سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   تورخانىدىن گۈلخانىغىچە ) _cat}

    2009.02

    04

    خەتكۈچ:-club

     

     

    ئەتىگەندە،سەھەردە كوچىغا چىققاندا
    خورازمۇ قىچىپ كەتتى،مىكياننى قوغلاپ،

    ‹ئاپلا دائىملا مۇشۇ يىرىگە كەلگەندە ئۇنتۇپ قالىمەن›

    قاراڭغۇدىن قورقمايمەن يايرىم
    ساراڭدىن قورقىمەن يايرىم
    ئايرىلىشتىن قورقمايمەن
    ئوتۇڭدىن قورقىمەن يايرىممااااااااااااا



      

    پىشايۋان تەرەپتىن ئۇچۇپ كەلگەن،تەيپىنەمنىڭ زامانىسىدىن قالغان ئەسكى چوخىيىم قاق  پىشانەمگە كىلىپ تەگدى. پىشىن نامىزىغا تاھارەت ئالغىلى چۆگۈننى كۆتۈرۈپ چىققان دادام ساقاللىرنى تىترەتكىنىچە ماڭا سەت ھومىيىپ قاراپ تۇراتتى.

    _يەنە بىر ئىيىتقىنا بايقى ناخشىنى؟ مەكتىپىڭگە بارماي نىمە لالما ئىتتەك  سوكۇلداپ يۈرۈيسەن؟
    دادامنىڭ ئەلپازىدىن چۆچۈپ قالدىم.قايسى يۈزۈم بىلەن كىتاپ ئال دەپ بەرگەن پۇلنى ئوشۇق ئويناپ ئۇتتۇرۋەتتىم دەيمەن؟ مۇئەللىم قوغلىۋەتتى دىسە تاياقنىڭ چوڭىنى يەيمەن تىخى..
    _شۇ چۈشتىن كىيىن دەرىس يوق ئىدى،شۇڭا قايتىپ كەلدىم.
    _قىنى سومكاڭ؟
    _تاپشۇرۇق بەرمىگەن شۇ،ئىغىر سومكىنى كۆتۈرگىچە دەپ مەكتەپتە قويۇپ كەلدىم

    _سېنىڭ قەيرىڭ 11-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھە؟ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش خىيالىڭ بارمۇ يا سېنىڭكى؟ ماڭا ئوخشاش ئۆمۈر بويى كەتمەننى قۇچاقلاپ ئۆتەي دەمسەن؟ سېنى ئوقۇۋالسۇن دەپ ھەممە ئېتىز ئىشىنى مەن قىلىۋاتسام يەنە مۇشۇنداق تاپتىن چىققان ئىشەكلەرنىڭ ناخشىسىنى توۋلاپ خىيالىڭدا يوق يۈرسەڭ.........

    دادامنىڭ ئاخىرقى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى.ھازىرقى خىيالىم قانداق قىلىپ ئاپامنى ئالداپ،دادامغا ئۇقتۇرماي ئازراق پۇل ئىلىپ كىتاپنىڭ پۇلىنى تۆلىۋىتىش ئىدى.
    يۇقۇرلاپ ئوقۇغانسىرى دەرىستىكى نەتىجىلىرىم تۆۋەنلەپ كەتتى. ئاتا-ئانامنىڭ ئارزۇسۇغا چۇشلۇق ئوقۇمىغاننى ئاز دەپ ھە دىسە مەھەللىدىكى قۇلاق كەستىلەرگە ئارلىشىشقا باشلىدىم. بىر كۈنى مەندىن بىر يىللىق تۆۋەن سىنىپتا ئوقۇيدىغان ھادى ياغاچ دىگەن تەتۈر ئۇستىخان مېنى تۇيۇقسىز ئىزلەپ كىرىپتۇ.

    _ئەركىن ئاكا،ساڭا بىر گەپ بار دەيدىغان دەپ:
    نىمە ئىشكىن دىسەم، ئەسلى ئۇ ماڭا  ناھىيە بازىرىدا يىڭىدىن ئىچىلغان تورخانا توغۇرلۇق سۆزلىگىلى كىرىپتىكەن.
    -ئالامەت دىگىنە ئاكا،مەن ئۇنداق كامپىيۇتىرمۇ يا كومپيۇتىرمۇ ئىشقىلىپ بۇرۇن تىلۋزىردىلا كۆرۈپ باققان دىگىنە. ئاجايىپ نەرسىكەن. سىنىپىمىزدىكى ئەلقەمنى بىلىسەنغۇ ،ئۇ بەك ئۇستىكەن. بىر يەرنى بىسىپلا قويۋىدى ئالامەت ناخشىلار،ئۇيغۇرچە كىنۇلار چىقتى،يەنە مۇنبەر دەمدۇ ئىشقىلىپ،چايخانا دەمدۇ شۇنداق نەرسىلەر باركەن،لىكىن مىنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى  ئويۇن بولدى دىگىنە. ھەي جەڭ مەيدانىدا ئولتۇرغاندەك ئوينايسەنكەن. بىر كىرمىسەڭ ئارماندا قالىسەن جىڭ گەپ
    ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كىيىنكى ھەپتە ئىلىنىدىغان مانۋىر ئىمتىھانلار كاللامدىن غۇيىىدە چىقىپ كەتتى. بىرىپ باقمايمەنمۇ.
    -سائىتى قانچە پۇلكەن ئۇكا؟
    -2 كويكەن،يەنە كىملىكىڭنى ئىلىۋىلىشنىمۇ ئۇنتۇما جۇما
    ھادى بىلەن كىلەر شەنبە بىللە كىرىشنى پىلانلاپ قويدۇم،ئەمدىكى گەپ ئۆيدىكىلەرنى قانداق ئالداشتا قالدى. بۇ ئىتىز ئىشلىرىنىڭ تازا بىسىق ۋاقتى بولغاچقا دادامغا ياردەملەشمىسەم بولمايىتتى. ھىلىمۇ دادام بىر تال ئوغۇل ياخشى ئوقۇۋالسۇن دەپ ئامال بار ئىشنىڭ ھەممىنى ئۆزى قىلىدۇ،لىكىن مەن....... بىلىپ تۇرۇپ قىلغۇلۇقۇمنى قىلىمەن.

    - بۇ يەرنى ‹ۋاڭبا› دەيدىكەندە؟
    -سەھرالىقلىىقىڭنى چاندۇرمىغىنە ئاكا،ھادى قولۇمدىن تارىتقانچە مىنى ئىچىگە ئىلىپ كىردى.
    -پۈففۈيييييييي،نىمە دىگەن سىسىقچىلىق. تاماكا ئىسى بىلەن كۆزنىمۇ ئاچقىلى بولمايدىغان بىر يەركىنا بۇ .. ھادىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ،بىر كۆزى ئالغاي خەنزۇ خوتۇنغا ئىككى كوينى تۆلەپ كۆرسەتكەن كومپيۇتىرغا بىرىپ ئولتۇردۇم. ئۇ بىر نەچچە قىتىملار كىرگەچكە خىلىلا ئۇستا بولۇپ قاپتۇ، ماڭا كومپيۇترنى ئىچىشنى ،ئويۇننى قانداق ئويناشنى ئۈگىتىشكە باشلىدى. تازا قىزىۋاتقان چىغىمدا كومپيۇتىر شاقلا ئۆچۈپ قالسا بولىدۇ

    -ۋاي ئۇكام توك كەتتىما؟
    -ھى ھى توك كەتمىدى بىر سائەت توشۇپتۇ شۇڭا ئۆچۈپ قالدى.
    -ماڭاۋا،ھازىرلا ئولتۇرغانغۇ؟
    -نەدىكىنى سائەتكە قارا

    بىر سائەت بولۇپ بولغىنىغا ئىشەنمەي سائەتكە قاردىم،دەرۋەقە بىر سائەت بولۇپتۇ، لىكىن مىنىڭ زادىلا چىقىپ كەتكۈم يوق ئىدى، شۇنداق قىلىپ يىنىمدا بار يوقى قالغان 10 يۈەن پۇلنى تۆلەپ بىراقلا بەش سائەت ئاچقۇزدۇم. تورخانىدىن چىققان ۋاقتىمدا ئۇسسۇزلۇقتىن تىللىرىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كىتىپتۇ.
    -قانداق ئاكا،بولدىغان يەرمىكەن ؟ دېدى ھادى سەت ھىجىيىپ:
    _ بولدىكەن،بولمامدىغان، مانا يىنىمدا سىغىز ئىلىپ چاينىغۇدەكمۇ پۇل قالمىدى. لىكىنغۇ راسلا قىزىقىپ قالدىم
    -مەن ھەر دەم ئىلىش كۈنلىرى كىلمەن ئاكا،خالىساڭ بىللە كىلەيلى
    باش ئاخىرنى ئويلاشمايلا ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم. بۇ دەل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 2 ئاي قالغان ۋاقىتلار ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۆيدىكىلەردىن ماتىريال ئالىمەن،كىتاپ ئالىمەن دەپ ئۇدۇللۇق ئالغان پۇلنى تورخانىغا خەجلىدىم، توردىكى قىزىقارلىق ئويۇنلار ،ئۇرۇشۋاتقان ئەسكەرلەر خۇددى مىنىڭ ھەمراھلىرىمدەك كېچە-كۈندۈز كاللامدا پىرقىراپ يۈرەتتى. بۇ كۈنلەردە دەرىىسمۇ خوش ياقماس بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن 12 يىللىق ئوقۇشۇمنىڭ نەتىجىسىنى كۆردىغان كۈن كەلەۈچە مەن بىراقلا ئارقامغا چىكىندىم. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىنتايىن ناچار بەرگەنلىكىمنى بىلەتتىم.


    تورخانا مېنى ئۆزىگە قاتتىق باغلىۋالغان ئىدى. ساۋاقداشلىرىم خوشاللىق بىلەن چاقىرىق قەغەزلىرىنى ئىلىپ ئالىي مەكتەپتە ماڭغاندا مەندە قىلچىلىك ئۆكۈنۈش بولمىدى، ئاپامنىڭ يىغلامسىراپ تۇرۇپ قايتا ئوقۇمسەن بالام دىگەن سۆزىگىمۇ ئىرەن قىلىپ قويمىدىم.مېنىڭ بۇ قاشاڭلىقىم، كەلگۈسى نىشانىمنى يوقىتىپ تورخانىدا ئويۇن ئويناش بىلەن ئۆتكۈزۈشۈم  كەچكۈزنىڭ بىر يامغۇرلۇق كۈنى ئاياقلاشتى. شۇ كۈنى مەن بۇرۇنقى ئادىتىم بىلەن ئاپامغا يالۋۇرۇپ ئازراق پۇل ئالدىم،كۈندۈزى تورخانىغا كىرسە قىممەتلىكىنى بىلەتتىم،شۇڭ تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قالىمەن دىگەننى بانا قىلىپ تورخانىغا كەچلىكى بىرىپ بىر كىچە ئولتۇردىغاننى چىقىرۋالغاندىم.  ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ كىيمىلىرىمنىڭ پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تورخانا تەرەپكە تىز-تىز قەدەم ئىلىپ مىڭشقا باشلىدىم. كىلەي دەپ قالغان ۋاقتىمدا ئاجايىپ بىر مەنزىرە قەدىمىمىنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى.
    ئالدىمدا ناھايتى تەسلىكتە ھاسا تاياققا تاينىپ كىتىۋاتقان بالا، قولىدىكى بىر نەچچە كىتاپنى يامغۇردىن دالدا قىلىۋاتقان بىر مەنزىرە .
    ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش نىتىدە يىنىغا باردىم،قارماققا مەندىن يىشى ئانچە پەرىق قىلمايدىغاندەك.
    - دالدا يەرگە بىرۋالغۇچە ساڭا ياردەم قىلاي،ئەكەلگىن كىتاپلىرىڭنى!
    -تۇيۇقسىز ئالدىغا پەيدا بولغان ياردەمچىدىن مىننەتدار بولدى بولغاي،رەھمەت ئىيىتقانچە قولىدىكى كىتاپلارنى ماڭا بەردى.
    -قەيەرگە بارىسەن؟
    _ئاۋۇ تورخانىغا كىرىمەن.
    بۇمۇ تازا بىر ماڭا ئوخشاش تاپتىن چىققان گۇيكەندە دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تورخانىغا كىردىم. ئۇ ماڭا يەنە بىر رەھمەت ئىيتىۋەتكەندىن كىيىن مېنىڭ يىنىمدىكىلا بىر كومپيۇتىرغا  كىلىپ ئولتۇردى. ئويۇن ئويناۋاتقان بولساممۇ كۆزۈم ئۇ ۋاراقلاپ ئولتۇرغان كىتاپتا ئىدى. ئۇ بىر قولىدىكى  كىتاپقا قاراپ بىر نىمىلەرنى دىسە،بىر كومپيۇتىردىكى ئىجىر-مىجىر خەتلەرگە قارايىتتى.
    -نىمە قىلىۋاتىسەن ئاغىينە؟
    - تىل ئۈگىنىۋاتىمەن.
    -نىمە تىل؟
    -ئىنگىلىز تىلى
    -ۋوججون،سەن سىرىق باشلارنىڭ تىلىنى ئۈگىنىۋاتامسەن؟ سۆزلىيەلەمسەن؟
    -شۇنداق مەن شەھەردىكى  بۇلاق تىل تەربىيلەش مەركىزىنىڭ تىل ئوقۇتقۇچىسى
    ئارتۇق گەپ سوراشتىن خىجىل بولدۇم، بۇ بالىنىڭ بايىقى يامغۇردا قىينىلىپ تورخانىغا ماڭغان ھالىتى،ئۇنى ئۆزەمگە ئوخشاش بىر ئويۇن قىپى ھىس قىلغانلىقىم ئۈچۈن قاتتىق خىجىل بولدۇم، تورخانىغا ئۈگەنگەن شۇنچە كۈنلەرنىڭ ياقى تۇنجى قىتىم نىمە ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە كىرۋاتقانلىقىم، نىمە پايدا-زىيىنى بار توغۇرلىق ئويلىنىپ باقمىغانلىقىم ئىسىمگە كەلدى. بىر مىيىپ ھاسا تاياققا چۈشۈپ قالغان بالا  باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى ئۈگىنىپ ئوقۇتقۇچى بوپتۇيۇ،ئەجىبا مەندەك بىر بەدىنى ساغلاپ،روھى كىسەل  ۋەتىنى ئۈچۈن ئەمەس،ھەتتا ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھىچنىمە قىلالماپتۇ.
    ئاپام بىلەن دادامنىڭ كۆز ياشلىرنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرۇپ قىلغان نەسىھەتلىرى يادىمدىن كەچتى، ئەگەر بۇ بالىنى كۆرمىگەن بولسام ياق مەن بۇنداق باللارنى جىق كۆرگەن، مۇشۇ تورخانىدا كۆرمىگەن بولسام قاچانغىچە ئۇخلاپ يۈرەتتىمكىن.

