
-
22. ئىسلامچە ئىنسان قاراش ۋە ماتىرىيالىزىمچە ئىنسان قاراش ئارا سېلىشتۇرما _cat}
ئىسلامچە ئىنسان قاراش ۋە ماتىرىيالىزىمچە ئىنسان قاراش ئارا سېلىشتۇرما
ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ اللھ ئالدىدىكى شەرىپىگە، ئۈستۈنكى ئالەم خەلقلىرى (پەرىشتىلەر) ئىچىدىدىكى ئورنىغا، بۇ ئالەمدىكى خەلىفەلىك ئورنىغا بولغان ئىشەنچى ئۇنى ئۆزلىكىنى سىزىدىغان ۋە ئۆز قەدىر – قىممىتىنى يۇقىرى بىلىدىغان قىلىدۇ. مۇنداق ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نىمە دېگەن چوڭ ھە! ئىككەيلەننىڭ بىرى: مەن ھاياتىدىن ئىلگىرى يىلتىزى بولمىغان ۋە ئۆلۈمدىن كىيىن داۋامى بولمايدىغان تەرەققى قىلغۇچى ھايۋان ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان بىر تۈرمەن. ھاياتىمدا تەبىئەتكە بولغان ئالاقەمدىن مايمۇنلارغا بولغان ئالاقەم كۆپرەك، دەپ ئويلايدۇ. يەنە بىرى: مەن اللھنىڭ زىمىندىكى خەلىفەسى، ھەقىقەتنى تىكلەش، بۇ ئالەمگە ياخشىلىق تارقىتىش، گۇزەللىك بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ۋەكالەتچىسى. ئالەمدىكى بارلىق نەرسە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. تەبىئەتنىڭ پەرۋەردىگارى ماڭا ھەمراھ، مەن اللھ ھىدايەت ئىنئام قىلغان پەيغەمبەر ۋە ئۇلۇغلار، سالىھلار ئائىلىسدىن بولىمەن، مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ. مەن ئۈزۈلمەس ۋە يوقالماس مەڭگۈلۈك ئۈچۈن يارىتىلدىم دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ.
ئىنساننىڭ ئالەم بويلاپ تۇتقان مۇھىم ئورنىنى تونۇشتا ئىشەنچ ۋە ئىتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بۇ قىممەتلىك تۇيغۇ، ھازىرقى ماتىريالىستىك ئىدىيە ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتقان غەرپچە ئىنسان قارىشى بىلەن ئىسلامچە ئىنسان قارىشى توقۇنۇشۇپ قالىدىغان مەركىزى نۇقتىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە بۇ يەردىكى توقۇنۇش تۆۋەندىكى ئاساسلىق ئۈچ مەسىلىدە ئەكىس ئىتىدۇ:
ئىنساننىڭ بۇ ئالەمدە تۇتقان ئورنى.
ئىنساننىڭ يارالمىش تەبىئىي ئېڭى.
ئىنساننىڭ بۇ ھاياتتىكى غايە، ۋەزىپىسى.历史上的今天:
يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن 2009-02-05ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام 2009-02-05بلوگ ئەسكەرت مىسى 2009-02-05ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك 2009-02-05
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى