بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىش
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:44:12 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، نېرۋا ئاجىزلىق، بەدەننىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىش، مەنىي خالتىسى بوشاپ كېتىش، بەزىدە مەنىينىڭ كۆپلۈكى، ھارارىتىنىڭ يۇقىرىلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
جىنسىي ئالاقە باشلىنىش بىلەنلا مەنىي يۈرۈپ كېتىش، جىنسىي تەلەپ قانماسلىق، لەززەت ھاسىل بولماسلىق، بەزىدە زەكەر قايىم بولماي تۇرۇپلا مەنىي يۈرۈپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
دارچىن ئالتە گرام، كۈندۇر، خولىنجان توققۇز گرامدىن، نېپىز دارچىن، لاچىندانە 12 گرامدىن، قەلەمپۇر، جويۇز، بەسباسە، سۇمبۇل، قاقىلە 15 گرامدىن، مەستىكى 18 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
چۆپچىن 90 گرام، گاۋزىبان ھىندى، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، شاقاقۇل، سۆئلەپ 10 گرامدىن، خولىنجان 15 گرام، سۆرۈنجان، قىرقىلغان پىلە بەش گرامدىن، جەدۋار ئۈچ گرام، ئالتۇن ۋاراق 15 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
دارچىن، جۇزبۇۋا، ئاق ۋە قىزىل بەھمەن، بۇغا چۈيىسى، سۆئلەپ مىسرى ھەر بىرى 100 گرامدىن، ياۋا سامساق 65 گرام، سەقەنقۇر 220 گرام، تۇخۇمى ھەلىيۇن، پىياز ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى، بېھى ئۇرۇقى، كۈدە ئۇرۇقى، زاغۇن، لىسانىل ئاساپىر، كۈنجۈت، تۇرۇپ ئۇرۇقى، چىلغوزا ئۇرۇقى، ئاق قىچا 150 گرامدىن، شاقاقۇل، زەنجىۋىل، پىلپىل، خولىنجان 225 گرامدىن، قەنت بەش كىلوگرام، ھەسەل بىر كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، چەككىلەنگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|