بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:39:31 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، بۆرەك ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، سۈيدۈك يوللىرىنىڭ توسۇلۇشى ۋە بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
بۆرەك ياللۇغى ۋە بۆرەك تېشى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىدا كۆرۈلىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
ئارپىبەدىيان يىلتىزى پوستى، چىڭسەي يىلتىزى پوستى 80 گرامدىن، بەدىيان، رۇمبەدىيان، چىڭسەي ئۇرۇقى 40 گرامدىن، سېرىق ئوت ئۇرۇقى 20 گرام، شېكەر بىر كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى چالا سوقۇپ، 5.1 لىتىرسۇغا بىرسوتكا چىلاپ قويۇپ قاينىتىپ سۈزۈپ، شېكەر سېلىپ قىيام تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
بىلسان ئۇرۇقى، تۇرۇپ ئۇرۇقى، تاغ سەۋزىسى ئۇرۇقى، پەتەر ئاساليۇن، بۆرە سويمىسى يىلتىزى پوستى، بەدىيان يىلتىزى پوستى، جاۋاشىر، ئاقلانغان بادام مېغىزى، ھەببۇلغار، مەككى چىغى (ئىزخىر)، سۇمبۇل، قېلىن دارچىن، قەنتەرىيۇن، ئادراسمان ئۇرۇقى، يۇمىلاق زىراۋەندە، جىنتىيانا، ئاسارۇن، قەردمانە، سەكبىنەج، ئاق بەزرۇلبەنجى، مۇقىل، پىلپىل، ئېگىر 10 گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بىلسان يېغىدا ياغلاپ، ئېرىتىلگەن ئەرەب يىلىمىدا خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى 15 گرامدىن، سېمىز ئوت ئۇرۇقى ئالتە گرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى توققۇز گرام، نىشاستە، كەتىرا، ھەببۇل قۇلت (بىرخىل ماش) ئۈچ گرامدىن، ھەجەرۇل يەھۇد (جوھۇت تېشى) تۆت گرام، شېكەر پۈتۈن دورا ۋەزنى بىلەن تەڭ.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر توققۇز گرام دورا نوقۇت سۈيى بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|