ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئەرلەر كېسەللىكى >> مەزى بېزى ياللۇغى

مەزى بېزى ياللۇغى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:37:21    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش، خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ھەددىدىن ئارتۇق جىنسىي ئالاقە بىلەن شۇغۇللىنىش، سوغۇق ئۆتۈش ۋە غىدىقلىنىش  سەۋەبىدىن  كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   توڭۇپ تىترەش، قىزىتما، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سۈيدۈك يولى قىچىشىش بىلەن باشلىنىپ، كونىرىغانسېرى مەزى بېزى چوڭىيىپ سۈيدۈك يولىنى توسۇپ، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش، ھەتتا توسۇلۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   ئادەمگىياھ، جۇۋىنە، سۇزاپ، پىننە، كۆكنار ئۇرۇقى ئالتە گرامدىن، ھەببۇلغار بەش گرام، پىلپىل، زىرە تۆت گرامدىن، سوقمۇنىيا ئىككى گرام، قۇندۇز قەھرى بىر گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر  قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   جەدۋارچىنى، تۆشۈكسىز مەرۋايىت، ئۇزۇن پىلپىل، ساپ كەھرىۋا تۆت گرامدىن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، خولىنجان، نېپىز دارچىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ئۇد قىمارى، ئۇدخام، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن سەككىز گرامدىن، سۆئلەپ، شاقاقۇل، بادرەنجى بۇيا ئۇرۇقى 12 گرامدىن، زەپەر ئىككى گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مېۋە قىيامى  بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 6 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، بادام مېغىزى، ھەببە تۇلخۇزرا مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، ھەببى زەلەم مېغىزى، ماھى روبيان، خولىنجان، شاقاقۇل، قىزىل بەھمەن، ئاق بەھمەن، سېرىق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زەنجىۋىل، كۈنجۈت مۇقەششەر، دارچىن 15 گرامدىن، سۇمبۇل، سۆئدى كۇپى، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، ھەببى قەلقەل ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، ھەلىيۇن ئۇرۇقى، ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، دۇرۇنەج ئەقرەبى، زورەنبات توققۇز گرامدىن، جويۇز، بەسباسە، داۋالە، پىلپىل ئالتە گرامدىن، سۆئلەپ، يېڭى نارجىل، قۇشقاچ مېڭىسى، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ يېغى 30 گرامدىن، قۇرۇتۇلغان كالا چۇيىسى، سۆرۈنجان، بوزىدان، پىننە، زەپەر، مەستىكى 12 گرامدىن، ئۇدخام سەككىز گرام، تىللا ۋاراق 30 دانە، كۈمۈش ۋاراق 50 دانە، ئەنبەر تۆت گرام، ئىپار ئىككى گرام، ھەسەل 136 گرام، مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان، ھېقىق يەمەن، قىزىل ياقۇت 16 گرامدىن.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   مېغىز دورىلاردىن باشقا دورىلارنى  يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  مەرۋايىت، مارجان، ئەنبەر، كەھرىۋا، زەپەر، ھېقىق، ياقۇت دورىلارنى  سالايە قىلىپ، ھەسەل بىلەن  ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

مەنىي ئېقىپ كېتىش
بالدۇر مەنىي يۈرۈپ ...
جىنسىي ئاجىزلىق
ئۇرۇقدان ياللۇغى
سىرتقى جىنسىي ئەزا ...
كۆپ ئېھتىلام بولۇش
مەزى بېزى ياللۇغى
مەزى بېزى چوڭىيىپ ق...
سىزلام
سىفلىس
سۆزنەك

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

مەنىي ئېقىپ كېتىش
بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتى...
جىنسىي ئاجىزلىق
ئۇرۇقدان ياللۇغى
سىرتقى جىنسىي ئەزا يالل...
كۆپ ئېھتىلام بولۇش
مەزى بېزى ياللۇغى
مەزى بېزى چوڭىيىپ قېلىش
سىزلام
سىفلىس
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316