ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بۆرەك كېسەللىكى >> دوۋساق ياللۇغى

دوۋساق ياللۇغى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:40:07    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە سەپرالىق ئىسسىقتىن بولغان جىددىي كېسەللكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   ئۆتكۈر دوۋساق ياللۇغى كېسەللىك توساتتىن باشلىنىپ، سۈيدۈك پات - پات قىستاش، ئېچىشىپ كېلىش، بەزىدە كۆيگەندەك ئېچىشىپ ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈكتە يىرىڭ بولۇش، سۈيدۈك دۇغ بولۇش، قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن؛ سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگەرگەندە بولسا، يۇقىرىقى ئالامەتلەر يەڭگىلرەك بولغاندىن تاشقىرى، دوۋساقتا ئاغرىش ۋە ئېغىرلىق بولۇش، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، سۈيدۈك تەستە چىقىش، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   بىنەپشە 100 گرام، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، كاسىنە ئۇرۇقى، شاھتەررە، ئەنگۈرشىپا، ھەمىشىباھار 25 گرامدىن، گاۋزىبان، چىلان، سەرپىستان، بېھى ئۇرۇقى، قارا سۇنا ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 10 گرامدىن، تەرەنجىبىن، گۈلقەنت 120 گرامدىن.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   گۈلقەنت بىلەن تەرەنجىبىننى ئايرىم قاچىغا، قالغان دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم قاچىغا ئېلىپ سۇغا چىلاپ قويۇپ،  ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۈستىگە ئالتە چىنە سۇ قۇيۇپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، بىنەپشىنى سېلىپ بىر ئۆرلىتىپلا ئېلىپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 ~ 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، گىلى ئەرمەنى، ئەرەب يېلىمى، كۇندۇر، خۇنسىياۋشان، ئاق كۆكنار ئۇرۇقى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى، كەتىرا، نىشاستە، كاكىنەچ ئۇرۇقى 100 گرامدىن، كەرەپشە ئۇرۇقى 20 گرام، ئەپيۈن 10 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى  يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بىنەپشە شەربىتى بىلەن بىر گرامدىن تابلېتكا قىلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   شورا 100 گرام، قاقىلە 50 گرام، قىچا 100 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول...
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ ...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
بۆرەك ياللۇغى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلى...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316