ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك ئەزىز دوستۇم! بۇھايات ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلىغا كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!


باشبەت بىلوگ ئۇلىنىشلىرى خەۋەر مۇنبەر چايخانا قىرائەت تاللانما قىرائەتبىز ھەققىدەئىسلامچە ئۇلىنىشلار

تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!


<<  سەييىد قۇتۇب: "قۇرئاننىڭ سايىسىد" ناملىق تەپسىرىدىن پارچە | باش بەت | تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى  >>

2009-05-31

تەقۋادارلىق توغرىسىدا - [ئىسلام دۇنياسى]

版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40238947.html

تەقۋادارلىق توغرىسىدا

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بسم الله الرحمن الرحيم

الحمد لله رب العالمين نحمده ونستعينه ونستغفره ونعوذ بالله من شرور أنفسنا ومن سيئات أعمالنا، من يهده الله فلا مضل له، ومن يضلل فلا هادي له، ولن تجد له ولياً مرشداً. وأشهد أن سيدنا ونبينا وحبيبنا وقائدنا وقدوتنا محمد صلى الله عليه وسلم وعلى آله وصحبه أجمعين. وبعد:

بارلىق ھەمدۇسانالار ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنى ماختايمىز، ئۇنىڭغا تايىنىمىز، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم تىلەيمىز، نەپسىلىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ناچار ئەمەللىرىمىزدىن ئاللاھقا پاناھ تىلەيمىز، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوقتۇر، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى توغرا يولغا باشلىغۇچى مەدەتكار يوقتۇر.

ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىسى ۋە مەخلۇقاتلىرىنىڭ سەردارى بولغان رەسۇلۇللاھقا تا ئەبەتكىچە ئۈزۈلمەس دۇئايى ـ سالاملىرىمىز بولسۇن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ پاك ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغىمۇ، بارلىق ئېسىل خىسلەتلىك ساھابىلەرگىمۇ، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭغان ئېسىل كىشىلەرگىمۇ دۇئا ـ سالاملىرىمىز بولسۇن.

تەقۋالىق دېگەن: ئاللاھنىڭ قىلىشقا بۇيرىغان ئىشلىرىنى تولۇق قىلىش، توسقان ـ چەكلىگەن ئىشلىرىنى قەتئىي قىلماسلىق ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىغا بىر توساق قويۇشتىن ئىبارەت.

تەقۋالىق دېگەن دىننىڭ ئاساسى بولۇپ دىنى دەرىجە ـ مەرتىبىلەرنىڭ ھەممىسى تەقۋالىقنىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ تەقۋالىق دېگەن دۇنيا ـ ئاخىرەتتە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى پەزىلەتنىڭ ئۆلچىمى، ئاللاھ تائالاغا يېقن بولۇشنىڭ بەلگىسى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىززەت ـ ھۆرمەتلىك بولۇشنىڭ ئالامىتى، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ۋە جەننەتكە كىرىشنىڭ بەلگىسى.

تەقۋالىقنىڭ تاللانغان مەنبەلىرى:

1 ـ ئەقىللىق ئادەم دائىم ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

2 ـ تەقۋالىقنىڭ ھەقىقىتى.

3 ـ تەقۋالىقنىڭ پەزىلىتى.

4 ـ تەقۋالىقنىڭ دۇنيا ـ ئاخىرەتتىكى نەتىجىسى.

5 ـ تەقۋا كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى.

6 ـ تەقۋالىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرى: (ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇش، شەرىئەتتە مۇھىم بولغان بىلىملەرنى ئۈگىنىش، تائەت ـ ئىبادەتنى تولۇق قىلىش، چەكلەنگەن گۇناھ ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىق، ئۆز نەپسىنى باشقۇرۇش ۋە قىلغان ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تۇرۇپ، ياخشى كىشىلەر بىلەن بىر ئولتۇرۇش ـ قوپۇش قىلىش، ئۇلار بىلەن ياخشى ئىشلاردا ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم بىرىش...)

