قاسىم سىدىق . فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-16 15:37:05 كۆرۈلۈش سانى : 1027
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى
(1978--1998)
(كوسمولوگىيە ۋە نەزەرىيۋى فىزىكىغا ئائىت يېڭى قاراشلار)
قاسىم سىدىق
(غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
قىسقىچە مەزمۇنى : فىزىكىلىق شەكىل ماددىنىڭ ئىزچىل خۇسۇسىيىتى بولۇپ ، فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددا مەۋجۇت ئەمەس . ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ھامان ئەگرى بولىدۇ . ماكاننىڭ گېئومېتىرىيىلىك خارەكتىرى بىلەن ئوپتىكىلىق خارەكتىرى ھەرىكەتنىڭ خارەكتىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . تەبىئەت دۇنياسىدا سىغىمچانلىققا ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىققا ئىگە بولمىغان ئاساسى زەررىچىلەر مەۋجۇت . ماددىنىڭ گىئومىتىرىيەلىك مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ . دەۋرلىك – ئالەملىك تۈپ قانۇنىيەت . ئالەم ماددا ۋە ماكان (يوقلۇق) دىن ئىبارەت ئىككى قاتلاملىق ئالەم بولۇپ ، ماددى ئالەم چەكلىك ، غەيرى ماددى ئالەم (ماكان) چەكسىز . ماددىنىڭ ھەرىكىتى مۇتلەق ، ماكاننىڭ جىملىقى مۇتلەق بولىدۇ.
كوسمولوگىيە ۋە نەزەرىيۋى فىزىكىغا ئائىت بۇ يېڭى قاراشلار ،ئاپتورنىڭ 20 يىللىق ئىزدىنىشى ۋە جاپالىق ئەجىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
ئاچقۇچ سۆزلەر : فىزىكىلىق شەكىل ، ئارقا كۆرۈنۈش، يوقلۇق ، ئاساسى زەررىچە ، نوقتا گىئومېتىرىيىسى ، ئاساسى نوقتا ، ھەرىكەت،نيۇتون نۇقتىسى.
1. كىرىش سۆز
ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىقى ۋە نەزەرىيىۋى فىزىكا سەھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئىدىيىلەر مەسىلەن ، نىيۇتۇن – ئېينىشتىيىن تەلىماتى ، كىلاسسىك مەيدان نەزەرىيىسى ۋە كۋانىت نەزەرىيىلىرى ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر زىددىيەت يوشۇرۇنغاندەك قىلىدۇ . ماھىيەتتە بۇ نەزەرىيىلەرنى بىر –بىرىنىڭ مەنتىق راۋاجى ۋە تولۇقلىمىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ .
كۋانىت نەزەرىيىسى ۋە ئېينىشتىيىن ئەگرىلىكىگە ئاساسلىنىپ ، نيۇتۇن – ئېينىشتىيىن تەلىماتى ، مەيدان نەزىريىسى ۋە كۋانىت نەزىريىلىرىنى ئورتاق قانائەتلەندۈرىدىغان ۋە ئۇلارنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرىۋېتىدىغان بىر خىل كوسمولوگىيىلىك ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تامامەن مۆمكىن . مانا بۇ – ئاپتۇر ئىزچىل تەلپۈنىۋاتقان غايە .
ئاپتۇرنىڭ قارىشىچە <فىزىكىلىق شەكىل > ئۇقۇمى يۇقۇرىقى غايىنى رېئالىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى . دەرۋەقە، كۋانىت نەزەرىيىسى ۋە ئېينىشتىيىن ئەگرىلىكى تۈپەيلى ، ئالەمنى گىئومىتىرىيىلىك ئوبراز سۈپىتىدە تونۇش ئىلمىې زۆرۈرىيەتكە ئايلىنىپ قالدى .
2. فىزىكىلىق شەكىل
شەكىل ---تەبىئەت ۋە ئىجدىمائىيەت دۇنياسىدىكى ئومۇمى ھادىسە بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس شەكىل ئۇقۇمىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش تامامەن مۆمكىن . ماددىنىڭ فىزىكىلىق جەريانلىرىنى گىئومىتىرىيىلىك مىتود بىلەن تەتقىق قىلىشتا <فىزىكىلىق شەكىل> دىن ئىبارەت خاس ئۇقۇمنى تۇرغۇزