ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك ئەزىز دوستۇم! بۇھايات ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلىغا كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!


باشبەت بىلوگ ئۇلىنىشلىرى خەۋەر مۇنبەر چايخانا قىرائەت تاللانما قىرائەتبىز ھەققىدەئىسلامچە ئۇلىنىشلار

تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!


<<  ئىنتىرنت ۋە ئۇنىڭ ئسىلام دىنىنى تارقىتىشتىكى رولى | باش بەت | مۇھەببەتكە مۇھەببەت قىلىش  >>

2009-05-31

كۇپۇرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە - [ئىسلام دۇنياسى]

版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40237460.html

 

كۇپۇرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە


بىر قىسىم ئىنسانلار مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن ھاياتى جەريانىدىن خەۋەرسىز، ئاڭسىز ھالدا ياشاشنى (ئىلاھى قانۇنىيەت ئاساسىدا) داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ياراتقان ئىگىسىنى تونۇش ئۈچۈن ئەقلىنى، زېھنىنى ۋە سەزگۈ قابىلىيىتىنى ئىشلەتمەستىن، ئىنكار قىلىش ئەركىنلىكىنى ئىشلىتىپ ئاللاھقا  ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى كورۇۋالالايمىز. كۇپۇرنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى، يوشۇرماق ، يۈگىمەك، پەردىلىمەك دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئىنسان ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىكى (يارىلىتىشىدىكى) ھەقىقەتنى يوشۇرىدۇ. (چۈنكى ئىنسان پىترەت ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ) ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ، ئەزالىرى، مۈسكۈل ۋە نېرۋىلىرىنىڭ ھەربىر تالاسى تەبىئي قانۇنىيەتكە بويسۇنغان ھالدا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جانلىق ۋە جانسىز ھەر قانداق نەرسە بىر ئىلاھىي قانۇن بىلەن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەنۇ.. ، بۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەقلى خۇددى غۇۋا پەردىلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغاندەك بۇ ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمغان ۋە ئۇنىڭغا خىلاپ چۈشەنچىدە بولۇش بىلەن بىرگە كۇپۇرنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئەتراپنى تىمىسقىلاپ يۈرمەكتە.
كۇپۇر، جاھالەت (بىلىمسىزلىك، نادانلىق) نىڭ ئۆزى دېمەكتۇر، كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە بىردىن بىر ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالانى بىلمەسلىكتىنمۇ بۈيۈك جاھىللىق ۋە نادانلىق بولماس! ئىنسان ئەتراپىدىكى تەبىئەتنىڭ چەكسىز مەنزىللىرىنى، كېچە-كۈندۈز توختىماستىن ئىشلەۋاتقان ئاجايىپ تەبىئەت مېخانىزىمىنى ھەمدە كائىناتنىڭ ھەر يىرىدە ئاشكارا مەۋجۇد بولغان بۈيۈك مەۋجۇداتلارنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ بۇلارنى ياراتقان ۋە ئىدارە قىلىۋاتقان قۇدرەتلىك ئاللاھنى تونۇماسمۇ!؟ مۇكممەل بىر شەكىلدە ئىشلەۋاتقان كەم كۈتىسىز بىر ئورگانىزمدىن ئىبارەت ۋۇجۇدىنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزى خالىغان مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ. لېكىن، بۇلارنى ياراتقان قۇدرەتنى، بۇ مېخانىزىمىنى سېزىپ پىلانلىغان ئىنژېنېرنى تونۇمايدۇ ۋە ياكى تونۇشقا ئىنتىلمەيدۇ. بۇنداق ئىنسانلارنىڭ جاھالەت قاراڭغۇلىقى ئىچىدە تىمىسقىلاپ يۈرگىنى يۈرگەن
.
ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە ئۇنىڭغا تولۇق قۇلچىلىق قىلىشنى تەۋسسىيە قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئائىت بىلىملەرنى ئۈگىنىش ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاشقا چاقىرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نېمىتىگە كۇپۇر قىلماق، ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زۇلۇم قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى ۋە ئۆز رەھمىتىگە ئېلىشىنى سورايمەن
.
ن.تەمكىنى

مەنبە:ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى


收藏到:Del.icio.us