تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!
2009-05-31
سەييىد قۇتۇب: "قۇرئاننىڭ سايىسىد" ناملىق تەپسىرىدىن پارچە - [ئىسلام دۇنياسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40238173.html
سەييىد قۇتۇب: "قۇرئاننىڭ سايىسىد" ناملىق تەپسىرىدىن پارچە
ئىلاۋە: بۇ پارچىنى مەرھۇم ئۇستاز مەننائ خەلىيل ئەلقەتتان ئۆزىنىڭ "قۇرئان ئىلىملىرىگە دائېر تەتقىقاتلار" ناملىق كىتابىدا نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، بىز بۇنى شۇ يەردىن تەرجىمە قىلىپ ئالدۇق.
ئۇستاز سەييىد قۇتۇب، ئاللاھ تائالانىڭ: "(ئى مۇھەممەد!) سەندىن يېڭى چىققان ئاي (يەنى ئاينىڭ كىچىك چىقىپ چوڭىيىدىغانلىقى، ئاندىن كىچىكلەيدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، "ئۇ كىشىلەرنىڭ (تىرىكچىلىك، سودـ سېتىق، مۇئامىلە، روزا تۇتۇش، ئېغىز ئېچىش قاتارلىق) ئىشلارنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر".[1] دېگەن ئايىتىنىڭ تەپسىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەتتە جاۋاب، يالغۇز نەزىرىيە ئىلمىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ھايات رىئاللىقىغا يۈزلىنىدۇ. ئۇلارغا ئاينىڭ ئايلىنىش ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ قانداق تاماملىنىپ تولۇنئاي ھالىتىگە كىلىدىغانلىقىنى تۇغرىسىدا ئەمەس، ياشاۋاتقان رىئال ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك ھىلال ئاينىڭ ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرىدۇ... قۇرئان بۇ كىچىككىنە مەلۇماتقا قارىغاندا تېخىمۇ بۈيۈك بىر نەرسە ئۈچۈن كەلگەن. ئۇ بىر ئاستىرونومىيە، خېمىيە، ۋەياكى تىببىي پەن كىتابى بولۇش ئۈچۈن كەلمىگەن... بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالغان ھاياجانىنى باسالمىغان بىر قىسىم كىشىلەر، قۇرئاندىن بۇ ئىلىملەرنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن ئۇرىنىدۇ. قۇرئاننى ئەيىبلىك كۆرسىتىشنى خالايدىغانلار بەزى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ بۇ ئىلىملەرگە قارشى تەرەپلىرىنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.
شۈبھىسىزكى، ھەر ئىككى خىل ئورۇنۇش، بۇ كىتابنىڭ تەبىئىتى، ۋەزىپىسى ۋە فونكىسيونلىرى توغرىسىدىكى ساغلام بولمىغان چۈشىنىشنىڭ دەلىلى. چۈنكى، قۇرئاننىڭ پائالىيەت ساھەسى ئىنسانىي نەپس ۋە ئىنسانىي ھاياتتۇر. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى، ئىنساننىڭ بۇ مەۋجۇتلۇق ئالىمىدىكى ئەھۋالى ۋە رەببى بىلەن بولغان باغلىنىشى ئۈچۈن ئومۇمىي بىر تەسەۋۋۇر بەربا قىلىش ۋە بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ ئاساسى بۇيىچە ئەقلىي كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كۈچلىرىنى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر ھايات نىزامى قورۇپ چىقىشتۇر. بۇ ھايات نىزامى قورۇلغاندىن كېيىن توغرا خىزمەت قىلىدۇ، ئىنساننىڭ قۇدرىتى دائىرىسىدە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا يول قويىدۇ، ئىنسان، تەجرىبە ۋە ئەمىلىلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەر ھالدا ئەڭ ئاخىرىقىسى ياكى مۇتلەق توغرىسى بولمسىمۇ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.
توغرىسى مەن، بۇ قۇرئانغا ئائىت بولمىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا ئىلاۋە قىلىشقا، ئۇ مەقسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇشقا ۋە دوختۇرلۇق، خېمىيە، ئاستىرونومىيە ۋە باشقا ئىلىملەردىكى ئايرىم تەرەپلەرنى ئۇنىڭدىن چىقىرىشقا كۈچ چىقارغان ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئولۇغلىغانلىقىنى ساناپ يۈرگەن بەزى ھىسياتچان ياكى قېنى قىزىق كىشىلەرنىڭ ساددىلىقىغا ھەيران بولىمەن.
قۇرئان ھەقىقەتلىرى ئەڭ ئاخىرىقى، قەتئىي ۋە كەسكىن ھەقىقەتلەردۇر. ئىنسان تەتقىقاتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى بولسا، لازىمەتلىك نەرسىلىرى قانچىلىك تولۇق بولسۇن، ئۇ ئەڭ ئاخىرىقى ۋە كەسكىن ئەمەس ھەقىقەتلەردىن ئىبارەت. بۇلار، ئۇنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ چەكلىمىسى، شارائىتى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. قۇرئانىي بولغان كەسكىن ھەقىقەتلەرنى، كەسكىن بولمىغان ھەقىقەتلەرگە ئارىلاشتۇرۇش، ئىنسانىي بولغان ئىلمىي مېتودنىڭ ئۆز ھۆكۈمى بىلەن، بىر مېتود خاتالىقىدۇر. ئەڭ ئاخىرىقىسى بولمىغان بۇ ھەقىقەتلەر ئىنسانىيەت ئىلمى قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەرسىدىن ئىبارەت.
بۇلار ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە قىياس قىلىنغان. بۇ ئەھۋال، ئىلمىي، دەپ ئاتالغان تەسەۋۋۇر ۋە نەزىرىيىلەرگە قىياس قىلغاندا تېخىمۇ ئېنىقلىشىدۇ. نەزىرىيەلەر ھەمىشە ئۆزگىرىش، ئالمىشىش، كەمچىلىك ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا توغرا كىلىپ قالىدۇ. ھەتتا يېڭى بىر كەشفىيات ۋاسىتىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشى ياكى بىر يۈرۈش قەدىمكى مۇلاھىزىلەرنىڭ يېڭىچە تەپسىرلىنىشى بىلەن بۇ نەزىرىيەلەر ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كىتىدۇ.
قۇرئاننىڭ ئومۇمىي ئىشارەتلىرى، ئىلىمـپەننىڭ يەتكەن، ئۆزگىرىشچان يېڭى نەزىرىيىلەرگە ياكى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، كەسكىن بولمىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە باغلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلار ئالدى بىلەن ئاساسلىق بىر مېتود خاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىمنىڭ يۈكسەك ئورنىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك مەنانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچىسى: بۇ خىل ئورۇنۇشلار، بەزى ئىنسانلار ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلىنغان ئىچكى مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت. چۈنكى ئۇ تەقدىردە ئىلىم كونتىرول قىلغۇچى، قۇرئان ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار، قۇرئاننى ئىلىم ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ياكى ئىلىمـ پەندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن دەلىل كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ. قۇرئان كەرىم ماۋزىلىرى كامىل، ھەقىقەتلىرى كەسكىن بىر كىتابتۇر، ئەمما ئىلىمـ پەن تۈنۈگۈن ئىسپاتلىغاننى بۈگۈن بۇزۇشتا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئىلىمـپەن يەتكەن ھېچقانداق بىر نەتىجە ئەڭ ئاخىرىقى ۋە مۇتلەق توغرا بولۇپ كىتەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىنساننىڭ ئەتراپى، ئەقلى ۋە سايمانلىرىغا باغلىقتۇر. مۇتلەق توغرا بولغان ئەڭ ئاخىرىقى بىر ھەقىقەتنى بىرىشى بۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ تەبىئىتىگە توغرا كەلمەيدۇ.
ئىككىنچىسى: قۇرئاننىڭ تەبىئىتى ۋە ۋەزىپىسىنى خاتا چۈشىنىش. قۇرئان ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىنى, ئىنساننىڭ نىسبىي تەبىئىتى يول قويىدىغان دەرىجىدە بۇ بارلىقنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىلاھىي سىردېشىنىڭ تەبىئىتى بىلەن چۈشىنىشىپ ماشلاسقان بىر ۋۇجۇد ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدىغان مۇتلەق ۋە ئەڭ ئاخىرىقى ھەقىقەتتۇر. ئىنسان ئەتراپىدىكى مەۋجۇتلۇقلار بىلەن توقۇنۇپ قالماستىن، ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، بەزى سىرلىرىنى ئۆگىنىدۇ، خەلىپە بولغانلىقى سەۋەپلىك بەزى سىرداشلىرىنى خىزمەتكە سالىدۇ. تەييار ماددىي مەلۇماتلارغا تەسلىم بۇلىدىغان ئەمەس، خىزمەت قىلىدىغان، قىزىقىش روھىغا ئىگە ئەقلىنىڭ يىتەكلىشى بىلەن، سىرداشلىرى ئۇنىڭغا كۆزىتىش، ئىزدىنىش، سىناپ بېقىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئاشكارىلىنىدۇ.
ئۈچىنچىسى: كۈچەش ۋە ھىلە بىلەن، قۇرئاننىڭ نەسلىرىنى داۋاملىق تەۋىل قىلىپ، مۇقىملاشمىغان، ھەر كۈنى بىر يېڭىسى ئوتتۇرىغا چىقىدىغان نەزىرىيە ۋە تەسەۋۋۇرلارنىڭ ئارقىسىغا تۇشۇپ چارچىماسلىقىمىز لازىم."[2]
ئا.قارلۇقىي تەرجىمىسى
مەنبە:ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us