ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بۆرەك كېسەللىكى >> بۆرەك جامى ياللۇغى

بۆرەك جامى ياللۇغى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:38:11    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك،  بۆرەك جامىنىڭ يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   ئۆتكۈر بۆرەك جامى ياللۇغى باشلانغاندا قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، بەل ئاغرىش، پات - پات سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك مىقدارى ئاز بولۇش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر؛ سۇزۇلما ھالەتكە ئۆزگەرگەندە بولسا، قىزىتما، بەل ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلىرىگە قوشۇلۇپ قان بېسىمى ئۆرلەپ قېلىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   قىزىلگۈل سەككىز گرام، سۇمبۇلتىپ، مەستىكى رۇمى تۆت گرامدىن، غاپەسنىڭ سۈيى، رەۋەن، زەپەر، ئىزخىرمەككى، ئورىدان، ئارپىبەدىيان، ئود خام ئىككى گرامدىن، ئود بىلسان بىر گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   زەپەردىن باشقا دورىلارنى قايناق سۇغا چىلاپ، سۈزۈپ، قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، زەپەرنى ئايرىم يۇمشىتىپ، باشقا دورىلار بىلەن دورا يۇغۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   كاكنەچ، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى، بادام مېغىزى، رۇببىسۇس، نىشاستە، خۇنسىياۋشان، سەمىغى ئەرەبى، كەتىرا 350 گرامدىن، كەرەپشە ئۇرۇقى 110 گرام، كۆكنار 10 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   كۆكنار، رۇببىسۇستىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، رۇببىسۇسنى ئېرىتىپ، باشتا كۆكنارنى، ئاندىن باشقا دورىلارنى قوشۇپ، ئەرىقى گۇلاب بىلەن يۇغۇرۇپ، تۈگمىدەك چوڭلۇقتا توقىچاق (قۇرس) تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   بەدىيان يىلتىزى، كاسىنە ئۇرۇقى، چىلان، قىزىلگۈل، قۇرۇق ئۈزۈم 30 گرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى، كاكنەچ، شاھتەررە 15 گرامدىن، سېرىق ئوت، گاۋزىبان، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 10 گرامدىن، كاسىنە يىلتىزى 60 گرام، شېكەر 300 گرام، سۇ 300 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 80 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول...
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ ...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
بۆرەك ياللۇغى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

سۈيدۈك تۇتالماسلىق
دوۋساق يارىسى
دوۋساق ياللۇغى
قەنت سىيىش كېسىلى
بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلى...
بۆرەك سانجىقى
بۆرەك جامى ياللۇغى
بۆرەك زەئىپلىكى
بۆرەك ئورۇقلاش
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316