قاسىم سىدىق : ئالەمنىڭ بىر كۈنى ۋە "ئالەم سائىتى"
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-24 12:35:31 كۆرۈلۈش سانى : 1774
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئالەمنىڭ بىر كۈنى ۋە "ئالەم سائىتى"
قاسىم سىدىق
خۇدا ئالەمنى ئالتە كۈن ئىچىدە يارىتىپ يەتتىنچى كۈنى دەم ئالغان.
--ئىنجىل (يېڭى ئەھدە)
-تەۋرات 1-بابتىن.
ياق، "خۇدا" ئالەمنى بىر كۈندىلا ياراتقان ۋە زادىلا دەم ئالمىغان!
--كۈندىلىك خاتىرەمدىن.
ئاساسىي مەزمۇنى:
ئالەم دەۋرلىك قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىدۇ. ئالەمنىڭ بىر قېتىملىق دەۋرىلىگىگە ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 80 مىليارد يورۇقلۇق يىلى كېتىدۇ. مانا بۇ ئالەمنىڭ بىر كۈنىدۇر. يەنى ئالەمنىڭ بىر كۈنى (سوتكىسى) 80 مىليارد يورۇقلۇق يىلىغا تەڭ. ئالەمنىڭ بىر كۈنىدىن «ئالەم سائىتى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ. ئالەم سائىتى پايدىلىنىش سىستېمىسى قىلىنسا زەررىچە ۋە جىسىملار گويا مۇتلەق جىم بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئالەم ئوربىتا بويلاپ ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى ئۇچۇن ئۇنىڭ يىلى بولمايدۇ. ھەرىكەت ئىككى ياقلىمىلىق رىياللىق.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئالەمنىڭ بىر كۈنى. دەۋرلىك. ئالەم سائىتى. ھەرىكەت.
ئالبىرىت. ئېينىشتېين بارلىق ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىلارغا ئورتاق ئۇيغۇن كېلىدىغان "زامان"نى ئىنكار قىلىدۇ. يەنى، ھەر بىر نىسپى مۇستەقىل ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىنىڭ ئۆزىگە خاس "زامان"ى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" – تەبىئەت دۇنياسىدا "زامان"دىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ فىزىكىلىق رېئاللىقنىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىنكار قىلىدۇ، "زامان" پەقەت سۇبيېكتىپ، پەلسەپىۋى رىياللىق دەپ قارايدۇ. لېكىن، ھەرىكەتنى بولۇپمۇ تېزلىكنى تەسۋىرلەش ئۇچۇن "زامان" ئۇقۇمى زۆرۈر دەپ چۈشىنىدۇ ۋە ئۇنى بىر سۇبيېكتىپ ئۆلچەم سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. ("فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" – "زامان" ماۋزۇسى ئاستىدىكى مەزمۇنلارغا قاراڭ). «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»دە «زامان» بىر خىل قورال، بىرخىل مېتود سۈپىتىدە پايدىلىنىلىدۇ. بۇ ماقالىدىمۇ "زامان" ئاتالغۇلىرى دەل شۇنداق مەۋقەدە تۇرۇپ ئىشلىتىلگەن.
يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا پىرقىراپ قىلغان بىر قېتىملىق دەۋرى ھەرىكىتى بىزنىڭ "بىر كۈن" چۇشەنچىمىزنى شەكىللەندۈرگەن. ئوربىتا بويلاپ قىلغان دەۋرى ھەرىكىتى "يىل" چۇشەنچىمىزنى شەكىللەندۈرگەن. ئالەم ئوربىتا بويلاپ دەۋرى ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى ئۇچۇن ئۇنىڭدىن "يىل" ئۇقۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولمايدۇ. بۇ ئۇقۇمنى تۇرغۇزۇشتىن ئىلگىرى ئالەمنىڭ دەۋرلىك شەكىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ كۆرۈش كېرەك.
ئالەم شارى يەر شارىغا ئوخشاش ئۆز ئوقىدا ئايلانمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ دەۋرىلىگىنى كېڭىيىش ۋە تارىيىشتىن ئىبارەت قارمۇ-قارشى جەريانغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. يەنى كېڭەيگەندە دىففوزىيىلىك رەۋىشتە كېڭىيىدۇ. تارايغاندا ئەكسىچە زىچلىققا يۈزلىنىپ مەنپىي دىففوزىيىلىك رەۋىشتە تارىيىدۇ. ئالەمنىڭ شۇ تۇستە بىر قېتىم كىڭىيىپ-تارىيىش جەريانى بىر قېتىملىق دەۋرلىك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
خوش، بۇ ھالدا بۇ خىل دەۋرلىكتىن شكالىسى چەمبەر بويلاپ بىر ئايلىنىپ چىقسا 24سائەتنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان "قول سائىتى" ياكى "ئۈستەل سائىتى" گە ئاسانلا ئېرىشىمىز. بىلىگىمىزدىكى يەر شارى سائىتىنىڭ ئىككى قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى بىر سوتكا بولسا، ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان يۇقىرىقى شىكالنىڭ بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى بىر سوتكا بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئەمدى بىز ئالەمنى يەر شارى ۋاقتى بىلەن ئەمەس بەلكى ئالەم ۋاقتى بىلەن تەسۋىرلىسەك لوگىكىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن، دىنامىكىلىق جەريانلارنى تەسۋىرلەشكە تېخىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ.
1. رەسىم: ئالەم سائىتى ۋە يەر شارى سائىتى
ئالەمنىڭ بىر كۈنى "يەر شارى ۋاقتى" غا نىسبەتەن ئېيتقاندا 80مىليارد يورۇقلۇق يىلى دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. بۇنداق مۆلچەرلەشنىڭ ئاساسى شۇكى، بىرىنچى، ئالەمنىڭ ھازىرغىچە بولغان يېشى 10مىليارد يىلدىن يۇقىرى 20مىليارد يىلدىن تۆۋەن دەپ قارىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ھاياتلىق پەقەت ئالەم شارىنىڭ ھاياتلىق بەلۋېغىدا مەۋجۇد بولالايدۇ. ھالبۇكى، ھاياتلىق بەلۋىقى بولسا ئالەمنىڭ مۆتىدىل بەلۋىقى بولۇپ، بۇ بەلۋاغنى ئالەم كۈنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئالەم كىڭەيگەنچە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن ھاياتلىق بەلۋېغى تولىمۇ چەكلىك بولىدۇ.
«ھاياتلىق بەلۋېغى» نىڭ "ئالەم سائىتى" دىكى ئورنى بىر مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ بەلباغنىڭ باشقا نۇقتىلىرىدا يەر شارى تىپىدىكى ھاياتلىق شەكىللىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ياكى پەرقلىق بولغان ھاياتلىق شەكىللىرى ۋە ئىنسانىيەت تىپىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ھاياتلىق شەكىللىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇش ئېھتىماللىقنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. «ئالەم ئادەملىرى» نىڭ يەر شارىغا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ھەرخىل خەۋەرلەرنى پۈتۈنلەي يالغان دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى«ھاياتلىق بەلۋېغى»دا ھاياتلىقنىڭ شەرت-شارائىتلىرى ئوخشاش دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئالەم كېڭەيگەنچە زىچلىق كېمىيىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، ئاخىرى بېرىپ ئالەمدىكى بارلىق ماددا زەررىچە ھالىتىدە ئالەمگە تەكشى تارقالغان چەككە يېتىدۇ. مانا بۇ ئالەمنىڭ مەنفى قۇتۇپى-ئالەمنىڭ زىمىستانىدۇر. بۇ پەيتتىكى ئالەم سائىتىنىڭ ئورنى 12بولۇپ بۇ ھالەت ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ ۋە تەدرىجىي ھەرىكەت ئەگىرلىگى① تۈپەيلىدىن ئالەم بىر مەركەزگە يونۇلۇپ تارىيىش سەپىرىنى باشلايدۇ.
ئالەمنىڭ تارىيىش سەپىرىدە يەنە بىر كۈن ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق "ھاياتلىق پەسلى" شەكىللىنەمدۇ-يوق؟ قايتىش سەپىرىدە يەنە قۇياش سىستېمىلىرى (يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى) يەر شارىغا ئوخشاش پىلانىتلار شەكىللىنىدۇ دەپ قارالسا مۇنداق ئېھتىماللىقنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ھالدا ئالەم بىر كۈندە ئىككى قېتىم «ھوسۇل» ئالغان بولىدۇ.
يەنە بىر ئېھتىماللىق شۇكى قايتىش سەپىرىدە زەررىچىلەر ھېچقانداق ئاتوم، مولېكۇلا تۇزلىشى شەكىللەندۈرمەي شۇ پىتى بىر نۇقتىغا يىغىلىشى ۋە ئاندىن يىغىلىش لىمېت چەككە يەتكەندە «ئىپتىدائىي ئوت شارى» غا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئالەمنىڭ بۇ پەيتى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئاندىن ئۇشتۇمتۇت پارتىلاپ ئىككىنچى قېتىملىق دەۋرلىك سەپىرى - ئالەمنىڭ يىڭى بىر كۈنى باشلىنىدۇ.
دېمەك، ئالەمنىڭ بىر كۈنىدە شۇنچە كۆپ دىنامىكىلىق ۋە ھاياتلىق ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ ۋە تاماملىنىدۇ. بىز «ئالەم سائىتى» دىن پايدىلىنىپ ھەرخىل تېزلىكتىكى ھەرىكەتلەرنى ئۆلچىسەك «يەر شارى سائىتى» ئېرىشەلمەيدىغان ھاسىلاتلارغا ئېرىشىمىز. يەنى بۇ پەيتتە پۈتكۈل سەييارىلەر، يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى ۋەھاكازالار گويا تىمتاس-جىم تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ پەيتتە گالىلى-ئېنىشتېيىن نىسبىيلىك قائىدە پرىنسىپلىرى (ئەلۋەتتە ئۇلار بىر مېتود) پۈتكۈل كائىناتتىكى جىسىملارنىڭ ھالىتىدىن «جىملىق» تىن ئىبارەت بىرلا خىل پايدىلىنىش سىستېمىسىغا ئېرىشىدۇ. كائىناتتا بەلكىم پەقەت ھەرىكەت قىلىۋاتقان نەرسىدىن تولىمۇ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن مېڭىۋاتقان «فوتون»لا بار بولۇپ كۆرنىشى مۇمكىن. ئەگەر دەل مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ ئالەمنى تەسۋىرلەۋاتقان بىر فىزىك بار دەپ قارىساق، فىزىكا تارىخى باشقىچە يېزىلىشى مۇمكىن. يەنى، بۇ فىزىك «ماددىنىڭ جىملىقى- مۇتلەق، ھەرىكىتى- نىسپى» دەپ يېزىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ فىزىك تۇرغۇزغان (ئىختىرا قىلغان) باشقا فىزىكا قانۇنلىرى بىزنىڭ ھازىرقى ئېرىشكىنىمىز بىلەن ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ قالىۋىرىدۇ.
ئەگەر بىز ئېينىشتېيننىڭ تۆت ئۆلچەملىك زامان-ماكان كوئوردېنات سىستېمىسىنىڭ بىر ئۆلچىمى بولغان "زامان" نى (يەر شارى سائىتى) مەن كەشىپ قىلغان "ئالەم سائىتى" بىلەن ئالماشتۇرۋەتسەك ئېنىشتېيىن نېمىلەرنى يازار ئىدى؟. دەل يۇقىرىقىدەك «ماددىنىڭ جىملىقى- مۇتلەق، ھەرىكىتى- نىسپى» دەپ يېزىشى تەبىئىي. بۇ پەيتتە «ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى» مۇ «ئېنىقلىق پرىنسىپى»غا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ماھىيەتتە ھەرىكەت بىلەن جىملىق زىددىيەتنىڭ بىر پۇتۇنلىگى بولۇپ («فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» 8-ئېنىقلىمىغا قاراڭ) بىز تەسۋىرلەش ئېھتىياجى تۈپەيلى «ھەرىكەت» بىلەن «جىملىق» نىڭ خالىغان بىرسىنى تاللىۋالساق بولىدۇ. ئەمدى، «ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى» غا كەلسەك يەر شارى ۋاقتى (سائىتى) دا بۇ پرىنسىپنى ماكىرۇ جىسىملار ھەرىكىتىگىمۇ كېڭەيتىش مۇمكىن. ئالەم ۋاقتىدا «ئېنىقلىق پرىنسىپى»نىمۇ ماددىنىڭ ھەممە ھەرىكەت ھالەتلىرىگە ئوخشاش تەدبىقلىغىلى بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ «ھەرىكەت» ۋە «جىملىق»نى تەسۋىرلەشتە «يەر شارى سائىتى» ۋە «ئالەم سائىتى»دىن ئىبارەت ئىككى قورالىمىز بار بولدى. بىز «ھەرىكەت»نى تەسۋىرلىگەندە «يەر شارى سائىتى»نى، «جىملىق»نى تەسۋىرلىگەندە «ئالەم سائىتى»نى ئىشلەتسەك بولىدۇ. «نىيۇتۇن نۇقتىسى» بۇنداق ئىككى ياقلىمىلىق خاراكتېرنى تەسۋىرلەشكە باب كېلىدۇ ۋە «ھەرىكەت كۋانتى»، «جىملىق كۋانتى» ئۇقۇملىرىنى مۇقەررەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ 34-، 35-تېئورېمىلىرى بۇ يەردە ئۆز ئەھمىيىتىنى روشەن ئىپادىلەيدۇ.
روھتىن خالى ئالەمنى كۆزدە تۇتقاندا نىسپى مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ئالەمدىن بىر قورالى ئارتۇق بولۇپ، ئو بولسىمۇ تەپەككۇردۇر. ئاڭسىز كائىنات كاتتا بىناكار سۈپىتىدە ئۆزىنى بىلەلەيدىغان مانا شۇنداق تەپەككۇر قورالىنى كەشىپ قىلدى ۋە ئۆزىنى شۇ ئارقىلىق بىلىدۇ ۋە بىلدۈرىدۇ.
ئالەمنى بىلگىلى بولىدۇ، ئالەم قانۇنىيەتلىك ۋە گۈزەل، مانا بۇلار ئاپتورنىڭ ئەقىدىسى ۋە غايىسى! «ئالەم سائىتى» ۋە «ئالەمنىڭ بىر كۈنى» ئىدىيىلىرى بۇ خىل ئەقىدە ۋە غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ.
ئىزاھ:
① «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ 25-تېئورېمىسىدىن 29-تېئىورمىسىغىچە بولغان بەش تېئورېمىغا قارالسۇن.
2009. يىل 5. ئاينىڭ 1. كۈنى.
بۇلاق دادامتۇدا يېزىلدى.
|
|