ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك ئەزىز دوستۇم! بۇھايات ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلىغا كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!


باشبەت بىلوگ ئۇلىنىشلىرى خەۋەر مۇنبەر چايخانا قىرائەت تاللانما قىرائەتبىز ھەققىدەئىسلامچە ئۇلىنىشلار

تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!


<<  مۇقەددەس ئارمان | باش بەت | سەييىد قۇتۇب: "قۇرئاننىڭ سايىسىد" ناملىق تەپسىرىدىن پارچە  >>

2009-05-31

پەرزەنتلەر ۋە ئۇلارنىڭ دوست تاللاش ماھارىتى - [ئىسلام دۇنياسى]

版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40237785.html

پەرزەنتلەر ۋە ئۇلارنىڭ دوست تاللاش ماھارىتى

 

دۇئا مەمدۇھ

 

ھەمراھ تاللاش پەرزەنتلەر ھاياتىدىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. ئۇ پەرزەنتلەرگە ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن ماسلىشىش ۋە ئورتاقلىشىش زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ روھىي ۋە ئىجتمائىي ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۈرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ساھە بولۇپ، ئۇ  بالىلارغا تەجرىبە، مول ئىقتىدار بەخش ئەتكەندىن سىرت، ئۇلاردىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىپ چىقىرىشقا تولىمۇ پايدىلىق. بالىلار كۆپىنچە باشقىلارغا ئارىلىشىش ئارقىلىق، بىز ئۇلارنىڭ قەلبىگە يەرلەشتۈرمەكچى بولغان كوللىكتىپقا تەۋە بولۇش ۋە باشقىلار بىلەن ئارىلىشىش روھىي ئۇلاردا ئىستىخىك ھالدا يېتىلىدۇ.
گەرچە ئىشلار بىز يوقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك بولسىمۇ، كۆپىنچە بالىلار شۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ياكى مۇناسىپ دوست تاللاشتا يەنىلا نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارغا دۈچ كىلىدۇ. شۇڭا بالىلارنى بۇ خىل ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بىلەن تەمىن ئىتىش لازىم
.
مەكتەپ بالىلار باشقىلار بىلەن داۋاملىق ئۈچىرىشىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ماكان؛ شۇڭا ئۇ، تۇغقانلار، خوشنىلار، قۇرئان يادلاش كۈرسلىرىغا قارىغاندا، دوست تاللاش، دوستلۇق ئورنىتىش قاتارلىق ئىشلاردا بالىلارنى ئەڭ مۇۋاپىق تەربىيە بىلەن تەمىن ئېتىدىغان مۇھىم جاي ھېساپلىنىدۇ
.

نىمىشقا دوستلىشىمىز؟

باللىىرىمىزغا دوست تاللاش ماھارىتىنى ئۆگىتىشىمىزدىن بورۇن ئۇلارغا ساداقەتنىڭ ئاساسى ۋە ئۇنىڭ بالىلار ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى توغرىسىدا، ئۇلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلغىدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلىدىغانلىقىمىز ئىنتايىن تەبىئى. مەسىلەن:
-
كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە باشقىلارنىڭ قاتنىشىشىنى خالىمايدىغان شەخسىيەتچى بالىلار كۆپىنچە ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەكسىچە، قىزغىنلىق، سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىشىش روھى ئۈستۈن بالىلار ئەتراپىدىكىلەرگە بىر خىل ئىسسىقلىق، مېھىرلىك تۇيغۇسى بەخىش ئەتكەندىن سىرت، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ ناھايىتى يوقىرى بولىدۇ
.
-
بەخت- سائادەتنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىشى، كۆپىنچە ئۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قاتناشقۇچىلار كۆپەيگەنسىرى خوشاللىق بارغانچە ئەۋجىگە چىقىدۇ. نەتىجىدە، بالىلارنى نەتىجىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن بالىلار بىلەن تونۇشۇش ۋە دوستلۇق ئالاقىسى ئورنىتىشىغا قولاي شارائىت ھازىرلاپ بىرىدۇ
.
-
باشقىلارنى سۆيۈش، قەدىرلەش ئىماننىڭ مۇكەممەللىگىگە ئىشارەت بولۇپ، ئۇ ئىنساننى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئەكسىچە، توختىماي باشقىلاردىن شىكايەت قىلىش، مۇئامىلىدە ياخشى بولماسلىق.. قاتارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبول قىلىنمىغاندىن سىرت، كىشىلەرنىمۇ ئۆزىدىن قاچۈرىدۇ
.
-
ئىنساننىڭ دوستى ئۇنىڭ ئەينىگى. شۇڭا دوست تاللىغانلار ئۇنىڭ ئۆزىگە بولالايدىغان ياكى بولالمايدىغانلىقىغا قاراپ تاللىشى لازىم
.

كىم بىلەن دوستلىشىمىز؟

بالىلىرىمىز دوستلۇقنىڭ ئەھمىيىتىنى ھىس قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى باسقۇچ ئۇلارنى ياخشى دوست تاللاش ماھارىتىدىن بەھرىمەن قىلىش. دوستلۇق بىلەن ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ياكى ھەرقانداق بىر ئۆتكۈنچى مۇناسىۋەتنىڭ پەرقىنى ئۆگىتىشىمىز لازىم. بۇ خىل سۈپەتلەرنى بالىلارنىڭ زىھنىدە يەرلەشتۈرۈش ئۇنى بىۋاستە ساناپ ئۆگىتىش بىلەن ئەمەس، بەلكى، ئىبرەتلىك ھېكايىلەر، ئەسلىمىلەر، ياخشى ئەخلاق توغرىسىدىكى بىۋاستە پاراڭلار ، باشقا بالىلاردا كۆرۈلگەن ياخشى ئىشلارنى ماختاش، يامان ئىشلار( مەسىلەن، باشقىلارنى تىللىغان بىر بالىنىڭ ئەھۋالىنى)نى مىسال قىلىپ، بۇنداق قىلسا ياخشى بولمايدۇ، ئادەمنى باشقىلار يامان كۆرۈپ قالىدۇ دەپ تەنقىدلەش ئارقىلىق بالىلارغا ئەخلاق ئۆگىتىش، ئىنىسىنى يىتىلەپ كىتىۋاتقان بىر بالىنى كۆرگەندە ئۇنى ماختاش... قاتارلىق ۋاستىلىك يوللار ئارقىلىق ئۇلارغا سىڭدۈرۇش لازىم. بۇ ئىشلار بالىلارنىڭ ئېڭىدا ئۆزى تۇتۇپ ماڭسا بولىدىغان بىر يولنىڭ ئېنىق كارتىنىسىنى شەكىللەندۈرىۋېلىشىغا يارىدەم بېرىدۇ. بالىلار زىھنىدە، ۋىجدانىدا ئورناپ كەتكەن بۇ ئىش ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىنلا ئەخلاق ۋە مۇناسىۋەت جەھەتتە ئۆزىگە ياكى ئۆزى ئالغان تەربىيىگە چۈشمەيدىغان بالىلاردىن يىراق تۇرىدىغان، ئۆزىنى ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان بىر يوقىرى قاتلامدىكى ئىسىل كىشىلەر قاتارىدىن ھېساپلايدىغان، ئەخلاق روھىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

ئىزا تارتىدىغان بالىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش

ئىزا تارتىشنى يوقىتىش، بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە دوست تاللاش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشتىكى بىر مۇھىم جەريان. ئەمما ئۇ، ئىزا تارتىدىغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ماھارىتىىنىڭ بولىشى بىلەن تاكامۇللىشىدۇ. بۇ خىل تەربىيەنى ئەدەب- ئەخلاق، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇلارغا بۇنداق ئادەتتىن يىراقلىشىشقا، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشقا ئادەتلىنىشگە، بۇنداق ئىشلارنى ئىزچىل قىلسا، ياخشى بولمايدىغانلىقىنى چاقىرىش لازىم.
شۇنداق بولغاندا بالىلاردا تەدرىجى ھالدا ئۆزلىرىگە مۇناسىپ كېلىدىغان دوستلارنى تاللىيالايدىغان ئىقتىدار يىتىلىدۇ
.
ئەمما، بۇ ئىشلار ئاتا- ئانىنىڭ بالىلار ئالدىدىكى ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ دوستلىرى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن تونۇشىشى، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ۋە پىكىر يۈنۈلىشلىرى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولىشى، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئادەتلىرىگە ماس ياكى ئەمەسلىگىنى بىلىشى لازىم. بۇنداق قىلىش بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئىزچىل بولىشغا پايدىلىق بولغاندىن سىرت، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارنى ساغلام تەربىيە ئۇسلۇبى تەربىيىلەپ چىقىشىغىمۇ ئىنتايىن ياخشى
.

