"چوڭ پارتىلاش ئالەم مودېلى" دىن ئالەمگە نەزەر
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-09 23:23:35 كۆرۈلۈش سانى : 312
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
"چوڭ پارتىلاش ئالەم مودېلى" دىن ئالەمگە نەزەر
قىسقىچە مەزمۇنى: ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسى خاراكتېرى ھامان ئەگرى بولىدۇ. "ماكان"نىڭ ئەگرىلىكى ماددا ھەرىكىتىنىڭ ئەگرىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. نيۇتوننىڭ مۇتلەق تىنچ پايدىلىنىش سىستېمىسى (نيۇتون ماكانى) ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتتىكى رېئاللىقىغا نىسبەتەن ئورۇنلۇق. نىسبىيلىك قائىدە-پىرىنسىپلىرى، "ئوبيېكتىپ زامان" ۋە نيۇتون تارتىش كۈچى ئىدىيىسى (ئاجىز ئۆزئارا تەسىر)، يادرو كۈچى (كۈچلۈك ئۆزئارا تەسىر) قاتارلىقلار " ئىپتىدائىي ئوت شارى" غا نىسبەتەن ئورۇنسىز.
ئېلېكتر- ماگنىت كۈچى ۋە ھەرىكەت ئەگرىلىكى ئىدىيىسى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتتىكى رېئاللىقىغا نىسبەتەن ئورۇنلۇق.
ئاچقۇچ سۆزلەر: ھەرىكەت ئەگرىلىكى، مۇتلەق ھەجىم، ئەگرىلىك ، ئالەم كۇنى، كۈچلەر بىرلىكى.
1
ئىلىم ئەھلىگە مەلۇمكى "چوڭ پارتىلاش ئالەم مودېلى" نۆۋەتتىكى ئالەم مودېللىرى ئىچىدە ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان ئەڭ نوپۇزلۇق مودېل، بۇ مودېلنىڭ قارىشىچە: ماددىي ئالەم ئەسلىدە يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى ۋە ئاتوم –مولېكۇلا تۈزىلىشىگە ئىگە جىسىملار بولمىغان؛ ئالەمدىكى بارلىق ماسسا - ئېنېرگىيە زەررىچە ھالىتىدە ئىنتايىن كىچىك بىرلا نۇقتىغا يىغىلغان غايەت زور زىچلىق ۋە ئىسسىقلىققا ئىگە "ئىپتىدائىي ئوت شارى" دىن كېلىپ چىققان. ئالاھازەل 100مىليارد يىل ئىلگىرى (بەزىلەر 200 مىليارد يىل ئىلگىرى دەپ قارايدۇ) بۇ ئوت شارى ئۇشتۇمتۇت پارتىلاپ، ئەتراپقا شىددەت بىلەن تارقىلىپ، ھازىرقى كۆپۈۋاتقان (كېڭىيىۋاتقان) ئالەم شەكىللەنگەن. بەزىلەر ئىپتىدائىي ئوت شارىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ "ئالەم تۇخۇمى" دەپمۇ ئاتايدۇ.
بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى "چوڭ پارتىلاش ئالەم مودېلى" نىسبىيلىك پرىنسىپى؛ ماكان ئەگرىلىكى؛ تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ۋە يادرو كۈچى؛ "ئوبيېكتىپ زامان"لارغا رىقابەت ئېلان قىلدى دەپ قارايدۇ. ئاساسلار تۆۋەندىكىچە:
"ئىپتىدائىي ئوت شارى" ئالەمدىكى بارلىق ماسسا - ئېنېرگىيىنى ۋە ياكى ھەرقانداق ھالەتتىكى ماددىنى ئۆز گەۋدىسىگە يىغىۋالغان ئالەمدىكى بىردىنبىر ماددىي نۇقتا بولغانلىقى ئۇچۇن، يۇقىرىدا نامى زىكىر قىلىنغان فىزىكىلىق ئىدىيە، كۈچ ۋە پرىنسىپلار بۇ "شار"غا نىسبەتەن ئۇنۇمسىز بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى:
1. نىسبىيلىك قائىدە-پىرىنسىپىنى تۇرغۇزۇش ئۇچۇن كەم دېگەندىمۇ "ئىپتىدائىي ئوت شارى" دىن باشقا يەنە بىر ماددىي نۇقتا بولۇشى شەرت. ھالبۇكى ئالەمنىڭ بۇ پەيتىدە بۇنداق نۇقتا ئەسلا مەۋجۇد ئەمەس.
2. ئوخشاش سەۋەب تۈپەيلى تارتىش كۈچى ۋە يادرو كۈچى ئىدىيىلىرىمۇ بۇ يەردە ئورۇنسىز بولۇپ قالىدۇ. سەۋەب شۇ يەردە ئاتوم تۈزۈلۈشى مەۋجۇد ئەمەس، تارتىش كۈچى ئىپادىلىنىدىغان ئىككىنچى بىر ماددىي نۇقتا يوق.
3. "ئوبيېكتىپ زامان" ئوخشاشلا ئورۇنسىز بولۇپ قالىدۇ. "ئوبيېكتىپ زامان" پەقەت دەۋرى ھەرىكەت كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا سەزگۈ بولغانلىقى، بۇ پەيتتە دەۋرى ھەرىكەت بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئىدراك ۋە ئىدراك قوبۇل قىلالايدىغان دەۋرى ھەرىكەتمۇ بولمىغانلىقى ئۇچۇن "زامان" غايىب بولىدۇ. ئېينىشتېيننىڭ تۆت ئۆلچەملىك زامان-ماكان كوئوردېنات سىستېمىسىدىن ئۈچ ئۆلچەملىك ماكانلا قېپقالىدۇ. (فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى 33-تېئورېمىغا ۋە 12-بەلگىلىمىگە قارالسۇن).
كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان مەنزىرە شۇكى، بۇ پەيتتە نيۇتوننىڭ مۇتلەق ماكانى يۈكسەك ئېنىقلىقتا ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى، بۇ پەيتتە ئاق قەغەز مودېلى 1-رەسىمدىكى ئىككى چەمبەر پەقەت بىرلا چەمبەرگە ئايلىنىدۇ. (فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى "ئاق قەغەز مودېلى"غا قاراڭ).
"ئاق قەغەز مودېلى" 2-رەسىم
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى A چەمبەر ئىپتىدائىي ئوت شارىغا B تەكشىلىك نيۇتون ماكانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. (فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى 3-بەلگىلىمە، 4-تېئورېما ۋە "ماكان" ماۋزۇسى ئاستىدىكى مەزمۇنلارغا قاراڭ). كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى نيۇتوننىڭ مۇتلەق ماكانى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتتىكى ھالىتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق ("فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" 6-ئاكسىئومىغا ۋە "نىسبىيلىك پرىنسىپىنىڭ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدىكى ئورنى" ماۋزۇسى ئاستىدىكى مەزمۇنلارغا قاراڭ.)
ئاق قەغەز مودېلى 2-رەسىم ماھىيەتتە ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتتىكى رېئاللىقىنى ئوبرازلىق تەسۋىرلەشتە ئورۇنلۇق. ئالەم قانچىكى كېڭىيىۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئېينىشتېين ئالىمى A چەمبەرگە يىغىنچاقلىنىپ سىرتىدا نيۇتوننىڭ B تەكشىلىكى ئىپادىلىنىۋېرىدۇ. مەسىلەن:
ئاق قەغەز مودېلى 3-رەسىم
يەنى ئاب تۇز سىزىق ماددىي ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتتىكى ئەمەلىي رادىئوسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. چ ئۈزۈك سىزىقلار بولسا نيۇتون تەكشىلىكىدىن ئىبارەت. (نيۇتون ماكانى).
ئالەم مەيلى قانچىلىك كېڭەيسۇن ۋە ياكى تارايسۇن يۇقىرىقى فۇرما (ئاق قەغەز مودېلى 3-رەسىم) ئىزچىل ساقلىنىدۇ. ئالەمنىڭ "ئىپتىدائىي ئوت شارى" پەيتىدە يالغۇز نيۇتون ماكانىلا ئۆزىنى ئىپادىلەپ قالمايدۇ. بارلىق ساقلىنىش قانۇنلىرى جۈملىدىن ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى بۇ پەيتتە ئۆزىنى ئىپادىلەۋېرىدۇ. ئاجىز ئۆزئارا تەسىر بىلەن كۈچلۈك ئۆزئارا تەسىر بۇ پەيتتە غايىب بولغىنى بىلەن ئېلېكتر ماگنىت كۈچى ھەم غايىب بولدى دېيىشكە ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. ئاساسى زەررىچىلەردىكى زەرەتلىك خۇسۇسىيەت بۇنداق پەرەزگە يول قويمايدۇ. قارىغاندا كۈچلەر بىرلىكىنى ئېلېكتر - ماگنىت كۈچى نۇقتىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىندەك قىلىدۇ.
