ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك ئەزىز دوستۇم! بۇھايات ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلىغا كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!


باشبەت بىلوگ ئۇلىنىشلىرى خەۋەر مۇنبەر چايخانا قىرائەت تاللانما قىرائەتبىز ھەققىدەئىسلامچە ئۇلىنىشلار

تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!


<<  ھېدايەتنامە | باش بەت | ئىنتىرنت ۋە ئۇنىڭ ئسىلام دىنىنى تارقىتىشتىكى رولى  >>

2009-05-31

ئىمان“ دېگەن، خەتەرگە ئالدىنى قىلىش، دېمەكتۇر - [ئىسلام دۇنياسى]

版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40236432.html

 

ئىمان“ دېگەن، خەتەرگە ئالدىنى قىلىش، دېمەكتۇر.

 

 

 (پاكىستانلىق ئاتاقلىق ئالىم شەمس نەۋىد ئوسمانىنىڭ ماقالىلەر توپلىمىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى)

مەككە مۇكەررىمىدە ئاللاھنى ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان ۋەھشىي كۇپپارلارنىڭ چېدىغۇسىز ئېغىر زۇلۇم ـ سېتەملىرىگە دۇچار بولىۋاتقان دەسلەپكى ئەشۇ دەۋر مۇسۇلمانلىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتكە قارىتا زادى قانداق ھېسسىيات، تونۇشلاردا بولغان؟ بەخت ھەم بەختسىزلىككە، خىيىم ـ خەتەر ۋە خاتىرجەملىككە قارىتا قانداق قىممەت قاراشلاردا بولغان؟ ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى بىلەن قايغۇلىرىچۇ؟ مانا بۇلارنى ھەقىقىي تۈردە بىلىپ چىقىش ھەرقانداق مۇسۇلمانغا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان موھىم كەشپىيات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەزرەتى ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەقەسى بىزنى دەل ئەنە شۇ تونۇشقا ئىگە قىلماي قويمايدۇ.
كۇپىر ھەم شېرىكچىلىكنىڭ ھالاكەتلىك ئازغۇنلىقىنى ”ھەق“ دەپ چۈشىنىۋالغان كۇپپارلار، ئاللاھنىلا ”ھەق“ دەپ تونۇيدىغان مۆمىنلەرنى مۇنداقلا ئەمەس، بەلكى بولۇشىغا قىيناپ، ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرىش قەستىدە بولۇپ يۈرگەن، ئاجىزلارنى زۇلۇم ـ سېتەمنىڭ مەشىق تاختىسىغا ئايلاندۈرىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قان، يىرىڭ تەمچىپ تۇرغان زەخىملىرىنى كۆرگەندە، ئۆرتىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا كۈلۈپ قاقاقلايدىغان بولىۋالغان، چارىسىزلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆرۈش ئىچىنىشلىق ئەھۋال ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى ھېسابلىنىدىغان ئەنە شۇنداق رەھىمسىز، ۋەھشىيانە مۇھىتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوي، خىيال، پىكىر، تەپەككۈر، ئارزۇ ـ ئارمانلىرى زادى نېمىلەردىن ئىبارەت بولغانلىقىنى ھازىرقى بىز مۇسۇلمانلار كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە، ئىنىقكى، ئۇنداق ئاجايىپ، مىسلىسىز ھاياتنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىشنى ئويلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەنمۇ پۈتۈن ئەزايىمىز قۇرقۇنچلۇق تىترەكلەرگە چۆمۈپ كەتمەي قالمايدۇ
.
دەرۋەقە، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆزىگە شۇ قەدەر يېقىن ھېس قىلاتتىكى، دۇنيانىڭ پۈتۈن راھەت، پاراغەتلىرى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قىلچە ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىد ئۇلارنى خاتىرجەملىككە ئەمەس، خىيىم ـ خەتەرلەرگە يۈگرەيدىغان قىلىپ قويغان ئىدى. كۇپپارلارنىڭ زۇلمىغا دۇچار بولغانلارغۇ شۇ زۇلۇمدا ئېزىلمەي بولمايتى، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن خاتىرجەم پاناھگاھلارغا سازاۋەر بولغان مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۆزلىگىدىن پاناھگاھلىرىنى تاشلاپ، زۇلۇم ھەم ئىستىبداتلىقنىڭ ئالدىغا كۆكرەك كىرىپ، يۈگرۇپ چىقىپ، «مانا مەنمۇ بار!» دەپ مەردانىلەرچە كېلەلىگەنلىكىنى ئەجىبا تارىخنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق كۆرمىگەنمىدى؟
!
ئەنە شۇلار باسقان ھەر بىر قەدەمنىڭ ھەيۋېتى دۇنيالىق خاتىرجەملىكنىڭ پۈتۈن مەھلىيالىق تىلسىملىرىنى پارە ـ پارە قىلىپ يەنچىپ تاشلىغان ئىدى. ئاخىرەتنىڭ دىلكەش ھەقىقەتلىرى ئەنە شۇلارنىڭ ئاققۇزغان قان ھەم ياشلىرى بىلەن پارلاپ، پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغان ئىدى. ئاللاھ ئەنە شۇ دەۋرلەردىمۇ خۇددى ھازىرقىغا ئوخشاشلا غەيىبنىڭ مىڭلىغان پەردىلىرى ئارقىسىدا مەۋجۇت ئىدى ـ يۇ، ئەمما ئەشۇ ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىز ئاللاھنى ئۆزىگە نىسبەتەن جان، تومۇرلىرىدىنمۇ بەك يېقىن ھېس قىلاتتى. ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ دەل ئەنە شۇنداق مۆمىنلەردىن بىرى ئىدى
.
ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن كاپىر تۇققىنى ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرەنىڭ پاناھىدا بولغاچقا، كۇپىرلىقنىڭ زەھەرخەندە تىرناقلىرى تېخىچە ئۇنىڭ ئىمانىغا سانچىلىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ يولىدا زەخىملەنگەنلەرگىلا نېسىپ بولىدىغان ئازابتىن ھۇزۇرلىنىشتەك ئۇنداق ئۇلۇغ لەززەتتىن تېخىچە مەھرۇم ئىدى. دۇنيانىڭ نۇقتى نەزىرى بويىچە بولغاندا، ئۇنىڭ بۇ ئەھۋاالى خاتىرجەملىك بولۇپ ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئىماننىڭ نۇقتى نەزىرى بويىچە بولغاندا ئەڭ كاتتا مەھرۇملۇق ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بۇنداق مەھرۇملۇقنىڭ ئازابىنى تەخىرسىز ھېس قىلىپ يەتتى. ئۇ ھەقنىڭ ئازاب، مۇسىبەتلەر ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىغا، ئۆزىنىڭ بولسا، خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىغا ئەستايىدىل قاراپ چىقتى ۋە بىردىنلا «كۇپىرنىڭ پاناھىدا تۇرغانلىقنىڭ مەنسى، ئاللاھنىڭ پاناھلىقى ئەرزىمىگەنلىك بولمامدۇ؟»  دېگەننى ئويلاپ ئىختىيارسىز ۋاقىرىغانچە ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ھېس قىلىۋاتقان بۇ مەھرۇملىقى ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىپ كۆزلىرىدىن تارام ـ تارام ياشلىرىنى تۆكمەكتە ئىدى
.
ئۇ دەس ئورنىدىن تۇرغانچە، «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن خاتىرجەم ھايات كەچۈرۋاتقان بىلەن مېنىڭ مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىم ئاللاھنىڭ يولىدا قانغا بويىلىۋاتمامدۇ؟ قاراڭغۇ قاماقلاردا ئېزىلىۋاتمامدۇ؟ زۇلۇم ـ ئەزىيەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتمامدۇ؟ ئەمما مەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەزىيەتلەردىن مەھرۇم قالدىم؟ ئەجىبا بۇ ئىمانىي ئاجىزلىقىمنىڭ ئالامىتىمۇ؟ راستىنلا ئىمانىمدا مەسىلە بارمىدۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئۆزىنى باسالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىشكە باشلىدى
.
ئۇنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىك بۇ تېرەن تۇيغۇلىرى بىر دەقىقە ئىچىدىلا ئۇنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ قويدى، ئوي، تەپەككۈرى ئۆزگەردى، ھېس، تۇيغۇلىرى ئۆزگەردى، قەلب، ئىددىيە، ھەممە نەرسىسى ئۆزگەردى. ئۇ ئەمدىلىكتە خۇددى ھالاكەتتىن قاچقان ئادەمدەكلا خاتىرجەملىكتىن يۈگرۈپ قېچىشقا باشلىغان ئىدى
.
ئۇنىڭ چىرايىدا ئىپادىلىنىپ تۇرغان ئىچكى ئىزتىراپلارنى كۆرگەن ۋەلىد «ھە، كېلىپ قاپسەنغۇ؟» دەپ ئالدىراش سۇئال سوراشقا باشلىدى
.
 