    -سەندىن بىر سوئال سورىسام بولامدۇ؟
    دىققىتى بىلەن بىر نەرسە ئۈگىنىۋاتقان بالا ماڭا ئىتتىك بۇرۇلدى. قىنى سورا
    -قانداق قىلىپ تىل ئۈگىنىپ مۇئەللىم بولدۇڭ؟ قىنى ماڭا ئىيتىپ بىرە، مەنمۇ ئۈگىنەي دىگەن
    - سەۋەبىي ناھايتى ئاددىي، باشقىلارغا يۆلىنىۋالماسلىق،ئازراق بولسىمۇ خەلقىمگە نەپ يۈتكۈزۈش ئويى مەندە بولغاچقا ئۈگەندىم،قالغان گەپلەرنى دىيىشمنىڭ ھاجىتى يوق،ئەگەر خالىساڭ مەن دەرىس ئۆتۈۋاتقان پۈتۈن كۈنلۈك تىل مەكتىۋىگە كەل مەن ساڭا بار كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىمەن، توردا قانداق ئۈگىنىشنىمۇ ئۈگىتىپ قويىمەن تىخى.

    بۇ بالىنىڭ گەپلىرى ماڭا مايدەك ياقتى. ئويۇنۇمنى تاشلاپ ئۇنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرلىرىنى ئىلىۋالغاندىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، بۇ خىيالىمنى ئاپام-داداملارغا ئىيىتقىنىمدا باشتا ئۇلار ماڭا ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن قارىدى ،لىكىن قەتئىىيلىك بىلەن چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىمنى كۆرۈپ ئوقۇش پۇلىنى بىرىپ مىنى شەھەرگە ئۇزىتىپ قويدى.
    يېڭى ھاياتىم،ھاياتلىقتىكى نىشانىمنى قايتا تاپقاندەك بولدۇم، ماڭا ئويۇننىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى كىچىكىپ چۈشەنگەن بولساممۇ يەنىلا پۇرسەتلەر بار ئىدى. تىرىشىپ- تىرمىشىپ بىر يىل ئىنگىلىز تىلى ۋە غومپيۇتىر ئۈگەندىم، غايەم ياخشى  بىر تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئىدى. شۇڭا داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇمىسام بولمايىتتى، ناھايتى تەستلىكتە تىپىۋالغان نامازلىرمدا ئاللاھتىن يولۇمنى ئاق قىلىشىنى تىلەيىتتىم.
    ئۈمۈتلىرىم يەردە قالمدى،بىر يىللىق تىرىشچانلىق ،مېنىڭ شاڭخەي چەتئەل تىلى ئۇنۋىرسىتىغا   4 يىللىق ئىنگىلىز تىلى ئوقۇشقا بىرىشىمغا شوتا بولدى. بۇ ۋاقىتتىكى خوشاللىقمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن.
    ۋاقىت خۇددى ئاتقان ئوق دەپ بىكار ئىيىتماپتىكەن. ھەر قىتىم خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا ئىرادەم بوشىشپ قالغاندا كۆز ئالدىمغا يامغۇرلۇق كۈندىكى ھىلىقى مۇئەللىمىم كىلەتتى، ئىقىسادى قىيىنچىلىق بولغاچقا تەتىللەردە ئۆيگە قايىتمىدىم. شۇنداق قىلىپ  4 يىل  ئوقۇش ئالدىراشچىلىقى بىلەن ناھايتى تىز ئۆتۈپ كەتتى. ياخشى ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئىنگىلىز تىلى مۇئەللىملىكىگە تەكلىپ قىلىندىم. ئەمگىكىمنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەندە تۇنجى قىلغان ئىشىم يىزامغا قايتىپ ئاتا-ئانامنى خوش قىلىپ دۇئاسىنى ئىلش بولدى

    ئەمدىكى قىلدىغان ئىشىمچۇ؟
    مېنىڭ خاتا يولدىن قايتىشىمغا سەۋەپچى بولغان ئۇستازىمغا،كىيىنكى ئەڭ يىقىن دوستۇمغا بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىش.

    گۈل دۇكىنىغا كىرىپ ئەڭ چىرايلىق گۈللەردىن بىر دەستە تىزغۇزدۇمدە مېنىڭ تۇنجى تىل مەكتىۋىم بولغان بۇلاق تىل تەربىيلەش مەركىزىگە يىتىپ كەلدىم.
    - ئەخمەت مۇئەللىم بارمۇ؟
    -بار ،لىكىن ئۇ ھازىر دەرىستە -دېدى چىرايلىققىنە كەلگەن بىر قىز
    ئەمسە مەن سىنىپغا كىرىۋىرەي،قايسى سىنىپتا؟
    - ئۈچىنچى قەۋەت، 15-ئۆي
    ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان سىنىپنىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئاچتىم. سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈزى مەن تەرەپكە بۇرۇلدى
    ئەخمەت بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كىيىن ھاياجاندا ۋارقىردى.
    -بۇ سەنمۇ پوچى،،،
    -شۇنداق مەن.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا گۈلنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدىم ۋە نىمە ئۈچۈن سوۋغا قىلىش جەرىيانىنىمۇ ئىنىق سۆزلىدىم،ئىشىنىمەنكى سىنىپتىكى 50 كە يىقىن ئوقۇغۇچىغا بۇ سۆزلىرىم چوقۇم تەسىر قىلدى،ھەم بۇنى ئوقۇپ ئولتۇرغۇچىلارغىمۇ تەسىر قىلىدۇ. بىر ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزىمىز، مىللەتكە يۈز كىلىمىز دەيدىكەنمىز كەلگۈسىمىزگە بولغان قەدەمنى تورخانىدىن ئەمەس
    ، مەكتەپتىن باشلايلى

    بۇ تېما http://bbs.retim.cn    مۇنبىرىدىكى uighur_ay  
    يوللىغان  

     





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى