سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   21. ئىنساننىڭ ئىسلام ئالىملىرى نەزەرىدەكى يۈكسەك ئورنى _cat}

    ئىنساننىڭ ئىسلام ئالىملىرى نەزەرىدەكى يۈكسەك ئورنى



    ئىسلامىيەتتە ئىنسان ئورنىنىڭ بۇ قەدەر يۈكسەك بولۇشى قارىماققا سەل ھالقىپ كىتىشتەك كۆرۈنىدۇ، لىكىن ئۇ ئىنسانىيەتكە قۇرئان كۆرسەتمىسىگە ماس ھالدا بىرىلگەن ئادىل تەقسىمات. ھەر قايسى دەۋرلەردە ياشىغان ئىسلام ئىمام، ئالىملىرى ئىنسانىيەتنىڭ اللھنىڭ مەخلۇقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بىر دەك تەن ئالىدۇ
    ئالىم ئەبۇ بەكر ئىبنۇل ئەرەبىي مۇنداق دەيدۇ: «اللھنىڭ ئىنساندىن چىرايلىق مەخلۇقى يوق. اللھ ئىنساننى تىرىك، بىلىدىغان، كۈچلۈك، سۆزلەيدىغان، ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان، پىلانلايدىغان، ھىكىمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان قىلىپ ياراتتى». بۇلار اللھنىڭ سىفەتلىرى ئىدى.
    ئىمام غەزالىي ئۆزىنىڭ «ئىھيائۇلئۇلۇم» دېگەن كىتابىدا اللھنىڭ بەندىنى ياخشى كۆرۈشىدىكى سەۋەبلەرنى ئىزاھلاپ كېلىپ اللھنىڭ زاتى بىلەن ئىنساننىڭ زاتى ئارىسىدا ئازراق مەئنەۋىي ئوخشاشلىق ۋە ماس كىلىش بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ شۇنداق دەيدۇ:«بۇ ئوخشاشلىق ۋە ماسلىق سۈرەت ۋە شەكىلدىكى ئوخشاشلىق ۋە ماسلىق بولماستىن، ئىچكى قىسمدىكى ئوخشاشلىق ۋە ماسلىقتۇر. مەسىلەن،اللھ كۆرىدۇ، ئاڭلايدۇ، بىلىدۇ، سۆزلەيدۇ، پىلانلايدۇ، ھىكىمەتلىك ئىش قىلىدۇ، ھەممىنى قىلالايدۇ. ئىنسانمۇ ئوخشاشلا بۇ سىفەتلەرگە ئىگە، لىكىن ھەر ھالەتتە اللھدىكى كامالەت دەرەجەسىدە ئەمەس. بۇ ئوخشاشلىق ۋە ماسلىقنىڭ بەزىسنى يېزىشقا بولىسىمۇ كۆپىنچىسىنى يىزىشقا بولمايدۇ». ئۇ دەيدۇ: «بەندىنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان يېقىنلىقى پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە ۋە ئۈلگە قىلىشقا بۇيرىغان ئىلاھىي ئەخلاق سىفەتلىرىدىلا بولىدۇ». بىز ئادەتتە ئاڭلاپ تۇرىدىغان «اللھنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىڭلار» دېگەن سۆزدىن كۆزدە تۇتۇلغىنىمۇ دەل بىلگۈچىلىك، ياخشىلىق، ئىھسان، مىھرىبانلىق، مەرھەمەت، مەخلۇققا رەھىم قىلىش، كۆيۈنۈش، ھەقكە باشلاش، باتىلدىن توسۇش قاتارلىق ئىلاھىي سىفەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەندىنى اللھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ.