ـ سېنىڭ پاناھىڭدىن چىققىلى كەلدىم ـ ئۆسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىنتايىن قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب بەرمەكتە ئىدى
.
ـ نېمە دېدىڭ؟! ۋەلىدنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتا چەكچىيىپلا قالدى
.
ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاجايىپ كەسكىن ھالدا: «دەرۋەقە، كۇپىر بىلەن شېرىكچىلىكنىڭ قوينىدا پاناھلىنىپ تۇرۇپ، ئىماننى دەۋا قىلىش ھەقىقەتەن مەنىسىز تۇيىلىدىكەن، مەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانمەن. شۇڭا ماڭا ئاللاھنىڭ پانىھىلا كۇپايە. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەنكى، مېنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىم ئاللاھنىڭ يولىدا ئازاب چېكىۋاتىدۇ، مەن قانداقمۇ خاتىرجەم بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈشكە چىداپ تۇرالايمەن؟ ياخسىشى سەنمۇ رەھمىتىم بىلەن قوشۇپ پاناھلىقىڭنى قايتۇرىۋالغىن، مەنمۇ دىنىم ئازاب ئىچىدە قالغان، ھەممە ئەزالىرىدىن قان ئېقىتىپ تۇرۇپمۇ ھەققانىيەتنىڭ سادىسىنى ياڭرىتىشتىن يانمايۋاتقان ئەشۇ قىرىنداشلىرىمنىڭ يېنىغا كېتەي!» دەپ جاۋاب بېرىپلا ئارقىغىمۇ قارىماستىن يولىغا يۈرۈپ كەتتى
.
ۋەلىد «توختا! كىشىلەر سېنىمۇ زۇلۇم شىكەنجىسىگە ئېلىۋېلىشى مۈمكىن، ئۇنداق قىلماي توختاپ قال!» دەپ ۋاقىراشقا باشلىدى. ئەمما ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ تاۋلاشلىرىغا پىسەنتمۇ قىلماستىن، ھەربىر باسقۇچىدا جان ۋە ملللىرىغا مىڭلىغان خەتەرلەر يولۇقۇپ تۇرىدىغان ئاخىرەتنىڭ زاۋال تاپماس، مەڭگۈ خاتىرجەملىك مەنزىلى تەرەپكە مەستانىلەرچە  ئالدىراش يۈرۈپ كەتتى
.
ئۇزۇن ئۆتمەي كەبىنىڭ ئىچىدىمۇ «ئۇسمان بۈگۈن ۋەلىدنىڭ پاناھىدىن چىقىپ كېتىپتۇ» دەپ ئىلان قىلىندى. ئەمدى تېخى بۇ ئىلان جاكارلىنىپ تۇرشىغا ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ يوغان ـ يوغان چامدىغانچە ھەرەمگە كېرىپ، گۇيا بارلىق كۇپپارلارغا جەڭ ئىلان قىلغاندەك: «كېلىشە، مانا مەنمۇ مۇسۇلمان، مانا مەنمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا بوينىنى قىلىچقا تۇتۇپ بېرەلەيدىغان مۇسۇلمان» دېگىنىچە پۈتۈن ئازاب، مۇسىبەتلەرنى ئۆزى تەرەپكە چاقىردى
.
٭٭٭٭٭٭

