مەزى بېزى چوڭىيىپ قېلىش
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:36:55 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىپ تولۇق ساقايماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سىيىش قىيىنلىشىش، سۈيدۈك قىستاش، لېكىن دەرھال سىيمەسلىك، تەدرىجىي ئېغىرلاپ ئارىلاپ سىيىش، ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا تامچىلاپ سىيىش، دوۋساقنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن سۈيدۈك تۇتالماسلىق، ئاخىر بېرىپ تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى توسۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
جەدۋارچىنى، تۆشۈكسىز مەرۋايىت، ئۇزۇن پىلپىل، ساپ كەھرىۋا تۆت گرامدىن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، خولىنجان، نېپىز دارچىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ئۇد قىمارى، ئۇدخام، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن سەككىز گرامدىن، سۆئلەپ، شاقاقۇل، بادرەنجى بۇيا ئۇرۇقى 12 گرامدىن، زەپەر ئىككى گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مېۋە قىيامى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
شورا 100 گرام، قاقىلە 50 گرام، قىچا 100 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
چىلغوزا مېغىزى 90 گرام، ياۋا سەۋزە ئۇرۇقى، رەۋەن، ئىزخىر، ھەببى بىلسان، رۇمبەدىيان، قېلىن دارچىن، زەپەر، دارچىن، تاغ چىڭسىيى ئۇرۇقى، ئاسارۇن، كامادەرىيوس توققۇز گرامدىن، قۇرۇق پىننە ئىككى گرام، ھەسەل ئىككى ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈندە ئۈچ ۋاخ، ئالتە گرامدىن بېرىلىدۇ. |
|