ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك ئەزىز دوستۇم! بۇھايات ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلىغا كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!


باشبەت بىلوگ ئۇلىنىشلىرى خەۋەر مۇنبەر چايخانا قىرائەت تاللانما قىرائەتبىز ھەققىدەئىسلامچە ئۇلىنىشلار

تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!


<<  مۇھەببەتكە مۇھەببەت قىلىش | باش بەت | پەرزەنتلەر ۋە ئۇلارنىڭ دوست تاللاش ماھارىتى  >>

2009-05-31

مۇقەددەس ئارمان - [ئىسلام دۇنياسى]

版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40237664.html

مۇقەددەس ئارمان


(شەمس نەۋىد ئوسمانىنىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىگە ئاساسەن ئۆزلەشتۈرپ تەرجىمە قىلىندى)

مەدىنە كوچىلىرىدا ياڭراۋاتقان "ئوھۇد مەيدانىدا ئىسلام خەتەر ئىچىدە قالدى!" دېگەن بۇ خەتەر سىگنالىنى بارلىق ئاياللار، ئۇششاق بالىلار، قېرى ـ چېرە، ئاجىز، مېيىپلارنىڭ ھەممىسى تەڭلا ئاڭلىغان ئىدى. ھالبۇكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە جىھادقا قاتنىشىشتىن ھەقىقەتەن ئۆزرىلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى مەدىنىدە پاناھلىنىشقا قالدۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن بۇ ئاجىز ئىنسانلار توپى مۈكىنىش ئورنىغا پاناھگاھلىرىنى تاشلاپ، بەس ـ بەس بىلەن سىرتقا يوپۇرۇلۇپ چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلار بۈگۈن خەتەر خەۋېرىنى ئاڭلاش بىلەن تەڭلا ئۇزۇندىن بويان قەلب، روھىدا كۈۋەجەپ تۇرغان شېھىتلىك ئىشتىياقىنىڭ چاقماقتەك بېقارارلىقتا، ئاشىقلارچە جۇنۇنلۇق ئىنتىلىشچانلىقتا تىنىمسىز مەۋج ئۇرۇپ تىپچەكلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنىڭ بىردىن ـ بىر ھاسىلى، پۈتكۈل ئارزۇ ـ ئارمانلىرىنىڭ بىردىن ـ بىر مۇرات ساھىلى بولغان ئىسلام خەۋپ ئىچىدە قالغاندا ئۇلارغا نىسبەتەن ھەرقانداق خەتەر قورقۇنچلىق بىلىنمەيتى. ئىسلامغا داغ تېگىش ئالدىدا تۇرغان بۇنداق ۋەزىيەتتە لەۋ چىشلەپ ھايات كەچۈرۈش ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆلۈمدىنمۇ بەتتەررەك ئىدى.
بۈگۈن بۇ ئاجىز ئىنسانىيەت كارۋانلىرى ۋەھشىي، باتىل كۈچلەر بىلەن تاكى ئاخىرقى بىر تىقى قالغىچە جەڭ قىلىپ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن، شۇنداقلا سۆيۈملۈك ئىسلامى ئۈچۈن جان ۋە تەنلىرىنى تەقدىم قىلىش ئارزۇسىدا ئوھۇد مەيدانى تەرەپكە ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئالدىراش كېتىپ باراتتى. گۇياكى ھاياتلىق ئۆلۈمنى قوغلاپ كېتىپ باراتتى. قۇربانلىق ئىشقىدا مەستانە پاناھگاھلار ئورنىدىن قوزغۇلۇپ خەتەرنى ئىزدەپ كېتىپ باراتتى
.
مانا بۈگۈن ھەممىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا جاسارەت بىلەن تېز ـ تېز يۈرۈپ كېتىپ بارغان كىشىنىڭ ئەر ئەمەس، بەلكى بىر ناتىۋان ئايال ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇ دەل ئۇممى ئەممارە رەزىيەللاھا ئەنھا بولۇپ، تەرەپتىن ـ تەرەپتىن ئوقيا، نەيزىلەر يېغىپ، ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىنى قورشاپ تۇرغان ئەشۇ ھالاكەتلىك ئۆلۈم قاينىمىغا تېزرەك بېرىپ شۇڭغۇپ كېتىشكە ئالدىراۋاتاتتى. بۈگۈن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا بولغان قايناق مۇھەببەت بۇ ئىمان ۋە ئىشەنچنىڭ ئايال ئۈلگىسىنى گوياكى بىر يالقۇنلاپ تۇرغان جوغقا ئايلاندۇرپ قويغان ئىدى. ئۇ كۆز ئالدىدا پولات سېپىلدەك سەپ تىزىپ تۇرغان دۈشمەنلەرگە خۇددى توپ ئوقىدەك ئېتىلىپ بېرىپ، ھەممىدىن ئىلگىرى ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ كەتتى. گەرچە ئۈستى ـ ئۈستىلەپ تېگىۋاتقان قىلىچلارنىڭ زەربىسى ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى چىلىق ـ چىلىق قانغا بويىۋېتەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى بىر قەدەممۇ ئارقىغا داجىتالمىدى. بۇ ئۇنتۇلماس پىداكار ئانىمىز دۈشمەنلەرنىڭ ۋىجداندىن خالى كۆكرەكلىرىگە ئەركەكلەرچە توختىماي چېپىپ، سەپ بۆسۈپ ئىلگىرلىگەنچە، ئاخىرى ئۆچمەس ھەققانىيەت چىرىغىنى شەيتانىيەتنىڭ قارا قۇيۇنلىرى قورشىۋالغان، ئىسلام ھەقىقتەنمۇ خەتەر ئىچىدە قالغان جايغا يېتىپ باردى. كۆزنى يۇمۇپ، ئاچقىچە ئۇ يەردىمۇ قانچىلىغان دۈشمەننى يەر چىشلىتىپ، كۇپپارلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتقان بۇ ناتىۋان تەنھا ئانىمىزغا شېرىكچىلىك نىجاسەتلىرىدە يۈرەكلىرى ھېسسىز بىر پارچە سېسىق گۆشكە ئايلىنىپ ئەبلەخلەر تۇشمۇ ـ تۇشتىن ۋىجدانسىزلارچە ھۇجۇم قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر قېتىم قىلىچ ئۇرغاندا، "ئاللاھۇ ئەكبەر!" دەپ نەرە توۋلاشلىرى پۈتكۈل ئوھۇد مەيدانىنى زىلزىلىگە سېلىپ، بارلىق مۇجاھىدلارنىڭ جاسارىتىگە يېڭىدىن ھاياتى كۈچ بەرمەكتە ئىدى. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قارىتىپ ياغدرىلىۋاتقان ئوقيالارغا ئۆز جىسمىنى مەردانىلىك بىلەن قالقان قىلىپ، خۇددى تەۋرەنمەس تاغدەك روسۇلۇللاھنى قوغداۋاتقان بۇ پىداكار ئانىمىزغا ئاسمان ـ زېمىن ۋە بارچە كائىنات ئاپېرىن ئۇقماقتا ئىدى. بۇنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەنگەن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا "يارايسەن! ئۇممى ئاممارە يارايسەن! ئىسلام سەن بىلەن پەخىرلىنىدۇ" دەپ مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى
.
يۈز كۆزلىرى قان بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرغان ئۇممى ئەممارە رەزىيەللاھا ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇرۇلۇپ: ـ ياق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ ئارمىنىم يالغۇز بولا ئەمەس ـ دېدى. گويا ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۈگىمەس ـ پۈتمەس ئەڭ گۈزەل ئارمان ئەمدىلىكتە بىراقلا ئۆزىنى ئايان قىلماقچى بولىۋاتاتتى
.
ـ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئۆلگەندىن كېيىن سېلىنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدا قوپالىساملا بولدى. مېنىڭ مانا مۇشۇ بىرلا ئارمىنىم بار. ماڭا دۇئا قىلسىلا يا رەسۇلۇللاھ! ماڭا دۇئا قىلسىلا
!
ئۇنىڭ ئاۋازى چۇڭقۇر دەرتلىك ئىشتىياقتا، ئاجايىپ بىر خىل بېقارار، مۇقەددس تەلپۈنۈشتە مۇڭلۇق تېترىمەكتە ئىدى
.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال قولىنى دۇئاغا كۆتەردى. بۇنى كۆرگەن ئۇممى ئەممارە رەزىيەللاھا ئەنھانىڭ پۈتۈن ھاردۇقى بىراقلا چىققاندەك يېنىك بىر نەپەسلىنىپ ھۇشسىزلاندى. ئۇ ھوشسىزلىق ئالىمىدە: ـ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەمدى مېنىڭ ھېچنېمىدىن غېمىم يوق، يەتمەكچى بولغان مرادىم مانا بۈگۈن ھاسىل بولدى ـ دەپ شىۋېرلىماقتا ئىدى
.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈڭقۇر مېھرى ـ شەپقەتكە تولغان مۇبارەك نەزىرى قاتتىق تەسىرلىنىش ئىلكىدە ئۇنىڭغا تىكىلگەن ئىدى. ئۇممى ئەممارە رەزىيەللاھا ئەنھانىڭ چەكسىز مەمنۇنىيەتكە چۆمگەن ھارغىن كۆزلىرى گاھ ئېچىلىپ، گاھ يۇمۇلۇپ، گويا
:
ئۆزلىرىنى تىلەپ ئاللاھتىن،

تىلىۋالدىم پۈتكۈل جاھاننى.
شۇڭا مەڭگۈ قايتا دۇئاغا،

كۆتۈرمەسمەن ئەمدى قولامنى.
دېمەكچى بولىۋاتاتتى
.
خوش قېنى ئەمدى ئۆزىمىزگە بىر نەزەر سېلىپ باقايلى! قەلبلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇ پۇشقاقلىرىدىن بولسىمۇ ئەشۇ پىدىكار ئانىمىزنىڭكىدەك بىرەر ئارماننىڭ دېرىكىنى ئۇچرىتالارمىزمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن دىلرۇبا جاھانىمىزنىڭ بارچە مەئىشەتلىرىنى بەدەل قىلالارمىزمۇ؟ ئۇممى ئەممارە رەزىيەللاھا ئەنھانىڭ تىلىگەن ئەشۇ بىر دۇئاسى ئۈچۈن بۇ ئەرزىمەس چۈشكۈن ھاياتىمىزنى بولسىمۇ قوربان قىللارمىزمۇ؟ ئەمما مىڭ ئەپسۇس، شۇ تاپتا دۇنيانىڭ زىبۇ ـ زىننەت، ئالتۇن كۈمۈش، بايلىقلىرى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزنى چۈشەپ، ئۇنىڭ چاقناق ئالۋۇنلىرى ئىچىدە ئىمانىمىز ئاخىرقى تىنىقلىرىنى تىنماقتا. ئەمما بىز يەنىلا مۇسۇلمان
.
شۇنداق. بىز كۈنىگە بىر قانچە قېتىم جەينىمازغا پىشاينىمىزنى سۈركەپ قويۇش بىلەن ئۆز نەزىرىمىزدە مۇسۇلمان. ئەمما ئۇلارنىڭ نەزىرىدىچۇ؟! ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز زادى مۇسۇلمانمۇ؟
!
كامىلجان تەرجىمىسى

مەنبە:ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى


收藏到:Del.icio.us