
-
1. مۇقەددىمە _cat}
2009.02
05
بارلىق مەدھىيە بىرئاللاھقىلا تېگىشلىكتۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە يىقىنلىرىغا، ساھابىلىرىگە ھەمدە ئۇنىڭ توغرا يولىغا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى يەتكەي، ئامىن.
«ئىمان» بولسا ھىچقاچان دىققەت سىرتىدا قالدۇرۇشقا ياكى سەل قاراپ، ئۇنتۇلۇپ قېلىشقا بولىدىغان، رىئاللىقتىن سىرت تۇرىدىغان ئاددىي مەسىلە ئەمەس. بەلكى ئۇ ھەر بىر ئىنساننىڭ بۈگۈنى ۋە كىلەچىكىگە شۇنداقلا ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇپ قېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ زور «ئاقىبەت» مەسىلسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئەقىل ئىگسىنڭ بۇ توغرىدا چوڭقۇر ئويلىنىپ «ئىمان» ماھىيىتىگە قارىتا ئېنىق تونۇش ھاسىل قىلىشى ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيەت.
بۇرۇندىن تارتىپلا كۆپلىگەن ئەقىل، بىلىم ئىگىلىرى بۇ ساھەدە تىنىمسىز تەپەككۈر يۈرگۈزۈپ ھەرخىل يوللار ئارقىلىق پەرۋەردىگار – ئاللاھنى تونۇپ يېتىشتى. بۇ خىل تونۇشقا كەلگۈچە ئۇلارنىڭ بىرلىرى اللە قۇرئان كەرىمدە ئېيتقان: «سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دىنىغا ئەگەشكىنكى، پەرۋەردىگار ئىنساننى ئاشۇ دىن بىلەن ياراتقان. (رۇم سۈرەسى 30 - ئايەت) دېگەندىكى فىترەت – تۇغما دىنىي ئاڭنىڭ ئۈندىشىگە تايانغان بولسا يەنە بىرلىرى رىئال دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇتلىقى چوقۇم بىر تۈرتكە بىلەن بولىدۇ، بارلىق ھەركەت ياكى ھادىسىلەردە بىر سەۋەپچى كۈچ بار، ھەربىر تۈزۈلمىنىڭ كەينىدە ئۇنى تۈزۈپ چىققان بىر تۈزگۈچى بولىدۇ، دېگەننى ئاساس قىلغان «سەبەب– نەتىجە» پىرىنسىپىغا تاياندى. بۇمۇ ھەر قاچان قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ئىدى. يەنە ئۇلاردىن بىر تۈرلۈك كىشىلەر بولسا بۇ مەسىلىنى ماتىماتىكىلىق (يەنى شەخس ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلسا، بۇ ئىشەنچ ئۇنىڭغا پايدىلىق بولىدىغان، ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ نەرسە يوققا چىقمايدىغان) مەسىلە سۈپىتىدە دە – تالاش قىلىپ ئاخىرقى ھىساپتا تىرىكلىكتە ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ئىنسانغا ئىگە بولالايدىغان بىردىنبىر ئىشنىڭ اللە قا، ئاخىرەتكە، جازا – مۇكاپات كۈنى – قىيامەتكە ئىشىنىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشتى. مانا مۇشۇنداق جەرياننى ئەكىس ئەتتۈرۈپ داڭلىق شائىر ئەبۇلئەلا ئەلمەئەررىي مۇنداق دېگەن ئىدى:
دوختۇر ۋە مۇنەججىم شۇنداق دېيىشەر:
ئۆلگەنلەر تىرىلمەس، چىرىپ تۈگۈشەر.
مەن دېدىم: ئىش شۇنداق بولسىغۇ بولدى،
بولمىسا، بولدۇڭلار زىيانغا كېتەر.
ئىمان ئۆزىنىڭ رەت قىلىپ بولماس ھەقىقىتى ۋە ئۇلۇغۋار ئەھمىيىتى بىلەن ئىلىم – پەن تارىخىنىڭ نۇرلۇق چولپانلىرى ھىساپلىنىدىغان بىر تالاي شەخسلەرنىڭمۇ دىققەت مەركىزىدە تۇرغان ئىدى. مەسىلەن، ئۇلاردىن فىرانسىيەلىك داڭلىق ماتىماتىك، فىزىكا ئالىمى، ئەدىب پاسكال مۇنداق دەيدۇ: «سىز اللەنى بار دىمەكچىمۇ؟ ياكى يوق دىمەكچىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ ئەقلىڭىز بۇخىل تاللاشتىن پۈتۈنلەي ئاجىز كىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ سىز بۇ ئىككى قاراشتىن بىرنى تاللايسىز. بۇ تاللىۋىلىش خۇددى سىز بىلەن دۇنيا ئورتىسىدا بولىدىغان بىر قېتملىق قارغا ئېتىش ئويۇنى دىمەكتۇر. ئۇنىڭدا ھەر ئىككىڭلار ئۆز ئوقۇڭلارنى ئاتىسىلەر. ئىككى خىل ئوقنىڭ چوقۇم بىرسى ئۇتۇقلۇق بولىدۇ. گەپ سىزنىڭ غالىپ چىقىدىغان ئوقنى تاللىيالىشىڭىزدا. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى بىرىنچى ئوق (يەنى اللە نىڭ بارلىقى) ئۈچۈن ياكى ئىمان ئۈچۈن تىكىۋەتسىڭىز ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدا ماددىىي پاراۋانلىق ۋە روھىي ئىشەنچ جەھەتتە تەڭلا ئۇتۇپ چىقسىڭىز، بۇ چاغدا سىز مەڭگۈلۈك بەخىتنى قولغا كەلتۈرگەن بولىسز. ئەگەرسىز ئۇتتۇرۇۋەتكەن تەقدىردىمۇ (يەنى پانىي دۇنيادا بەخت – سائادەت كۆرەلمىگىنىڭىزدە) سىز يەنىلا ئەڭ مۇھىم نەرسىڭىزنى يوقاتمىغان بولىسىز. چۈنكى سىزنىڭ ھەقىقىي تارتىشقۇدەك نەرسىڭىز ئاخىرەتتە. گەرچە، سىز بۇيەردە ئۇتتۇرۇۋەتكەن شۇ نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە چوقۇم قولغا كېلىدىغان ۋە قولغا كېلىش ئىھتىمالى بار ھەمدە قولغا كېلىشىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن نەرسىلەر بولسىمۇ، يەنە بەرىبىر يوقىلىدىغان، ئۆتكۈنچى نەرسىلەردۇر».
ئەمدى بىز يۇقارقىلارغا مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلىپ ئۆتىمىز: ئىسلام دىنى بويىچە ياشاۋاتقان، اللەقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىۋاتقان كىشىلەر بۇ دۇنيالىقىنى ئويلىمايدىغان، بارلىقىنى پەقەت ئۇ دۇنيا ئۈچۈنلا ئاتىۋەتكەن كىشىلەر ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆز ئىمانى بىلەن ئىككىلا دۇنيادا بەخت تېپىشنى، پايدا ئېلىشنى كۆزلەيدۇ. بۈيۈك اللە شۇنداق دەيدۇ: «كىمكى (قىلغان ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ نىئمەتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نىئمەتى اللەنىڭ دەرگاھىدادۇر» (نىسا سۈرەسى 134- ئايەت). «ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بۇ دۇنيادىمۇ مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاخىرەت ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر» (سۈرە نەھل 30 - ئايەت) دېمەك، ئىمان بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرغانلار مەيلى دۇنيادا ۋە ياكى ئاخىرەتتە بولمىسۇن شان – شەرەپ ۋە ئۇتۇقنى ياقلاپ ماڭغۇچىلاردۇر.
دىن بەلگىلىگەن ئىبادەتلەر كىشى كۆڭلىنى پاكلاپ، روھنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. مۇسۇلمان بۇ ئىبادەتلەر بىلەن ياخشىلىق تېپىش ئۈچۈن بولىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. دىن چەكلىگەن بىر قاتار چەكلىمە – ھارام ئىشلاردىن چەكلىنىش بىلەن مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقي، روھي، ئىقتىسادىي، يۈز – ئابروي، ئەۋلاد جەھەتلەردىن زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دىن ھەرقانداق بىر ئىشنى چەكلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولغان پايدىلىق بىر ئىشنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. مۇسۇلمان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇ چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش بىلەن ھىچقانداق زىيان تارتمايلا قالماستىن بەلكى ھەقىقەتنى ياقلاشتا چىڭ تۇرۇش، كۆڭۈل ئىستەكلىرىگە بېرىلمەسلىك، كۆڭۈل تىنىچلىقى ۋە ھايات ئارامچىلىقىغا ئېرىشىشتەك زور پايدىلارنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ھالبۇكى بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە بولسا، كىشىلەر مەنپەئەت ئارقىسىدىن جان – جەھلى بىلەن چاپىدىغان، قايسى ئىشتا مەنپەئەت بولۇپ قالسا، توغرا – خاتالىقىنى ئايرىماستىن ئۇنى ھەقىقەت بىلىدىغان بولۇپ كېتىشتى. ھەتتا شۇنداق بىر ئىنسانلار چىقشتىكى ئۇلار «ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەنپەئەت. ھەرقانداق نەرسىنىڭ ھەقىقەت ياكى سەپسەتە بولۇشى ئۇنىڭ ئەسقاتقان – ئەسقاتمىغانلىقى، رىئال ھاياتقا قانچىلىك ۋە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە باغلىق، چىنلىق دېگەن ئۇچۇرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كونكىرت شارائىتقا ماس كەلگەن – كەلمىگەنلىكىدۇر، قانداق نەرسە بىزنىڭ مەقسىتىمىزگە خىزمەت قىلىدىكەن، ئۇ ياخشىلىق، توغرىلىق، ھەققانىيەتتۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇ يالغان، ساختا نەرسە بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ياخشى – يامانلىقى، سۆزلەرنىڭ راست – يالغانلىقى ئۇلارنىڭ قانداق نەتىجە بېرىشىگە باغلىق» دەپ چوقان سېلىشتى. مانا بۇ، غەرب بۇرژۇئا ئەكسىيەتچىل ئىدىيەۋىي ئاقىملىرىنىڭ بىرى بولغان پىراگماتىزىم (سۈيئىستىمالچىلىق – يامان جورۇمچىلىق) ئېقىمىنڭ كۆز قاراشلىرى ئىدى. بۇ خىلدىكى قاراشلارنى ۋىليام جامىس شۇ ئېقىمنىڭ ۋەكىلى سۈپتىدە ئۆزىنىڭ «ئېئتىقاد ئىرادىسى»، «ئەقل ۋە دىن» دېگەن ئەسەرلىرىدە بولۇشىچە تەرغىپ قىلدى. بىز بۇنداق «ئىزىم» لارغا ئېرەن قىلىپ كەتمەيمىز. گەرچە، بىز بۇ خىل نوقۇل مەنپەئەتچىلىك قارىشىغا تەلتۆكۈس قوشۇلمىغاندىمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئادەملەرگە ئەڭ مەنپەئەتلىك نەرسە ھەقىقەت، ئەڭ زىيانلىق نەرسە بولسا سەپسەتىدۇر. قۇرئان كەرىممۇ ھەقىقەتنى ئېقىن سۇ ۋە مەنپەئەتلىك مىنرالغا، سەپسەتىنى بولسا جىلغىلارنى توشتۇرۇپ ئاققان كەلكۈن سۈيىنڭ ئۈستىگە لەيلەپ چىققان كۆپۈككە ياكى زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش ئۈچۈن ئوتتا قىزىتىلغان مىتالنىڭ يۈزىگە كۆپۈپ چىققان كۆپۈندىگە ئوخشىتىدۇ. اللھ بۇ ئوخشىتىش ئارقىسىدىن شۇنداق دەيدۇ: «اللھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ. ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زىمىندا قىلىپ قالىدۇ. اللھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ». (سۈرە رەئد 17– ئايەت ). زىمىندا قالىدىغان ئۇ نەرسە ھەقتۇر. قۇرئان ئۇنى «ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە» دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا ماددىي، مەئنەۋىي، تەن ساپاسى، ئەقلي، روھي تەرەپلەردىن مەنپەئەت بېرىش بىلەن بىرگە شەخس، كوللىكتىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەت بويىچە ئورتاق مەنپەئەت بېرىدۇ. بىز بۇنىڭلىق بىلەن بارلىق ئىشتا مەنپەئەتنى چىقىش قىلىشتا ماتىرىيالىستلار بىلەن ئوخشىشىپ كەتسەكمۇ بىراق مەنپەئەتنىڭ ئۆلچىمى، تۈرى ۋە چىكىنى بەلگىلەشتە ئولارغا ئوخشىمايمىز. بىز مەنپەئەتنى سان – سىفەت بويىچىلا ئۆلچىمەيمىز. ھەمدە شەخسىي مەنپەئەتنىلا چىقىش قىلمايمز. بەلكى سان، سىفەت، ماددا، روھ، شەخس ۋە كوللىكتىپنى ئورتاق ھالدا ھىساپقا ئالىمىز.
ھەممىدىن مۇھىمى بىز مەنپەئەتنى كېچىۋاتقان مۇشۇ ھاياتلىقتىلا چەكلەپ قويمايمىز. بەلكى بىز ئىنسانلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان يەنە بىر ھاياتلىقتىكى مەنپەئەتنىمۇ ئۆز نىشانىمىز قىلىمىز.
كىتابىمىزنىڭ يېزىلىشىدىكى تۈپ غەرەزنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن يۈقارقىلارنى كىرىش سۆز قىلىشقا توغرا كەلدى. بىز بۇ كىتابىمىزدا دىننىڭ كىشىلىك تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان مول مەزمۇنلۇق تەسىرىنى ئاز – تولا يورۇتۇپ بېرىشنى ئويلىدۇق. ھەرقايسى بايانلارنى دىننىڭ غول قىسمى ھىساپلىنىدىغان اللھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشىنىش، ئاخىرەت ھەم ئۇنىڭدىكى ھىساپ بېرىشلەرگە، جازا – مۇكاپات، ئازاپ قاتارلىقلارغا ئىشىنىش دائىرىسىدە بېرىپ ئۆتتۇق.
يەنە بىز بۇ كىتاب ئارقىلق خۇددى ماركىسىزىمچىلار ئېيتقان «دىن خەلقنى زەھەرلەيدىغان ئەپيۇن»، «دىن ھاياتلىقنىڭ توسالغۇسى» دېگەندەك ئاينىغان سەپسەتىلەرنى بىر – بىرلەپ پاش قىلماقچى بولدۇق.
بىز ئەنە شۇلاردىن بۇرۇن بۇ كىرىش سۆزىمىزدە شۇنى ئەيتماقچىمىز: بىز ناۋادا ھەممىلا ئىشتا مەنپەئەت تېگىشنى باش تۇتقا قىلىۋالساق، نەتىجىدە ھەرقانداق بىر فىكر – كۆز قاراشنى پەقەت پايدىنى ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتنى دەپلا قوللايدىغانلارنىڭ سۆزىگە كىرسەك، ئۇ چاغدا بىزنىڭ دىنىمىز ئۈتۈپ كەتكەن قاتتىق قول ۋە شەرتى ئېغىر بىر نەرسە بولۇپ قالمامدۇ؟
ھالبۇكى دىن ھازىردىن كەلگۈسىگە، بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغا سوزۇلغان، ئۆمۈر مۇساپىسىدە ئۆتكۈنچى مەنپەئەتكە باغلىنىپ قالمايدىغان مۇكەممەل ھايات يولىدۇر. بىز ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۇشىگە نەزەر سالغىنىمىزدا دىننىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئايرىلماس زۆرۈرىيەت بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.