قانداق دوستلىشىمىز؟

بۇ دوستلۇق مەسىلىسىدىكى ئەڭ قېيىن باسقۇچ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتى ياكى ھەرقانداق يېڭى بىر مۇھىتقا يېڭى مېھمان بولۇپ كىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى، دوستلۇق ئورنىتىش شۇ مۇھىت بىلەن ماسلىشىپ كىتىش قېيىنچىلىغىدىن ئىبارەت بولۇپ، بالىلاردىن ئۇ باسقۇچنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. دوستلۇق ئورنىتىش ماھارەت ۋە باسقۇچلار ئارقىلىق پۈتىدىغان بولۇپ، بالىلارغا بۇنى ئوبدان ئۆگىتىش لازىم. ئۇلار:
بىرىنچى: ئىسسىق كۈلۈمسىرەش، مۇلايىم بولۇش؛ بۇلار باشقىلارنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ۋە دوستلۇق ئورنىتىشنىڭ مۇقەددىمىسى
.
ئىككىنچى: ئاددى بولسىمۇ ھەدىيە بىرىش؛ مەسىلەن تاتلىق تۈرۈملەر، چىرايلىق شەكىلدە ئىشلەنگەن ئەسلىمە بويۇملىرى ۋە باشقىلار . بۇ بالىمىزنىڭ باشقا بالىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىدا ناھايتى ياخشى ۋاسىتە
.
ئۈچىنچى: بالىلىرىمىزغا ئۆزىنىڭ دوست بولۇش نىيىتى بارلىقىنى باشقىلارغا دېمەسلىگى كېرەكلىكىنى ئۆگىتىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، شۇ سەۋەپتىن ئۇ بالىلار ئۆزلىرىنى يوقىرى تۇتىۋېلىشى، ئۇلاردىن قېچىشى ھەتتا رەت قىلىش تەرەپدارى بولۇپ قالسا، باللىرىمىزنىڭ ۋىجدانىغا تەسىر قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى روھى جەھەتتىن زەربىگە ئۈچرىشىتىشى مۇمكىن. يەنى، بالىلارنىڭ باشقىلارغا دوست بولۇش تەلىۋىنى قويىشى يوقىرىدا بايان قىلىنغان ئۆلچەم بويىچە يۇشۇرۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. مەسىلەن، ئىستىراھەت ۋاقتىدا ئۆزى ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن ئۇنداق ياكى مۇنداق ئويۇنچۇقنى بىرگە ئويناش ياكى بىرگە چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىش.. قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق دوستلۇق ئىپادىسىنى بىلدۈرۇش، بىۋاستە ئېغىزدىن« دوستلۇشامدۇق» دېگەننى چىقارماسلىق لازىم
.
ئەمما باشقا بىرى شۇنداق سۇئالنى ئوتتۇرىغا تاشلىسا، تەبەسسۇم بىلەن ئۆزىنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى لازىم. بۇ خىل دوست تاللاش ئۇسۇلىنىڭ بورۇن بېرىلگەن تەلىماتى بولۇش كېرەك
.

دوستلۇق دېگەن ئولجا ئەمەس

تۆتىنچى: بالىلارغا باشقىلارنىڭ ئۆزىگە زورلۇق قىلىشىغا يول قويماسلىق ھەم ئۆزىمۇ باشقىلارغا زورلۇق قىلماسلىق، تەڭتۇشلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۇسلۇبتا مۇئامىلە قىلىش پرىنسىپلىرىنى ئۆگىتىش لازىم.
بەشىنچى: بالىلار دوستلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئەسكىلىگى ھەققىدە شىكايەت – بۇنداق شىكايەتلەر داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ- قىلغاندا، بىكاردىن بىكارغا يولسىزلىق قىلغان بولسىمۇ، بالىلىرىمىزغا مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، بۇنىڭغا نورمال مۇئامىلە قىلىش، بۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇنچىلىك ئىشنى دەپ دوستلۇقنى تاشلاشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى، دوستلۇشىشنى خالىماسلىق زىيانلىق ئىش بولۇپ، دوستلارنىڭ سانىنى ئازلىتىپ، ئۆزىگە دۈشمەن تېپىپ بىرىدىغانلىقى...قاتارلىق تەربىيە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەسكەرتىشىمىز لازىم. ئەگەر دوستىنىڭ يولسىزلىقى تەكرارلىنىۋەرسە، ئۇ ھالدا بۇنداق دوستتىن ئايرىلىپ باشقا دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان بالىلار بىلەن دوست بولۇش تەكلىۋىنى بىرىپ، بورۇنقى دوستىغا قايتا يولسىز قىلسا جىمجىتلا جازالىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تۇيغۇنى بىرىش لازىم.