2
"ئىپتىدائىي ئوت شارى" لا ئەمەس نۆۋەتتىكى كۆپۈۋاتقان - كېڭىيىۋاتقان ئالەم مەنزىرىسىمۇ ئوخشاشلا ماكان ئەگرىلىكى، تارتىش كۈچى، چەكلىك چېگرىسىز ئالەم، نىسبىيلىك قائىدە-پىرىنسىپلىرى قاتارلىق فىزىكا ئىدىيىلىرىگە مۇئەييەن مەنىدە كرىزىس ئىلىپ كەلدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. سەۋەبى:
1. نيۇتوننىڭ تارتىش كۈچى ئىدىيىسى گويا ئىككى نۇقتىنى بىر- بىرىگە باغلاپ تۇرغان يىپقا ئوخشىسا، ئېينىشتېين ماكان ئەگرىلىكى ئىدىيىسى گويا چەمبەر ياكى ئېللىپسسىمان رېلىسقا ئوخشايتتى. بۇ خىل ئىدىيىلەردىن پەقەت تۇرغۇن ئالەم مودېللىرى شەكىللىنەتتى. ئېينىشتېينمۇ ئۆز نەزەرىيىسىنى تۇرغۇزغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئەنە شۇنداق تۇرغۇن ئالەم مودېللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەپسۇسكى چوڭ پارتىلاش ئالەم مودېلى جۈملىدىن كېڭىيىۋاتقان ئالەم ئىدىيىسى نيۇتوننىڭ يىپىنى ئۇزىۋەتتى. ئېينىشتېيننىڭ پاراۋۇزىنى رېلىستىن چىقىۋەتتى. بۇ ھالدا يەنىلا تارتىش كۈچى ۋە ماكان ئەگرىلىكى ماددا ھەرىكىتىنىڭ ئەگرىلىكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى دەپ قارالسا بىمەنىلىك بولىدۇ. چۈنكى، "ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان ئالەمگە نىسبەتەن ئېينىشتېيننىڭ رېلىسى بىلەن نيۇتوننىڭ يىپى ئورۇنلۇق بولۇۋېرىدۇ؛ نيۇتون-ئېينىشتېيننىڭ ئىدىيىسىنى ساقلاپ قالىمىز" دەيدىكەنمىز بۇ ھالدا ماددىي ئالەم تەدرىجىي گىراۋىتۇن ۋە ياكى تارتىش كۈچى مەيدان كۋانتىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇنداق پەيتتە ئوخشاشلا "رېلىس"، "يىپ"، "پاراۋۇز" ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى زەررىچىگە ئايلىنىپ كېتىپ نيۇتون-ئېينىشتېين ئىدىيىلىرى ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. سەۋەبى: ساقلىنىش قانۇنلىرى نيۇتون يىپىنىڭ ۋە ئېينىشتېين رېلىسىنىڭ چەكسىز ئۇزىرىشىغا ھېچقاچان يول قويمايدۇ.
پۈتكۈل جىسىملار زەررىچىگە ئايلىنىپ كەتكەن بۇنداق ئالەم مەنزىرىسىگە نىسبەتەن، تارتىش كۈچى، ماكان ئەگرىلىكى، ئوبيېكتىپ زامان، يادرو كۈچى ئىدىيىلىرىنىڭ ئوخشاشلا ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
ئالەمنىڭ بۇ پەيتتىكى رېئاللىقىنى يەنىلا A چەمبەر بىلەن B تەكشىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئىپتىدائىي ئوت شارى پەيتىدە "ئالەم رادىئوسى" نىڭ دىئامېتىرى ئىنتايىن قىسقا، كېلەچىكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا دىئامېتىر ئىنتايىن زور بولىدۇ. ئالدىنقىسىدا ماددا زەررىچە ھالىتىدە ئىنتايىن زىچ توپلاشقان، كېيىنكىسى زەررىچە ھالىتىدە ئىنتايىن شالاڭ تارقالغان بولىدۇ.
ماددىي ئالەمنىڭ بۇ پەيتىگە نىسبەتەن ئاپتور تەشەببۇس قىلىۋاتقان ھەرىكەت ئەگرىلىكى ئىدىيىسى؛ ساقلىنىش قانۇنلىرى؛ ئېلېكتر ماگنىت كۈچى قاتارلىقلار يەنىلا ئورۇنلۇق بولۇۋېرىدۇ.
