ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> يۈرەك كېسەللىكى >> قان ئازلىق

قان ئازلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:40:52    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك،  يىلىكنىڭ قان ئىشلىشى ناچار بولۇش ياكى قاناش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش،  باش قېيىش،  كۆز قاراڭغۇلىشىش،  باش ئاغرىش،  تېرە تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   ئاچچىق ئانار سۈيى 500 گرام،  تاتلىق ئانار سۈيى بىر كىلوگرام،  شېكەر ئۈچ كىلوگرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم،  ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ ( بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   پىلپىل،  قارىمۇچ،  دارچىن،  ئامىلە مۇقەششەر،  بەلىلە پوستى،  شاترەنج ھىندى،  يۇمىلاق زىراۋەندە،  سۆئلەپ، چىلغوزا،  بابۇنە يىلتىزى،  نارجىل،  شاقاقۇل 10 گرامدىن،  بابۇنە ئۇرۇقى بەش گرام،  كىشمىش ئۈزۈم 30 گرام،  ھەسەل ئىككى ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   قارا ھېلىلە،  بەلىلە،  يۇلغۇن مېۋىسى،  زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن تۆمۈر پوقى،  سۇمبۇل،  كۇندۇر،  ئىزخىر،  سۆئدى كۇپى،  زەنجىۋىل،  قارىمۇچ،  جۇۋىنە تەڭ نىسبەتتە،  ئامىلە سۈيى،  ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ئامىلە سۈيى بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيام قىلىپ،  دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ تاجسىمان قان تومۇر ...
◇ يۇقىرى قان بېسىمى
◇ قان ئازلىق
◇ يۈرەك زەئىپلىكى
◇ يۈرەك قوزغىلىش
◇ يۈرەك سانجىقى
◇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىل...
◇ يۈرەك قېپى ياللۇغى
◇ يۈرەك ئىچكى پەردە ي...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ تاجسىمان قان تومۇر قېتى...
◇ يۇقىرى قان بېسىمى
◇ قان ئازلىق
◇ يۈرەك زەئىپلىكى
◇ يۈرەك قوزغىلىش
◇ يۈرەك سانجىقى
◇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى
◇ يۈرەك قېپى ياللۇغى
◇ يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316