    ئەمما كىتابلارغا يىزىشقا بولمايدىغىنى ئىنساننىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاھىدە، خاس مۇناسەبەتىدۇر. بۇ خاس مۇناسەبەت اللھنىڭ كىتابىدا مۇنداق ئىفادىلىنىدۇ: «ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. «روھنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت پەرۋەردىگارىملا بىلىدۇ» دىگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بىرىلگەن». (سۈرە ئىسرا 85- ئايەت). اللھ روھنىڭ مەخلۇقلار ئەقلىدىن سىرت پەقەت ئۆزىگە خاس ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
    بەزى ساددا كىشلەر رەسۇلۇللاھنىڭ: «اللھ ئادەمنى ئۆز سۈرىتىدە ياراتقان» دېگەن ھەدىسىنى ئىزاھلىشىپ بۇ ھەدىستە دىيىلىۋات سۈرەت سەزگۈ ئەزالارى بىلەن بىلىنىدىغان ئاشكارا سۈرەت ۋە چىرايدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قاراشتى، نەتىجىدە، ئۇلار اللھ ئادەمگە ئوخشاش، دەپ ئويلىدى، اللھنى ماددا دەپ تونىدى. اللھنى تەسۋىرلەشتى. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللھ ئۇ بىلىمسىزلەرنىڭ دەۋاتقىنىدىن پاك، ئۈستۈندۇر. بۇنى اللھنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەيتقان بۇ سۆزى ئىشارەتلەيدۇ.
    «ھەي مۇسا، كىسەل بولۇپ قالسام مىنى يوقلىمىدىڭغۇ؟ مۇسا ئەيتتى: ئى رەببىم سەن قانداق كىسەل بولىسەن؟ مەن قانداق يوقلايمەن؟ اللھ ئەيتتى: پالانى بەندەم كىسەل بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنى يوقلىمىدىڭ، ئۇنى يوقلىغان بولساڭ، مېنى يوقلىغان بولاتتىڭ».
    بۇ يىقىنلىق اللھ قۇددۇسىي ھەدىستە ئەيتقاندەك، پەرز ئەمەللەردىن كىيىن نەپلى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كىلىدۇ : «بەندەم ماڭا ھەر قاچان نەفلى ئەمەللەر بىلەن يىقىنلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى دوست تۇتىمەن. مەن ئۇنى دوست تۇتسام ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، سۆزلەيدىغان تىلى بولىمەن».  
    ئىبنى قەييىم دېگەن ئالىم مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، اللھ ئۆز مەخلۇقلىرى ئارىسىدىن ئىنساننى ھۆرمەتلەش، ئارتۇق بىلىش، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن يارىتىش، مەخلۇقلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە بوي سۇندۇرۇپ بېرىش بىلەن ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە قىلدى.. ئىنسانغا ئاسمان ۋە زىمىن ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەتتا ئۆزىگە ئەڭ يىقىن پەرىشتىلىرىنىمۇ ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالدى. ئۇنىڭ ئويغاقلىقىدا، ئۇيقۇسىدا، ياتقىنىدا، تۇرغىنىدا ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە قوغداتتى، ئۆزى تەرەپتىن ئۇلارغا ئەلچى ئەۋەتتى.  شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئىشى ھىچقانداق مەخلۇقنىڭ ئىشىغا ئوخشىمايدۇ».
    ئىنسانلىق ئىززەتتىن كىيىنكى مۇئمىنلىك ئىززەت



    مانا بۇلار بولسا، مۇسۇلماننىڭ ئىنسانلىقىغا باغلىق ئىززەت چۈشەنچىلىرى. لىكىن مۇئمىن ئۆزىنىڭ «مۇئمىن» دېگەن ئاتاققا ئىگە بولىشى بىلەنلا ئەڭ چوڭقۇر ماھىيەت ۋە زور ئىززەتنى سىزىدۇ. بۇ سىزىم بىلەن ئۇنىڭ ئىمانى مىڭىپ چىققىلى بولمايدىغان، ئۇچۇپ يەتكىلى بولمايدىغان يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.
    مۇئمىن يەنە اللھ ئۆز كىتابىدا ئۆزى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ ئىززىتىنى مۇئمىنلەر بىلەن بىرگە تىلغا ئالغاندىكى ئىززەتنى سىزىدۇ: «ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): مەدىنىگە قايىتساق ئەڭ ئەزىز ئادەم (يەنى ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى دىمەكچى) ئەڭ خار ئادەمنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى، مۇئمىنلەرنى دىمەكچى) مەدىنىدىن چىقىرىۋىتىدۇ دىيىشىدۇ. غەلبە اللھقا، اللھنىڭ پەيغەمبىرىگە، ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ، لىكىن مۇناپىقلار (غەلبىنىڭ اللھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئەمەس، اللھنىڭ دوستلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ». (سۈرە مۇنافىقۇن 8- ئايەت).
    مۇئمىنلەرنىڭ ھۆكۈمى اللھنىڭ ئالدىدا ئناۋەتلىك. ئۇلارنىڭ ئەمەللەرگە ھۆكۈم قىلىشى، باھا بىرىشى اللھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھۆكۈمى ۋە باھاسى بىلەن ئوخشاش: «(ئۇلارغا) ئەيتقىنكى (خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار، ئەمىلىڭلارنى اللھ، اللھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۇئمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ، يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا (نەرسىلەر) بىلگۈچى (اللھ)نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، اللھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ» (سۈرە تەۋبە 105- ئايەت). بۇ ئايەت مۇئمىنلەرنىڭ رازىلىقى اللھنىڭ رازىلىقىدىن بىشارەت دېگەننى ئۇقتۇرسا، ئۇلارنىڭ غەزىپىمۇ ھەم اللھنىڭ غەزىپىدىن ئىبارەت دېگەننى ئۇقتۇرۇپ بىرىدۇ : «اللھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (اللھتەرىپىدىن) كەلگەن ھىچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار اللھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ نەزەرىدە قاتتىق تەپرەتتە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ زومىگەرلىك قىلغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دىلىنى اللھ مۇشۇنداق پىچەتلىۋىتىدۇ». (سۈرە غافىر 35- ئايەت).
    ۋۇجۇدىنى بۇنداق يۈكسەك تۇيغۇلار تەشكىل قىلغان شەخس ئۇلۇغ، ئىسىل، روھىيىتى مۇكەممەل، ئارزۇلىرى يۈكسەك، بىشىنى مەخلۇققا ئەگمەيدىغان، گەدىننى زۇلۇمغا، تاجاۋۇزغا، پۇلدارغا، ئابرويلۇققا تۆۋەن قىلمايدىغان ئىنسان بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداق شەخسنىڭ شىئارى بۇ سۆز بولىدۇ: «مەن اللھ ئالدىدا بىر قۇل، بۇ دۇنيادا بولسا بىر خوجايىن».
    قەلبىنى ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن بىزەپ، تەپەككۈرىنى قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن يورۇتقان رۇبئى ئىبنى ئامىردەك سەھرالىق، ئوقۇقسىز (ئوقۇمىغان) بىر ئادەمنىڭ پارىسلارنىڭ كاتتا قوماندانى رۇستەم ئالدىدىكى بىلدۈرگەن پوزىتسىيە ۋە ئىپادىسى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. رۇستەم بارلىق ھەشەمىتى، داغدۇغىسى، ئادەمنى سۈر باسىدىغان قۇللىرى ۋە بەھەيۋەت جاللاتلىرى، خىزمەتچىلىرى ۋە ئەتراپىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن، كۆمۈش جابدۇقلىرى ئىچىدە تۇراتتى. رۇبئى ئۇلارغا پەرۋا قىلماستىن ۋە ئەقلىنى يوقىتىپ قويماستىن تۇراتتى. رۇستەم ئۇنىڭدىن سىلەر كىم؟ دەپ سورىغاندا ئۇ سەھرالىق ئادەم كۈچلۈك ئىمانى، مۇئمىنلىك ئىززىتى بىلەن شۇنداق جاۋاپ بەردىكى، ئۇ جاۋاپ تارىختىكى ئۇنتۇلماس جاۋاپ بولۇپ قالدى. ئۇ ئەيتتى: بىز كىشلەرنى بەندىگە چوقۇنۇشتىن يالغۇز بىر اللھقا چوقۇنۇشقا، دۇنيانىڭ تارچىلىقىدىن ئۇنىڭ كەڭرىچىلىكىگە، دىنلارنىڭ جەبرىدىن ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە چىقىرىش ئۈچۈن اللھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن كىشىلەرمىز».
    بىر مۇئمىن شائىر اللھنىڭ ئەزىز بەندىسى بولۇش، اللھقىلا قۇل بولۇش، اللھقىلا تايىنىش، اللھقىلا موھتاج بولۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، رەببىگە مۇنداق پىچىرلايدۇ:

    ھۈكەر يۇلتۇز بولاي دىدى قەدەمگاھىم،
    قەدىر – قىممەت ئىچرە تاشقاچ ئىپتىخارىم.
    پەرۋەردىگار! مىنى«بەندەم» دەپ ئاتىدىڭ،
    يەنە قىلدىڭ مۇھەممەدنى پەيغەمبىرىم





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى