ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> يۈرەك كېسەللىكى >> يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:37:12    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تومۇرلارنىڭ مەلۇم قىسمىدا توسۇلۇش پەيدا بولۇش ياكى يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   كۆكرەك ساھەسىدە چىدىغۇسىز قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىش بىلەن باشلىنىپ،  پۇت - قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشۈش ۋە ئايلىنىپ كېتىش،  ھوشسىزلىق ئىچىدە رەڭگى تاتىرىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قۇستە 30 گرام،  پىلپىل،  پەرپىيۇن،  ئاقىرقەرھا 12 گرامدىن،  قۇندۇز قەھرى 5.6 گرام،  كونا مۇسەللەس 300 گرام،  زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 150 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   قۇستە،  پىلپىل،  ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ،  مۇسەللەسكە بىر سوتكا چىلاپ،  150 گرام قالغۇچە قاينىتىپ،  سوۋۇغاندىن كېيىن دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېلىپ،  كۈنجۈت يېغى ياكى زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ،  مۇسەللەس پارغا ئايلىنىپ ياغلا قالغۇچە قاينىتىپ،  قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ،  قازاندىكى ياغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ،  دورا سوۋۇغاندىن كېيىن  سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   سىرتىدىن ئاغرىق جايغا چېپىلىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قارىمۇچ،  ئاقمۇچ،  ئاق بەزرۇلبەنجى 80 گرامدىن،  ئەپيۈن 40 گرام،  زەپەر 20 گرام،  سۇمبۇل،  ئاقىرقەرھا،  پەرپىيۇن،  لىسانىل ئاساپىر تۆت گرامدىن،  ھەسەل 900 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   زەپەر بىلەن ئەپيۈندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ئېرىتىپ،  كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەرنى سېلىپ،  ئارقىدىن ئەپيۈننى سېلىپ،  كېيىن قالغان دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. زەپەر بىلەن ئەپيۈن ئايرىم سوقۇلىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم،  ھەر قېتىمدا 3.0 ~ 5.0 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (10 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ).   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   گاۋزىبان ھىندى،  ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى،  تازىلانغان پىلە غوزىسى،  بالەنگۇ ئۇرۇقى،  ئاق بەھمەن،  سەندەل،  پەرەنجىمىشكى 30 گرامدىن،  مەرۋايىت،  ئىپار 5.2 گرامدىن،  ئەنبەر بەش گرام،  ناۋات 1200 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلار چالا سوقۇپ،  10 ھەسسە سۇغا بىر كېچە چىلاپ،  ئەتىسى سۈيىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىلىپ، سۈزۈپ سۈيىگە 5.1 ھەسسە ناۋات سېلىنىپ قىيام قىلىنىدۇ. قىيام سوۋۇپ ئىلمان ھالەتتە كەلگەندە ئۈستىگە سالايە قىلىنغان ئىپار،  ئەنبەر،  مەرۋايىتلار سېلىنىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

تاجسىمان قان تومۇر ...
يۇقىرى قان بېسىمى
قان ئازلىق
يۈرەك زەئىپلىكى
يۈرەك قوزغىلىش
يۈرەك سانجىقى
يۈرەك مۇسكۇل تىقىل...
يۈرەك قېپى ياللۇغى
يۈرەك ئىچكى پەردە ي...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

تاجسىمان قان تومۇر قېتى...
يۇقىرى قان بېسىمى
قان ئازلىق
يۈرەك زەئىپلىكى
يۈرەك قوزغىلىش
يۈرەك سانجىقى
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى
يۈرەك قېپى ياللۇغى
يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316