ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بۆرەك كېسەللىكى >> دوۋساق يارىسى

دوۋساق يارىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:40:27    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر سەپرالىق ماددىلارنىڭ دوۋساققا يىغىلىپ غىدىقلىشى ۋە ئۇزاق داۋاملاشقان دوۋساق ياللۇغى نەتىجىسىدە دوۋساقتىكى ئىششىقلارنىڭ ئېغىز ئېلىشى، دوۋساقتىكى تاش ۋە قۇملارنىڭ دوۋساقنى زەخىملەندۈرۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   ئومۇمىي بەدەن يېقىمسىزلىنىش، جۇغۇلداپ توڭۇپ تىترەش، قىزىتما، سۈيدۈك سېسىق ۋە تەستە كېلىش، تولا سىيگۈسى كېلىش، سۈيدۈكتە كېپەكسىمان ئاجرالمىلار بولۇش، دوۋسۇن ئىچى قاتتىق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، گىلى ئەرمەنى، ئەرەب يېلىمى، كۈندۇر، خۇنسىياۋشان، ئاق كۆكنار ئۇرۇقى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى، كەتىرا، نىشاستە، كاكىنەچ ئۇرۇقى 100 گرامدىن، كەرەپشە ئۇرۇقى 20 گرام، ئەپيۈن 10 گرام، بىنەپشە، شېكەر، سۇ مۇۋاپىق مىقدار.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   بىنەپشىنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەر سېلىپ شەربەت تەييارلاپ، ئاندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان شەربەت بىلەن يۇغۇرۇپ، بىر گرامدىن تابلېتكا تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   رەۋەن، سۆئدى كۇپى، جىنتىيانا، بىخ كەبىر 120 گرامدىن، ئاچچىق بادام يېغى 280 گرام، تىرىك چايان 10 تال.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ياغقا ئارىلاشتۇرۇپ، شېشىگە چايان بىلەن بىرگە سېلىپ، ئاپتاپتا بىر نەچچە كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم سۈيدۈك يولىغا تېمىتىلىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   ئوغرىتىكەن، بابۇنە، پىرسىياۋشان، خۇبباز تەڭ مىقداردا، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سەللا سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم دوۋسۇن ئۈستى يۇيۇلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول...
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ ...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
بۆرەك ياللۇغى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلى...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316