ئەمما بىزچۇ؟! قانچە مىڭلىغان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقنى دەپلا تۈرمىلەردە ئىز دېرەكسىز، چېرىپ تۈگەپ كېتىۋانقانلىقىنى، قانچە مىڭلىغان قىز، ئاياللىرىمىزنىڭ ئىگە ـ چاقىسىز قىلىپ، خارى ـ زارلىقتا كۈن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، «بىز نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولالمىدۇق؟» دېگەننى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ قېنى ئىمان، ۋىجدانىمىزدىن سوراپ باقايلى! ئەجىبا شۇلارنىڭ قاتارىدا بولالمىغانلىقىمىزنى، شۇلارغا ئوخشاش ھەق يولىدا ئەزىيەت چېكەلمىگەنلىكىمىزنى، شۇلارغا ئوخشاش قان ھەم ياش تۆكۈپ بەدىنىمىزنى زەخىملەرگە تولدۇرالمىغانلىقىمىزنى، خۇددى شۇلاردەك ھەق ئۈچۈن جان بېرىپ، مەڭگۈلۈك بەختىيار ھاياتنىڭ تاجدار شېھىتلىرىدىن بولالمىغانلىقىمىزنى ئۆزىمىزگە نىسبەتەن مەھرۇملۇق ساناپ باقتۇقمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ساناپ باقمىدۇق. بەلكى دەل ئەكسىچە شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىشنىمۇ ئەقىلدىن مەھرۇملۇق دەپ قارىماقتىمىز. كاپىرلارنىڭ پاناھىدا خاتىرجەم ياشىيالىغانلىقىمىزنى ئاقىلانىلىك ھېسابلاپ، ھەق ئۈچۈن قىيىن قىستاق، جاپا مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزغا «سىڭگەن نېنىنى يېمىگەن ھاماقەتلەر» دېگەن باھانى بەرمەكتىمىز. قېنى ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ ئاتاۋالغان بىز ئەبكالار ۋىجدانىمىزدىن سوراپ باقمايلىمۇ؟! ئەجىبا بىز «كاپىرلارنىڭ پاناھىدا خاتىرجەم ياشىغانلىق ئاللاھنىڭ پاناھىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ» دېگەننى بىرەر قېتىم ئويلاپمۇ باقتۇقمۇ؟ ياق، بەلكى دەل ئەكسىچە تېخى تۇغۇلمىغان بالىلىرىمىزنىڭ چوڭ بولغاندا ياخشى ئوقۇپ، ياخشى خىزمەتكە چىقىشىنى، ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىگە ئۆتۈشىنى، شىتاتلىق، پىنسىيە مۇئاشلىق كادىرلاردىن بولۇپ، كۇپىرلىقنىڭ پاناھىدا بېخىرامان ھايات كەچۈرىشىنى نۇمۇس قىلماي ئاللاھتىن تىلەپ يۈرمەكتىمىز. ئەجىبا بۇ، دۇنيانى ئاخىرەتتىن، ھۆكۈمەتنى ئاللاھتىن ئەلا بىلگەنلىكىمىز ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ كۆزلىرىمىز نېمە ئۈچۈن پەلەستىننى كۆرمەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ 60 يىلدىن بىرى ھەقنى دەپلا توختىماي قان بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 60 يىلدىن بىرى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بەش ئۆي بومباردىمان قىلىنىپ، 10 ئادەمنىڭ شېھىت بولىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇششاق بالىلار جېنىدا بېشىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، تانكىلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋاتقانلىقىنى، ئاپتۇماتلىق تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەرگە تاش، سوزماق بىلەن تاقابىل تۇرىۋاتقانلىقىنى نېمە ئۈچۈن ئويلىمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن چۈشەنمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن بىزمۇ شۇلاردەك بولالمايمىز؟ ناۋادا پەلەستىنلىكلەرمۇ بىزگە ئوخشاش شەرمەندىلەرچە خاتىرجەملىكنى ياقتۇرىدىغانلا بولۇپ قالسا، شۇ كۈندىن تارتىپ، پەلەستىندە بىر پايمۇ ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان خاتىرجەملىك مەيدانغا چىقماسمىدى؟ ئەمما ئۇلار نېمە ئۈچۈن خىيىم، خەتەر، ئەزىيەتلەرگە قۇچاق ئېچىپ، خاتىرجەملىكنى چۆرۈپ تاشلىيالىدى؟ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بىز ئۇنداق ئازابتىن شاتلىنالايدىغان ئۇلۇغۋار بەختىيارلىقتىن مەھرۇم بەختسىزلەرمىز. شۇڭا بۇلارنى ئويلاشنى، كۆرۈشنى، چۈشىنىشنى خالىمايمىز ھەم چۈشىنىپمۇ يېتەلمەيمىز. چۈنكى بىز ئۇلاردەك جەننەتتىكى بەختىيار مەڭگۈلۈك ھاياتقا، ئاخىرەتكە، جۈملىدىن ئاللاھۇ تائالاغا ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز. بەلكى دۇنياغىلا، ئۈنۈمگىلا، دۇنيادىكى يالتىراق نەتىجىلەرگىلا ئىشىنىمىز. بىزنىڭ ئاللاھىمىزمۇ دۇنيا، بىزنىڭ جەننىتىمىزمۇ دۇنيا، بىزنىڭ ئاقىۋېتىمىزمۇ ۋە كۆرمەكچى بولغان نەتىجىمىزمۇ پەقەتلا مۇشۇ دۇنيا. قىسقىسى، بىزدە دۇنيا ھاياتىنىڭ زىبۇ زىننەتلىرىدىن باشقا بىرەر يۈكسەك غايە، ئۇلۇغۋار مەقسەت دېگەندىن دېرەك بولمىغاچقا دۇنيانىڭ سارىڭىغا ئايلىنىپ، ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەي، ئىمانىمىزنى، ئىپپەت، نۇمۇسىمىزنى ۋە مىللىي غۇرۇرىمىزنىمۇ قويماي ھوسۇلسىز ساراڭلىقىمىزنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۈرىۋالماقتىمىز. ئەمما ئەپسۇسكى، شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا مۇسۇلمان. يەنىلا مۇسۇلمان.     
٭٭٭٭٭٭٭

