ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بۆرەك كېسەللىكى >> قەنت سىيىش كېسىلى

قەنت سىيىش كېسىلى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:39:47    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئاجراتما ماددا چىقىرىش ئىقتىدارى ۋە بۆرەك پائالىيىتى ئاجىزلاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   كۆپ ئۇسساش، كۆپ يېيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىش، قاندا ۋە سۈيدۈكتە قانت ماددىسى كۆپىيىپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئورۇقلاش، تېرە قۇرغاقلىىش، چىش بوشاپ كېتىش، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   تاباشىر، رۇببىسۇس 100 گرامدىن، قاراسۇنا ئۇرۇقى 200 گرام، سېمىز ئوت ئۇۇرۇقى 150 گرام، قىزىلگۈل، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، گىلى ئەرمەنى، تۇخۇمى ھۇمماز، خولىنجان، دارچىن 50 گرامدىن، شاقاقۇل، سۆئلەپ مىسرى 100 گرامدىن، ئاقاقىيا، سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، ئاق سەندەل، ئانارگۈلى 20 گرامدىن، كاپۇر 10 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى گۇلاب بىلەن بىر گرام ئەتراپىدا قۇرس تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   كوممىقوناق ساقىلى، پىلە غوزىكى سەككىز گرامدىن، نېلۇپەر ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى،  تۆت گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرى سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   چىلان، قارىئۆرۈك، شاپتۇل قېقى 10 تالدىن، قىزىلگۈل ئىككى گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى قايناق سۇدا دەملەپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۇسسۇزلۇق قانغۇچە ئىچىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول...
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ ...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
بۆرەك ياللۇغى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلى...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316