3. ئالەمنىڭ ئىككى قۇتۇبىدا ماددىلار جىسىم ۋە ئاتوم - مولېكۇلا تۈزىلىشىگە ئىگە بولماي زەررىچە ھالىتىدە بولىدۇ دەپ قارالغان ئەھۋال ئاستىدا، دەرۋەقە بۇ "قۇتۇپلار"غا نىسبەتەن يادرو كۈچى ۋە تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرى ئورۇنسىز بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىل كۈچ ئالەمنىڭ قايسى پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق؟ قانداق پەيتتە، قانداق سەۋەبلەر بىلەن ئالەمنىڭ شۇ پەيتتىكى دىنامىكىلىق ھادىسىلىرىنى بەلگىلەشكە قاتنىشىپ قالدى؟ ياپىلاق تىل بىلەن ئېيتقاندا قەيەردە، قاچان پەيدا بولۇپ قالدى؟ بۇنى چۈشەندۈرمەك ئىنتايىن مۈشكۈل. ئەگەر تارتىش كۈچى ياكى يادرو كۈچى جىسىملارنى شەكىللەندۈرگەن بىردىنبىر سەۋەب ۋە ئۇلار كائىنات تارىخىنىڭ ھەرقانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق دەپ قارىساق نېمە ئۇچۇن جىسىم مەۋجۇد بولمىغان، پەقەت زەررىچىلا مەۋجۇد بولغان ئىككى "قۇتۇپ" شەكىللىنىپ قالىدۇ. نېمە ئۇچۇن تۇرغۇن ئالەم شەكىللەنمەي، كېڭىيىۋاتقان ۋە تارىيىۋاتقان ئالەم شەكىللىنىدۇ؟. بۇ سوئاللارغا يۇقىرىقى ئىككى كۈچ ئۇقۇمى جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
"فىزىكا قانۇنلىرى ھەممە ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىلار ئۇچۇن ئورۇنلۇق بولۇشى كېرەك" (ئېينىشتېين) دېگەن مەشھۇر تەشەببۇس نۇقتىسىدىن يۇقىرىقى ئىككى "كۈچ" نى باھالىساق، ئەمدى ئۇلار "فىزىكا قانۇنلىرى" بولماي قالىدۇ. ئەڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئېيتقاندىمۇ بۇ ئىككى كۈچ ھەممە ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىلار ۋە ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق بولغان ھەقىقىي بىرلا كۈچنىڭ جىسىملار دۇنياسىدىكى ئىككى خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇشى مۇمكىن.
ھەممە ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىلار ۋە ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتتىكى رېئاللىقىغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك بولغان بۇنداق كۈچ پەقەت ئېلېكتر- ماگنىت كۈچىدۇر، شۇڭا ئاپتور بۇ يەردە "فىزىكىلىق شەكىل" نەزەرىيىسىنىڭ 3-پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
3-پەرەز: بارلىق تەبىئىي كۈچلەر ئېلېكتر- ماگنىت كۈچىنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىپادىلىنىشى؛ كۈچلەر بىرلىكى ئېلېكتر- ماگنىت كۈچى ئاساسىدا ئەمەلگە ئېشىپ قىلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقى قىسقىچە پەرەز مۇقەررەر ھالدا زەرەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئاساسى زەررىچىلەر بارلىق تەبىئىي كۈچلەرنىڭ ئاساسىدۇر دېگەن يەكۈنگە ئىلىپ بارىدۇ.
بۇ ھالدا، گويا ئالەم ئىككى خىل جىنستىن تۆرەلگەن مۇھەببەت ئېپوسى بولۇپ قالىدۇ. نېيترونلار بەلكىم ئۇ ئىككىيلەننىڭ "بالىسى" ۋە ياكى ئەلچىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئالەم مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر، (مەنفى-مۇسبەت ئىككى جىنس) دىن تۈزۈلگەن دەپ ھۆكۈم قىلغان قەدىمكى زامان مۇتەپەككۇرلىرى ئاز ئەمەس، شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ ئەرۋاھلىرى بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان قەلىمىمگە قاراپ خۇشاللىقىدىن قاقاقلاپ كۈلىۋاتقاندۇ! ئېھتىمال بۇ ئەرۋاھلار ئىچىدە سىگمونت. فىروئىدمۇ باردۇر! مانا بۇ، كائىنات ھەققىدىكى مىنىڭ پوئېزىيەم!.
4
دەۋرلىك ئالەملىك تۈپ قانۇنىيەت –دېگەن ئىدىيە تەن ئىلىنسا "ئىپتىدائىي ئوت شارى" ئالدىنقى بىر قېتىملىق دەۋرىلكىنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسى، بۇ قېتىملىق دەۋرىلىكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. "ئىپتىدائىي ئوت شارى" ماسسا - ئېنېرگىيىنىڭ بىر نۇقتىغا يىغىلىشنىڭ لىمىتى( مۇسبەت قۇتۇپ) بولسا، كېڭىيىۋاتقان ئالەمنىڭ ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىقى كېڭىيىشنىڭ ئاخىرقى لىمىتى (مەنپىي قۇتۇپ) بولىدۇ.
بۇ يەردە تەسۋىرلەش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى"گە يەنە ئىككى ئۇقۇم كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.
يىڭى ئۇقۇم: ماددىي ئالەمنىڭ مۇسبەت قۇتۇپى
11-ئېنىقلىما: ئالەمنىڭ مۇسبەت قۇتۇبى__ پۈتكۈل ماسسا- ئېنېرگىيىنىڭ ئىنتايىن كىچىك بىر نۇقتىغا يىغىلىشىنىڭ لىمىت نۇقتىسىدىن ئىبارەت. "ئىپتىدائىي ئوت شارى" بۇنداق قۇتۇپنىڭ رېئاللىقى.
يىڭى ئۇقۇم: ماددىي ئالەمنىڭ مەنپىي قۇتۇپى
12-ئېنىقلىما: ماددىي ئالەمنىڭ مەنپىي قۇتۇبى __ ماددىي ئالەمدىكى پۈتكۈل ماسسا- ئېنېرگىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ماكانغا تارقىلىشىنىڭ لىمىتى.
يۇقىرىقى ئىككى ئېنىقلىما ماددىي ئالەمنىڭ "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" دىكى "دەۋرلىك ___ ئالەملىك تۈپ قانۇنىيەت" دېگەن يادرولۇق ئىدىيىسىنى تەسۋىرلەشكە قۇلايلىق ئىلىپ كېلىدۇ ھەم بۇ ئىككى ئېنىقلىما ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىقى، نەزەرىيىۋى فىزىكا، شۇنداقلا تەجرىبە فىزىكىلىرىنىڭ روھىغا خىلاپ ئەمەس.
دەرۋەقە، ماددىي ئالەمنىڭ كېڭىيىش ۋە تارىيىشنىڭ لىمىت چېكى بار دېگەن پەرەزگە يول قويۇلمىسا بۇ ئالەمنىڭ دەۋرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۈشكۈل. ئالەمنى بىلگىلى بولىدىغانلىقىغا، ئالەمنىڭ قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇنداق ئۈمىدسىز پەرەزلەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى يوق. لېكىن، ماددىي ئالەم كېڭىيىش جەريانىدىمۇ ھامان بىر ئەگرىلىكنى (شار شەكلىنى) ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى پاكىت. شۇڭا يۇقۇرىقىچە پەرەزدىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئالەمنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇنداق پەرەز ئېينىشتېين تىپىدىكى ئاز بولمىغان پەن ئالىملىرىنىڭ ئالەمگە بولغان ئوپتىمىستىك چۈشەنچىلىرىگە زىت ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
5
بىز لوگىكىلىق نۇقتىدىن چىقىپ، ماددىي ئالەمنىڭ دەۋرىلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىنىمىزدە تۆۋەندىكىدەك مەنزىرە شەكىللىنىدۇ:
بىر قېتىملىق دەۋرلىك بىر ئالەم كۇنى دەپ قارالغان ئەھۋال ئاستىدا، مۇسبەت قۇتۇپ ("ئىپتىدائىي ئوت شارى") ئالەم كۇنىنىڭ تومۇز پەسلىگە ئوخشايدۇ. مەنپىي قۇتۇپ زىمىستانىغا (قىش) ئوخشايدۇ. بۇ ھالدا "ئىنسانىيەت تىپىدىكى ھاياتلىق پەسلى"نىڭ ئالەم كۇنىدىكى تەخمىنى ئورنىنى ھېسابلاش چىقىش قىيىن ئەمەس. ھازىر بۇ پەسىل ئالەم رادىئوسىدا بىر نۇقتا بولۇپ ئىپادىلەنسە، شار ئايلانمىسىدا ئىنتايىن كىچىك بىر ياي بولۇپ ئىپادىلەنمەكتە. بىز ئالەم شارىنىڭ يەر شارى (قۇياش سىستېمىسى) نىڭ ئورنى بىلەن ئوخشاش كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇقتىكى رايونلىرىدا يەر شارى ئىنسانلىرىدىن پەرقلىق ياكى ئوخشاش بولغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھاياتلىق شەكىللىرىنى مۇتلەق مەۋجۇد ئەمەس دەپ ئۈزۈپ ئېيتىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىلمى ئىزدىنىشلەردىن يۇقۇرىقىچە تەسەۋۋۇرلارنى قوللايدىغان مىساللار يوق ئەمەس.
"ھاياتلىق پەسلى" ئالەم رادىئوسى ياكى شاردا مەلۇم نۇقتا- ياي بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ ۋە ئىپادىلەنمەكتە. كېڭىيىۋاتقان ئالەمنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ پەسىل ئەلۋەتتە ئاخىرلىشىدۇ، ئاندىن ئالەمنىڭ مۇتلەق 0 گرادۇسقا يېقىنلاشقان زىمىستانى باشلىنىدۇ ۋە قايتا دەۋرىلىكتە "ھاياتلىق پەسلى" قايتا نامايان بولىدۇ. "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى"نىڭ 29-ۋە 38-تېئورېمىلىرى بۇ جەرياننى تەسۋىرلەشكە قۇلايلىق ئىلىپ كېلىدۇ دەپ قارايمەن.
كىتابخانلار يۇقىرىقى بايانلارنى تولىمۇ شائىرانە تەسەۋۋۇرلار ئىكەن دەپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، يەر شارنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ۋە يەرشارىدا ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا ئالاقىدار ئىلمى- تەجىربىيىۋى دەلىللەر ۋە سانلىق مەلۇماتلار مىنىڭ تايىنىش نۇقتام.
ئەمدى بۇ يەردە بىزگە قالغىنى: ماددىي ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ لىمىت چېكىنى ھېسابلاپ سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇشىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدا يورۇقلۇق تېزلىكى بىر ياخشى ئۆلچەم، ئۇندىن باشقا يورۇقلۇقنىڭ "تارتىش كۈچ مەيدانىدا ئىگىلىشى"-بىر ياي سۈپىتىدە، ئالەمنىڭ ئومۇمى رادىئوسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
6
"فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" دە "شەكىل" ئالدى بىلەن ھەرىكەت سۇبيېكتىدا، يەنى ھەرىكەت قىلغۇچى سۇبيېكتتا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن ئاساسى زەررىچىلەر ۋە ئاسمان جىسىملىرى قاتارلىقلار مۇتلەق كۆپ ھاللاردا شارسىمان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بارلىق ھەرىكەتلەر ئەلۋەتتە يۇقىرىقى ھەرىكەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ماكاندىكى پائالىيەت شەكلى بولۇپ ئۇلار تېخى ستاتىستىكىلاپ چىقىرىلغىنى يوق. "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" ھەرىكەت شەكىللىرىنى ستاتىستىكىلاپ چىقىشىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىشى كېرەك. كلاسسىك ئىدىيىلەردە ھەرىكەت شەكلى بىلەن ھەرىكەت سۇبيېكتى ئېنىق ئايرىلمىغان ۋە ياكى كلاسسىك ئىدىيىلەر بىز بايان قىلىۋاتقان بۇنداق ئىدىيە بىلەن تېخى ئۇچراشمىغان. شۇڭا بەزى ئېنىقسىزلىقلار ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن: يورۇقلۇقنىڭ زەررىچىلىك تەلىماتى بىلەن دولقۇنلۇق تەلىماتى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئىلىپ بېرىلغان تالاش-تارتىشلار ئاخىرى بېرىپ بىر مۇرەسسەچىلىك روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان مېۋىگە ئېرىشتى، ئو بولسىمۇ ھەم دولقۇنلۇق ھەم زەرىچىلىك خۇسۇسىيەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىش بېسىققاندەك قىلدى.
"فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ مەسىلە يەنىلا ئېنىقسىزدۇر. لېكىن بۇ مەسىلىنى ئېنىق بايان قىلىشتا مەن تەشەببۇس قىلغان نەزەرىيىنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى بار. ئۇ بولسىمۇ زەررىچىلىك خۇسۇسىيەت ھەرىكەت سۇبيېكتىنىڭ ئۆزىگە خاس "شەكلى"دىن ئىبارەت، دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت بولسا يۇقىرىقى زەررىچىنىڭ ھەرىكەت شەكلىدىن ئىبارەت. يەنى فوتون ئۆزى دولقۇن ئەمەس بەلكى زەررىچە، دولقۇن بولسا ئۇنىڭ ماكاندىكى ھەرىكەت شەكلىدۇر. ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
يۇقىرىقى ئىدىيە مەندە 90-يىللارنىڭ دەسلىپىدىلا شەكىللەنگەن. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېھتىياتچانلىق بىلەن شۇڭغىچە ئېلان قىلماي كەلدىم. بۇ جەرياندا بۇ ئىدىيىدىن ۋاز كېچىش ئۇچۇن شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولساممۇ ئۆزۈمنى زادىلا قايىل قىلالمىدىم. بۇ ئىدىيە لوگىكا ئەلگەكلىرىدە قانچە تاسقىغانسېرى شۇنچە ئېنىق ۋە توغرا بولۇپ چىقتى. نەتىجىدە بۇ ئىدىيە شەكىللىنىپ 15يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇنى ئېلان قىلىۋاتىمەن. ئەمدى بۇ ئىدىيە تەۋرەنمەس ئېتىقادلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە تەجرىبە فىزىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ.
شۇڭا مەن يۇقىرىقى ئىدىيىنى "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" نىڭ بىر تېئورېمىسى قىلىپ تۇرغۇزدۇم.
39-تېئورېما: زەررىچىلىك خۇسۇسىيەت فوتوننىڭ خۇسۇسى شەكلى بولۇپ، دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت فوتوننىڭ ھەرىكەت شەكلىدىن ئىبارەت.
مەيلى دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت بولسۇن، مەيلى ئوربىتا بويلاپ قىلىنغان "سىزىقلىق" ھەرىكەت بولسۇن بىز ھامان "ئەگرى"لىككە يولۇقىمىز. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئەگرىلىك ماكرو ۋە مىكرو دۇنيانىڭ ئەڭ كەڭ رېئاللىقىدۇر. ھەرىكەت سۇبيېكتلىرى پۈتۈنلەي ئەگرى بولۇپلا قالماي ھەرىكەت شەكىللىرىمۇ پۈتۈنلەي ئەگرىدۇر، بۇ يەردە پەرق پەقەت ئەگرىلىك قىممىتىنىڭ چوڭ ياكى كىچىكلىكىدىلا ئىپادىلىنىدۇ.
7
"مۇتلەق ھەجىم"- "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدىكى بىر مۇھىم ئىدىيە. بۇ نەزەرىيىنىڭ 1-2-ئاكسىئومىسى ۋە 1-2-4-13-16-تېئورېمىلىرى، شۇنداقلا كلاسسىك فىزىكىدىكى ساقلىنىش قانۇنلىرى "مۇتلەق ھەجىم" ئىدىيىسىنىڭ ئاساسلىرى.
ئەلۋەتتە بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقىنى ھەقىقىي مەنىدىكى ساپ ماددىنىڭ مۇتلەق ھەجمىدىن ئىبارەت. ماسسا - ئېنېرگىيە ساقلىنىش قانۇنى بۇنداق ئىدىيىنى قوللايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئىدىيە ماكرو ۋە مىكرو دۇنيانى تەسۋىرلەشتە زور قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كېلىدۇ. شۇڭا مەن "مۇتلەق ھەجىم"نى "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" نىڭ بىر تېئورېمىسى قىلىپ تۇرغۇزدۇم.
40-تېئورېما: ئالەمدىكى ماسسىنىڭ گېئومېتىرىيىلىك ھەجمى مۇتلەق تۇراقلىق بولىدۇ. يوقتىن بار بولمايدۇ ۋە يوقالمايدۇ. ئارتمايدۇ ۋە كېمەيمەيدۇ.
يۇقىرىقى ئىدىيە فىزىكىدىكى زىچلىق ئۇقۇمىنى قوللىنىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. "ئىپتىدائىي ئوت شارى" نىڭ ھەجمى ھەقىقىي مەنىدىكى ساپ ماددىلارنىڭ ھەجمى دەپ قاراشقا بولىدۇ ۋە بۇ پەيتتە زىچلىق ئەڭ زور چەككە يەتكەن بولىدۇ. پارتلاشتىن كىيىن، ماددىي ئالەم قانچە كېڭەيگەنچە زىچلىق شۇنچە كېمىيىپ بارىدۇ.
"مۇتلەق ھەجىم" ئىدىيىسى كلاسسىك فىزىكىدىكى ماسسا ئۇقۇمى بىلەن زىددىيەتلىك ئەمەس.
8
"فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" نىڭ ئاساسى ئىدىيىسى ۋە بىر قىسىم ئاكسىئوما تېئورېمىلارنى 1998-يىلى ئېلان قىلغان ئىدىم. لېكىن بۇ نەزەرىيىنىڭ ئاكسىئوما، تېئورېما سىستېمىسىنى ھازىرغىچە تولۇق تۇرغۇزۇپ بولدۇم دەپ قارىمايمەن. ھازىرچە تۇرغۇزمىغان ۋە ئېلان قىلىنمىغان بەزى تېئورېمىلارنى داۋاملىق ئېلان قىلىمەن. تۆۋەندە ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر تېئورېمىنى تۇرغۇزدۇم.
41-تېئورېما: جىسىم ياكى زەررىچىلەرنىڭ سىزىقلىق تېزلىك مىقدارى بىلەن بۇلۇڭلۇق تېزلىك مىقدارى تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.
سىزىقلىق ھەرىكەت ۋە بۇلۇڭلۇق ھەرىكەتلەر ھەرىكەت قىلغۇچى بىرلا سۇبيېكتنىڭ بىرلا پەيتتىكى ئىككى خىل ھەرىكەت شەكلى بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەر مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا بىر-بىرگە ئايلىنىدۇ. ماھىيەتتە بۇ ئىككى خىل ھەرىكەت بىرلا خىل تۇراقلىق ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئىككى ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت.