بۇنىڭ خۇلاسىسى ، بالىلارغا شۇنى چۈشەندۈرۈش كېرەككى، دوستلۇق دېگەن ئۆز- ئۆزىدىن ئولجا ئەمەس، بەلكى ئۇ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ۋاقتىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشنىڭ ۋاستىسى. كىمىكى بۇنى رەت قىلسا، ئۇ شەكسىز زىيان تارتىدۇ. ئۇنى قەدىرلىمىگەنلەر ئۈچۈن ھەسرەت چەكمەي، باشقا دوستلارنى ئىزدىشىمىز لازىم، ئەگەر ئۇ يامان دوست ئۆزىنى ئۆزى سوراپ، ياخشى بولۇپ قالسا، ئۇ يەنە بىزنىڭ دوستىمىز بولۇپ قېلىۋىرىدۇ.
ئالتىنجى: بالىلارغا مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆگىتىشىمىز لازىم. مەسىلەن، خالاشسا قانداق كەچۈرۈم سوراش، باشقىلار ئونىڭغا يولسىزلىق قىلسا، ئۆزىنى قانداق يول بىلەن مۇداپىئە قىلىش، دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرگە دۈشمەندەك يولسىزلىق بىلەنمۇ ئەمەس، ئاجىز كىشىلەردەك ھالسىزلىق بىلەنمۇ ئەمەس مۇئامىلە قىلىشنى ۋە كۈندىلىك مۇئامىلىلەردىكى كېلىشمەسلىكلەرنى كىمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ھەل قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن سىڭدۈرىشىمىز لازىم
.

ئاتىلار ... دېققەت قىلىڭلار
!
ئاتا- ئانىلار شۇ نەرسىدىن ۋاقىپ بولۇپ قېلىشى كېرەككى، بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقە ۋە مۇئامىلىدە يېتەرلىك دەرىجىدە بولماسلىقى ئۇلارنىڭ شەخسى يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى، ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ماسلىشىش روھىنىمۇ يوقىتىپ قويىدۇ؛ چۈنكى، مۇناسىۋەت بالىلارنىڭ كوللىكتىپقا تەۋەلىك روھىنى ئويغىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىتىكى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئىرىشىشىنى تىزلىتىدىغان ئاكتىپ ئىجتىمائىي رولىنى تۇرغۇزۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل
.
ئۇستاز مۇھەممەد ئابدۇرەھىم ئەدەس ئۆزىنىڭ « ئاتىلار ۋە پەرزەنت تەربىيىسى» ناملىق كىتاۋىدا تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:« بالىلار مەكتەپ ھاياتىدا ئىرىشكەن مۇۋەپپىقىيەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىدىن تەسىرلىنىدۇ؛ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، بالىلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى بالىلارنى ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا شۇنچە ئابرۇيغا ئىگە قىلىدۇ. كۆپىنچە، مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىشلار كوللىكتىپ بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ، كوللىكتىپقا قاتناشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاق ئۆگىنىشى، ئۆزىگە ئىشىنىش روھىغا ئېرىشىش ئېھتىاللىقى، كوللىكتىپتىن يىراق تۇرىدىغان، ئۇزىنى قاچۇرىدىغان بالىلارغا قارىغاندا پەرقىلىق دەرىجىدە يوقىرى بولىدۇ
».
ئاخىرىدا شۇنداق سۆزۈمنى شۇنداق يېغىنچاقلايمەنكى، كىچىكلەرنىڭ تۈنجى قېتىمقى دوستلۇق بىلەن بولغان تەجرىبىلىرى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى مۇھىت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا كۆندۈرىدۇ، تەدرىجى ھالدا ئۇلاردىكى دوستلۇققا قارىتا مەۋجۇد ھىس- تۇيغۇ، ئوقۇملارنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئۆزىگە يېقىن كىشىلەرنى بايقاش، يېتىلىش مەزگىلىدە قانداق دوستلارنى تاللاشنى ئاتا- ئانىلار بالىلارغا كىچىدىن باشلاپلا ئۆگىتىشى ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ پەرزەنتلەرنىڭ كىلەچەكتىكى بارلىق جەريانلىرىدا يىتىشكەن، ئۆزىگىمۇ، مىللىتىگىمۇ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن تۈنجى سېلىنغان ئۇل ھېساپلىنىدۇ
.
ت ـ ئا.قارلۇقىي

مەنبە:ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى


收藏到:Del.icio.us