ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئەرلەر كېسەللىكى >> مەنىي ئېقىپ كېتىش

مەنىي ئېقىپ كېتىش

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:44:57    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك،  مەنىينىڭ كۆپلۈكى، مەنىينىڭ تېزلىكى، مەنىي خالتىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى، بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە مەنىي كانالچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   شەھۋانىي خىيال قىلىش، رەسىم ياكى سىنئالغۇ كۆرۈش، ئاددىي سۈركىلىشلەر نەتىجىسىدىمۇ جىنسىي ئەزا قوزغالماي تۇرۇپلا، مەنىي ئېقىپ كېتىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بوشاڭ، غەيرەتسىز، ماغدۇرسىز، نېرۋىسى ئاجىز بولۇپ قېلىش، ئورۇقلاش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، بېلى ئاغرىش، چىرايى غەمكىن، پەرىشان بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   زەنجىۋىل، جويۇز، كاۋاۋىچىن، ئاقىرقەرھا، پىلپىل 50 گرامدىن، زەپەر، كۆكنار 10 گرامدىن.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بەدىيان ئەرىقى بىلەن يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   سۇمبۇل، قاقىلە ئۇرۇقى، قېلىن دارچىن، دارچىن، خولىنجان، قەلەمپۇر، سۆئدى كۇپى، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، پىلپىل، قۇستە بەھرى، بىلسان ياغىچى، ئاسارۇن، ھەببۇلئاس، قەسبۇس زەرىرە، زەپەر ئالتە گرامدىن، مەستىكى 30 گرام، ئاق قەنت 138 گرام، ھەسەل 276 گرام، جىنتىيانا 12 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   زەپەردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قەنتنى ھەسەلدە قىيام قىلىپ، ئۈستىگە زەپەرنى سېلىپ، ئاندىن باشقا دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا توققۇز گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   چۈچۈكبۇيا يىلتىزى يەتتە گرام، ئوسۇڭ ئۇرۇقى 10 گرام، ئانار گۈلى، قىزىلگۈل، سۇزاپ ئۇرۇقى، پەرەنجىمىشكى 15 گرامدىن.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان  تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ئالتە گرام دورا قاينىتىلغان  سۈت بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

مەنىي ئېقىپ كېتىش
بالدۇر مەنىي يۈرۈپ ...
جىنسىي ئاجىزلىق
ئۇرۇقدان ياللۇغى
سىرتقى جىنسىي ئەزا ...
كۆپ ئېھتىلام بولۇش
مەزى بېزى ياللۇغى
مەزى بېزى چوڭىيىپ ق...
سىزلام
سىفلىس
سۆزنەك

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

مەنىي ئېقىپ كېتىش
بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتى...
جىنسىي ئاجىزلىق
ئۇرۇقدان ياللۇغى
سىرتقى جىنسىي ئەزا يالل...
كۆپ ئېھتىلام بولۇش
مەزى بېزى ياللۇغى
مەزى بېزى چوڭىيىپ قېلىش
سىزلام
سىفلىس
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316