يۈرەك سانجىقى
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:37:30 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ھەرخىل ناچار تۇرمۇش ئادىتى، يۈرەكنى ماي قاپلىۋېلىش، يۈرەك ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كۆپىنچە 40 ياشتىن ئاشقان، قان بېسىمى يۇقىرى ياكى سېمىز كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاغرىش تۇيۇقسىزلا سول كۆكرەك ساھەسىدىن باشلىنىپ سول تاغاق، بىلەك، چىمچىلاق قولغىچە تارقىلىدۇ. كېسەل كىشىدە قاتتىق قورقۇنچ پەيدا قىلىش، بىرنەچچە سېكۇنتىن بىرنەچچە مىنۇتقىچە ئارىلىقتا داۋاملىشىپ قويۇۋېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
قىرقىلغان پىلە 120 گرام، ئالتۇن، كۈمۈش تاۋلىغان سۇ ئالتە مىللىلىتىردىن، گاۋزىبان، پەرەنجىمىشكى، قىزىلگۈل، سۇمبۇل، ئاق شېكەر، مەرۋايىت، كەھرىۋا، ياقۇت ئالتە گرامدىن، ئاق سەندەل سەككىز گرام، تاباشىر توققۇز گرام، ئەنبەر ئۈچ گرام، ئىپار ئىككى گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ، ئالتۇن ۋە كۈمۈش تاۋلانغان سۇلاردا قەنتنى قىيام قىلىپ، باشقا دورىلارنى قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گۇلاب بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
ئامىلە مۇقەششەر، ئاق سەندەل، قىزىلگۈل، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 25 گرامدىن، زەپەر ئۈچ گرام، تاباشىر 12 گرام، گاۋزىبان ھىندى، بادرەنجى بۇ 30 گرامدىن، قىرقىلغان پىلە، مەرۋايىت 15 گرامدىن، ئالتۇن ۋاراق 10 تال، كۈمۈش ۋاراق 20 تال، قاشتېشى 12 گرام، ئالما شەربىتى، قەنت 500 گرامدىن، سۇ بىر كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
مەرۋايىتنى كۇشتە قىلىپ ئايرىم سوقۇپ، زەپەرنى سالايە قىلىپ، قىزىلگۈل، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇ قاتارلىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، بىر كىلوگرام سۇدا قاينىتىپ، 500 گرام قالغاندا سۈزۈپ، سۈيىگە ئالما شەربىتى بىلەن شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەرۋايىت، ئالتۇن - كۈمۈش ۋاراق، پىلىلەرنى ۋە قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
لاچىندانە، بەدىيان، قىزىلگۈل، ئاقاقىيا، بۇغا مۈڭگۈزى، زەپەر، ئىپار، قۇندۇزقەھرى 20 گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سەندەل ئەرىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|