ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئەرلەر كېسەللىكى >> كۆپ ئېھتىلام بولۇش

كۆپ ئېھتىلام بولۇش

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:37:46    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، بۆرەك ئاجىزلىق، مەنىينىڭ كۆپلۈكى، مەنىي خالتىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   چۈشىدە جىنسىي ئالاقە قىلىپ چۈش كۆرۈش بىلەن مەنىي ئېقىپ كېتىش، بەزىدە ئۇنداق چۈش كۆرمەيمۇ مەنىي ئېقىپ كېتىش، بۇنداق ئەھۋال ھەپتىسىگە بىر قېتىمدىن كۆپ داۋاملىشىش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، ئۇرۇقدان ۋە بېلى ئاغرىش، بارغانسېرى روھىي كەيپىياتى تۆۋەنلىشىپ، بەدىنى، نېرۋىسى ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   ئاق بەھمەن، قىزل بەھمەن، سۆئلەپ مىسىرى، قورۇلغان تەمرى ھىندى ئۇرۇقى 15 گرامدىن، سەمغى ئەرەبى تۆت گرام، ئىسپىغۇل بەش گرام، ناۋات 70 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   ئىسپىغۇلدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئىسپىغۇل ۋە سوقۇلغان ناۋاتنى ئارىلاشتۇرۇپ تالقان تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، سەككىز گرام دورا 250 گرام قاينىتىلغان كالا سۈتى بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   كۆكنار، لاچىندانە، زەنجىۋىل، دارچىن ئالتە گرامدىن.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   جىگدە ئىككى كىلوگرام، ئېرىك قوينىڭ كاللىسى بىر دانە، زەنجىۋىل، مۇرمەككى، زاراڭزا مېغىزى 10 گرامدىن، سۇ تۆت كىلوگرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   قوي كاللىسىنى ئايرىم پىشۇرۇپ، جىگدىنى تۆت كىلوگرام سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئاندىن سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، داكا بىلەن جىگدىنى سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە كاللا شورپىسىنى قۇيۇپ، ئۈستىگە باشقا دورىلارنى سېلىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

مەنىي ئېقىپ كېتىش
بالدۇر مەنىي يۈرۈپ ...
جىنسىي ئاجىزلىق
ئۇرۇقدان ياللۇغى
سىرتقى جىنسىي ئەزا ...
كۆپ ئېھتىلام بولۇش
مەزى بېزى ياللۇغى
مەزى بېزى چوڭىيىپ ق...
سىزلام
سىفلىس
سۆزنەك

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

مەنىي ئېقىپ كېتىش
بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتى...
جىنسىي ئاجىزلىق
ئۇرۇقدان ياللۇغى
سىرتقى جىنسىي ئەزا يالل...
كۆپ ئېھتىلام بولۇش
مەزى بېزى ياللۇغى
مەزى بېزى چوڭىيىپ قېلىش
سىزلام
سىفلىس
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316