بىر كۈنى قۇرەيش خەلقىنىڭ مۇشائىرە بولىۋاتقان سورۇنىدا كاپىرلارنىڭ ئەڭ كاتتا شائىرى لۇبەيد ئىبنى رەبى شېئىر ئوقۇپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ: «ئالاھتىن باشقا ھەممە باتىلدۇر، بۇنى ئاڭلىۋال» دېگەن مىسرانى ئوقۇغاندا، ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «توغرا ئېيتتىڭ» دەپ مەدھىيە ئوقۇدى. ئاندىن «پۈتۈن نېئمەتلەر زاۋال تاپىدۇ، بۇنى بىلىۋال» دېگەن ئىككىنچى مىسرانى ئوقۇغاندا بولسا، ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنچە كۆپ كۇپپارلارنىڭ ئالدىدا قىلچە ئەيمىنىپ ئولتۈرماستىن «سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن، ئاللاھنىڭ جەننىتىدىكى نېئمەتلەر ھەرگىز زۇۋال تاپمايدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈكتۇر، ئەبەدىيدۇر» دېگىنىچە ھەقنى ياڭراتتى. بۇنى ئاڭلىغان لۇبەيد كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ: «قارىمامسىلەر، پۈتۈن قۇرەيش ئەھلىنىڭ شېئىر سورىنىدا، كۆزىڭلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنچە قاپ يۈرەكلىك بىلەن مەندەك بىر شائىرىڭلارغا ھاقارەت قىلىۋاتمامدۇ؟» دەپ ۋاقىراشقا باشلىدى. ئارقىدىنلا سورۇندىكى يەنە بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ: «بۇ ئۇنچە نەزەرگە ئېلىپ كېتىشكە ئەرزۈگۈدەك نەرسە ئەمەس، بۇمۇ مۇھەممەدكە ئەگىشىپ قالغان ھاماقەتلەرنىڭ بىرسى» دېگىنىچە ئاللاھنىڭ ھەقسۆيەر بەندىلىرىنى كەمسىتىشكە باشلىدى.
بۇنداق كەمسىتىشكە ۋىجدانى چىداپ تۇرالمىغان ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ گەرچە پۈتۈن سورىندىكىلەرنىڭ ئۆزىگە غەزەپلىك تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا قەلبىدە ھەقنى ھەق، باتىلنى باتىل دەپ، قورقماي جاكارلىيالايدىغان ئاجايىپ بىر جاسارەتنىڭ تەپتىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. بۇ دەل ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسىدىن قورقماسلىقتەك ئىمانىي قۈۋۋەتنىڭ جاسارىتى ئىدى. ئۇ پۈتۈنلەي پەرۋاسىز ھالدا دەس ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاللاھنى تونىغانلارغا ”ھاماقەت“ دەپ ھاقارەت قىلىۋاتقان ھېلىقى كاپىرنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ بۇنچە شىر يۈرەكلىكىگە ئوغۇسى قايناپ، چىداپ تۇرالمىغان كۇپپارلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى، ھېلىقى ئەجەللىك تەنقىدكە ئۈچرىغان كاپىرمۇ ئۇنىڭغا ئېتىلدى. بىر دەم ئىچىدە قاراس ـ قۇرۇس تەستەكلەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. لۇبەيدمۇ ئېتىلىپ كەلگەنچە مۇش ئورۇش بىلەن ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر كۆزىنى قۇيىۋەتتى. گەرچە زالىملارنىڭ كۆكرەكلىرى خۇددى يېغى يوق چىراغدەك ناھەقچىلىككە قارشى ھېسسىياتلاردىن پۈتۈنلەي خالىي بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرلا كىشى قان رىشتىسى