سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:43:03 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئەرلەرنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى (زەكەر) نىڭ بۇلۇتسىمان تېنى بىلەن زەكەر مۇسكۇل قەۋىتىنىڭ ھەرخىل جاراسىملارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى ۋە سۆزنەك، سىفلىس قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قالدۇرغان ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ياللۇغلىنىش تېرىدىلا بولسا، تېرە قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش؛ بۇلۇتسىمان تەن ۋە مۇسكۇل قەۋىتىگە يامرىغان بولسا، سىرتقى تېرە يۈزىدە چېكىتسىمان قىزىل رەڭلىك مۇدۇرچاقلار پەيدا بولۇش، ئومۇمىي بەدەندە يېقىمسىزلىق، قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ئالەت ئاغرىش، سىيگەندە ئېچىشىش، يەرلىك ئورۇن ۋە ئەتراپى قىزىرىپ قىچىشىش، ئېغىرلاشقاندا شەلۋەرەپ يارىلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
مەدەستان 25 گرام، زەيتۇن يېغى، كۈندۇر، ئەنزىررۇت، خۇنسىياۋشان، بىستپايەج ئالتە گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
مەدەستاننى يۇمشاق سوقۇپ، زەيتۇن يېغىدا قورۇپ، ئۈستىدىن قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم سىرتتىن يەرلىك ئورۇنغا سۈركىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
تازىلانغان گۈڭگۈرت، چۆپچىنى، نۆشۈدۈر، ئاقىرقەرھا تۆت گرامدىن، سەمغى ئەرەبى ئىككى گرام، شېكەر 10 گرام، لىمون سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
چۆپچىنى 30 گرام، بەدىيان، ئامىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، جۇۋىنە، شاقاقۇل، جويۇز، بوزىدان، سەۋزە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى، دارچىن، بەسباسە، سۇمبۇل، ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسىرى، خولىنجان، سۆئدى كۇپى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل 10گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|