ئالەم "ئىپتىدائىي ئوت شارى" پەيتىدە تۇرغاندا زەررىچىلەرنىڭ سىزىقلىق ھەرىكەت مىقدارى كېمىيىپ بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت مىقدارى ئېشىپ بارىدۇ ۋە ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. ئالەم كېڭىيىپ لىمىت چېكىگە يەتكەندە(مەنپىي قۇتۇپتا)، زىچلىق ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالىدۇ.
‹‹ "چوڭ پارتىلاش ئالەم مودېلى" دىن ئالەمگە نەزەر ›› سەرلەۋھىسى ئاستىدىكى بايانلىرىم شۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۇچۇن، تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلەيمەن.
1. ماددىي ئالەم ئۈزلۈكسىز دەۋرى قىلىپ تۇرىدۇ. بىر قېتىملىق دەۋرىلىكنى بىر ئالەم كۇنى دەپ ئوبرازلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ. بىز ئىنسانلار بىر قېتىملىق دەۋرىلىكنىڭ (ئالەم كۇنىنىڭ) "ھاياتلىق پەسلى" دە پەيدا بولدۇق ۋە شۇ پەسلىدە تۇرۇۋاتىمىز. ماددىي ئالەم مەڭگۈ مۇشۇنداق دەۋرى قىلىدۇ. ئۇ سوقۇپ تۇرغان يۈرەككە ئوخشايدۇ. كېڭەيگەندە نيۇتون ماكانى (يوقلۇق) نى يۇتۇپ بارىدۇ ۋە شۇنىڭ بەدىلىگە كېڭىيىدۇ. بۇ پەيتتە ماددىنىڭ ماكاندىكى زىچلىقى ئەڭ تۆۋەن چەككە يېتىدۇ. تارايغاندا بۇ ماكاننى سىرتتا قالدۇرىدۇ ۋە "ئىپتىدائىي ئوت شارى" دەك ئەڭ كىچىك نۇقتىغا يىغىلىدۇ، بۇ پەيتتە ماددىنىڭ ماكاندىكى زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىي خاراكتېرىنىڭ ئەگرىلىكى يۇقىرىقىدەك كېڭىيىپ - تارىيىشلارنىڭ دىنامىكىلىق، تېرمودىنامىكىلىق قانۇنلىرىنى تۇرغۇزىدۇ ۋە ئالدىنقى شەرتى بولۇپ قالىدۇ.
2. تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ( ئاجىز ئۆزئارا تەسىر) ئالەمنىڭ ئىككى قۇتۇبىغا نىسبەتەن ئورۇنسىز بولغانلىقى ئۇچۇن، تارتىش كۈچىنى نۆۋەتتىكى ھەرىكەت ئەگرىلىكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى دەپ قارالسا توغرا بولمايدۇ. ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسى خاراكتېرىدىكى ئەگرىلىكى بىلەن "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" نىڭ 29- تېئورېمىسىدىكى "ئېغىش" لارنىڭ تەسىرىنى ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەك. سەۋەبى مەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان "ھەرىكەت ئەگرىلىكى" ۋە 29- تېئورېمىنىڭ تەجرىبە ئىسپاتلىرى ئاز ئەمەس. "ئېغىش"-ئەسلى فىزىكىدىكى "مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ" تەرىپىدىن ماقۇللىنىدىكى ھەرگىز رەت قىلىنمايدۇ.
3. "ئىپتىدائىي ئوت شارى" پەيتىدە ماددىي ئالەم ئاتوم تۈزۈلۈشىگە ئىگە بولماي زەررىچە ھالىتىدە بولغانلىقى ۋە يەنە تارتىش كۈچىنى ئىپادىلەيدىغان يەنە بىر ماددىي نۇقتا بولمىغانلىقى ئۇچۇن يادرو كۈچى (كۈچلۈك ئۆزئارا تەسىر) ۋە تارتىش كۈچى (ئاجىز ئۆزئارا تەسىر) قاتارلىقلار بۇ پەيتتە ئۇنۇمسىز بولىدۇ. شۇڭا كۈچلەر بىرلىكىنى ئېلېكتر - ماگنىت كۈچى ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى ئېلېكتر- ماگنىت كۈچى كائىنات تارىخىنىڭ ھەممە پەيتلىرىگە نىسبەتەن تەڭ ئۈنۈملۈك بولۇپ كەلدى.
2009. يىل ئاپرېل
غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزا بۇلاق دادامتۇ كەنتىدە يېزىلدى.
|
|