ تىنچ ـ ئامانلىق سورايتى.
دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەشۇ ئادەتتىكى "قۇل"نىڭ ئەلەملىك باغرىدا تىنىمسىز جۇش ئۇرىۋاتقان ھەقىقىي ئىنسانىۋېلىك جەۋھىرىگە بولغان چۇڭقۇر تەشنالىقنى شۇ قەدەر چۈشىنىپ، شۇ قەدەر قەدىرلەپ، دەردىگە دەرمان، يارىسىغا مەرھەم بولغانكى، شۇنىڭ نەتىجىسىدە زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ پۈتۈن دىلى ۋە جىنى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئىدى. بىر تەرەپتە زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببەت ئۈچۈن ئاتا ـ ئانىسىنى، ۋەتەن، قەۋمىنى جۈملىدىن پۈتۈن دۇنياسىنى تەسەددۇق ئەيلىگەن بولسا، ئىككىنچى تەرەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ئادەتتىكى بىر قۇلغا ئۆز نەۋرە سىڭلىسى زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھانى نىكاھلاپ بېرىش ئارقىلىق پۈتۈن ئەرەب قەۋمىنىڭ نەسەبۋازلىق بۇتلىرىنى چاققان ئىدى.
بىر تەرەپتە تائىفنىڭ ئەسەبىي كۇپپارلىرى ھەق ـ ساداقەتنىڭ ئۆچمەس مەشئىلىگە تاش، كېسەك ياغدۇرشنى باشلىغاندا، زەيد ئۆز ۋۇجۇدىنى قالقان قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى قوغدىغان بولسا، ئىككىنچى تەرەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىھاد ئۈچۈن ئاتلانغان شۇنچە كاتتا ساھابىلەر قوشنىنىڭ قۇماندانلىق تاجىنى زەيدنىڭ بېشىغا كەيگۇزگەن ئىدى. ھەتتا ئاخىرىدا زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شىھىدلىك ۋىسالىغا يەتكەن موئەتتا غازاتىدىمۇ نەخ ئۈچ مىڭ مۇجاھىدقا قۇماندانلىق قىلىش ۋەزىپىسى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان ئىدى. شۇ جاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرە قىرىندىشى ھەزرەتى جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "يا رەسۇلۇللاھ! سەپتە مىنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى كۆرگەندىن كىيىن قۇماندانلىق ۋەزىپىسىگە زەيدنى ئەمەس، مېنى تەيىنلەيدىغۇ! دېگەن ئويدا ئىدىم" دەپ پىكىر بەرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى گويا زەييىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتىنى كەم سۇندۇرىۋاتقاندەك قىلىۋاتقان ھېسقىلىپ قاتتىق ئەسكەرتىش بەرگەن ھالدا: "خوپشۇك! ئاللاھغا نىسبەتەن كىمنىڭ بەكرەك ياراملىق ئىكەنلىكىنى سەن تېخى بىلمەيسەن" دېگەن ئىدى. ئاندىن دەل ئەشۇ ياراملىق "ئىنسان"نىڭ شەھىد بولغانلىق خەۋېرى گەلگەندە بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى تۇتالماي بۇقۇلداپ يىغلىغانچە "ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم! زەيدنى مەغپىرەت قىلغىن! زەيدنى بەختىيار قىلغىن!" دەپ نالە قىلغان ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چەكسىز مۇھەببىتى زەيدنى ئەنە شۇنداق ئۇلۇغۋار يۈكسەكلىككە ئىگە قىلغان بولۇپ، ئۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى شۇ قەدەر چۇڭقۇر سۆيگەن ئىكەنكى، ئاخىرى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ سۆيۇملۇك يۈرەك پارىسى ۋە جان ـ جىگەر ئوغلىغا ئايلىنىپ، ھەتتا پۈتۈن خالايىقلار كىمنىڭ سۆيگۈچى، كىمنىڭ سۆيۈلگۇچى ئىكەنلىكىنى پەرىق قىلالمايدىغان مۇھەببەت ئوبرازىنى بەرپا قىلغان ئىدى.
دەرۋەقە، مۇھەببەت ۋە مۇھەببەتنى قەدىرلەشنىڭ بۇنداق مىسلىسىز تارىخىنى تەۋھىد بىلەن پەيغەمبەرلىكتىن باشقا دۇنيادىكى ھەرقانداق ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ كەچمىشلىرىدىن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇ نادىر سۆيگۈ تارىخىنى بارلىق پىداكار ئەزىمەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىنمۇ ئەسلىدىكى ھاياتى كۈچى بىلەن شۇ قەدەر مۇستەھكەم ساقلاپ كەلگەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ھەرقانداق "ئىنسان" ئۇنىڭ مۇبارەك نەزىرى چۈشكەنلا ھەربىر نەرسىگە جان ـ دىلىدىنمۇ بەك مۇھەببەت قىلىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى.
شۇڭلاشقا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ خەلىپىلىك دەۋرىدە، شامغا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن شۇنچە كاتتا قوشۇننىڭ قۇماندانلىقىنى ھەزرەتى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تاپشۇرغان ئىدى. ئەينى چاغدا خېلى كاتتا دانىشمەن زاتلارمۇ بۇنداق چوڭ ئىش ئۈچۈن تېخى ياپ ـ ياشلا ئۇسامىنى باش قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي ئېتىراز بىلدۈرىشتى. ئەمما ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا ئۇلارغا جاۋابەن: "ئەجىبا سىلەر رەسۇلۇللاھ ئاتا قىلغان قۇماندانلىقنى سەن تارتىۋال دېمەكچىمۇ؟!" دەپ خاتاب قىلغان چاغدىلا، ئاندىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھ ئەنھۇنىڭ زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نەقەدەر ئەقىدە قىلىدىغانلىقىنى، ئەسلى بۇ ئىشنىڭ ئارقىدا، رەسۇللاھنىڭ مۇھەببىتىگە مۇھەببەت قىلىش ئىشتىياقىنىڭلا رول ئويناۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى.
ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جەڭگە ئاتلىنىش ئۈچۈن ئات مىنىپ يولغا چىقىۋاتقان پەيتتىمۇ دۇنيادىكى سۆلەتۋاز، ئابرويپەرەسلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەببىتىگە مۇھەببەت قىلىش ئىشتىياقىنىڭ ئاجايىپ بىر ئۆزگىچە ئىزھارىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا داڭ قېتىشىپلا قىلىشقان ئىدى. ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن چىققان خەلپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇددى ئادەتتىكى بىر قۇلغا ئوخشاشلا ئاتنى چۇلۋۇرىدىن يېتىلەپ پىيادە كېتىپ بارماقتا ئىدى. ئات ئۈستىدە بولسا، بىر قۇلنىڭ پەرزەنتى بولغان ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئۇنھۇ قۇماندانلىق شەۋكىتىنى جىلۋە قىلغان ھالدا ئولتۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالسىلا دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا مۆئمىن بولۇپ ھېساپلىنىدىغان ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى نامايەن قىلىش يولىدا كېيىم ـ كىچەك، ئۈستى ۋاشلىرىنى ئات تۇياقلىرى ئاستىدىن كۆرتىلىۋاتقان توپا ـ چاڭلارغا مىلەپ پىيادە كېتىپ باراتتى. ئۇسامە بۇ مەنزىرىگە زادىلا چىداپ تۇرالماي قالدى. ئەمما ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھغا بولغان قايناق مۇھەببەتنىڭ دېلكەش ئەسلىمىلىرىگە شۇڭغۇپ كەتكەن بولغاچقا، سالاپەت، شانۇ ـ شەۋكەت دېگەنلەرنى قەتئىي خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ يۈرمىگەن ئىدى. ئۇ شۇ تاپتا بىر تۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قۇچىغىدا ھەزرەتى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى، بىر قۇچىغىدا ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇخلۇتۇپ "ئى كەرەملىك ئاللاھىم! مەن بۇلارغا مۇھەببەت قىلىمەن، سەنمۇ بۇلارنى مۇھەببىتىڭنىڭ رەھمەتلىك سايىسىدىن ئايىرىمىغىن" دېگەن دۇئاسى بىلەن ئەللەي ئېتىۋاتقانلىقىنى خىيال قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تۇرۇپ، ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇرنى ئېقىپ كەتكەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كىرگەن چاغلىرىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەرھال كېلىپ مۇبارەك قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ بۇرنىنى تازىلاپ قويىۋاتقانلىقىنى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇنى كۆرۈپ "يا رەسۇلۇللاھ! مەن تۇرغان يەردە مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرمىسلىرى بولاتتى" دەۋاتقانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنتايىن قايغۇلۇق دىلكەش ئاۋازدا "ئى ئائىشە! مەن ئۇنىڭغا مۇھەببەت قىلىمەن، سەنمۇ ئۇنىڭغا مۇھەببەت قىلغىن" دەۋاتقانلىقىنى ئويلاۋاتاتتى.
بىردىنلا ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ "سېلىنىڭ تۇپىغا مىلىنىۋاتقانلىرىغا مەن قانداقمۇ قاراپ تۇرالمايمەن؟ بۇلدى مەن ئاتتن چۈشەي" دەپ كۆتىرىۋاتقان غەۋغاسى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سۇرىۋاتقان شىرىن خىياللىرىدىن ئويغىتىۋەتتى.
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: "ياق، ئى ئوماق ئۇسامە! مەن ئۆزەمنى مۇشۇنداق تۇپىغا مىلىۋالغۇم كەلدى. بۇ دېگەن ھەققانىيەت يولىنىڭ توپا ـ چاڭلىرى... بۇ دېگەن، رەسۇلۇللاھقا بولغان مۇھەببەت يولىنىڭ تۇپا ـ چاڭلىرى... ئىي ئۇسامە! بۇ دېگەن، بىر قەدەم ماڭسا، يەتتە يۈز ياخشىلىق يېزىلىدىغان مۇقەدەس يولنىڭ توپا ـ چاڭلىرى... مېنىڭ بۇنداق توپىغا مىلەنگنىمدىن ئۆكۈنمەي، شات بولىشىڭ لازىم... شات بولىشىڭ لازىم..." دېگىنىچە يەنىلا ئەشۇ تاتلىق ئەسلىمىلىرى سۈرۈپ تەمكىن قەدەم تاشلاپ كېتىپ باراتتى.
دېمەك، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا بارلىق ساھابە كېراملارنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھغا شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنىڭ ھەربىر سۆيگۈ ـ مۇھەببىتىگە مۇھەببەت قىلىشنىڭ، جۈملىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر بىر سۈننىتىنى جېنىدىنمۇ ئەلا بىلىشنىڭ ئەنە شۇنداق تىرىك داستانىنى تارىخ بوينىغا تۇمار قىلىپ ئاسقان ئىدى.
ئەمما نۆۋەتتىكى بىز مۇسۇلمانلار، ساھابىلەر ھاياتىنىڭ بۇ مۇقەددەس ئەينەكلىرىدە ھېچ يېرى ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان ئەبگا ئەكسىمىزنى كۆرگىنىمىزدە، دەرھال تەۋبە قىلىپ، مۇھەببەت، نەپرەت مىزانىزىمىزنى ئىسلاھ قىلىۋېلىشنىڭ كويىدا بولماستىن، ئەكسىچە، ئەپتىمىزنىڭ قوتۇرلىقىغا ئەشۇ مۇقەددەس ئەينەكلەردىن دەلىل ئۈندۈرۈشنىڭ كويىنى قىلىپ يۈرمەكتىمىز. ھەتتا ئەشۇنداق شۇملىقىمىز ئۈچۈن سۈننەت، پەرىزلەردىنمۇ تۈك ئۈندۈرۈپ، تولغاپ ئوينىماقتىمىز. ئەپسۇسكى، شۇنداقتىمۇ يەنىلا بىز مۇسۇلمان! يەنىلا بىز مۇسۇلمان! كامىلجان تەرجىمىسى
مەنبە:ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us