ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئەرلەر كېسەللىكى >> جىنسىي ئاجىزلىق

جىنسىي ئاجىزلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:43:34    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، بەدەن ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق، باشقۇرغۇچى ئەزالارنىڭ ئاجىزلىشىشى، سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى، جىنسىي ئەزانىڭ مىجەزى ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى، جىنىسي ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ياكى ئۇرۇقداننىڭ زەخىملىنىشى، ئىچىملىك - چېكىملىكلەرنىڭ تەسىرى،  روھىي زەربە ۋە پسىخولوگىيىلىك توسالغۇلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   پەيدىنپەي ئېغىرلىشىپ بارىدىغان جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ سۇسلىشىشى، رىغبەتنىڭ ئازىيىشى، لەززەتلىنىشنىڭ كەم بولۇشى، قوزغىلىشنىڭ بارا - بارا سۇسلىشىشى ۋە پۈتۈنلەي يوقىلىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   ئۈزۈم شىرنىسى 100 گرام، سۈت 200 گرام، بادام 20 تال.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   بادامنى يۇمشاق سوقۇپ، سۈتكە ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىگە ئۈزۈم شىرنىسىنى قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   تاتلىق بادام مېغىزى 100 گرام، سەۋزە ئۇرۇقى 20 گرام، بۇقا چۈيىسىنىڭ قۇرۇتۇلغىنى  15 گرام، پارپا، كۇچۇلا 10 گرامدىن، ناۋات، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   ناۋاتتىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى سۇدا قاينىتىپ قىيام قىلىپ، ئۈستىگە سوقۇلغان دورىلارنى سېلىپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   لاچىندانە، بەدىيان، قىزىلگۈل، ئاقاقىيا، بۇغا مۈڭگۈزى، زەپەر، ئىپار، قۇندۇز قەھرى تەڭ مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سەندەل ئەرەقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ مەنىي ئېقىپ كېتىش
◇ بالدۇر مەنىي يۈرۈپ ...
◇ جىنسىي ئاجىزلىق
◇ ئۇرۇقدان ياللۇغى
◇ سىرتقى جىنسىي ئەزا ...
◇ كۆپ ئېھتىلام بولۇش
◇ مەزى بېزى ياللۇغى
◇ مەزى بېزى چوڭىيىپ ق...
◇ سىزلام
◇ سىفلىس
◇ سۆزنەك

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ مەنىي ئېقىپ كېتىش
◇ بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتى...
◇ جىنسىي ئاجىزلىق
◇ ئۇرۇقدان ياللۇغى
◇ سىرتقى جىنسىي ئەزا يالل...
◇ كۆپ ئېھتىلام بولۇش
◇ مەزى بېزى ياللۇغى
◇ مەزى بېزى چوڭىيىپ قېلىش
◇ سىزلام
◇ سىفلىس
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316