تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!
2009-05-31
ئىنتىرنت ۋە ئۇنىڭ ئسىلام دىنىنى تارقىتىشتىكى رولى - [ئىسلام دۇنياسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40237306.html
ئىنتىرنت ۋە ئۇنىڭ ئسىلام دىنىنى تارقىتىشتىكى رولى
ھازىرلىغۇچى: ئا.قارلۇقىي
ئەسلىدە قىسمەن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىنىۋاتقان بۇ ماقالىنىڭ ئورنىنى مۇبارەك رامىزان ئېيىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك تىمىلار ئىگەللىگەن بولسا تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. بىراق بىز يەنىلا ئومۇمىي دائىرىنىڭ ئىچىدە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ ماقالىنى ھازىرلاپ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ دىققىتىگە سونۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. سۆزىمىز ئىنتىرنت ھەققىدە بولغانكەن ئۇنىڭ قاچان، كىملەر تەرىپىدىن، قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا قىسىقىچە مەلۇمات بىرىپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولماس.
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك، ئىنتىرنىت بۈگۈنكى دەۋر ئىنسانلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورنىتىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بارلىق ئىلمىي ئالاقىلەرنىڭ ئەڭ تىز ۋە ئەڭ جانلىق ۋاستىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭسىز ئالاقە- ئۈچۇرنىڭ سۈرئىتى كۆڭۈلدىكىدەك راۋان ۋە قولاي ئەمەس. ئىنتىرنت سان- ساناقسىز كومپىيوتىرلارنىڭ تورلاشتۇرىلىشىدىن تەركىب تاپقان بىر خىل سېستىما بولۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۈچۈر- ئالاقىلەرنى قولايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىنتىرنت ھەققىدىكى تۈنجى پىكىرنىڭ مەيدانغا كىلىشى مۇنداق؛ 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى ئامېرىكا مۇداپىئە مېنىستىرلىگى دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر تورلاشقان ئۈچۈرلىشىش ۋاستىسىغا ئىھتىياجى بارلىقىنى ھېس قىلغان. 1967- يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكىلىق بىر دوكتۇر مەركەزسىز ئولىنىش كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ چاغقىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا مۇداپىئە مېنىستىرلىگىدىكى بارلىق كومپىيوتىرلار سىم ئارقىلىق تورلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەجمى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. بۇ پەقەت ئامېرىكا مۇداپىئە مېنىسترلىگىگىلا خىزمەت قىلاتتى. ئۇلار بۇنى ARPANET دەپ ئاتىشاتتى. 1969-يىلى ئىنتىرنت ھەقىقىي ئىشلىتىلىش باسقۇچىغا كىردى. 1973- يىلى، يەنى بۇنىڭدىن پەقەت 33- يىل ئىلگىرى 23 كومپىيوتىر بولۇپ، ھەممىسى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىگىدە ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا بۇ خىل تورلىشىشنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئۇنۋىرسىتىتلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگە يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى ئاكادىمىك ئورگانلار ۋە ئۇنۋېرسىتىتلار ئارقا- ئارقىدىن بۇ خىل سېستىمىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي سودا شىركەتلىرى ۋە باشقا ئورگانلار قوللىنىشقا باشلىغان بۇ سېستىما ئاستا- ئاستا پۇتۇن يەر شارىنى قاپلىدى. ئېلىكترونلۇق خەت يوللاش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىنسانىيەت پوچتىخانا ئىزدەپ سائەتلەپ يول يۈرۈشلەردىن دېگۈدەك ئامان بولدى...
دۇنيادىكى ھەرقانداق توسالغۇغا پەرۋا قىلمايدىغان بۇ خىل ئالاقىلىلىش ۋاستىسىدىن ھەر خىل غەرەزدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەقسەت- مۇددىئالىرى ئۈچۈن ئۆنۈملۈك پايدىلاندى. غەربتىكى ئەھلى سەلىپ ئېدىيىسىنى ياقلايدىغان ھەر خىل جەمىئىيەت ۋە ئورگانلار شەرق ئەھلىنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام ئالىمىنىڭ روھىي دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھەرقانداق ۋاستىلەرنى قوللاندى. نەتىجىدە سىرىق تېمىلارنى مەركەز قىلغان تور بەتلىرى مەيدانغا كەلدى. بۈگۈنكى دەۋردىكى مۇستەملىكە روھى ئەڭ كۈچلۈك بولغان غەرب مەدەنىيتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا مەيدانغا كەلگەن globalization "يەرشارىلىشىش" نەزىرىيسى (ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىشىش ياكى غەربلىشىش نەزىرىيىسى) غەربكە تەۋە بولمىغان ھەر قانداق دىن، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلەرنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن بۇ ۋاستىدىن پايدىلاندى. ئاخىرىقى ھېسابقا شەرقنىڭ مەۋجۇدلىقى تەھدىدكە ئۈچىرىدى. بۇ ۋاستە ئارقىلىق ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئورگان ۋە شەخىسلەرنىڭ شەخسىيىتى يەتكۈچە گەۋدىلەندۈرۈلدى ياكى يەر بىلەن يەكسان قىلىندى.... بۇلار قىسقىچە قىلغاندا ئىنتىرنتنىڭ سەلبى تەرەپلىرى ئىدى. ئەمما بۇنىڭ بۇ خىل سەلبىلىكلىرى ئۇنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى بېسىپ كېتەلمىدى. بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلاش مۇمكىن.
ئۆزىنىڭ دېنىدا مۇستەھكەم تۇرغان ئادەم گويا چوغنى تۇتۇپ تۇرغاندەك قېيىن ئەھۋالدا ياشايدىغان، ھەقنى سۆزلەش جىنايەت، ئادالەتنى ياقلاش خىيانەت ھىسابلىنىدىغان، دىن ھەققىدە سۆزلەش تىرورچىلىق، ئەخلاق، ئەنئەنە، ئۆرپ- ئادەت ھەققىدە ئېغىز ئېچىش يا خۇراپىلىق، ياكى بىكىنمىچىلىق يا بولمىسا بۆلگۈنچىلىك بىلەن تەسۋىرلىنىدىغان بۈگۈنكى كۈندە، ئاللاھنىڭ دىنىنى سۆزلەش، بۇ ھەقتىكى ھەقىقەتلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشنى ياكى دىن ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئىزدەش، پەتىۋا سوراشلارنى ئىنتىرنتتا ئېلىپ بارمىسا قانداق رۇپاپقا چىقىرىش مۇمكىن. ئاللاھقا مىڭلاپ شۇكرىلەر بولسۇنكى، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ئىسلامنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قانچە تور بەتلىرى مەيدانغا كەلدى. قولىدىن كىلىشىچە باشقا تىلدىكى ماتىرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا سۈندى. ئاللاھ شۇ خىل خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلارغا ھەسسىلەپ ئەجىر بەرسۇن!
شۇنى نەرسىنى تەكىتلەش كېرەككى، قېرىنداشلىرىمىز تور بەتلىرىگە كىرگەندە، ھەر خىل دەبدەبىلىك تىمىلار ئاستىدىكى ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان مەنبەسىز، ھاياسىز نەرسىلەرنى ئوقۇپ ۋاقت زايا قىلغاننىڭ ئورنىغا دىن ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەردىن بىرنى يېرىمنى ئوقۇپ قويۇشىنى، باشقا دوستلىرىغا پالانى تور بېتىنىڭ پۇكۇنى يېرىدە ئىسلامغا دائىر ئۇنداق ياكى مۇنداق ماقالەر بار ئىكەن ئوقۇپ قويۇڭلار، دەپ بولسىمۇ تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇشلىرىنى ۋە قوللىرىدىن كەلسە ئىسلامىي تور بەتلەرنى ياساپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىشلىرىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش دېگەن مانا مۇشۇ. ۋەز- نەسىھەت، تەبلىغ دېگەن داۋاملىق مەسجىدلەرنىڭ مۇنبەرلىرىدىلا بولمايدۇ.
ئەسكەرتىپ ئۆتمىسەك بولمايدىغان مۇنداق مەسىلىلەرمۇ بار؛ دىندىن دېگەندەك ياخشى خەۋىرى يوق بىر قىسىم ياخشى نېيەتلىك بۇرادەرلىرىمىز ھەر خىل پەتىۋالارنى بىرىپ، خەلقىمىز ئارىسىدا پىتنە- پاسات تارقىتىشىمۇ ئېھتىمالغا بەكلا يېقىن. گەرچە نېيەتلىرى ساغلام بولسىمۇ، ساغلام بولمىغان نەتىجىلەرنىڭ دىنىمىز نامىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەرگەن پەتىۋا، دەلىل قىلغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسىگە دېققەت قىلىشى. بۇلارنى شۇ خىل پەتىۋا ۋە ماقالىلارنى ئېلان قىلغان تور بەتلىرىدىكى ماقالە، پەتىۋا ۋە كىتابلارنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن. ئەگەر ئەقلىمىز قۇبۇل قىلالمىغان، بىز ئاڭلىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن قارىمۇ قارشىدەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدىغان مەزمۇنلارنى ئۇچىراتقاندا ئۆزىمىز ئەقىدىسى ساغلام، دېنى ئېتىقادى ياخشى، مۇستەقىل پىكىرلىك دىنى ئالىملار ياكى ئاخۇنۇملاردىن سوراپ، ئاندىن ئۇنى قوبۇل قىلىش تولىمۇ مۇھىم. بۇنداق قىلىش ئىسلام روھىغا تولىمۇ ئويغۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ "ئامانەت ئۆز ئىگىسىگە يەتمىگەندە قىيامەتنى كۈت" دېمەك، بىزنىڭ ئەقىدە- ئېتىقادىمىزغا يات كىشىلەرگە ئۆز ئامانىتىمىزنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، پىتنە- پاساتتىن ئىبارەت كىچىك قىيامەتنى مەيدانغا كەلتۈرمەيلى!
ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا، ساغلام ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن
مەنبە:ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us