ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئەرلەر كېسەللىكى >> ئۇرۇقدان ياللۇغى

ئۇرۇقدان ياللۇغى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:43:20    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىغا سىل، سۆزنەك، سىفلىس قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ مىكروبى، ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغلىرى ۋە باشقا ياللۇغلىنىشلارنىڭ تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بولىدۇ، ئۆتكۈر ئۇرۇقدان ياللۇغى ئۇرۇقدان تۇتقىلى قويمىغۇدەك دەرىجىدە ئىششىپ، قاتتىق ئاغرىش، بىر ياكى ئىككىلا ئۇرۇقدان ئىششىپ چوڭىيىپ قېلىش، ئومۇمىي بەدەن مۇناسىپ ھالدا قىزىش  ۋە باشقا بەدەن ئالامەتلىرى بىلەن؛ سوزۇلما ئۇرۇقدان ياللۇغى ئۆتكۈر ئۇرۇقدان ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتالماسلىقى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىپ، قاتتىق ئاغرىش بولمىسىمۇ، بوشراق ئاغرىش، روشەن ئىششىش، ئۇرۇقدان تېرىسى ئاقىرىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   بابۇنە، ئابدىمىلىك مېغىزى، باقىلە (دادۇر)، نوقۇت، زىرە ھەر بىرىدىن، ئۈچ گرامدىن، گۈل يېغى 100 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، گۈل يېغىدا ياغلاپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   ئاق قىچا، قارا قىچا، ئابدىمىلىك مېغىزى  10 گرامدىن، يەسىمەن يېغى 50 مىللىلىتىر.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، يەسىمەن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ  تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم يەرلىك ئۇرۇقدان ياغلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   سەبرە سۇقۇتىرى، يىلان تۇخۇمى 30 گرامدىن، ئازاراقى پاراشوكى 10 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىر تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم ئۇرۇقدانغا چېپىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

مەنىي ئېقىپ كېتىش
بالدۇر مەنىي يۈرۈپ ...
جىنسىي ئاجىزلىق
ئۇرۇقدان ياللۇغى
سىرتقى جىنسىي ئەزا ...
كۆپ ئېھتىلام بولۇش
مەزى بېزى ياللۇغى
مەزى بېزى چوڭىيىپ ق...
سىزلام
سىفلىس
سۆزنەك

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

مەنىي ئېقىپ كېتىش
بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتى...
جىنسىي ئاجىزلىق
ئۇرۇقدان ياللۇغى
سىرتقى جىنسىي ئەزا يالل...
كۆپ ئېھتىلام بولۇش
مەزى بېزى ياللۇغى
مەزى بېزى چوڭىيىپ قېلىش
سىزلام
سىفلىس
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316