تۈپەيلىدىن بۇ ناھەقچىلىكنى ھېس قىلغاندەك بولدى ـ دە، ھەمەيلەننى توسىۋالدى. بۇ دەل ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پاناھلىقىنى چورۇپ تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە ئىدى. ۋەلىد كۆيىنگەن ھالدا: «سەن مېنىڭ پاناھىمدىكى چاغدا مۇشۇنداق ئەزىيەتلەردىن خاتىرجەم ئەمەسمىدىڭ؟» دېدى. بۇ كاپىرانە كۆيۈنۈش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىمانىي تۇيغۇلىرىغا ئۇرىلىۋاتقان زەھەرلىك نەشتەردەك بىلىندى. بىر كۆزىنىڭ قۇيۇلۇپ كېتىشى بىلەن گويا ئاللاھنى كۆرۈش قۇۋۋىتى تېخىمۇ ئېشىپ كەتكەندەك غەيرەتكە كەلگەن ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋەلىدكە تىكىلگەن ھالدا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ساق قالغان ماۋۇ كۆزۈممۇ ئاللاھنىڭ يولىدا قۇيۇلۇپ كەتكەن ئىككىنچى كۆزۈمگە ئوخشاش شۇ تاپتا يەنە بىر شىرىن زەربە يەۋېلىشنى ئارزۇ قىلماقتا» دەپ توۋلىدى. ئەمما كۇپىر بىلەن شېرىكچىلىك بۇ سۆزدىنمۇ ئىماننىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى چۈشىنەلمەي قالغان ئىدى. شۇڭا ۋەلىد يەنە سۆز باشلاپ: «ئەگەر خالىساڭ، ھېلىھەممۇ مېنىڭ پاناھلىقىمنىڭ دەرۋازىسى سەن ئۈچۈن ئوچۇق» دېۋىدى، قاتتىق غەزەپلەنگەن ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاجايىپ قەتئىيلىك بىلەن «ماڭا بۇنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ماڭا پەقەت ئاللاھنىڭلا پاناھلىقى كۇپايە. چۇنكى ئۇ ساڭا قارىغاندا تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ ئۇلۇغ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك» دېگىنىچە پۈتۈن سورۇننى ھەيرەتتە قالدۈرۈپ، ھەقنىڭ ئۆچمەس شۇئارىنى ياقراتتى
.
ئاھ! بىز ئەينى چاغدا ئەنە شۇنداق مۇسۇلمان ئىدۇق، كاپىرلارنىڭ پاناھلىقىدا تۇرۇشنى ئىمانىمىزنىڭ ئۆلىمى ھېسابلايتۇق. ئەمما مانا ئەمدىلىكتە بولسا، ئالاھنىڭ پاناھلىقىغا ئۆتۈش بىلەن قولغا كېلىدىغان ئەبەدىيلىك گۈزەل ھاياتنىڭ ئىلاھىي ۋەدىسى ۋۇجىدىمىزنى ئازراقمۇ لەرزىگە سالالمايدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالدى. شۇڭا ھەق ئۈچۈن ئەزىيەت چېكىشتىن، ئۆلۈمدىن ۋە شېھىتلىكتىن قورقۇپ، كاپىرلارنىڭ پاناھىدا پۈتۈن ئۆمرىمىزنى ئۆتكۈزىۋەتسەك، ئۆتكۈزىۋېتىشكە رازىمىزكى، ئەمما ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىگە كۇپايە دەپ بىلگەن، ئەشۇ قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ پاناھلىقىنى بىرەر قېتىم ئويلاپ بېقىشقىمۇ رازى ئەمەسمىز
.
ئاھ! قېنى ئۆزىمىزگە بىر قاراپ باقمايلىمۇ؟! ئەجىبا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئىمانىمىزغا قۇرۇت چۈشكەنلىكى ئەمەسمۇ؟ ئىچ ـ ئىچىمىزدىن سېسىپ تۈگىگەنلىكىمىز ئەمەسمۇ؟  قېنى ئويلىنايلىكى، شۇنداقتىمۇ يەنىلا بىز مۇسۇلمانمۇ؟

 كامىلجان تەرجىمىسى


مەنبە:ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى


收藏到:Del.icio.us