ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بۆرەك كېسەللىكى >> سۈيدۈك تۇتالماسلىق

سۈيدۈك تۇتالماسلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:42:34    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، سۈيدۈك  چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ تۇغما كەمتۈكلۈكى، دوۋساق مۇسكۇللىرىنىڭ زەخىملىنىشى، مېڭىدىكى ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى ۋە بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   سۈيدۈك كونترول قىلغىلى بولماي ئىختىيارسىز چىقىپ كېتىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   خولىنجان، كۈندۇر، پىلپىل، ئىپار، قەلەمپۇر، زەنجىۋىل تەڭ مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قەلەمپۇر، ئاقىرقەرھا، زورەنبات، جويۇز، مەستىكى رۇمى، زەنجىۋىل، تۇخۇمى خەشخاش، خولىنجان 60 گرامدىن، قىزىلگۈل، ئانارگۈل، لاچىندانە ھىندى، بۇقا ئالىتى 30 گرامدىن،  ناۋات بىر ھەسسە، ھەسەل ئىككى ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى قىيام قىلىپ، ھەسەل، ناۋات قىيامى ۋە باشقا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ 30 كۈن تۇرغۇزۇپ  مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   ئاقاقىيا، ئانارگۈلى توققۇز گرامدىن، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل ئالتە گرامدىن، ھەببۇلئاس سەككىز گرام، كۇندۇر ئۈچ گرام، قىزىل ماش، قەسبۇس زەرىرە، قىيمىقۇ ئۇرۇقى، سەمغى ئەرەبى، تاباشىر ئالتە گرامدىن.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، مېۋە قىيامى بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ سۈيدۈك تۇتالماسلىق
◇ دوۋساق يارىسى
◇ دوۋساق ياللۇغى
◇ قەنت سىيىش كېسىلى
◇ بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول...
◇ بۆرەككە سۇ يىغىلىپ ...
◇ بۆرەك سانجىقى
◇ بۆرەك جامى ياللۇغى
◇ بۆرەك زەئىپلىكى
◇ بۆرەك ئورۇقلاش
◇ بۆرەك ياللۇغى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ سۈيدۈك تۇتالماسلىق
◇ دوۋساق يارىسى
◇ دوۋساق ياللۇغى
◇ قەنت سىيىش كېسىلى
◇ بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى
◇ بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلى...
◇ بۆرەك سانجىقى
◇ بۆرەك جامى ياللۇغى
◇ بۆرەك زەئىپلىكى
◇ بۆرەك ئورۇقلاش
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316