-
بلوگباستىكى بلوگلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى بىرقانچە ئىنچىكە نوقتىلار - [بلوگ ياساش]
2008-08-04
مانا بۇ بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋالغىلىمۇ ئون نەچچە كۈن بۇلۇپ قاپتۇ، دەسلەپ ئارامگاھ بلوگىدىكى ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتتىم، كىيىن ئۆزەممۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بېقىش نىيىتىدە يېشىل ئاپىلىسىن ئۇسلۇبىنى %80 ئەتراپىدا يامان ئەمەس ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەڭشىدىم، بۇ قېتىم ئولىمپىكنى تەنتەنە قىلىش نامىدىكى بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا خېلى كۆپ نوقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالدىم، ئۈگەنگەنلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىتىدە بۇ تېمىنى يازدىم.
بلوگباسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانى
1. سېستىما تەمىنلىگەن ئۇسلۇبنىڭ تەييار كودىغا ئېرىشىش
تۇنجى قېتىم مەن بۇنى بىلمىگەچكە باشقىلار تەمىنلىگەن تەييار كودنىلا قوشقانىدم، كىيىن قارىسام سېستىمىدىكى ئۇسلۇبنىڭ كودلىرىغىمۇ ئېرىشكىلى بۇلىدىكەن. ئۇسۇلى ئارقا سەھنىدىن ئۇسلۇبنى لايىھىلەش تىزىملىكىدىن يېڭىدىن ئۇسلۇب قوشۇش تۈرىگە كىرىمىز ، يېڭىدىن بىر ئىسىم قويۇپ داۋاملاشتۇرىمىز، بۇ ۋاقىتتا سېستىمىدىكى 6 مۇندەرىجە ئىچىدە ھېچقانداق كود بولمايدۇ، ئاستىغا قارىساق ئۇسلۇب كىرگۈزۈش يەنى 模板导入دىگەن خەت بار، ئۇنىڭ ئاستىدا بىر تاللاش كۆزنىكى بار، سىز تەييار ئۇسلۇبلارنىڭ نامىغا ئاساسەن بىرنى تاللاپ تاپشۇرۇشنى بېسىڭ، ئەمدى تەييار مۇندەرىجىلەر يەنى head، css، index، index-posts، detail، detail-post لارنىڭ ئىچىدە كودلار پەيدا بولدى، سىز ئۇ كودلارنى خاتىرە دەپتەرگە چاپلاپ نامىنى ئۈتىدىكى ناملار بىلەن ئوخشاش قىلىپ ساقلىۋېلىڭ.
2. ئەمدى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى باشلايمىز
head نى مۇنداق ئۆزگەرتىڭ، ئىچىدىكى كودلارنى ئۆچۈرۈپ بۇنى چاپلاڭCode:
src="index.html">بۇنىڭ رولى بەت يۈزىدىكى ئىقتىدار كونۇپكىلاردىكى خەتلەرنى ۋە تېتۇندىكى خەتلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدۇ.
css نىڭ ئەڭ ئۈستىگە بۇ كودنى چاپلاڭCode:
html{direction:rtl;}
{Stand alone fonts}
-->ئاۋۇ ئېئوت ئادىرىسى بىزنىڭ بلوگنىڭ، سىز قايتا ئۆز بلوگىڭىز ئادىرىسىغا ئېئوت ياساپ ئادىرىسىنى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىزلا كۇپايە.
ئاندىن كود ئارىسىدىكى textarea ۋە input لارنى تېپىپ ئۇلارنى مۇنداق ئۆزگەرتىڭ ئەسلىدىكى input { نى input { text-align: قا textarea { نى textarea { text-align: right; قا ئۆزگەرتىڭ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا كەينىدىكى تىرناق ئىچىگە text-align: right; نى قوشۇڭ دىگەن گەپ، مەنىسى تېكىستنىڭ يۆنىلىشى ئوڭدىن دىگەنلىك.
ئاندىن font-family: دىگەنلەرنى تېپىپ ئەسلىدىكى فونت ناملىرىنىڭ ئالدىغا ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان فونت نامىنى يېزىڭ.
ئاندىن float:left; دىگەن كودنى ئىزدەپ content قىسمىدىن باشقا ئورۇنلىرىنىڭكىنى float:right; قا ئالماشتۇرۇڭ، ناۋادا بەت content قىسمىنىمۇ ئالماشتۇرسىڭىز تىزىملىك رايۇنى بىلەن مەزمۇن رايۇنىمۇ ئالمىشىپ كېتىدۇ.
index نى ئېچىپ ئىچىدىكى خەنزۇچە خەتلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇڭ.
index-posts نىڭ ئىچىدىكى خەنزۇچە خەتلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇڭ
detail نىڭ ئەڭ ئاستىغا بۇ كودنى چاپلاڭ.Code:
detail-post نىڭ ئىچىدىكى خەنزۇچە خەتلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇڭ.
يوقارقىلارنى مۇشۇنداق ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كىيىن بلوگىڭىز دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچىلاشقان بۇلىدۇ.随机文章:
بلوگباسنىڭ 奶牛Ⅱ ئۇسلۇبى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى 2008-12-12بىزنىڭ بلوگى بلوگ يازغۇچىسى تەكلىپ قىلىدۇ 2008-09-29
收藏到:Del.icio.us
بلوگباسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
Blog:bedik2009-06-22 12:16:48gjghkhjkhjk
Blog:ئازغۇن بلوگى2009-04-05 18:52:29• بلوگباستىكى بلوگلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
Blog:فانى تور خاتىرىسى2008-12-09 02:33:03ھ
Blog:ئۇيغۇرچە 3dsmaxبىلىملىرى2008-11-19 01:38:05بلوگباستىكى بلوگلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى بىرقانچە ئىنچىكە نوقتىلار
Blog:.2008-11-18 05:38:38بلوگباستىكى بلوگلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى بىرقانچە ئىنچىكە نوقتىلار
Blog:مەمەتئېلى بىلوگى2008-11-16 16:08:30بلوگباستىكى بلوگلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى بىرقانچە ئىنچىكە نوقتىلار
Blog:Risalim Blog رىسالىم بىلوگى2008-10-24 17:06:07《بلوگباستىكى بلوگلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى بىرقانچە ئىنچىكە نوقتىلار》的转发
Blog:«باپكار ئونىۋېرسال بىلوگى»2008-09-29 10:55:41بلوگلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى بىرقانچە نوقتا
Blog:ئۈزۈم بلوگ2008-08-17 04:17:41
评论
پات-پات كەپ تۇرۇڭ، تەجىرىبە ئالماشتۇرايلى.
tiznap.blogbus.com
سىز بلوگىڭىزنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى رەسىمنى بىر ئوبدان تەھرىرلىۋاپسىز.
لىكىن ،مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇستىدىكى رەسىمنى ئۈزۈم تەييارلىغان
رەسىمگە ئالماشتۇرالمىدىم.بىلوگ ئۇسلوبىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى رەسىمنى
قانداق قىلغاندا ئۆزى تەييارلىۋالغان رەسىمگە ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى
تەپسىلى تونوشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز.
رەخمەت.
بۇنى ئۇسلۇپ تەھرىرلەشكە كىرىپ CSS كودىدىن ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ، ئاۋال تەييارلىغان رەسىمنى بلوگباس ياكى باشقا تور بوشلۇقىغا يوللىۋالىسىز، ئاندىن ئۇ رەسىمنىڭ ئادىرىسىنى ئۇسلۇبنىڭ CSS كودىنى ئېچىپ ئەسلىدىكى رەسىم ئادىرىسىنى تېپىپ ئالماشتۇرىسىز، مۇشۇ بويىچە سىناپ بېقىڭ.
كۆپ رەھمەت سىزگە !!!! سىز ئۇيغۇر تورچىلىقىغا تۆھپە قوشتىڭىز دىگەن گەپ !!
ئادەتتە ئۇيغۇر توربەتلىرىنى ياسىغانلاردىن سورىسا ئاسانلىقچە دەپ بەرمەيدۇ ... ئىچتارلىق قىلىپ !!! بىلىۋالساق بىز مۇ ئۇيغۇرچە تور بەت ياساپ ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرمامدۇق !!! ھازىرقى ياشلار fenbei.comدىن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ توىتىماستىن شۇ بىلوگ بىلەن ھەپىلىشىدۇ !! دەرىجىسىنى ئاشۇرىمەن دەپ نەچچە سائەتنى بىكار ئۆتكۈزىۋىتىدۇ !! زادى ئاشۇنداق قىلىش ئەرزىمدۇ !؟؟
ۋاقىتنى بىكار ئۆتكىزىۋىتىشكە بولمايدۇ !!! كىيىن پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ !!! كۆپتىن-كۆپ رەھمەت سىزگە !! مۇشۇنداق ياخشى تىمىلىرىڭىز بىلوگىڭىزدىن ئۇزىلمىگەي !!
ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىدىغان بىر ئۇيغۇر كۆپەيسە بۇ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيىتىمىز!
بىزنىڭ بىلوگ نى ئۇلىنىش قىلىپ قويدوم.