ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> يۈرەك كېسەللىكى >> يۈرەك زەئىپلىكى

يۈرەك زەئىپلىكى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:37:57    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، يۈرەكتە ھېچقانداق ئورگانىك ئۆزگىرىش بولماي،  يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلىشىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   ئوڭ يۈرەك زەئىپلەشكەندە دەم سىقىلىش،  ھاسىراش ئاساسىي ئالامەت بولۇپ،  كۆپىنچە بەلنىڭ تۆۋىنىدە سۇلۇق ئىششىق يۈز بېرىدۇ،  سول يۈرەك زەئپلەشكەندە كۆپىنچە ئۆپكىدە سۇلۇق ئىششىق بولۇپ،  يۆتەل كۈچىيىش،  ئاچ قىزىل رەڭلىك كۆپۈكلۈك بەلغەم كېلىش،  نەپەس ئېلىش بەكمۇ قىيىن بولۇش ۋە كۆكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   گاۋزىبان 200 گرام،  شېكەر ئىككى كىلوگرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   گاۋزىباننى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ قاينىتىپ،  تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ،  شېكەر بىلەن قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   50 گرامدىن كۈندە ئۈچ ۋاخ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   مەرۋايىت،  بىخ مارجان،  كەھرىۋا،  دۇرنەج ئەقرەبى،  قىرقىلغان پىلە،  زورەنبات،  ئاق بەھمەن،  قىزىل بەھمەن 90 گرامدىن،  قەلەمپۇر،  ئۆشنە،  سۇمبۇل،  لاچىندانە،  زەپەر،  مەستىكى،  سازەج ھىندى،  دارچىن،  تاباشىر،  ئاق سەندەل،  قىزىل سەندەل،  ئىپار 30 گرامدىن،  ئەنبەر 45 گرام،  ھەسەل ئۈچ ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   سۇمبۇل،  دارچىن،  مەستىكى رۇمى،  ھەب بىلسان،  ئۇدبىلسان،  سەلىخە،  ئاسارۇن،  زەپەر 10 گرامدىن،  سەبرە سۇقۇترى 80 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ،  پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كەچتە قورساق توق ۋاقىتتا يەتتە تالدىن  10 تالغىچە ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

تاجسىمان قان تومۇر ...
يۇقىرى قان بېسىمى
قان ئازلىق
يۈرەك زەئىپلىكى
يۈرەك قوزغىلىش
يۈرەك سانجىقى
يۈرەك مۇسكۇل تىقىل...
يۈرەك قېپى ياللۇغى
يۈرەك ئىچكى پەردە ي...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

تاجسىمان قان تومۇر قېتى...
يۇقىرى قان بېسىمى
قان ئازلىق
يۈرەك زەئىپلىكى
يۈرەك قوزغىلىش
يۈرەك سانجىقى
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى
يۈرەك قېپى ياللۇغى
يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316