باش بېتىمىزگە قويغان ئالىموماي ئېلانىمىز ئىككى ئايغا يېقىن توختىتىلىپ قويۇلغان، ئۆتكەندە بىر قېتىم ئېچىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلساق ئېچىپ بەرمىگەن، قايسى كۈنى قارىسام ئېچىشنى ئىلتىماس قىلىش بېتى يەنە يورۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن نەچچە قۇر ئۆزەم بىلگەنچە بىر نىمىلەرنى يېزىپ ئىلتىماس سۇنىۋىدىم، تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئېلانلار قايتىدىن كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئېلانلىرى توختاپ كەتكەن بېكەت باشلىقلىرىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئېلان مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىپ ئېچىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، گەرچە بۇنىڭدىن قىلغان كىرىم بەكمۇ ئاز بولسىمۇ تور بېكەتنىڭ بوشلۇق ۋە ئىسىملىرىنىڭ چىقىملىرىنى كۆتۈرەلەيدۇ.
评论
قايتا ئىچىپ بىرىشكە ئىلتىماس قىلغاندا نىمىلەرنى يازساق بولىدىكەن. بۇندىن كىيىن نىمىلەرگە دىققەت قىلىدىكەنمىز؟ مۇشۇ توغۇرلۇق توختالسىڭىز بوپتىكەن
ئېلانلىرىڭىزنى دەسسەپ ئۆتۈپ كەتتىم.