تاجسىمان قان تومۇر قېتىشىش
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:41:24 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە 40 ياشتىن ئاشقان، بىر قەدەر سېمىز كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان، مىجەزنىڭ ماددىلىق بۇزۇلۇشى، بولۇپمۇ سەۋدا ماددىسى بىلەن قويۇق بەلغەمنىڭ ئارتىپ كېتىشى، ئۇزاق مەزگىل ھەرىكەتنى ئاز قىلىپ، مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
يۈرەك ساھەسى ئېغىرلىشىش، ئاسان ھارىدىغان، يۈرەك سالىدىغان بولۇپ قېلىش، بەزىدە يۈرەك رىتىمسىزلىشىش، يۈرەك ساھەسى يەڭگىل ئاغرىش ۋە تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىش، بەزىدە قان بېسىمى ئۆرلەش، لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
خاسىڭ مېغىزى 50 گرام، ئاچچىقسۇ 50 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
خاسىڭنى تازىلاپ، ئاچچىقسۇغا بىر كېچە چىلاپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
لوكى مەغسۇل، قۇستە تەلخ، ئىزخىر چېچىكى، تىرمىس، ھەببۇلغار، شۇمشا، قارىمۇچ 30 گرامدىن، رەۋەندە 45 گرام، ھەسەل ئىككى ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
ئاق سەندەل، گۈلى گاۋزىبان، قىرقىلغان پىلە 10 گرامدىن، ئەرىقى گۇلاب، ئەرىقى بىدمىشكى 10 مىللىلىتىردىن، زەپەر 5.1 گرام، قەنت 170 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
ئەرەقلەر بىلەن قەنتنى قىيام قىلىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، قىيامغا سېلىپ خېمىر قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرام تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|