سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكلەر _cat}

    خەتكۈچ:(تەۋىسيە) -club

    مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكلەر

         

       مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكلەر
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلىرىم مەن تۆۋەندە تىيەنجىن شەھرىدىكى مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز نۇرۇنجى نىڭ تەكشۈرىشىدە بايقالغان، مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى ھارام يىمەكلىكلەرنى سىلەرگە بىلدۇرمەكچىمەن.  

    ئاپتۇر: تىيەنجىن شەھىرىدە مۇسۇلمان، نۇرۇنجى.
    لىنشىيا شەھەرلىك مۇسۇلمانلار تەشۋىقات كومتېتى بىسىپ تارقاتتى.
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    مىھرىبان ئاللاھغا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن!
    مەن ئاللە نىڭ رەھمىتى بىلەن لىنشىيادىكى داشىگۇۋەن جامەسىدە، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبىي، شەندۇڭ، يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق رايۇنلاردا بازارغا سىلىنىۋاتقان ھەرخىل 'مۇسۇلمانچە' ئەمەس يىمەكلىكلەرنى تەكشۇرۇش جەريانىدىكى ئەمىلى ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش شەرىپىگە ئېرىشتىم.
    مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان رايۇنلاردا بۇلغىنىش مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر، نۆۋەتتە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھالال بولمىغان يىمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسىشى، يىمەكلىك تاللاشتا سەرخىللىشىش، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇش، شەكىل جەھەتتىن دەۋرىلىشىش ئەھۋاللىرى سەۋەپلىك كىشىلەر ئېڭىدا 'خەنزۇچە' دەپ يىزىلماي 'مۇسۇلمانچە' ياكى 'ھالال' دىگەن خېتى بار يىمەكلىك بولسىلا بۇلىۋىرىدۇ دەيدىغان قاراش پەيدا بولدى. ئاللە تائالا قۇرئانى كەرىمدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ «ئاللە سىلەرگە ئۆزى ئۆلۇپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ھەم ئاللە نىڭ نامى زىكرى قىلىنماي بوغۇزلانغان ھايۋاننى يىيىشنى ھارام قىلدى» (2 سۇرە 173- ئايەت) «ئاللە نازىل قىلغان ھەقىقەت بويىچە ھۆكۇم قىلمايدىغانلار پاسىقلاردۇر» (5-سۇرە47-ئايەت) دىيىلگەن. ھەدىستە مۇنداق بايانلار بار: 'ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە: ئى ئاللە نىڭ ئەلچىسى! مىنىڭ دۇئايىمنىڭ مەقبۇل بۇلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا دىگەندە، رەسۇلۇللا مۇنداق دىدى «ئى ئەبۇۋاققاس يىمەك - ئىچمىكىڭنى پاك قىلغىن. شۇندىلا سىنىڭ دۇئايىڭ ئىجابەت بولىدۇ. ئاللە نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى ئەگەر بىر ئادەم بىر لوقما ھارام نەرسىنى يىسە، ئۇنىڭ 40 كۈنلۈك ئىبادىتى مەقبۇل كۆرۇلمەيدۇ (بولمايدۇ)».  
    ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانىنى ساقلاپ تۇرالىشىنىڭ بىر شەرتى ھالال، پاك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتۇر. يۇقىردىكى قۇرئانى كەرىم ۋە ھەدىستىكى بايانلار بىز مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھالىمىز توغرىلىق ئويلىنىپ بېقىشقا دالالەت قىلىشقا كۇپايە. ئاللە قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ «روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ. نەپسىنى كۇپرى ۋە پىسقى - فۇجۇر بىلەن كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نا ئۇمىد بولىدۇ» (91- سۇرە 10- ئايەت) بىر مۆئىمىن ئىھتىياتسىزلىقتىن ھارام نەرسە يەپ سالسا، چىن دىلىدىن تۆۋە قىلىشى كىرەك. ئەگەر ھازىرقى جەمىيەتتە بىر قىسىم ئادەملەر ھەر كۇنى ھارام نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىۋەرسە ئۇنى قانداقمۇ ئىسلامغا ئەقىدە قىلغان مۇسۇلمان دىگىلى بولسۇن؟ تۈرلۈك يىمەكلىكلەر ھالال - ھاراملىقى ئايرىلماي تۇرۇپلا بازارلىرىمىزغا تولۇپ كەتتى. ئۇنى ئايرىپ ئىستىمال قىلىش سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇسۇلمانلار قاتتىق ئىتىبار بىرىشكە تىگىشلىك مەسىلە مەن ئاللە نىڭ رىزاسى ئۈچۈن نەچچە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن پاكىت ئاساسلىرىمنى قەلەم بىلەن بايان قىلىپ ئەھلى ئۆلىما ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىسىغا سۇندۇم.
    بىرىنجى چوڭ مەسىلە سۆڭەك يىلىمى (gu jiao骨胶) دۇر. سۆڭەك يىلىمى بولسا تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ۋە تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، يىپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان يىلىم. بۇنى كۆپچىلىك ھەممىسى بىلىدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى مەھسۇلات ئەسلى ياغاچ، ماتىرىياللارنى يەملەشكە ئىشلىتىلەتتى . تېخنىك تەرەققىياتى بىلەن ھازىر سۆڭەك يىلىمىنى يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىدىغان سۈزۈك، چاپلىشاڭغۇ بولغان تۈرلۈك يىلىملەر پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولدى. بۇ ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىلىم ھازىرقى سېغىز (پوپوتاڭ)، ئىغىز پۇراقلىق قىلىش كەمپۈتى، شاكىلات (چوكىلى) سۈت كەمپىتلەرگە قوشىلىدۇ. يىلىم بولمىسا بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساش مۇمكىن ئەمەس. ھازىرقى تېخنىكا يېڭىلاش دەۋرىدە يىمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يىلىم يەنە سوغاق يىمەكلىكلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن: قايماقلىق سۈت پاراشۇگى، سۈتلۈك چوكامۇز (بىڭگۇر)، سۈتلۈك مارۇژنا (بىنجىلىن) مىۋە تۈرمىسى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ قاتۇرۇش رولى بۇلۇپ، مەھسۇلاتنىڭ ئاسانلىقچە ئىرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەن تىيەنجىن شەھەرلىك قىزىل يۇلتۇز سوغاق ئىچىملىكلەر زاۋۇتىغا يەنى كاڭلى سوغاق ئىچىملىك زاۋۇتىغا بىرىپ تەكشۇردۇم. تىخنىك خادىم بىزگە زاۋۇت ماھسۇلاتلىرىنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.
    (1) بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مۇسۇلمانلار رايۇنىغا كۆپلەپ يۆتكىلىدۇ. زاۋۇت ئىشچىلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كىلىش - كەلمەسلىكىنى ئەلۋەتتە ئويلاشمايدۇ. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە سۆڭەك يىلىمى بار.
    (2) بوتۇلكىغا قاچىلانغان مۇراببا ۋە شەربەتلەر يەنى شاپتۇل، ئامۇت، ئەنجۇر، ئاپلىسىن، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ياساش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساشتا، 85 - يىلدىن ئىلگىرى 500 گىرام (بىر جىڭ) دىتسىللەنگەن سۇغا ئالتە جۈپ قەن سىلىپ، ھاۋانى سۈمۈرۋېلىپ، ئېغىزنى ھىم ئىتىپ دىزىنفىكسىيە قىلاتتى. ھازىر قەنت سىيىش كىسىلى، زىيادە سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكلىرى كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن زاۋۇتلارغا يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتە قەنت مىقدارىنى ئازايتىش توغۇرلۇق بەلگۈلىمە چىقىرىلدى. كىيىن بۇ زاۋۇتلار سۆڭەك يىلىمىنى دىتسىللەنگەن سۇغا قوشۇپ قەنت مىقدارىنى ئازايتىش مىقدارىنى قوللاندى. ھازىرقى كونسىرۋالارنىڭ سۇيىنى تۆكىۋەتسەك، تەركىۋىدە ئوماچقا ئوخشاش بىر قەۋەت قويۇق ماددا بارلىقىنى كۆرۈمىز. مانا بۇ سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەنلىكنىڭ ئىسپاتى.
    (3) ھازىرقى خالتىلىق ناۋات (يەنى كىرىستاللانغا ناۋات دەپمۇ ئاتىلىدۇ). يىگەندە چۈرۈك، تەمى تاتلىق، قاتتىق ئەمەس ھەمدە نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى. تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى تېمپىراتۇرا پەسلىدە ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ، ساقلاشقا ئەپلىك. ئەمىلىيەتتە بۇنىڭغا سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەن.
    (4) مىۋە قېتىشمىلىرى بولسا پۈتۈنلەي سۆڭەك يىلىمىگە رەڭ كىرگۈزگۈچى ۋە تەم قوشقۇچى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بولۇپ، بالىلار ئىچىملىكلىرى خېمىيىلىك چەكلەنگەن مەھسۇلاتتۇر. بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ تەمى ۋە قەنت تەركىۋى ئىلگىركى ئۇسۇل بويىچە تەييارلانغانلىقىدىن 15 ھەسسە كۆپ بۇلىدۇ. ياسال مىللىرىغا مەبلەغ ئاز، پايدا كۆپ بولىدىغان سۆڭەك يىلىمىدىن پايدىلىنىدۇ.
    (5) كىسىلگەن ئاش (گۇا مىيەن) (gua mian) ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى سىلىش: بىز ئاش كىسىش زاۋۇتىغا بىرىپ، تەكشۇرگەندە زاۋۇت تېخنىكى بىزگە ئوچۇقلا قىلىپ، 'ئەگەر كىسىلگەن ئاشنىڭ خېمىرىغا مۇۋاپىق نىسپەتتە سۆڭەك يىلىمى ئارىلاشتۇرمىساق، سۇدا ئۇزاق قاينىتىلسا ئوماچقا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ' دىدى. بىز ئاش كىسىش ئورنىدا كىسىلگەن ئاشنى قازاندا قاينىتىپ، سۇيىنى پۇراپ باقسىڭىز سۆڭەك يىلىمىنىڭ ھىدى كىلىدۇ.
    (6) پىنتوزا ياساش: پىنتوزا پۇرچاق تۇرىدىكى خام ئەشيالار، كوممە قوناق، ياڭيۇلاردىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ، يۇقارقى خام ئەشيالارغا بەلگىلىك نىسبەتتە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ. بولۇپمۇ لازىجاڭ ۋە تىتىتقۇ ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ. باشقا تۇرلەرنىڭ سەل ئازراق. ئەگەر لازا كونسىرۋاسىنى بىر كۇن قايناتسىمۇ ئوماچتەك بولۇپ قالمايدۇ. بۇلار دەل سۆڭەك يىلىمىنىڭ كۈچلۈك يىپىشتۇرۇش رولىنىڭ كۈچى. سىز زاۋۇتلاردا ياسالغان مەلۇم بىرخىل سەي كونسىرىۋاسى (سەي جاڭ) نى قايناق سۇغا قۇيۇپ ئىرىتسىڭىز ئۇنىڭدىن سۆڭەك يىلىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايسىز. يۇقارقى مەسىلىلەرگە ھەر بىر ئۆلىمادىن تارتىپ ئاددى كىشىلەرگىچە دىققەت قىلىش كىرەك. بۇ پاكىتلار شۇنى چۇشەندۇرۇدىكى: چوشقا سۆڭىكى بولغان سۆڭەك يىلىمى يۇقارقى ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلىدۇ. جۇڭگۇدا 1 مىليارت 300مىليۇن خەلىقنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار %95 ئىگەللەيدۇ. ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەردىكى يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلىرى خەنزۇلار بولۇپ، پەقەت تازىلىق، سەھىيە تەلىۋىگە ئۇيغۇن بولسا تۈرلۈك تېتۇتقۇلارنى قوشىۋىرىدۇ. يىمەكلىككە قوشۇلىدىغان سۆڭەك يىلىمىغا ئاساسلىقى: چوشقا سۆڭىكى، كالا سۆڭىكى خام ئەشيا قىلىنىدىغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە كالا، قوي سۆڭىكى ئىھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. چوشقا سۆڭىكىنى مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن قەتئى نەزەر قەتئى ھارام، شەرىئەتكە خىلاپ! ئۆسۈملۈكلەردىن تاللاپ ئېلىنغان مايلار مەسىلەن: دىڭىز يىلىمى، كۆكتات يىلىمى قاتارلىق ماتىرىياللارنىڭ تەننەرقى ھايۋان سۆڭىكىنىڭ تەننەرقىدىن 10 ھەسسە ئېشىپ كىتىدۇ. بۇلار ئاساسلىقى دۆلەت مۇداپىئەسى، تىببى داۋالاش، تەجىربە تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدۇ. بىر ئادەتتىكى يىمەكلىك زاۋۇتىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا بىز ھەرگىز ساددىلىق بىلەن ئىشىنىپ قالماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ ئېلان ۋېۋىسكىلىرىدا جار سىلىپ ماختاشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
    بىز يەنە جاڭيۇنىڭ تەركىۋىگە دىققەت قىلىپ باقايلى:  
    جاڭيۇنىڭ تەركىۋى ئاساسلىقى ئادەمنىڭ چىچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان. بۇ ئاساسى خۇنەن جاڭيۇ زاۋۇتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ياسىلىدۇ. جاڭيۇغا تەڭشۈگۈچ قوشۇپ كونسىرۋا قۇتىسىغا چاپلىغاندا تازىلىققا قىلچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئەڭ خەتەرلىكى، چوشقا مېيىنى ئىستىمال قىلىش مەسىلىسى بولۇپ مەملىكەت مىقياسىدا ھەممە يىمەكلىك زاۋۇتىدا چىقىۋاتقان سۇنئى سۈت پاراشوگى، سۈنئى قايماق، تورت مېيى، ئىموللىيەلەشتۈرگۈچى قاتۈرغۈچى ۋە باشقا تېتىتقۇچىلار چوشقا مېيىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن.  
    بىز تىيەنجىن قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى توپ سېتىش بازىرىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ چوڭ خۇجايىن - بايۋەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يىمەكلىك زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئاساسى چوشقا مېيى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. يىمەكلىك سىرىتقى يۈزىگە بىر قەۋەت چوشقا مېيىنى سۈركىۋەتسە، يىمەكلىكنى يېڭى ھەم ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ. ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدا ھايۋانات مىيىدىن چەكلىنىپ، تەمسىز، پۇراقسىز، سۈزۈك، سۇغا ئوخشاش سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرلىدۇ. 97 - يىلى چاڭجى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى يۇقىرى تېمپۇراتۇرا شارائىتىدا ئاساسى ئېرىتمىدىن سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھايۋانات مېيىنى مۇۋاپىقىيەتلىك چەكلەپ، ھازىرقى يىمەكلىكلەرگە سىڭدۈرۈشكە مۇۋاپىق كىلىدىغان زەھەرسىز، غەيرى پۇراقسىز، رەڭسىز سۇيۇقلۇقنى ئىشلەپ چىقاردى. سىز بارمىقىڭىزدا سىلاپ بېقىپمۇ ئاللى بۇرۇن چەكلەنگەن چوشقا مېيىنى بۇراپ بىلەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. بىز تىيەنجىن شەھەرلىك سۇنئى سۇت پاراشوگى (سۇت مەھسۇلاتلىرى) زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرسەك، سۈت پارا شۇگىنىڭ ئەسلى مەنبىيى پۇرچاق تۈردىكىلەر بۇلۇپ، پۇرچاق مېيىنى يۇقىرى تېمپۇراتۇردا پۈركۈپ چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن قاتۇرغۇچىغا سىڭدۈرۈپ، سۈنئى پاراشۇك ياساپ چىقىدىكەن. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە قاتۇرغۇچى چوشقا مېيىدىن ياسالغان. تورت دۇككانلىرىدا ئەگەر زاۋۇتنىڭ تەم كىرگۈزگۈچى بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە بۇمۇ يۇقىرىغا ئوخشاش بۇلۇپ قالىدۇ. پەن تېخنىكا تەرەققىياتى چوشقا مېيىنى چەكلەپ سۈزۈك سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ، ھەر خىل نام بىلەن رىستۇرانلارنىڭ تاماق شىرەسىگە چىقارغاندىن كىيىن بۇ خەۋەر لەنجۇدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ يۇكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى جەمىيەت مۇنازىرىسى بىلەن لەنجۇ شەھىرىدىكى سودا - سانائەت، سەھىيە ۋە ج خ ئورگانلىرى بىرلىشىپ جىددى تەكشۈرۈپ، ھارام بۇيۇمنىڭ چىقىش مەنبىيىنى ئىزلەپ تىگىشلىك جازاسىنى بەرگەندىن كىيىن، كىشىنى غەزەپلەندۈردىغان بۇ قىلمىشلار ئەمدى باشقىچە شەكىلدە باشقا جايلاردا يامرىماقتا.  
    ئىككىنجى چوڭ مەسىلە: كالا - قوي ۋە توخۇلارنى بوغۇزلاش مەسىلىسى، شەندۇڭ، خېنەن، خېبىي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خۇيزۇلارنىڭ قۇشخانىلىرىدا شەرىئەتكە مۇخالىپ كالا - قوي ئۆلتۈرۈش ئەۋج ئالدى. بىر شەندۇڭ لۇۋەنشۇەن ناھىيە سىدە بىر خۇيزۇ يېزىسىنى تەكشۈرگەندە بۇ يېزا مەشھۇر قاسساپلار يېزىسى بۇلۇپ بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن مۇنداق ئەھۋاللارنى كۆردۇق. خۇيزۇلار كالىنىڭ بۇرنىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۇرژىنىنى تىقىپ كالىنى سۇ بىلەن تىنجىقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدىكەن. بۇ ئارقىلىك كالىنىڭ ئىغىرلىقىنى ئاشۇرىدىكەن. بەزى قاسساپلار ئۇشلۇق بىگىزنى كالىنىڭ مىڭىسى ئوتتۇرىدىكى نىرىپ مەركىزىگە تىقىپ ئۆلتۈرىدىكەن. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بۇنداق قىلغاندا قان چىقماي گۆشنىڭ ئومومى ئىغىرلىقى ئاشىدىكەن. مۇنداق ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى شەرىئەتكە پۈتۈنلەي خىلاپ. بۇنداق گۆش ھارام بولىدۇ. خالتىلارغا قاچىلانغان گۇشلارگە مەيلى 'ھالال' ياكى 'مۇسۇلمانچە' دەپ يېزىلغان بولسۇن، بۇ گۆشلەر كالا - قوي پىرمىلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن. جەمىيىتىمىزدىكى تۈرلۈك تاۋارلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان 'مۇسۇلمانچە' دىگەن خەتكە ھېچ كىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرەلمەيدۇ. ئەشۇ پۇل - مال ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش قىلىشنى يوللۇق ھىساپلايدىغانلار، تەدرىجى ئىماننىڭ قارشىسىغا ئۆتۈپ كىتىدۇ. بۇنداق يىمەكلىكلەر ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىرىپ سەبى بالىلارنىڭ پاك قەلبىنى بۇلغايدۇ. بۇ كۆپ يىللاردىن بىرى كۆرۈلىۋاتقان ئەمىلىيەت. ئاللە قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ. «ئى ئىنسانلار! زىمىندىكى ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر مۆئىمىن بولساڭلار ئاللە دىن قورقۇڭلار» (5- سۇرە78- ئايەت) ئاللە قا كۆپ شۈكرى، بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلانسىمۇ، لېكىن ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىماننىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم تەلىۋى. ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار، بىز بىر چوڭ كۆلەملىك بالا قازاغا دۇچ كەلدۇق. نىمىشكە بىزنىڭ ئىتىقادىمىز سۇس؟ ئىمانىمىز زەئىپ؟ ئىبادىتىمىز قەلبىمىزنى تىترىتەلمەيدۇ؟ نىمە سەۋەپتىن قەلبىمىز قىتىپ كەتتى؟ سەۋەپ بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھارام بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. ھارامنى يىيىش قەلبنى بۇلغايدۇ. بۇ مۇنازىرىسىز پاكىت. ھەدىستە مۇنداق دىيىلىدۇ «قىيامەتكە يېقىن بىر ئادەم كىلىدۇ، ئۇنىڭ چاچلىرى توپا باسقان كىيىم - كىچەكلىرى كىر، چىرايى تۇتۇق، ئۇ شۇنچە دۇئا قىلىدۇ، لىكىن دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. چۇنكى ئۇنىڭ يىگىنى ھارام، كىيگىنى ھەم ھارام». بۇ بىر مەيدان ئاپەت ئالدىدا ھەر بىر مۇسۇلماندىن شۇنى ئىلتىماس قىلماقچىمىزكى، ئى ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلغۇچى!!! قەددىڭىزنى رۇسلاپ، كۆز ئالدىڭىزدىكى ھارامغا نىسبەتەن يۈكسەك ھۇشيار بۇلۇڭ. ھارامنىڭ مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە رۇخسەت يوق. بىز تاماق داستىخانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم قېقىۋىتەيلى. نەپسانىيىتىمىزنىڭ ھەۋىسىگە ئەگەشمەيلى! گۈدەك بالىلىرىمىزنىڭ پاك قەلبى بۇلغانمىسۇن! ئۇلارغا ساپ ئىمانى موھىت، ئىمانى ھايات، ئىمانى داستىخان كىرەك. بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، سەزگۇرلىكىنى ئاشۇرۇپ، بۇلۇڭ پۇچقاقلاردىن بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە قاراپ ئېتىلىۋاتقان زەھەرلىك بۇلغانمىلارنى بايقاپ، بىرلىكتە نەپسىمىز ۋە ۋۇجۇدىمىز پاك ھالدا، كەرەملىك ئاللە دىن تىلەيلى! ئى ھەممىگە قادىر ئاللە! بىزگە ياردەم قىلغايلا! بىزنىڭ نەپسىمىزنى پاك قىلغايلا! روھىمىزنى پاك قىلغايلا! ۋۇجۇدىمىزنى پاك قىلغيلا! دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغايلا! بىزنى ھارامدىن ساقلىغايلا! بىزدىن رازى بولغايلا! ....ئامىن!
    بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى يوللىغۇچىسى ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرىدىن جەڭگىۋار ئەپەندى بولۇپ بۇ ماقالىنى كۆرگەن ھەر بىر مۇسۇلمان تورداشلارنىڭ باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا يەتكۈزىشىنى ئۇمۇت قىلمەن.
    بىز يۇقۇردىكى ماقالىنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ يىمەك - ئىچمىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.  

    ئۇيغۇرچە تىكىستى  سەلكىن  تورىدىن ئېلىندى
    http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-2837-uid-544.html

    مىنىڭ كىچىككىنە تەكلىۋىم

    تۇرمىشىمىزدا ھارام  نەرسىلەر كۆپىيىپ كىتىپتۇ.كۆزىمىزنى قايتىدىن چوڭ ئىچىپ ياخشىراق تەكشۈرۈپ باقايلى.
    ۋەتەندە  مۇسۇلمانچە خېمىر تۇرۇچلارغا ئىمونىكسىيەلەشتۈرگۈچ(乳化剂) ئىشلىتىدۇ.بۇ دىققەت قىلشقا تىگىشلىك بىر ماتىريال.
    ئەجرىم خېمىر تۇرۇچىدا ئىمونىكسىيەلەشتۈرگۈچنى ئۆسۇملۈك (دادۇر،شىكەرقۇمۇش)تىن ئىلىنغان_دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن خېتى بار.ئابلاجان نانلىرىنىڭ خېمىرتۇرۇچنى تۈركىيەدىن ئەكەلتۈرۈلدىكەن.باشقا خېمىر تۇرۇچ ،نانلارغا ئۆسۈملۈكنىڭكىنى  ئىشلىتەمدۇ ھايۋاننىڭكىمۇ .(شۈبىھلىك نەرسىلەر  ھارام بولۇشىمۇ مۇمكىن،شۇڭا شۈبىھلىك نەرسىنى خۇددى ھارامنى تەرىك ئەتكەندەك تەرىك ئىتەيلى.)
    مەن ئىخلاس فېرىما تەركىبىدىمۇ ئىمونىكسىيەلەشتۈرگۈچنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن.ئۇنىڭ نىمدىن ئېلىندىغىننى بىلمىگەچ شۆبىھلىك ھىس قىلىپ خالتىسىدىكى شىركەت نۇمۇرغا  تىلغۇن قىلسام، بىر كىشى سۈت جەۋھىرى دەپ قويۇپلا،ئىنىق چۈشەنچە بەرمىگەنتى.شۇڭا ئۇنى ئىشلىتىشنى تەرىك ئەتكەنتىم .
    بىر ئۇيغۇر كارخانچىنىڭ دىيىشىچە ،ئۇيغۇر شىركەتلىرىنىڭ بەزىلىرى  مەسھۇلاتىنىڭ ماتىريالىنى ئىچكىردىن سىتۋالدىكەن ،بەزىلىرى ئىچكىردە ياسىتىدىكەن .بەلكىم  خام ئەشيا قاتارلىقلاردىن تارتىپ ھەممىنى باشقىلاردىن سىتىۋالماي ئۆزى ياساپ قىلدىغانلىرى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا بولسا كېرەك.
    مونتىريالدىكى (كانادادىكى )يەھۇدى شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان Danoneدىگەن قېتتىقتا
    no gelatinيەنى سۆڭەك يىلىمى يوق دەپ ئالاھىدە يىزىلغان.بۇ يەردىكى بىر قىسىم  خەۋىرى بار مۇسۇلمانلارمۇ  سۆڭەك يىلىمى بارلىرىنى ئالمايدىكەن.
    بۇ شەھەردە نۇرغۇن يىمەكلىك ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى جۇڭگودىن كىرگۈزۈلدۇ. خەنلەر ئاچقان ماگزىنلارمۇ بار.شۇڭا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ مەسلىگە قاتتىق دىققەت قىلساق.
    ئۆزىمىز دىققەت قىلىپ ھارام بارلىرىنى سىتىۋالماي قالماي ،ئەتراپىمىزدىكلارنى مۇشۇ تەشۋىقاتنى ۋاراقلارغا تارقىتىپ ئاگاھلاندۇرايلى.بىر كۈنلەردە ئۆزىمىز تونۇشلىرىمىز ئۆيىدە شۆبىھلىك نەرسىنى يەپ قىلىشىمىز،تونۇشلىرىمىزمۇ ھەم  ئىزچىل بۇلارغا سەل قاراپ سىلىپ  يەپ گۇناھكار بولۇپ قىلىش ئىھتىمالى بار.
    بۇلارنى كۆرۈپ بەلكىم نەپسى بىلەن شەيتان ۋەسۋەسە قىلىپ ،بۇنداق ئايرىغىلى تۇرساق ھاۋا بىلەن سۇدىن باشقىنى ئىشلىتەلمىگۈدەكمىز ،بولدىلا دەپ سەل قاراپ كىتىۋىرىدىغان كىشىلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن،بۇ كىچىككىنە ئىش دەپ سەل قارىساق تىنىمىز بارا بارا ساقسىز،ئوقۇغان نامازلىرىمىز قۇبۇلسىز،دۇئالىرىمىز جاۋاپسىز قالغاننى ئاز دەپ، قەلبىمىزنى كىر بىسىپ بۇ دۇنيادا ئاللادىن يىراقلىشىمىز،ئۇ دۇنيادا ئاللانىڭ قاتتىق ھىسابى ئالدىدا ياخشى ئەمىلىم دىگەن نامازلىرىمىز يوق بولۇپ ،ئاللادىن تىلىگەن دۇئالىرىمىز  بىكار بولۇپ،ھارامدىن ھىساپ بېرىپ بولالماي ،يامان تۆشەك دوزاختىن ساقلانماق تەس بولدۇ.ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.ئامىن.شۇڭا ھازىردىن باشلاپ يىمەكلكىمىزنى ھالاللايلى.قەلبىمىزنى پاكلايلى .پاكىزە تەن، پاك قەلىپ بىلەن ئاللاغا يىقىنلىشىپ دۇئا قىلايلى :«ئەي ئاللا !قىلغان خاتالىرىمنى ئەپۇ قىلغىن ،مىنى ھارامدىن ساقلىغىن .روھىم ۋە جىسمىمىنى مەڭگۈ ھالال بىلەن پاك قىلغىن. ئامىن!»


    خەنزۇچە تىكىستى
    http://www.islamcn.net/bbs/viewthread.php?tid=29363
    认 识 和 抵 制 非 清 真 食 品 的 侵 蚀
      各位教长:河州的穆斯林同胞们“安赛俩目阿来空目”。
      知感安拉的恩惠,我有幸能来临夏的大西关清真寺和众多的教长见面,汇报了我们在天津、北京、河北、河南、山东、云南等地调查有关在市场上出售的各类非清真食品。在穆斯林社区中侵害的严重问题,当前,中国穆斯林社会正面临非清真食品的侵袭,由于人们的生活水平提高,在选择购买食品时模仿高档化、营养化、追求时髦表面化,反正有个清真字样,不写大众的就行了,这样的青年一代不计其数,忘掉了自己是一位有伊斯兰信仰的穆斯林,古兰经启示说;“他真主只禁止你们吃自死物、血液、猪肉、以及非诵念真主之名而宰的动物”(2:173).古兰经还明确说:“凡不依真主所降示的经典而判决的人都是犯罪的”(5:47).在圣训中:爱比宛尕斯对安拉的使者穆罕默德说:“真主的使者啊!请你求真主使我的祈祷受应答吧!安拉的使者说:爱比宛尕斯啊!纯洁你的饮食吧,那么祈祷就会受应答,以真主起誓,一个人要是把一口非法的饮食吃进自己的肚腹,那么他在四十天内所有的善功不会被准承。”一个顺服真主的信士第一个保护伊玛尼的条件就是合法的饮食,以上这一节圣训足够现在的中国穆斯林去深思,古兰经启示说:“凡培养自己的性灵必定成功,凡残害自己的性灵者必定失败。”(91:9-10)一位信士无意中吃上非法的东西,必须慎重的作忏悔(讨白)如果现在的社会某些人天天吃“海拉目”东西,能说你是有伊斯兰教信仰的穆斯林吗?非法的各类食物在市场上泛滥,应该引起穆斯林社会高度的重视
    。今天我排出了各种顾虑,取悦真主的喜,把我们用几年时间艰难中调查的实事,用文字整理写出来,供各位教长和穆斯林同胞们参考,现逐条来叙说:
       第一大题是骨胶,骨胶是各种动物的杂骨和动物的烂皮所熬制成的粘性强的胶,这一点大家都知道,这个老传统产品原前是粘木制品用的,可现在技术发达时代从骨胶中提炼食用胶、明胶或磊胶,这些提炼的胶用在制作泡泡糖、巧克力、牛奶糖、没有胶这类商品不能制作。现在技术改新中食用胶做冷饮食品:如酸奶、雪糕、冰淇淋、果东等,他起凝固作用,不宜溶解消化。我们去天津市红星冷饮食品厂、康乐冷饮食品厂调查时,我们向技术员说明来意进行通融后弄到了这些产品的制作配方。证明了以上产品在市场上销售,而且产量大,红星冷饮厂属华北地区的大企业,他的产品销往北京、天津、河北等地。厂家不考虑回民能否吃的问题,而且人数极少,以上的各类商品中都有骨胶成份。二类是瓶装罐头如桃、梨、果、桔子、葡萄等八五年前这种传统工艺做法是用一进蒸馏水内放六两糖,抽空气后盖瓶来保鲜,国家因糖尿病、肥胖病、高血压人数增多,颁布食品加工中减少糖质的规定,后来制作罐头类食品的企业把食用胶放入蒸馏水,少加糖的技术,让罐头内的果品保鲜。现在如果你把罐头内的水倒出后就看见糊状稠水剂,这就是骨胶的证据。第三类,现在制作的小方块冰糖,又叫单晶冰糖,吃后觉得脆甜,不硬而且透明性好,更重要的在高温季节不易溶化,好保存。也是糖制作中放入了食用胶的技术。第四类果冻完全是用食用胶、甜味素、色素制做的儿童饮食品,甜味素是一种化学提练品,它的口感甜度是食用糖的十五倍,制作商为了赚钱连糖都不放,果冻的质做配方是我们去云南一家果冻机械制造设备厂把技术员贿赂后,才弄到配方,厂家卖机械设备后才提供配方。第五类挂面中也放入食用胶,九七年我们去天津市挂面厂跟车间技术工人调查中他公开讲:“如果挂面中适当比例不放食用胶,在水中煮的时间长了怕煮糊,”吃后觉得口感柔筋的感觉。你把挂面煮后的汤闻一下,有一股骨胶的臭味。第六类粉条、粉丝、粉皮我们去天津粉丝厂,山东龙口粉丝厂调查,因为这二家大企业的粉制品在天津、北京、河北一带销量最大,我们就选为调查对象,粉条、粉丝原料是豆类、高粱、土豆(洋芋)薯类制做的淀粉,在第二道制做工序时按淀粉原料内放入有比例的骨胶,麻辣粉类放入的骨胶比例高,其它粉比例少,如果麻辣粉在小沙锅内煮上一天不会散糊,这是骨胶发挥粘胶作用。你把薯类粉用开水发烫,闻水的味道就有骨胶臭味,我讲这些事例要负教门上的责任,得出的结论是“海拉目”猪骨胶污染了这些商品
    中国十三亿人口汉民占95%,各省制做食品加工的汉民人家没有信仰,只要符合卫生条件的添加副料,就使用。全国多少个食品加工企业都用胶
    骨胶的大量原料**骨,牛羊骨数量是有限的,所以猪骨不管把它提炼
    成什么程度的产品,他终究是永久性的“海拉目”非法东西,植物中也提炼胶,如海藻、角又菜胶、阿拉伯树胶,这些原料的胶成本高于骨胶十倍,都用在国防科技、医用实验科技中,一个普通的食品加工企业,我们不要轻信他们的广告哄骗,不要报任何幻想。就是你们临夏本地的明胶厂,他不可能把屠宰的清真牛羊骨分开制做成清真骨胶,肯定是把所有收购的各类动物骨混在一起制做骨胶,这也难道是合法的胶吗?我们要认识到问题严重性,一个固体酱油的主体原料是人的头发和动物身上的毛发制做的,是湖南生产的东西,把固体酱油增加调味后进行灌瓶制做,这属非清真酱油,选择酱油要警惕。
      第二大问题**油,现在全国最大的制做食品用的各类添加剂厂是上海、广州、二家食品添加剂厂,他们的产品如脂肪乳、脂肪酸、人造奶油、蛋糕油、催化剂、凝固剂、这些添加剂都有猪油成份,我们在天津副食品批发市场调查广东一家批发商老板,他供认南方各厂制做的儿童食品,有些吃的酥放入猪油多,在面豆原料中按比例加食用油,很多食品做成后外部涂上一层猪油,否则食品不保鲜和不易储存。他们大量收购猪油,整桶整车运往广州和南方。现在技术中把各种动物油提炼成,无味、无色、清如水透明的液体都用在食品加工中,九五年中央科技长河节目中,播放科技成果,把动物脂肪油通过高温等技术转化成无味、无色、无毒清亮的食用油。九七年长治回民化学厂用高温加入碱经过多次过滤,成功的简便技术把动物脂肪油也提炼成无色、无毒的液体,所以今天的各类食品中油性液体都使用这种油。你闻不到什么味道,例如现在的山楂卷、山楂糖,如果不抹油粘成一块怎么形成薄卷呢?你用手摸一下有一层油,那就是转化的猪油当然你也闻不到什么味。
      我们去天津人造奶油厂调查,主体原料是豆类,把豆油进行高温喷化
    射进凝固剂后变成人造奶油,关键是凝固剂是用猪油制做的,蛋糕油也掺入了猪油,兰州有清真糕点铺,白面、清真油当然是清真的,如果糕点内放入了南方生产的添加剂一类的东西,那坏了,就不清真了。
      科技成果把动物脂肪油转化成液体油后,南方的开发商们把兰州各餐厅地沟油、脏油、猪油等提炼掺入市场销量的植物食用油内,他们牟取暴利,群众揭发后这件新闻在兰州性报上追踪报道:题目“脏油上了百姓的饭桌”一时社会议论纷纷,兰州工商卫生、税务、公安联合出动到窝点查出了大批制成的脏油,一整风过去后,南方开发商又开始制做贩买,屡禁不止真让人气愤。
      第三大问题非法屠宰的牛、羊、鸡.在内地山东河北、河南回民屠宰专业厂不按教法规定屠宰,我们在山东冠县一个纯回民村调查,这个大村庄专搞屠宰卖牛羊肉生意,成了有名的富裕专业村。他们一部分人我亲眼看着往牛鼻子孔把进水管塞进去用电泵灌水把牛灌死,来增加肉的重量谋取暴利,部分人屠宰牛、羊时用一个特制的针刺刀向牛头部神经中枢扎进后刺死牛,就是不让血液流出减少肉的重量,那几种残忍的屠宰方法与教法规定则是背道而驰,这种屠宰方法在山东、河北很普遍,他们按清真肉出售给批发商,这类非法肉进入北京、天津、山东、河北、河南地方的清真饭菜馆,哄骗了多少不知情的穆斯林吃上了“海拉目”的肉,我们能相信这一带地方的清真饭菜馆吗?我亲眼见到的事实,今天劝告西北地区的穆斯林不要进我们那一带地方的清真饭菜馆,哪怕招牌上写“海俩里”或“清真言”也罢。
      还有一件事例,肉食鸡的问题,我在兰州看见小西湖有几家专卖火锅鸡肉的铺子,他们的鸡肉包装箱写着河南豫南鸡肉厂没有清真字样,我们九八年去河北唐山市开平区清真肉鸡厂调查,唐山市小山清真寺开学阿訇、询问了开平区清真肉鸡厂是回民开办的厂吗?按伊斯兰教法宰鸡吗?阿訇说:“这个厂没有回民全是汉民,不知这个清真牌子是怎么办到的不清楚,是假冒清真,我是一个没有权力的空名阿訇,我不负责任。”后来这位阿訇也离开了寺。所以当前市场上卖的火锅鸡肉,各肢体分割型鸡肉大部分屠宰不按教法属“海拉目”食品,即便有清真字样也不可相信。那些崇拜金钱的商人们利益促使他忘了伊麻尼,“挣钱第一”危害着广大不知情的穆斯林,危害着幼小的儿童们。这是我多年压在心中的一个沉痛负担,今天无保留的讲出来,愿安拉接受我的举意。
      古兰经中真主说:“众人啊,你们可以吃大地上所有合法而佳美的食物,你们敬畏你们所信仰的真主。”(5:87)今天知感真主的恩惠我们的物质生活条件充足了,选择“海俩里”合法食品是伊麻尼要求每一位穆斯林应该遵守的行为。当前中国穆斯林社会面临着一场灾难性的“海拉目”食物的侵袭,都是人为的结果,为什么现在我们的信仰浮浅伊玛尼薄弱,心变得钢硬听不进教长们的劝告呢?就是吃了非清真食品,“海拉目”蒙住了人们的心,这是毫无疑问的事实。
      在这一场灾难面前我疾声的呼吁我们的教长们勇敢的站起来向邪恶势力开战,用各种场所宣传、号召穆斯林大众共同抵制“海拉目”食品的侵害,拯救我们的儿童清洁的心灵被非法食品所污染。我们中国小麦加的穆斯林向全国穆斯林做出典范,用各种有效的方式方法抵制非清真食品的泛滥和销售,让穆斯林消费者提高思想认识的警惕。万能的真主啊!你接受我们的举意和愿望吧!
      我本人文化程度有限写作上如果有错误请原谅,心情是激动地、迫切地、虔诚地希望各位教长和穆斯林同胞们理解。本文引用古兰经章节和圣训,希望多斯蒂们尊重,千万不能糟蹋。
                                            
                              天津市穆斯林  玛润吉尼
                            临夏市穆斯林劝善协会整稿
                               二00五年元月三十日





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى