تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!
2009-06-07
بىز ھەققىدە
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40644774.html
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَـنِ الرَّحِيمِ
الحمد لله رب العالمين، والصلاة والسلام على أشرف خلقه، محمد بن عبدالله عليه أفضل الصلاة والسلام، وعلى آله وصحبه ومَن تبعهم بإحسان إلى يوم الدين، وبعد:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك قىرىنداشلار! سىلەرنىڭ «بۇھايات ئۇنۋىرسال سەئنەت قانىلى» بىلوگىغا كىرگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز!
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تىنىنى ساغلام قىلسۇن!
مەن ھەققىدە |
مەن، بىر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ قۇلى، ۋە پەيغەمبەرنىڭ
ئۇممىتى. شۇ ۋەجىدىن بولسا كىرەك، ھەقىقەت يولىدا بارچە مۇسۇلمان خەلىقلەرگە خىزمەت قىلىشنى داۋاملىق ئويلايمەن.
لىكىن قانداق |
مانا بۇ سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەۋاتقان چاغلىرىمدا ئىنتىرنىت تورى كۇزۇمگە چىلىقىپ قالدى. كۇزۇمگە چىلىقىپ قالدىلا ئەمەس،بەلكى سۇئالىمغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تىپىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن تور دۇنياسىدا ياۋا كەپتەر كەبى ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا
باشلىدىم. دەسلەپ مۇنبەر، چايخانىلاردا كۇڭۇل سۇزلىرىمنى ئىتىشقا ئۇلگۇردۇم.
بۇھايات> نامى ھەققىدە> |
دوسلارنىڭ ئىسىدا بولسا كىرەك.مەن ئۇزۇن يىلنىڭ ياقى ‹بۇھايات› دىگەن نامنى قوللىنىپ كەلدىم. بۇنىڭ سىرىنى بۇگۇن سىلەرگە قىسقىلا ئىتىپ بىرەي.
مەن ئويلايمەن. بۇھايات ئۇلۇغ
ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان ھاياتدۇر.
ئەشۇ قىممەتلىك ھاياتىمىزنى ئاتا قىلغان زاتنىڭ رازىلىقى ئۇچۇن ئىشلەتمىسەك ‹بۇھاياتنىڭ› نىمە ئەھمىتى؟!
‹بۇھايات› ئاللاھ ئۇچۇن ياشاش ھاياتىدۇر.
‹بۇھايات› پەيغەمبەر سۇننىتىگە بويسۇنۇش ھاياتىدۇر.
‹بۇھايات، ئەھلى–جاھاندىكى بارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە كۇيۇنۇش ھاياتىدۇر.
‹بۇھايات› دىن–تەشۋىق قىلىش ھاياتىدۇر.
‹بۇھايات› قىسقىلا ھاياتدۇر.
‹بۇھايات› ئۇلگەندىن كىين مەڭڭۇ تىپىلمايدىغان ھاياتدۇر.
ئۇزىنىڭ رەببىنى،پەيغەمبىرنى، كىملىكىنى بىلگەن ھايات ھەقىقى شىرىن ھاياتدۇر.
ئۇنىڭ ئەكىسچە ھاياتدىن ئۇلۇم مىڭ ياخشىدۇر. يەنە...يەنە...يەنە...
شۇ ۋەجىدىن مەن‹بۇھايات›نامنى دىيانەت چايخانىسى، ئىلىم مەرىپەت چايخانىسى، نۇرلۇق چايخانىسى، ھەمدە نۇرغۇن ئىسلام مۇنبەرلىردە ئۇزۇندىن بىرى قوللىنىپ كىلۋاتىمەن.
بىلوگ ھەققىدە |
مانا ھەش–پەش دىگۇچە بىلوگ قۇرۇشقىمۇ ئۇلگۇرۇپتىمەن.
بۇ بىلوگ ئاساسى جەھەتدىن قىرىنداشلىرمىزنىڭ دىنى ئىھتىياجىنى كۇزدە تۇتۇپ قۇرۇلغان. نىيتىمىز خالىس. پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھ ئاددىغىنە ئەجىرمىز تۇپەيلى بىزنىڭ ۋە قىرىنداشلىرمىزنىڭ توغرا يول تىپىۋىلىشىغا، بارچە مۇسۇلمانلىرمىزنىڭ جەننەتگە بىرلىكتە كىرشىگە نىسىپ ئەيلىسۇن دىگەن ئۇمۇتتەمىز!.
بىلمىمىزنىڭ چەكلىك،ۋاقتىمىزنىڭ قىس بولۇشى تۇپەيلى كۇپلىگەن پىلانلىرمىز ئارقىغا سوزۇلماقتا. ئىنسانمىز، ئاجىزمىز بىلوگىمىزدا سەھۋەنلىكنڭ بولىشىمۇ مۇمكىن!
دوسلىرمىزنىڭ تەنقىدى پىكىر بىرشىنى، يىقىندىن قوللاپ ياردەم بىرشىنى،بىلوگىمىزنى كۇپچىلىككە تەشۋىق قىلىشىنى چىن كۇڭلىمىزدىن ئۇمۇت قىلىمىز.
ھۇرمەت بىلەن : «بۇھايات ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلى» بىلوگى
پىكىر-تەكلىپ بىرىش ئادرىسلىرى:
QQ : 604062657
ئىلخەت : buhayat20@gmail.com
收藏到:Del.icio.us