• PHPwind 7.0 RC ئۇيغۇرچە نەشىرى سىنىلىۋاتىدۇ - [تور بەت ياساش]

    2008-12-19

    2008-يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى PHPwind گۇرۇپپىسى PHPwind 7.0 RC  نەشىرىنىڭ كۆپ خىل كودلانغان نۇسخىلىرىنى ئاشكارا تارقاتقاندىن كىيىن «بىزنىڭ»گۇرۇپپىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پىلانغا ئالغان، ۋاقىتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلىدىن بۇ خىزمەت سەل كېچىكىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە ئىلھام بېرىشى ئاستىدا بۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇردۇق، سىناش خىزمىتىگە قۇلايلىق ياراتقان ئۇيغۇر تورتېخنىكا مۇلازىمەت تورىغا ۋە بارلىق ھەمكارلاشقۇچى بېكەت باشلىقلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
    سىناق ئادىرىسى: http://pw.bizning.com

    ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر تەرتىۋى
    1. «بىزنىڭ» تور گۇرۇپپىمىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ۋە بەت يۈزىنى ئۇيغۇرچە يېزىقىمىزغا ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كونكرت تۇتۇپ ئىشلەيدۇ، نۆۋەتتە بۇ خىزمەت تورداشلارنىڭ تەكشۈرۈپ سىنىشىنى كۈتىۋاتىدۇ.
    2. مەزكۇر تېما ئېلان قىلىنغاندىن ئېتىبارەن مەزكۇر پروگراممىنى ئىشلىتىشنى خالايدىغان بېكەت باشلىقلىرى سىناش خىزمىتىمىزگە ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەمدە بۇلالمىسا سىناش، پىكىر بېرىش ئىشلىرىغا قاتناشسسىمۇ بۇلىدۇ.
    3. نۆۋەتتە ئىشلىنىدىغان كام خىزمەتلەر: پەقەت ئاساسى ئۇسلۇبلا تەڭشەپ چىقىلدى، ئۇيغۇرچىغا ماسلاشقان مىللىچە خاسلىققا ئىگە ئۇسلۇب لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىمىز، ياسىغان ياكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئۇسلۇبلار تورداشلارغا يارىسا ئەسلى پرۇگرامما بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئارقا سەھنىگە ھېچقانداق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىدى، بۇ خىزمەت سىزنىڭ ھەمكارلىشىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
    4. مۇنبەرنىڭ رەسىم، فلاشكە مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلمىدى، بۇ ئورۇنلارمۇ ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا قاتنىشىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
    ئاخىرىدا يوقارقى خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ قىلىشنى خالايدىغانلار مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە ئەسكەرتىپ قويىشىنى، بۇ خىزمەتنىڭ تەكرارلىقىدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

    ئېھتىرام بىلەن: «بىزنىڭ» تور گۇرۇپپىسى
                         «بىزنىڭ: كۇلۇبى ئىشخانىسى
    2008-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى

    خىزمەتنىڭ قولايلىق داۋاملىشىشى ئۈچۈن مەن بىر QQ توپى قۇرۇپ قويدۇم، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلار كىرسەڭلار،بىر ئىشخاندا ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇپ ئىشلەيمىز...

    توپ نۇمۇرى : 10556464

    ئىلتىماس ئەۋەتكەندە pw.bizning.com دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ! بولمىسا ئىلتىماسىڭىز قوبۇل قىلىنمايدۇ.

    توپقا كىرگەندىن كىيىن ئوپچە ياكى توپ باشلىقىغا قارتىپ ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز بىز سىزگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنى ئەۋەتىپ بېرىمىز، ئىشنىڭ قايتىلنىپ قېلشتىن قۇتلغىلى ۋە سۈرئەت تىز بۇلىدۇ. يەنە بەزى گەپلەرنى ياكى بەزى جايلارنى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى بىلمىسىڭىزمۇ مۇشۇ توپتا سورىسىڭىز بۇلىدۇ.

    ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا كېرەكلىك دېتال EDITPLUS نى http://bizning.com/bbs/read.php?tid=287 بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ!

    كۇلۇبتىكى تېما مەنزىلى: http://bizning.com/bbs/read.php?tid=606


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ياخشى بوپتۇ ، لىكىن مەنمۇ ياردەملىشەي دىسەم قانداق قىلىشنى بىلمىدىم ...
  • ياخشى ئىشتىن بىرسىگە تۇتۇش قىپسىلەر، PHPwind ساھەسىدە باشلامچى بېكەت بۇلۇپ قېلىشىڭلارغا ئىشەندىم.