• Alimama ئېلانىڭىزنىڭ باھاسىنى مۇقىملىۋالماڭ - [تور بەت ياساش]

    2008-08-11

    يېقىندىن بۇيان Alimama ئېلانى تىزىملاتقانلار خېلى كۆپىيىپ قالدى، بىراق ئۇيغۇرچە بلوگ ۋە تور بەتلەرنىڭ ئېلان ئورنىنى ھېچكىم سېتىۋالماي كىرىمى ناھايتى تۆۋەن بۇلىۋاتىدۇ، مەن تىزىملاتقاندىمۇ ئېلان باھاسى يوقىرى بولسا ياخشى بۇلىشى مومكىن دەپ قاراپ ھەپتىلىك باھاسىنى 50يۇەن قىلىۋاپتىمنەن لىكىن نەچچە كۈندىن بۇيان بىرەر ئېلان ئورنىمىزنىمۇ بىرى سېتىۋالماپتۇ، سەۋەبى ئېلان ئورنىنىڭ باھاسى تەڭشەلمىگەن، مەن Alimama دىكى ھېساباتىمغا كىرىپ قارىسام ئېلان باساسى بېكىتكەن جايدا Alimama نىڭ تەۋسىيە قىلغان باھالىرى باركەن، مەن ئۆزگەرتىشنى بېسىپ موقىملىۋەتتىم، بلوگىمدىكى ئېلانلارنىڭ بىر ھەپتىلىكى 2يۇەن ئەتراپىدا تور بېكىتىمىزدىكى ئېلان ئورۇنلىرى ھەپتىلىگى 15يۇەن ئەتراپىدا قىلىپ تەڭشەلگەنىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بۇ بلوگدىكى ئىككى ئېلان ئورنىنى باشقىلار سېتىۋاپتۇ، ھەم پۇلىنى مىنىڭ ھېسابىمغا ئۇرۇپ بېرىپتۇ، مەنمۇ تەڭ نىسپەتتە ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ ئېلان ئورنىنى سېتىۋالاي دەپ ئىزدىسەم زىيارەت سانى بىزنىڭ بلوگدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن بولغان بلوگلارنىڭ ئېلان ئورنى بەك يوقىرىكەن، شۇڭا بۇ تىمام ئارقىلىق بلوگېرلارنىڭ ئېلان باھاسىنى سېستىما كۆرسەتمىسىگە بويسۇندۇرۇپ تەڭشىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    دوست بلوگلارنىڭ ئېلان چېكىشىش بىلەنلا توختاپ قالماي ئېلان ئورنى ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئالىموماي ئىلانىنى باشقىلار چەكمىسىمۇ پۇل كىرىم بولدمدۇ؟
  • ھەمكارلىشىش تەكلىپى، قىزىقسىڭىز قىنى مەرھەمەت
    http://palwanlar.blogbus.com/logs/29928662.html
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار دىگەن جاينىڭ ئاستىدىكى ئېلاننىڭ كودىنى قانداق قوشىمىز؟
  • مىنىڭ خەت ساندۇقىمغا ئالى ماما دىن باشقىلار ئېلاننى سېتىۋالماقچى دىگەندەك ئۈچۈر كەپتۇ.. مىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمىم بولمىغاچقا ھىچقانداق جاۋاپ قايتۇرمىغان ئىدىم.. سىز مۇشۇ ھەقتە تەپسىلى بىر يازما يوللىسىڭىز بوپتىكەن.. بىلمىگەنلەر بىلىۋالساق!
    ئەنقا回复ئۈمىد说:
    سىز ئېلان خارەكتىرىنى تەستىقلاش ھاجەتسىز دەپ بەلگىلەپ قويسىڭىز باشقىلار سېتىۋالسا سىزنىڭ تەستىقلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئادەتتە بەلگىلىمىگەن بولسىڭىز ئۆلچەملىك ھالىتى تەستىقلاش ھاجەتسىز ھالەتتە بۇلىدىكەن، بىزنىڭ ئېلانلارنىمۇ باشقىلار سېتىۋاپتىكەن، شۇ سېتىۋالغۇچىنىڭلا ئېلانى كۆرۈنىدىكەن.
    2008-08-17 00:06:24