قۇرئان ـ كەرىمدىكى تەقۋالىق توغرىسا كەلگەن بىرقىسىم ئايەتلەر:

ئاللاھ تائالاھ مۇنداق دىگەن:

1ـ ]يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ اتَّقُواْ اللّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلاَ تَمُوتُنَّ إِلاَّ وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ[

]ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار[ [ئىمران سۈرىسى: 102 ـ ئايەت].

2 ـ ]وَللّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الأَرْضِ وَلَقَدْ وَصَّيْنَا الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ وَإِيَّاكُمْ أَنِ اتَّقُواْ اللّهَ[

]ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق[ [نىسا سۈرى: 131 ـ ئايەت].

3 ـ ]وَتَزَوَّدُواْ فَإِنَّ خَيْرَ الزَّادِ التَّقْوَى وَاتَّقُونِ يَا أُوْلِي الأَلْبَابِ[

](ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) زاد- راھىلە ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد- راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار[. [بەقەر سۈرىسى:197 ـ ئايەت]

4 ـ ]لَّيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّواْ وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَالْمَلآئِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَى حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّآئِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُواْ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاء والضَّرَّاء وَحِينَ الْبَأْسِ أُولَئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ[

]سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزكەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى اﷲ قا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى اﷲ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، اﷲ نى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش- ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل- مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازاتلىققا ئېرىشىشىگە پۇل- مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (اﷲ نىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر[ [بەقەر سۈرىسى:177 ـ ئايەت].

5 ـ ]بَلَى إِن تَصْبِرُواْ وَتَتَّقُواْ وَيَأْتُوكُم مِّن فَوْرِهِمْ هَذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُم بِخَمْسَةِ آلافٍ مِّنَ الْمَلآئِكَةِ مُسَوِّمِينَ[

]شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر (جەڭدە) سەۋر قىلساڭلار، (اﷲ دىن) قورقۇپ (ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ[ [ئىمران سۈرىسى: 125 ـ ئايەت].

6 ـ ]يِا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إَن تَتَّقُواْ اللّهَ يَجْعَل لَّكُمْ فُرْقَاناً وَيُكَفِّرْ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ وَاللّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ.[

]ئى مۆمىنلەر! ئەگەر اﷲ دىن قورقساڭلار، اﷲ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر[ [ئەنفال سۈرسى: 29 ـ ئايەت].

7ـ ]يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا.[

]ئى مۆمىنلەر! اﷲ دىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار[ [ئەھزاب سۈرىسى: 70 ـ ئايەت].

8 ـ ]فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ وَاسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَأَنفِقُوا خَيْرًا لِّأَنفُسِكُمْ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ[

]تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە اللەقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (اللەنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزەڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر[ [تەغابۇن سۈرىسى: 16 ـ ئايەت].

9 ـ ]وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ وَمَن يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا[

]كىمكى اللەدىن قورقىدىكەن، اللە ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ [2] . اللە ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى اللەغا تەۋەككۇل قىلسا، اللە ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، اللە ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، اللە ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى[ [تالاق سۈرىسى: 3 ـ ئايەت]

10 ـ ]وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَل لَّهُ مِنْ أَمْرِهِ يُسْرًا[

]كىمكى اللەدىن قورقىدىكەن، اللە ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ[ [تالاق سۈرىسى: 4 ـ ئايەت]

11 ـ ]وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُعْظِمْ لَهُ أَجْرًا[

]كىمكى اللەدىن قورقىدىكەن، اللە ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ[ [تالاق سۈرىسى: 5 ـ ئايەت]

12 ـ ]يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّن ذَكَرٍ وَأُنثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ.[

]ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اللەنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، اللە ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[ [ھۇجرات سۈرىسى: 13 ـ ئايەت] .

13 ـ ]إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَنَهَرٍ فِي مَقْعَدِ صِدْقٍ عِندَ مَلِيكٍ مُّقْتَدِرٍ.[

]شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ [54]. (ئۇلار) قۇدرەتلىك اللەنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ[ [قەمەر سۈرىسى: 55 ـ ئايەت] .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تەقۋالىق توغرىسىدا سإزلىگەن بىرقىسىم ھەدىسلىرى:

1 ـ عن أبي هريرة رضى الله عنه قال: قيل يا رسول الله من أكرم الناس؟ قال: "أتقاهم" فقالوا: ليس عن هذانسألك، قال: "فيوسف نبي الله ابن نبي الله ابني نبي الله ابني خليل الله". قالوا: ليس عن هذا نسالك، قال: "فعن معدن العرب تسألوني؟ خيارهم في الجاهلية خيارهم في الإسلام إذا فقهوا" متفق عليه.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر كىشى: ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى، كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىگى كىم؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ تەقۋادارلىرى»- دېدى. ئۇلار: بىز بۇنىڭدىن سورىماقچى ئەمەس- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «اﷲ نىڭ دوستىنىڭ ئوغلى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى، پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى پەيغەمبەر يۇسۇف ئەلەيھىسسالام»- دېدى. ئۇلار: بىز بۇنىڭدىن سورىماقچى ئەمەس- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر مەندىن ئەرەبنىڭ كاتتىلىرىدىن سورىماقچىمۇ؟ ئۇلارنىڭ جاھىلىيەتتكى ياخشىلىرى ئەگەر دىن ئەھكاملىرىغا ئالىم بولسا ئىسلامدىكى ياخشىلىرىدۇر» - دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

2 ـ عن أبي سعيد الخدري رضى الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: "إن الدنيا حلوة خضرة، وإن الله مستخلفكم فيها. فينظر كيف تعملون. فاتقوا الدونيا والتقوا النساء. فإن أول فتنة بني إسرائيل كانت في النساء". رواه مسلم

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن دۇنيا گۈزەل ۋە شېرىندۇر. اﷲ سىلەرنى دۇنيادا ئورۇن باسار قىلىپ، سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ. مال- دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن پەخەس بولۇڭلار. ھەقىقەتەن بەنى ئىسرائىلدىكى بۇزۇقچىلىق ئالدى بىلەن ئاياللاردا بولغان ئىدى». [مۇسلىمدىن]

3 ـ عن ابن مسعود رضى الله عنه أن النبي صلى الله وسلم كان يقول: "اللهم إني أسألك الهدى والتقى والعفاف والغنى" راوه مسلم.

ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «ئى اﷲ، مەن سەندىن ھىدايەتنى، تەقۋالىقنى، ئىپپەتنى ۋە بىھاجەتلىكنى سورايمەن». [مۇسلىمدىن]

4 ـ عن أبي طريف عدي بن حاتم الطائي رضى الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: "من حلف على يمين ثم رأى أتقى لله منها فليأت التقوى" راوه مسلم.

ئەبۇ تەرەيفە ئەدى ئىبنى ھاتەم تائىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى ئاڭلىغاندىم: «كىمكى بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قەسەم قىلسا، ئاندىن اﷲ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ياخشىراق ئىشنى كۆرسە ياخشىسىنى قىلسۇن». [مۇسلىمدىن]

5 ـ عن أبي أمامة صدي عجلان الباهلي رضى الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يخطب في حجة الوداع فقال: "اتقوا الله، وصلوا خمسكم، وصوموا شهركم، وأدوا زكاة أموالكم، وأطيعوا أمرائكم، تدخلوا جنة ربكم" رؤاه الترمذي وقال حديث حسن.

ئەبۇ ئۇمامە سۇدەييە ئىبنى ئۇجلانىل باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش ھەجىدە مۇنداق دېگەنلىگىنى ئاڭلىغان ئىدىم: اﷲ دىن قورقۇڭلار، بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇڭلار، روزىنى تۇتۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار. ئىش ئىگىلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەببىڭلارنىڭ جەننىتىگە كىرىسىلەر». [تىرمىزىدىن]

6 ـ عن أبي ذر رضى الله عنه قال: قال لي رسول الله صلى الله عليه وسلم: "اتق الله حيثما كنت، وأتبع السيئة الحسنة تمحها، وخالق الناس بخلق حسن" رواه الترمذي، وحسنه الألباني.

ئەبو زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: قەيەردە بولساڭ ئاللاھتىن قورىققىن، خاتالىققا ياخشىلىقنى ئەگەشتۈرگىن ياخشىلىق خاتالىقنى ئإچۈرىدۇ، ئىنسانلارغا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن» [تىرمىزىدىن]

7 ـ عن أبي هريرة رضى الله عنه قال: سئل رسول الله صلى الله عليه وسلم عن أكثر ما يدخل الناس الجنة، قال: "التقوى الله وحسن الخلق" رواه الترمذي، وحسنه الألباني.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئىنسانلارنىڭ جەننەتكە ئەڭ كۆپ كىرىشىگە سەۋەب بولغان ئىش قايسى؟ دەپ سورالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئاللاھدىن قورقۇش ۋە ئەخلاقى گۈزەل بولۇش بىلەن" دېگەن. [تىرمىزىدىن]

8 ـ عن رفاعة رضى الله عنه أنه خرج مع النبي صلى الله عليه وسلم فرأى الناس يتبايعون فقال: "يا معشر التجار" فاستجابوا لرسول الله صلى الله عليه وسلم ورفعوا أعناقهم وأبصارهم إليه، فقال: "إن التجار يبعثون يوم القيامة فجارا، إلا من اتقى الله وبر وصدق" رواه البخاري ومسلم.

رىپائە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بازارغا چىققانتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كىشىلەرنىڭ سودا ـ سىتىق بىلەن مەشغۇل بولاۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ: «ئې تىجارەتچىلەر» دېدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ بويانلىرىنى سوزۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تەرىپىگە ئۆرۈلۈپ سۆزگە قۇلاق سالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇلارغا مۇنداق دىدى: «تىجارەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى پاجىرلىق ھالەتتە تىرگۈزىلىدۇ، ئۇلاردىن تەقۋا بولغان، ئاللاھتىن قورۇققان، ياخشى ئىش قىلغان ۋە راست سۆزلىگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا» [بۇخاري ۋە مۇسلىمدىن].

9 ـ عن أبي هريرة رضى الله عنه أن رسول الله صلى عليه وسلم قال: "قد أذهب الله عنكم عيبة الجاهلية وفخرها بالآباء، مؤمن تقي، وفاجر شقي، والناس بنوآدم، وآدم من تراب" رواه أبو داود والترمذي، وصححه الألباني.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئاتا ـ ئەجداتلار بىلەن پەخىرلىنىشتىن ئىبارەت جاھىلىيەتنىڭ ئەيبلىرىنى كەتكۈزىۋەتتى، ھازىر تەقۋا مۇمىن ۋە بەختسىز پاجىر، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئاتىمىزنىڭ ئەۋلادى، ئادەت ئاتىمىز توپىدىن يارىتىلغان». [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىيدىن].

10 ـ عن عطية السعدي رضى الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:" لايبلغ العبد أن يكون من المتقين حتى يدع مالا بأس به حرزاً مما به البأس" رواه الترمذي وابن ماجه.

ئەتىيەتە سەدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ھەتتا گۇناھ بولىدىغان ئىشنى قىلىپ سىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ دىگەن ئىشنى قىلىشتىن ساقلانمىغىچە تەقۋالىقنىڭ دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ». [تىرمىزي ۋە ئىبنى ماجىدىن]

تەقۋالىقنىڭ ئەمەلى مىساللىرىدىن:

1 ـ عن عقبة بن عامر رضى الله عنه قال:أهدى إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم فرُّوج حريرِ، فلبسه فصلى فيه، ثم انصرف فنزعه نزعاً شديداً كالكاره له وقال: "لاينبغي هذا للمتقين" <الفروج: قباء مشقوق> رواه البخاري ومسلم.

ئۇقبەتە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىرسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چإرىسىگە يىپەك تۇتۇلغان كىيىم سوغا قىلغانتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇ كىيىمنى كىيىپ ناماز ئوقۇدى، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇ كىيىمنى ئإچ كإرگەندەك ئىتتىك سىلىۋىتىپ: «بۇ كىيىم تەقۋا كىشىلەرگە لايىق ئەمەس» دېدى. [بۇخاري ۋە مۇسلىمدىن]

2 ـ جاء سائل إلى عدي بن حاتم فسأله نفقة في ثمن خادم أو في بعض ثمن خادم، فقال: ليس عندي ما أعطيك، إلا درعي ومغفري فأكتب إلى أهلي أن يعطوكهما، فلم يرض، فغضب عدي فقال: أما والله لا أعطيك شيئاً، ثم إن الرجل رضي، فقال: أما لولا أني سمعت رسول الله صلى الله عليه يقول: "من حلف على يمين ثم رأى أتقى لله منها فليأت التقوى" ما حنثت يميني. رواه مسلم

بىرسى ئەدىي ئىبنى ھاتىمنىڭ يىنىغاكىلىپ قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن ھەق بىرىشنى تەلەپ قىلدى، ئەدىي ئۇ ئادەمگە: ھازىر مىنىڭ يىنىمدا ساڭا بىرىدىغانغا مىنىڭ تإمۈر كىيىمىم بىلەن قالپىغىمدىن باشقا ھېچنەرسە يوق، مەن ئائىلەمدىكى كىشىلەرگە خەت يىزىپ بىرەي ئۇلار ساڭا مىنىڭ تإمۈر كىيىمىم بىلەن قالپىغىمنى بەرسۇن دىدى، ئۇ ئادەم بۇنىڭغا رازى بولمىدى، ئەدىي ئاچچىقلىنىپ: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ساڭا ھىچ نەرسە بەرمەيمەن دىدى، ئۇنڭدىن كىيىن ئۇ ئادەم بۇنىڭغا رازى بولدى، ئەدىي ئۇ ئادەمگە:ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: كىمىكى بىر ئىشقا قەسەم قىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن يەنە بىر ئىشتا ئاللاھقا تەقۋا بولۇشنى بىلسە دەرھال قىلغان قەسىمىگە كەففارەت بىرىپ ئاللاھقا تەقۋا بولىدىغان ئىشنى قىلسۇن» دىگەن سۆزىنى ئاڭلىمىغان بولسام قىلغان قەسىمىمنى ھەرگىزمۇ بۇزمايتتىم دېدى. [مۇسلىمدىن]

3 ـ عن سهل بن الحنظلة رضى الله عنه قال: مر رسول الله صلى الله عليه وسلم ببعير قد لحق ظهره ببطنه فقال:" اتقوا الله في هذه البهائم المعجمة، فاركبوها صالحة، وكلوها صالحة" رواه أبو داود، وصححه الألباني.

سەھل ئبنى ھەنزەلەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر جايدىن ئۆتەپ كېتىۋېتىپ ئورۇقلاپ دۈمبىسى قوسىغىغا چاپلىشىپ قالغان بىر تۆگۈنى كۆرۈپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تىلسىز ھايۋانلاردىمۇ ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ساق ـ ساغلام ھالىتىدە مىنىڭلار ۋە ساق ـ ساغلام ھالىتىدە ئۆلتۈرۈپ يەڭلار» [ئەبۇ داۋۇدتىن].

نۇرلۇق سۆزلەردىن

1 ـ سأل رجل أبا هريرة رضى الله عنه ـ ما التقوى؟ قال: هل أخذت طريقاً ذا شوك؟ قال: نعم، قال: فكيف صنعت؟ قال: إذا رأيت الشوك عدلت عنه أو جاوزته أو قصرت عنه، قال: ذاك التقوى". (الدرر المنثور للسيوطي:1 / 61)

بىر كىشى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تەقۋالىق دېگەن نېمە؟ دەپ سورىۋېدى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئادەمدىم: سەن تىكەنلىك ـ شوخىلىق يولدىن ئۆتكەنمۇ؟ دەپ سورىدى، ئۇ ئادەم: ھەئە دېدى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سەن تىكەنلىك يولدىن ئإتكەندە قانداق قىلغان؟ دېدى، ئۇ ئادەم: «تىكەننى كۆرسەم ياندىن ماڭىتتىم ياكى ئاتلاپ ماڭىتتىم ياكى كەينىمگە قايتىپ كېتىتتىم» دېدى، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئادەمگە: «ئاشۇ ئىشنىڭ ئۆزى تەقۋالىق» دېدى. [ئېمام سۇيۇتىينىڭ دۇرەرۇل مەنسور دىۇەن كىتابىنىڭ 1 / 61 دىن]

