ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> يۈرەك كېسەللىكى >> يۈرەك قوزغىلىش

يۈرەك قوزغىلىش

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:37:43    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەكنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تەرتىپسىز ھەرىكەتلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   ئۆزىنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى ئۆزىگە ئېنىق بىلىنىدۇ،  تاۋۇش ئېنىق ئاڭلىنىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق،  قورقۇش،  نەپەس سىقىلىش،  ھالسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   ئاق سەندەل،  گۈلى گاۋزىبان،  قىرقىلغان پىلە 10 گرامدىن،  ئەرىقى گۇلاب،  ئەرىقى بىدمىشكى 10 مىللىلىتىردىن،  زەپەر 5.1 گرام،  قەنت 170 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   ئەرەقلەر بىلەن قەنتنى قىيام قىلىپ،  قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  قىيامغا سېلىپ خېمىر تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قۇرۇق بادرەنجى بۇ 50 گرام،  ئاق شېكەر 500 گرام،  سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   بارەنجىبۇيىنى چۆكۈشكۈدەك سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ،  ئاندىن سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ،  ئۈستىگە شېكەر سېلىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا 50 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   پىلە غوزىسى 500 گرام،  خولىنجان،  مەستىكى،  ئېگىر 30 گرامدىن،  زەپەر 10 گرام،  شېكەر ئۈچ كىلوگرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى تازىلاپ،  ئۈچ كۈن سۇغا چىلاپ قويۇپ ئاندىن قاينىتىپ،  دورىلارنىڭ تەمى چىقىپ بولغاندىن كېيىن پىلە غوزىسىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ،  شېكەر سېلىپ سۇس ئوتتا قىيام قىلىپ،  دورا سەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

تاجسىمان قان تومۇر ...
يۇقىرى قان بېسىمى
قان ئازلىق
يۈرەك زەئىپلىكى
يۈرەك قوزغىلىش
يۈرەك سانجىقى
يۈرەك مۇسكۇل تىقىل...
يۈرەك قېپى ياللۇغى
يۈرەك ئىچكى پەردە ي...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

تاجسىمان قان تومۇر قېتى...
يۇقىرى قان بېسىمى
قان ئازلىق
يۈرەك زەئىپلىكى
يۈرەك قوزغىلىش
يۈرەك سانجىقى
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى
يۈرەك قېپى ياللۇغى
يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316