ئۇنىڭ زۆرۈرلىكى شۇ يەردىكى، شەخىس ئۇنىڭ بىلەن تىنچ، ئاراملىق تاپىدۇ، بەخىت قۇچىدۇ، ئۆز روھىيىتىنى پاكلايدۇ. جەمئىيەت بولسا ئۇنىڭ بىلەن مۇقىملىق تاپىدۇ. ئىتتىپاقلىق، يۈكسىلىش،تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ. دىن تۇتمىغان، ئىمانى بولمىغان ئادەم خۇدى شامالدا قالغان، بىر خىل تۇرالمايدىغان، يۆنىلىشى يوق، ئورۇن تۇتالمايدىغان بىرتال پەيگە ئوخشايدۇ. ئۇنداق ئىنساننىڭ ھىچ قانداق قىممىتى ۋە تۇتامى بولمايدۇ. ئۇ ئۆزىگە ھاياتلىق كىيمىنى كىمنىڭ، نىمە ئۈچۈن كىيگۈزگەنلىكىنى، ئاز كۈندىن كىيىن يەنە نىمە ئۈچۈن سالدۇرۋالىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ روھىي ھالىتى تۇراقسىزلىق، ئىچ پۇشۇقلۇق، ھاڭۋاقتىلىق بىلەن پۈتكەن بولىدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ئەيتقاندا، دىنسىز ۋە ئىمانسىز ئادەم نە قانۇن ۋە مەدەنىيەت يەككە ھالدا ئۇنىڭ ياۋۇزلىقىنى چەكلىيەلمەيدىغان، تىرناقلىرىنى سۇغۇرۇپ تاشلىيالمايدىغان ۋەھشىي يىرتقۇچتۇر. دىن بولمىغان جەمئىيەت بەئەينى بىر ياۋايىلار جەمئىيىتىدۇر. ئۇنىڭدا مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات چاقماقلىرى ھەرقانچە كۆپ چېقىپ كەتمىسۇن، بەرىبىر ئۇنداق جەمئىيەتتىكى ھاياتلىق ۋە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئىمتىيازى ياۋۇز ۋە زوراۋان كۈچلەرگىلا مەنسۇپ بولىدۇ. ياخشىلارغا، تەقۋادارلارغا بولسا ئېزىلىش ۋە خورلۇقتىن باشقا ئىش يوق. ئۇنداق جەمئىيەتتە پاراۋانلىق ۋە ھوزۇر – ھالاۋەت ئىمكانلىرى ئېشىپ – تېشىپ تۇرسىمۇ، ئۇ يەنىلا بەخىتسىزلىك، تەڭسىزلىك ۋە كۈلپەت يامرىغان، شاللاقلىق، چاكىنىلق قاپلىغان جەمئىيەتتۇر. چۇنكى بۇنداق جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئەس – ياد ۋە ئارزۇ – ھەۋەسلىرى قورساق تويغۇزۇش ۋە جىنسى ئىستەكنى قاندۇرۇش دېگەنلەردىن يىراققا بارمايدۇ. ئۇلارخۇددى: «كافىرلار (ھاياتىي دۇنيادا ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ ئىچىدۇ» (سۈرە مۇھەممەد 12- ئايەت) دېگەندەك ياشايدۇ.
پەن – تېخنىكا ھەرقانچە تەرەققى قىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، كىشىلەرگە بەخت ۋە خاتىرجەملىك بېرىشكە قادىر ئەمەس. چۈنكى پەن – تېخنىكا ھاياتلىقنىڭ ماددىي تەرىپىنىلا تەرەققى قىلدۇرىدۇ. يىراق مۇساپىلەرنى قىسقارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزنىڭ بۇ ئەسىرىمىز «ئۇچۇر دەۋرى» ياكى «ئارىلىق چەكلىمىسنى يىڭىش دەۋرى» دەپ ئاتالماقتا. تېخى ھىچكىم ئۇنى«پەزىلەت» ياكى«تىنچلىق» ۋە ياكى ئىنسانىيەتنىڭ «بەخت ئەسىرى» دەپ ئاتاپ باققىنى يوق ۋە ئۇنداقمۇ ئاتىيالمايدۇ. دىمىسمۇ پەن – تېخنىكا ئىنسانىيەتكە كۆپلىگەن تۇرمۇش قولايلىقلىرىنى يارىتىپ بەردى. لىكىن ئۇلارنى ئەشۇ قولاي تۇرمۇشنىڭ نشانى بولۇشقا تېگىشلىك غايىگە يىتەكلىيەلمىدى. ئۇ ھاياتلىقنى تاشقى تەرەپتىن بىزىدى – يۇ ئىنساننى ھاياتنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغا يەتكۈزەلمىدى. ھاياتنىڭ ۋاسىتەلەرىگە بېرىلىپ، غايە – نىشانلاردىن مەھرۇم قالغان، ئۇنىڭ تېيز ۋە شاكال قىسمى بىلەن ئاۋارە بولۇپ، تۈپ نىگىزىغا يىتەلمىگەن ئىنساندىنمۇ بەخىتسىز ئىنسان بارمۇ؟
پەن – تېخنىكا ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان قولايلىقلار قانچىلىك ۋە قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، ئۇ ئىنسانىيەتكە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشاپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشكە ئەرزىگۈدەك بىرەر بۈيۈك «قىېيمەت» ياكى ئالى غايىنى بېرىشكە قادىر بولالمىدى ھەم قادىرمۇ بولالمايتتى. چۈنكى بۇ نەرسلەرنى بېرىش قانداقتۇر ئىلىم – پەننىڭ ئەمەس بەلكى دىننىڭ ئىشى ئىدى.
بىز خۇداغا ئىشەنمەيدىغان نۇرغۇن مۇتەفەككىر – پەيلاسوپلارنى كۆرگەن. لىكىن ئۇلار ھەرھالدا خۇداغا ئىشىنىشنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشىنەتتى. يەنى ئۇلار ئىماننىڭ بىر يىتەكچى ۋە باشلامچى شۇنداقلا قوزغاتقۇچى، ئۇرغۇتقۇچى، قۇرغۇچى، ۋە ياراتقۇچى كۈچ بولۇشتىكى رولىغا ئىشىنەتتى. ئۇلار ئىماننىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە كۆز يۇمالمىغان. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىسى: ئەگەر ئىلاھ مەۋجۇت بولمىغاندىمۇ بىز ئۇنى ياساپ چىقىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا كىشىلەر ياساپ چىقىلغان بۇ ئىلاھقا ئىشىنىپ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئىزلەپ، سوت – سورىقىدىن قورقۇپ، يامان ئىشلاردىن يىراقلىشىدۇ، ئەخلاق– ئىستىلىنى ياخشىلايدۇ، دېسە، يەنە بەزىلىرى شۇنداق دىيىشتى: ئاللاھنىڭ بارلىقىدىن نىمىشقا گۇمانلىنىسىلەر؟ ئەگەر ئاللاھ بولمىسا ئىدى، ئەلبەتتە ئايالىم ماڭا خىيانەت قىلغان، خىزمەتچىم مېنىڭ نەرسىلىرىمنى ئوغرىلىۋالغان بولاتتى. مانا بۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تەن ئېلىشتىكى چاكىنا پىرىنسىپى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى بارلىق قاراشلىرىغا قوشۇلمايمىز. بىزنىڭچە ھەقىقەت نىمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭغا شەرتسىز ئەگەشمەك كېرەك. ناھەقنىڭ ئاقىبەتى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇ ئىنكار قىلىنىشى، نىرى تاشلىنىشى كېرەك. لىكىن دىن ۋە ئىماننىىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرى بولغان يۇقارقىلارنىڭ سۆزلىرىدىن بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىپ تۇرىۋاتقىنى گەرچە ئۆزى ئىماننىڭ رەقىبى بولسىمۇ ھەرقانداق ئىشقا ئادىل پوزىتسىيە قوللىنالايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئىماننىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى رولىنى ئىنكار قىلالمايدىغانلىقىدۇر.
ھەقىقەت پەقەت ھەقىقەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەگەر پايدا ئېلىپ كىلىپ زىياننى چىكىندۈرەلمىسىمۇ ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. ھەقىقەت كەينىدىن توساتتىن ياخشى نەتىجەلەر ۋە كاتتا مەنپەئەتلەر كەلمەيدۇ، دەپ كىم ئەيتالايدۇ؟
ئاللاھنىڭ بارلىغى ۋە ئالەم – بارلىقنى باشقۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇشتا يالغۇزلىغى، شۇنداقلا ئىبادەتكە ھەقلىق ئىكەنلىكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ كەلتۈرۈلۈشى ۋە ئۇلار ئۇچۇر بەرگەن ئاخىرەت ھاياتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ھەقىقەت ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ راست ئىكەنلىكىگە پاكىت تولۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىشىنىش كەسكىن زۆرۈرىيەت ۋە مەجبۇرىيەت. ماددىي ۋە مەئنەۋىي تەرەپتىن ياخشىلىنىش، شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت – سائادىتى مانا بۇ ئىشلارغا زىچ باغلىنشىلىق. بىز ئىماننىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلۈك، ھاياتلىقتىكى تەسىرى ھەققىدە توختالغان چىغىمىزدا بىزنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىمز تولىمۇ كۈچلۈك ۋە جۇشقۇن ئىماندۇر. ئۇنىڭ كۈچلۈك ۋە جۇشقۇنلىقى شۇيەردىكى، ئۇ ئۆزىنڭ چىكىگە يەتكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ نۇرىدىن دىللار يورۇپ كېتىدۇ. ئۇ كۆڭۈلنىڭ تىرەن قاتلاملىرىغا يول سالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئىگىسىگە بېرىدىغىنى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىشەنچ. ئۇ ئىگىسنى ئۇيقۇدىن ئويغاتقۇچى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا كۈچ – غەيرەت ئوتىنى تۇتاشتۇرغۇچى. لىكىن بۇنداق تىپىك ئىمانغا ئىگە بولغانلارنىڭ خىلىلا ئاز بولشى بىزنى ئەنسىرىتىپ قويالمايدۇ. ئىنسانىيەت ئەقىل پۈتۈنلۈكى بىلەن ئۆز ئورنىنى تاپقانسىرى بۇ خىل ئىمان بۇلىقىدىن سۇ ئىچەلەيدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ.
بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇنازىرىمىز ماتىريالىست دىنسىزلار بىلەن بولۇپ ئۆتىدۇ. ئۇلار ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىمان ۋە دىننىڭ قەدر – قىممىتىگە گۇمانىي قاراشلاردا بولىۋاتقان ئىكەن، بىز ئۇلارغا ئۇلار قارشى تۇرىۋاتقان، زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان دىننىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنىنىڭ چوڭقۇرلاپ، ئاڭلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى، شەخس ۋە كوللىكتىپلارنىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭ پارلاق تەسىرىنڭ تېخىمۇ ئاۋۇپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى. ئادەتتە نوقۇل بىر دىنغا ئىشىنىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا ياخشى تەرەپلىرى بولسىمۇ ئىسلام دىنىغا تالىق بولغان ئىمان ئومۇمەن ھالدا ئەھمىيىتى پەۋقۇلئاددە زور ۋە ئۈنۈمى مول بولغان ئىماندۇر. ئۆزگە دىنلاردىكى ئىمان (بۇ يەردىكى ئىمان ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئائىت ئىشىنىش يوسۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ) خۇددى كارل ماركس ناملىق يەھۇدىي ئەيتقان «ھايات توسالغۇسى» ياكى «خەلقنى زەھەرلەيدىغان ئەپيۇن» دېگەن باھالارغا لايىق ھالدا تۈرلۈك مۇجمەل، ساختا مەزمۇنلار بىلەن تولۇپ تاشقاندىن سىرت، ئۇلاردا كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىدىن باشقا دىنلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىنىش ياكى ئۆز دەۋرىدىكى دىن ئەربابلىرى – روھانىيلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تۇتقا قىلىۋىلىشتەك ئەھۋاللار ساقلانغان. ھالبۇكى شۇ خىل ئەمەلىيەتكە قارىماي، تالايلىغان تۇتى قۇشلار ماركىسىنىڭ يۇقارقى مەزمۇندىكى دىنغا ئائىت بايانلىرىنى بىرمۇ – بىر ئۈگىنىۋىلىپ ھىچ بىر ئايرىپ ۋە كۈزىتىپ باقماستىن قانداقلا دىن بولسىا ئۇنىڭغا چاياندەك تەگمەكتە. خۇددى ئاغزى بىسىقماس مەدداھلاردەك زىرىكمەي ۋالاقشىماقتا. ھالبۇكى بۇيەردىكى دىن ئۇيەردىكى دىن ئەمەس ۋە بۇيەردىكى جەمئىيەتمۇ ئۇيەردىكى جەمئىيەت ئەمەس ئىدى.
ھەرقانداق دەۋر ۋە مەيلى ھەرقانداق جەمئىيەتتە ھەرقانداق شەخس ياكى گورۇھ ھىسسيات ۋە غەيرىي ئىنسانىي تۇيغۇلارنىڭ ئازدۇرىشى بىلەن ئەزەلدىن ئىنسانىيەت بىلەن ئاجرالماس رىشتە ئورناتقان ۋە تەبىئىي ئىھتىياجغا ئايلانغان شەيئىلەرگە قارشى تۇرىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئاقىبەتى ھەقىقەتنىڭ ئاچچىق مەسخەرەسى ۋە ئۇقمۇشلۇق ئىنسانلارنىڭ نەفرەتىگە قىلىشتىن باشقىچە بولمايدۇ.
ھەرقانداق قۇلۇپنىڭ ئۆز ئاچقۇچى بولىدۇ. ئەكىسچە باشقا ئاچقۇچ بىلەن ئۇنى ئاچىمەن دىيىش ئوشۇقچە ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خۇددى شۇنىڭدەك، ئىنسان روھىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ بىرلا، ئۇ بولسىمۇ دىن ۋە ئىمان، ئۇ ئۇلۇغ ئىسلام ئىدىيەسىدۇر. بىز ئۇنىڭسىز ھالدا ھىچقانداق قىلىپ كىشىلەرنى پاكلاندۇرۇش ۋە ئۇلاردىكى يۇشۇرۇن كۈچنى نامايەن قىلىش مەقسىتىگە تولۇق يىتەلمەيمىز. باشقىچە ئۇرۇنۇشلارنىڭ بەرى سۇ ئۈستىگە ئۆي قۇرۇش ياكى ھاۋاغا خەت يېزىش مىسالى نەتىجە بەرمەيدۇ.
ئىسلام دىنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەبلەر ئۆز ئانا ماكانىدىن سىرتقا كېڭىيىپ، دۇنيانى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن ئورتىغا چىقالىدى. ئىسلام دىنى بىلەن ئۇلار ئۆز قىلىچلىرى ئارقىلىق مەن – مەن دېگەن ھۈكۈمدار – ئىمپىراتۇرلارنى جازالىيالىدى.
ئۇلار كىشلەرنى ئەنە شۇ ئىسلام ئىدىيەسى بىلەن مەخلۇققا قۇلچىلىق قىلىشتىن ياراتقۇچىغا قۇلچىلىق قىلىشقا قايتۇردى. كىشىلەرنى دۇنيا تارچىلىقىدىن ئاخىرەت كەڭرىچىلىكىگە، ساختا دىنلار ۋە تەڭسىزلىك جەبر – جاپاسىدىن ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە چىقاردى. ئەرەب خەلقى ئۆزىنىڭ ياۋروپالىق دۈشمەنلىرى ئۈستىدىنمۇ ئەنە شۇ ئىسلامغا تايىنىپ غەلەبە قىلدى.
ئەينى چاغدا ئەھلى سەلبنىڭ توققۇز قاتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىدا ئىسلامدەك بىر يىقىلماس تىرەك ئەرەب مۇسۇلمانلىرىغا يار – يۆلەك بولمىغان بولسا ئىدى، ئەھلى سەلبنىڭ مۇسۇلمان شەرقىنى تەل – تۈكۈس بېسىۋىلىش قارا نىيىتى ئالقاندىكى ئىش بولۇپ قالاتتى. كىيىنكى زامانلاردىمۇ كەڭ ئەرەب مۇسۇلمانلىرىغا ئىسلام ئىدىيىسى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ خىزمەت قىلدى. ئۇلار خۇددى ھەرقانداق نەرسىنىڭ يىنىدىن ئۆتسە ئۇنى «چىرىگەن سۆڭەكتەك تىتما – كاتاڭ قىلىۋىتىدىغان قارا بوران» (قۇرئان نەقلى) دەك يوپۇرۇلۇپ كەلگەن تاتار باسمىچىلىرى (موڭغۇل قوشۇنى)نىڭ شەرققە قاراتقان دەھشەتلىك ئىستېلاسىنىمۇ ئىسلام ئېئتىقادى تۈرتكىسىدە ئارقىغا چىكىندۈردى. ئەگەر ئاللاھ شۇ چاغدىكى كەسكىن تارىخىي شارائىتتا مىسىر ۋە شام مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىن چىڭگىزخان ياۋۇز تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنى«ئەينى جالۇت» دېگەن جايدا ئارقىغا سۈرۈپ تاشلاپ ئۇلارنىڭ ھەيۋەسىنى يەرگە ئۇرغان قورقماس باتۇرلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بەرمىگەن بولسا، ئۇ ۋەھشىي تاجاۋۇزچىلار ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى ۋە ھاياتلىق بايلىقىنى تەل – تۆكۈس ۋەيران قىلىپ تاشلاشقا ئازلا قالغان ئىدى. مانا شۇ باتۇرلانىڭ باشچىسى بولغان مەشھۇر سەركەردە، مەملۇكىيلەر خاندانلىقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خانى مۇزەففەر سەيفۇددىن «قۇتىز»نىڭ «ئىسلامنى قۇتۇلدۇرايلى!» دېگەن ياڭراق جاكاسى بىلەن سېزىملەر ئويغۇنۇپ، ئىرادەلەر قوزغىلىپ كەتتى. بۇ جاكار جەڭچىلەرگە جەننەتنىڭ ئىللىق شامىلىنى ئېلىپ كەلگەندەك بولۇپ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ دىنىغا جان پىدا قىلىشقا ئاتلاندۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە ئەرەب خەلقى ئۆز يولىنى توسۇپ ياتقان ۋە ئۆزىنىڭ مەركىزى زىمىنىنى بېسىۋالغان بىر ياۋۇز دۈشمەن بىلەن كۆرەش قىلماقتا. بۇ دۇشمەن بولسا، شەرق ۋە غەربتىكى كافىر كۈچلەرنىڭ يىقىندىن قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئىگە بولغان ھالدا ئەرەب خەلقىنى بۆلۈۋىتىش سۈيقەستىدە تۇرغان ئىسرائىلىيەدۇر. بىز بۇ دۈشمەن بىلەن بولغان كۆرەشتە ئىماندىنمۇ ئارتۇق ئەسقاتىدىغان ۋە ئۆتكۈر قورالنى تاپالمايمىز. ئەلۋەتتە بىز بۇ يەردە ئاللاھ بىزگە بۇيرىغان بارلىق ھەربىي ھازىرلىق ۋە ماددىي كۈچنى تەييار قىلىشىمىز كېرەك. لىكن قورالنى پەقەت باتۇر – قورقماس ئادەملەرلا ئىشلىتەلەيدۇ. باتۇرلارنى پەقەت ئىمان يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. بىزنىڭ ئىچىمىزدىن بىر بۆلۈك ئادەملەر بارلىققا كېلىپ، غەربلىكلەر تەرىپىدىن بىزگە سېڭدۈرۈلگەن، ئاللاھ، ئاخىرەتكە ھاياتلىقتىن ھىچقانداق ئورۇن قويمايدىغان، دىننى پەقەت زۆرۈر تېپىلغاندىلا دىندار ئاممىنى گول قىلىش ياكى ئۆتكۈنچى غەرەزلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى قوزغاپ چىقىشقا ئىشلىتىدىغان قورال ياكى كوزىر قىلىش ئۈچۈنلا ئېئتىراپ قىلىدىغان يېڭى ماتىريالىستىك فىكر ئېقملىرىغا ئالدىنىپ يۈرمەكتە. بۈگۈن ئەنە شۇ ئالدىنىشنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە، دىن ۋە ئىمان خەلقنى يىتەكلەش ۋە تەربىيلەش ئورنىدىن يىراقلاشتۇرۇلدى. تەلىم – تەربىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت، قانۇن – تۈزۈم، سىياسەت، تەشۋىقات ئىشلىرى دىندىن ئايرىۋىتىلدى.
بىزدىكى ئىدىيە، ئەمەلىيەت، جەمئىيەت، سىياسەت، ھاكىمىييەت ساھەلەرىنىڭ بەرى دىگۈدەك دىن تەسىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئەگەر بار دىيىلسە، پەقەت بىر قىسىم قائىدە – يوسۇن، رەسىم – ئادەت، شەكىل – قىياپەتلەر، شاكال تەركىبلەردىن ئىبارەت توقنى سەمرىتەلمەيدىغان، ئاچنى توقلىيالمايدىغان نەرسىلەرلا قېلىپ قالدى.
1967- يىلى 5 - ئىيۇندا بىز بىلەن دۈشمىنىمىز ئىسرائىلىيە ئورتاسىدا پارتلىغان 3- قاتىملىق ئورتا شەرق ئۇرۇشىدا بىزدە قورال ۋە ئادەم كۈچى كۆپ بولسىمۇ، ئىماندىن ئىبارەت ھەل قىلغۇچ كۈچنىڭ ئاز كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ شۇقەدەر سەرخىل قوراللىرىمىز، تانكا – بىرونۋىك، ئايروپلانلىرىمىز، قۇدرەتلىك فىلوتىمىز ۋە سىنارەد بازىلىرىمىز بىزنى غەلبىگە ئېلىپ بارالمىدى. چۈنكى بۇ قوراللارنى (گەرچە ئۇلار ئېغىر تىپتىكى زامانىۋىي قوراللار بولسىمۇ) مۇئمىن ئەركەكلەر باشقۇرمىغان ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەندە شائىر مۇتەنەبىبينىڭ مۇنداق بىر شېئرى ئىختىيارسىز ئەسكە يىتىپ قالىدۇ:
ئېسىل ئات ۋە خىل قورال بېرەلمەس ھىچ مەنپەئەت،
ئات ئۈستىدە بولمىسا ئاڭا لايىق ئەزىمەت.
مانا بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى ئېئتىراف قىلىش ئۈچۈن بىزدە باتۇرلۇق بولىشى كېرەك. بىز بۇ ھەقىقەتنى ياخشى تونۇپ، بۇ تارىخ نەتىجىسىدىن ساۋاق – ئىبرەت ئېلىشىمىز ھەمدە ھاياتىمىزنى ئىمان تەلەبلىرىگە ماس قۇرۇپ چىقىشىمىز، ئۆز ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. پەقەت شۇندىلا ئاللاھ بىزنىڭ ناچار ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ. ئۇنداق قىلمىغان چاغدا بىز خۇددى جۇۋازدىكى كالىغىلا ئوخشاپ قالىمىز. ئاللاھ بىزنى ئۇ ھالدىن ساقلىسۇن!
بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئۆز پەرزەنتلىرىنى دىن ئاساسىدا قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى «ئىسرائىل» ۋە «سۇلايمان» شانۇ – شەۋكىتىنى چۆرىدېگەن دىنىي شىرىن خىياللار ۋە تەۋرات بىشارەتلىرى بىلەن جەڭگە چىقارماقتا. شۇنداق تۇرۇپ بىز قانداقسىگە ئىماننىڭ رولىغا كۆز يۇمۇپ، مۇئمىنلەرنى جەڭ مەيدانىدىن چەتتە قالدۇرىمىز؟ بۇغىنە ئەمەس تىخى ئۇلارنى باستۇرىمىز ؟ ئىش شۇنداق تۇرۇپ، يەنە نومۇس قىلماستىن «غەلەبە باتۇرلارغا مەنسۇپ» دەيمىز. بىزنىڭ مۇسۇلمان خەلقىمىز ئەزەلدىن «غەلەبە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ»، «ئۇتۇق تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېگەندىن باشقىنى بىلمەي كەلگەن.
بىز مۇنداق بىر ئىشقا دائىم سەگەك تۇرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ يۇرتىمىزدا دىن ۋە ئىمانغا قارشى ھەرقانداق بىر ئىش، ھەرەكەت بارلىققا كىلىدىكەن، ئۇ بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق قۇرۇلمىمىزنى بۇزۇش، ھاياتلىق ئاساسىمىزنى ۋە تەرەققىيات يىلتىزىمىزنى يوقۇتۇشقا قارىتىلغان دۈشمەنلىك ھىساپلىنىدۇ.
«بىز ئاللاھقا ئىشەنگەن كىشىلەرمىز»، مانا بۇ گەپ كەتمەيدىغان، ھەممىگە ئايدىڭ مەسئەلە. مانا بۇ ئىشەنچ – ئىمان بولسا بىزنىڭ كىملىك ئاساسمىز، كۈچ – قۇدرىتىمىزنىڭ كاپالىتى، قەدر – قىممىتىمىزنىڭ ھامىيسى، ئۆتمۈش شان – شەۋكەتىمىزنىڭ تايانچى، بۈگۈنكى يۈكسىلىشىمىزنىڭ تۈرتكىسى، ئەتىكى ئارزۇلىرىمىزنىڭ قاراشلىقى، بۇنى قوغداش، مۇستەھكەملەش، تارقىتىش، ھەربىر يازغۇچىنىڭ قەلىمى، ناتىقنىڭ تىلى، پەيلاسوپنىڭ تەپەككۈرى، شائىرنىڭ ۋىجدانى، رەسسامنىڭ موي قەلەمى، قانۇن چىقارغۇچىنىڭ پەرمانى، ئەمەلدارلارنىڭ باشقۇرۇشى، ئارمىيەنىڭ كۈچ – قۇدرەتى، خەلقنىڭ نازارەتى ئۈستىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس ۋەزىفەدۇر.
ئۇنى ئاتا ئۆيىدە، مۇئەللىم مەكتەبدە، پروفىسسور لىكسىيەسىدە، يازغۇچى ھىكايە، رومانلىرىدا، مۇخبىر خەۋەر، ئوچېركلىرىدا، ئىشقىلىپ ھەربىر ساھەنىڭ ئادىمى ئۇنى ئۆز ساھەسىدە قوغداپ مىڭىشى كېرەك.
بىزنىڭ جەمئىيەتىمىزدە مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەلىرىنىڭ قايسى بىرىدە ئىماننى ئىنكار قىلىدىغان ياكى ئۇنى مەنسىتمەيدىغان غەرەزدە ھەرقانداق بىر يوچۇق ئېچىلىپ قالىدىكەن، بۇ بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەت، مىللىي پىرنسىپلارغا ئاپ – ئاشكارا قارشى چىققانلىق، مىللەتنىڭ سېپىدىن چىقىپ كېتىش ۋە مىللەت دۈشمەنلىرىگە دوست تارتىش، ئاقىبەتتە باشقا ساھەلەرنىڭ مىللەتنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتدىغان ئىجابىې تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىماننىڭ سۆزى كۈنسىرى ئۈستۈنلۈك ۋە غەلەبەگە ئىگە بولۇپ بارسا، كۇفر سۆزى، ئىمانسىزلىق سەپسەتىلىرى بولسا بارغانسىرى ئۆز قەدرىنى يوقىتىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ ئەيتقانلىرى راست ۋە چىندۇر:
«ئاللاھنىڭ مۇنداق بىر تەمسىل كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ كەلىمە تەييىبە (ياخشى سۆز، ئىمان كەلىمىسى) يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ۋاقتى ۋاقتىدا مىۋە بېرىپ تۇرىغان ئېسىل دەرەخكە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كىشلەرگە ۋەز نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئۇلارغا نۇرغۇن تەمسىللەرنى كەلتۈرىدۇ. يامان سۆز (كۇفرى كەلىمىسى) زىمىندىن قۇمۇرۇپ تاشلانغان، ھىچ قانداق قارارى يوق ناچار دەرەخكە ئوخشايدۇ». (سۈرە ئىبراھىم 24-، 26 ئايەتلەر)
دوكتۇر يۈسۈپ قەرەداۋىينىڭ "ئىمان ۋە ھايات" ناملىق كىتاۋىغا يازغان مۇقەددىمىسى
[ 本帖最后由 pida 于 2009-1-26 21:30 编辑 ]历史上的今天:
يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن 2009-02-05ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام 2009-02-05بلوگ ئەسكەرت مىسى 2009-02-05ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك 2009-02-05
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى