-
باشقىلارنىڭ eot ھۆججىتىنى ئىشلىتىش - [تور بەت ياساش]
2008-12-08
EOT ھۆججىتى ھاسىل قىلغۇچ 1.0 ئىشلىتىش ياردىمى
باشقىلارنىڭ EOT ھۆججىتىنى خەت نۇسخىسى بولمىغان ئەھۋال ئۆزىڭىزنىڭ ھۆججىتىگە ئايلاندۇرالايسىز . EOTھۆججىتىنىڭ ھۆججەت قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ ، ئېلان قىلىنمىغان يوشۇرۇن ھۆججەت قۇرۇلمىسىغا تەۋە ، بىۋاستە ھۆججەت تەركىبىدىكى تور بەت ئادرېسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مەقسەدكە يېتەلمەيمىز ، ھۆججەت بېشىغا يېزىلغان ھۆججەت چوڭلۇق قىممەتلىرى ۋە ئادرېس ئالدى كەينىدىكى تۇراقسىز ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان قىممەتلەرنى ئۆزگەرتىش تولىمۇ قىيىن ، ئەمما ئۆزىمىزدە بار بولغان EOTھۆججىتى ئارقىلىق مۇرەككەپ ئۇچۇرلاردىن ئۈلگە ئېلىپ باشقىلارنىڭ ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ مەقسىدىمىزگە يېتەلەيمىز ، ئەمما بۇ جەريان ئىنچىكە ھېسابلاشلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا ھەمدە بىر بايت ئۇچۇر كام ياكى ئارتۇق يېزىلسا پۇتۇن ھۆججەت بۇزىلىدىغان بولغاچقا قولدا مەشغۇلات قىلىش بەك مۈشكۈل ، شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر قورالنى ئىشىدىم ، ئىشلىتىش ئوڭاي .
پروگرامما ئىجرا بولۇش مۇھىتى : Microsoft .NET Framework v2.0
ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى .
چۈشۈرۈش ئادرېسى : http://tools.mydrivers.com/soft/408.htm
ئىجرا مۇھىتىنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن مەزكۇر پروگرامما ئاندىن ئىجرا بولالايدۇ ، ئەگەر سىزدە بار بولسا قاچىلاش ھاجەتسىز
باشقىلارنىڭ EOT ھۆججىتى دېگەن ئورۇنغا باشقا تور بېكەتلەردىن چۈشىرىۋالغان EOT ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىسىز ، ئۆزىمىزنىڭ EOT ھۆججىتى دېگەن ئورۇنغا توربېتىمىزگە ئىشلىتىۋاتقان EOT ھۆججىتىنى (دېققەت : بۇ ھۆججەتتە چوقۇم تور بېتىڭىزنىڭ ئادرېسلىرى ساقلانغان بولىشى كېرەك) كۆرسىتىپ بېرىسىز ھەمدە ھاسىل قىلىش كونۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ يېڭى EOT پروگراممىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى :كۇلۇبىمىزدىكى ئۇز بىلوگ دېگەن تورداشنىڭ تېمىسىنىڭ قىزغىنلىقىدا توردىن EOT نىڭ ھۆججەت قۇرۇلمىسىنى بايقاپ قالدىم ۋە ئىلگىرىكى EOT ھاسىل قىلغۇچ پروگراممىسىنىڭ 2.0 نەشرىنى ئىشلەپ تارقاتتىم ، پروگرامما ئاساسلىق EOT نىڭ ئادرېس ئۇچۇرلىرىنى بىۋاستە ئۆزگەرتىدۇ ، ۋاستىلىك ھۆججەت ئىشلىتىش ھاجەتسىز . گەرچە مىكروسوفت شىركىتى فونتنىڭ مەخپىيلەشتۈرۈش جەريانىنى ئېلان قىلمىغىنى بىلەن بىزگە كېرەك بولغان ئادرېس ئۇچۇرلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىنى ئېلان قىپتۇ ، يەنى UTF-16 فورماتىدا ئادرېسلارنى سانلار گۇرۇپپىسى قىلىۋېلىپ بېشىغا ئۇزۇنلۇقنى يېزىپ قويۇپتۇ . تەپسىلىي فورمات ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى توربەتتىن كۆرۈڭ :
http://www.w3.org/Submission/EOT/
W3 گە EOT نىڭ ھۆججەت قۇرۇلمىسى يوللانغانلىقى بۇندىن كېيىن ھەرقانداق تور كۆرگۈچEOT نى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ . پروگراممىنى كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك بولۇپ :
ئىشلىتىش تولىمۇ ئاسان، ۋەفىت نى قاچىلىمايمۇ ئادرېس ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتىنى تاماملىيالايسىز .
مەزكۇر يازمىنى باشقا بېكەتلەردە ئېلان قىلغان ئاپتور ۋە كېلىش مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتىڭ !
پروگراممىنىڭ ئىجرا بولۇش مۇھىتى : نېت رامكىسىنىڭ 2.0 نەشرى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرلىرى .
نېت رامكىسنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى : http://tools.mydrivers.com/soft/408.htm
پروگراممىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى : چۈشۈرۈشEOT ئۆزگەرتكۈچىنىڭ 3.0 نەشرىدىكى يېڭىلىقلار :
1. ئىلگىرى تارقىتىلغان 2.0 نەشىرىدە ، ئادرېسلارنى ئۆچۈرۈپ ساقلىغاندا EOT نى بۇزۇپ قويۇش ئەھۋالى بىر تەرەپ قىلىندى.
2. پروگراممىنىڭ كودى ئەسلىكى C# دىن VB6 گە ئۆزگەرتىلىپ ، ئىشلەتكەندە .net frame work نى قاچىلاش ھاجەتسىز
3.MTX ئۇچۇرىنى ئايرىۋېلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى . MTX بولسا MicroType Express نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ weft ئارقىلىق ئەسلىدە باربولغان OpenType فونتىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى پىرىسلاپ ھاسىل قىلىنغان يېڭىچە فونت بولۇپ بۇ فونتنى بىز سىڭدۈرمە فونت دەپ ئاتالدى ، مەزكۇر فونتنى MicroType Express نىڭ ھۆججەت فورماتىغا ئاساسەن كەينىگە ياندۇرۇپ TrueType قا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ تەپسىلىي فورمات ئەھۋالىنى http://www.w3.org/Submission/2008/SUBM-MTX-20080305/ دىن كۆرۈۋېلىڭ
پروگراممىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى :پروگراممىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى :历史上的今天:
تۈركى تىلى ئائىلىسىگە تەۋە مىللەتلەر 2008-12-08توردىن توپلىغان نەقىشلىرىم 2008-12-08PHPwind6.3.2 دە بەت ئۈستى رەسىمى قىستۇرۇش 2008-12-08ئېتوت-مىھمان (2008) 2008-12-08随机文章:
PHPwind6.3.2 دىن Discuz X كە كۆچۈش جەريانى 2010-06-08PHPwind 7.0 RC ئۇيغۇرچە نەشىرى سىنىلىۋاتىدۇ 2008-12-19PHPWind Forums v7.0 beta تارقىتىلدى 2008-10-29Alimama ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىش 2008-07-24
收藏到:Del.icio.us
评论