سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   بىغۇبار ھەدەش _cat}

    2009.01

    25

    خەتكۈچ:-club

    بىغۇبار ھەدەش

    گۇناھىڭ نىمىكىن بىلەلمىدىم مەن،
    نىمىچۈن تارتىسەن شۇنچىلىك ئازاپ.
    ۋەبەلكىم سەۋەبى بەرگەن ئۈچۈنمۇ،
    تەغدىرگە تەن ، كۆڭلىڭنى ياساپ.

    تەغدىر، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى دەپ،
    تەدبىردىن ۋازكەچمە بىغۇبار ھەدەش.
    يېڭىچە تەغدىرنى ياراتقىن شۇنداق،
    ھەممىدە قوزغىتىپ غايىۋى - ھەۋەس.

    شۇندىلا كۈتكىنىڭ كىلەر ئالدىڭغا،
    كەلگۈسى ئۈمىدىڭ سىزىقى شۇنداق.
    ئاپپاقا غايىپتىن كۆرۈنمەستىنلا،
    پۇشايمان ئازابى كىلىدۇ شۇنداق.

    بىلىمەن قەلبىڭ تىتىرەيدۇ رەتسىز،
    ئازاپنى كۆرمىسۇن ئاپپاق يايرىم دەپ.
    ئاققۇزغان ئاشۇ ياشلىرىڭنى ھەم،
    كۆرمىسۇن ئاپپىقىم خۇشال بولسۇن دەپ.

    بەرداشلىق بەرگىنسەن ئۈمىدىڭ بىلەن،
    ئۆزەڭگە ئىشەنگىن قىلمىغىن گۇمان.
    ئانامچۈن شۇنچىلىك تۇرالىدىم دەپ،
    ئۆزەڭنى ئالدىغان ، بەزلىگەن يالغان.

    ئاللاھنىڭ سىنىقى ، ئىمتاھانى بۇ،
    غەيرەت قىل ئۆتۈشكە زور ھەم ئىمكان.
    يىغلىما، يىغاڭنى تۆكمىگىن زىنھار،
    ھەمراھىڭ ئاللاھنىڭ ئىتىقاد - ئىمان.

    قەلبىڭنىڭ مېھمىنى خەۋەرسىز ئىكەن،
    كۈلپەتلىك ، بىغۇبار شەبنەم تامچاڭدىن.
    بىچچىت قىل دۈشمەننى ، پاك قەلبىڭ بىلەن،
    چۆچىسۇن ئۇلارمۇ يۈرەك قامچاڭدىن.

    ئاپپىقىڭ كىلىدۇ خىجىللىق بىلەن،
    قىلغان ئىشىغا كەچۈرۈم سوراپ.
    ھەممىنى يۈكلىمە ئۆزۈڭگە بۇنداق،
    ئۈمىدسىز ، پەرۋاسىز ئىنساننى دوراپ.

    كۈلگىنە بىر تاتلىق زىنىقىڭ بىلەن،
    شۇنچە نۇرلۇق بىغۇبار ھەدەش.
    بەختنى ئوخشاتسا ئۇ بىر ماشىنا،
    ئۆزۈڭنىڭ بىلگىنى ئىختىيار ھەيدەش.

    تەغدىرگە تەن بېرىپ يۈرىۋەرمىگەن،
    تەغدىرنى ئۆزگەرتىش تەدبىرىنى تاپ.
    شۇندىلا غۇبارسىز ھەدەش بولۇرسەن،
    ئاپپاقتىن ئۆمۈرلىك بەختىڭنىتاپ





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى