سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   سىرىق فىلىملەرنى ۋە يالىڭاچ سۇرەتلەرنى كۆرۇشنىڭ ھۆكمى نىمە؟ _cat}

    خەتكۈچ:(تەۋىسيە)

    سىرىق فىلىملەرنى ۋە يالىڭاچ سۇرەتلەرنى كۆرۇشنىڭ ھۆكمى نىمە؟

       

     



    سۇئال سورىغۇچى مىسىردىن مۇھەممەد،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىرىق فىلىملەرنى ۋە يالىڭاچ سۇرەتلەرنى كۆرۇشنىڭ ھۆكمى نىمە؟ئاللا سىلەرگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.
    جاۋاب: ‹جاۋاب بەرگۇچى، قۇددۇس ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ فىقھى ئۇستازى ھىسامىدىن ئىبنى مۇسا.›
    ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، بارلىق مەدھىيەلەر ئاللاغا بولسۇن، ئاللانىڭ ئەلچىسىگە ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە سالامى بولسۇن، پەلەستىن قۇددۇس ئۇنۋىرستىتىنىڭ فىقھى ۋە فىقھى ئۇسۇلى ئۇستازى ھۆرمەتكە سازاۋەر دوكتۇر، ھىسامىددىن ئىبنى مۇسا مۇنداق دەيدۇ: ************ ھەرقانداق شەكىلدىكى ۋە ھەرقانداق سۇرەتتىكى بۇزۇقچىلىق ۋە چۇشكۇنلۇككە ئۇرۇش ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلىپ بارىدىغان يولنى قەتئى ئۇزۇپ تاشلايدۇ، سىرىق فىلىملەر ۋە يالىڭاچ سۇرەتلەر بۇزۇقچىلىق ۋە چۇشكۇنلۇكنىڭ ئەڭ رۇشەن كۆرۇنۇشلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئىلىپ بارىدىغان ۋاستە بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن مەن سىرىق فىلىملەرنى يالىڭاچ سۇرەتلەرنى كۆرۇشنىڭ ********ىدا قىلچە شەك قىلمايمەن، چۇنكى ************ فەقىھلىرى ۋاستىلەرگە مەقسەتلەرنىڭ ھۆكمىنىڭ بىرىلىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇنى ئىنىق بىلىدۇكى، سىرىق فىلىملەر ۋە يالىڭاچ سۇرەتلەر ئەخلاقى بۇزۇقچىلىق ۋە ئىجتىمائى رەزىللىكنى تارقىتىدىغان ۋاستە، ئۇ زىنا، بەچچىۋازلىق ۋە ئانانىزىم (قولى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش) نىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ھارامنى قىلىشقا سەۋەب بولغان نەرسىنىڭ ئۆزىمۇ ھارام بولىدۇ، بىزئاشۇ سىرىق، چۇشكۇن فىلىملەر ۋە نۇمۇسسىز يالىڭاچ سۇرەتلەرنى كۆرۇش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان زىنا، بەچچىۋازلىقتەك نۇرغۇن ئەخلاقى بۇزۇقچىلىقلارنى ئاڭلاۋاتىمىز ۋە ئوقۇۋاتىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئايال ئايالنى بىۋاستە كۆرۇپ ئىرىگە خۇددى ئۇنى كۆرگەندەك سۇپەتلەپ بەرمىسۇن›› (بۇ خارى)بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئايالنىڭ يەنە بىر ئايالنى يالىڭاچ ھالەتتە كۆرۇپ ئاندىن ئىرىگە ھىلىقى ئايالنى سۇپەتلەپ بىرىشتىن، ئىرىدا ھىلىقى ئايالغا نىسبەتەن بىرەر يامان ئىستەك قوزغاپ قويۇشتىن توستى، كۆپچىلىككە مەلۇمكى بۇ خىل ئەھۋالدا ئەر ھىلىقى ئايالنىڭ ئايالى سۇپەتلەپ بەرگەن ھالىتىنى خىيال قىلىپ قالىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مانا موشۇنداك خىيالدىنمۇ توسقان تۇرسا سىرىق فىلىملەر ۋە يالىڭاچ سۇرەتلەرنى كۆرۇشنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بىقىڭچۇ؟ ئۇ بىر ئايالنى خىيال قىلىشتىن نەچچە ھەسسە چوڭ بۇزۇقچىلىققا ئىلىپ بارىدىغان تۇرسا. مەن شەرىئەتنىڭ مەقسىدىنى چۇشىنىدىغان بىر تەقۋادار مۇسۇلماننىڭ بۇنداق بىر نىجىس ئىشنى دۇرۇس سانايدىغانلىقىغا قەتئى ئىشەنمەيمەن، خۇلاسىلىگەندە: سىرىق فىلىملەر ۋە يالىڭاچ سۇرەتلەر ھارام چۇنكى ئۇنىڭدا ھارامغا بىرىلىپ كىتىش ۋە ئاللا ھارام قىلغان نەرسىگە قاراش كىلىپ چىقىدۇ، شۇنداقلا ئاشۇ خىلدىكى فىلىملەرنى ۋە سۇرەتلەرنى نەشىر قىلىش، بىسىشمۇ ھارام، ئۇلارنى تارقىتىپ ۋە ئەۋىج ئالدۇرۇشمۇ ھارام. ئاللا ھەممىنى بىلگۇچىدۇر





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى