ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بۆرەك كېسەللىكى >> بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىش

بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىش

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:38:58    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك،  سۈيدۈك تەركىبىدىكى چۆكۈشكە مايىل ھاك، تۇز ۋە شىللىق پەردە ئاجرالمىلىرىنىڭ يۇقۇملىنىش ۋە توسۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   بەل ئاغرىش، ئاغرىق  كېندىك ئاستى ۋە جىنسىي ئەزاغىچە تارقىلىش، بەزىدە تۇتقاقلىق تولغاپ ئاغرىش، ئاغرىق بەك تۇتقاندا قان سىيىش، بالىلاردا كۆرۈلگەندە يىغلاپ تېپىچەكلەپ زوڭ ئولتۇرۇۋېلىش، بىر قولى بىلەن جىنسىي ئەزاسىنى تۇتۇۋېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   قاراكۆز بەدىيان ئۇرۇقى، قاقىلە، بەدىيان، رۇمبەدىيان 30 گرامدىن، بەدىيان يىلتىزى پوستى، ئېگىر، پىرسىياۋشان، تىللا گۈل، قۇستە 10 گرامدىن، قاقىلە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى 15 گرامدىن، سۇ ئىككى لىتىر.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى سۇغا بىر كۈن چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 150 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   بىلسان ئۇرۇقى، تۇرۇپ ئۇرۇقى، تاغ سەۋزىسى ئۇرۇقى، پەتەر ئاساليۇن، بۆرە سويمىسى يىلتىزى پوستى، بەدىيان يىلتىزى پوستى، جاۋاشىر، ئاقلانغان بادام مېغىزى، ھەببۇلغار، مەككى چىغى (ئىزخىر)، سۇمبۇل، قېلىن دارچىن، قەنتەرىيۇن، ئادراسمان ئۇرۇقى، يۇمىلاق زىراۋەندە، جىنتىيانا، ئاسارۇن، قەردمانە، سەكبىنەج، ئاق بەزرۇلبەنجى، مۇقىل، پىلپىل، ئېگىر 10 گرامدىن.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   بىلساندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بىلساندىن ياغ چىقىرىپ، ئەرەب يېلىمىدا خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   كاسىنە بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىنى تازىلاپ، پار قازىنىغا سېلىپ قاينىتىپ پارىلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول...
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ ...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
بۆرەك ياللۇغى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلى...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316