2 ـ قال ابن مسعودفي قوله تعالى: "اتق الله حق تقاته": أن يطاع فلا يعصى، ويذكر فلاينسى، وأن يشكر فلا يكفر [جامع العلوم الحكم: 1 / 330]

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ «اتق الله حق تقاته» دىگەن ئايەتنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاسىيلىق قىلماسلىق، ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرۇش، ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئاللاھقا شۇكىر ئېيتىش، تۇزكورلۇق قىلماسلىق». [جامىئۇل ئۇلۇم ـ ۋەل ھېكەم 1 / 330]

3 ـ قال طلق بت حبيب: "التقوى: العمل بطاعة الله، على نور من الله، رجاء رحمة الله، والتقوى ترك معاصى الله، على نور من الله، مخافة عذاب الله" (الحلية: 3 / 64).

تەلقى ئىبنى ھەبىب مۇنداق دېگەن: «تەقۋالىق دېگەن: ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھنىڭ ھىدايەت نۇرى بىلەن ئاللاھنىڭ تائات ـ ئىبادەتلىرىنى قىلىش، تەقۋالىق دېگەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ ئاللاھنىڭ ھىدايەت نۇرى بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق». [ھىليەتۇل ئەۋلىيا 3/64]

4 ـ قال عمر بن عبد العزيز: "ليس تقوى الله بصيام النهار ولا بقيام الليل والتخليط فيما بين ذلك، ولكن تقوى الله ترك ما حرم الله، وأداء ماافترض الله، فمن رزق بعد ذلك خيراً فهو خير إلى خير" [جامع العلوم الحكم: 1 /329].

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز مۇنداق دېگەن: «تەقۋالىق دېگەن كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى قىيامدا تۇرۇش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تەقۋالىق دېگەن ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى قىلماسلىق، ئاللاھ پەرىز قىلغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلىش، بۇنىڭدىن كېيىن كىمكى ياخشىلىقا مۇيەسسەر قىلىنسا، بۇ ياخشىلىق ئۈستىگە ياخشىلىقتىن ئىبارەت» [جامىئۇل ئۇلۇم ـ ۋەل ھېكەم 1 / 329]

5 ـ قال ميمون بن مهران: "المتقى أشد محبة لنفسه من الشريك الشحيح لشريكه" [جامع العلوم الحكم: 1 / 330].

مەيمۇن ئىبنى مېھران مۇنداق دېگەن: «تەقۋا كىشىنىڭ ئۆز نەپسىگە بولغان مۇھەببىتى بېخىل شېرىكنىڭ ئۆزىنىڭ شېرىكىگە بولغان مۇھەببىتىدىن كۈچلۈك بولىدۇ». [جامىئۇل ئۇلۇم ـ ۋەل ھېكەم 1 / 330]

6 ـ كتب عمر بن عبد العزيز إلى رجل: "أوصيك بتقوى الله عزوجل التى لايقبل غيرها، ولايرحم إلا أهلها،ولايثيب إلا عليها، فإن الواغظين بها كثير، والعاملين بها قليلن وجعلنا الله وإياك من المتقين" [جامع العلوم الحكم: 1 / 333].

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز بىر كىشىگە مۇنداق دەپ خەت يازدى: «سىنى ئاللاھقا تەقۋا بولۇشقا تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى ئاللاھ تەقۋالىقتىن باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ، تەقۋا كىشىلەرگىلا رەھمەت قىلىدۇ، تەقۋالىققا ئاساسەن ساۋاب بېرىدۇ، تەقۋالىق توغرىسىدا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىدىغانلار كۆپ، بۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلار ناھايىتى ئاز، ئاللاھ بىزنى ۋە سېنى تەقۋا كىشىلەردىن قىلسۇن!!». [جامىئۇل ئۇلۇم ـ ۋەل ھېكەم 1 / 333]

مەنبە:ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى


收藏到:Del.icio.us