ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بۆرەك كېسەللىكى >> بۆرەك سانجىقى

بۆرەك سانجىقى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:38:32    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، بۆرەك تېشى، بۆرەك ياللۇغى ۋە بۆرەك ساھەسىدە قۇرۇق يەل يىغىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   بۆرەك ساھەسى قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىش، بەزىدە ئاغرىق  دوۋسۇن ۋە يىرىقغىچە تارقىلىش، چىڭقىلىش، بەزىدە ئاغرىق  بىردەم بوشاپ، بىردەم كۈچىيىش، ئېغىرلىرىدا ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   بەدىيان بىر كىلوگرام، سۇ بەش كىلوگرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى پاكىز تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 گرامدىن ئىچىلىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   جۈۋىنە، ئارپىبەدىيان، زىرە، سەۋزە ئۇرۇقى، باش پىياز ئۇرۇقى، بۇغا مۈڭگۈزى پاراشوكى، رۇم بەدىيان ئالتە گرامدىن، سىپار بەش گرام، جويۇز، نېپىز دارچىن، ئاق سەندەل تۆت گرامدىن، سۇمبۇل ھىندى، سىيادان ئالتە گرامدىن، قىزىلگۈل 10 گرام، مەستىكى رۇمى ئالتە گرام، قەلەمپۇر، قاقىلەكبار تۆت گرامدىن، ئاقىرقەرھا، ئودخام ئۈچ گرامدىن، زەپەر ئىككى گرام، پىننە ئالتە گرام، ئىپار بىر گرام، قەنت  بىر ھەسسە، ھەسەل ئىككى ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   زەپەر، ئىپاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن قەنتنى قىيام قىلىپ، ئاۋۋال زەپەرنى، ئاندىن ئىپارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن باشقا دورىلارنى قوشۇپ يۇغۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 6 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   قىزىلگۈل، ئارپىبەدىيان، بەدىيان يىلتىزى پوستى، زىرە، بىخ كەبىر، قاراكۆز بەدىيان ئۇرۇقى، سۇزاپ ئۇرۇقى 30 گرامدىن، بەزرۇلبەنجى ئۇرۇقى 45 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   سۇغا ئىككى سائەت چىلاپ، ئاندىن سۈيى تۈگەپ خېمىر ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىپ، قۇستە يېغىدىن 50 گرام قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم بۆرەك ئۇدۇلىغا سىرتتىن چېپىپ تېڭىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول...
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ ...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
بۆرەك ياللۇغى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلى...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316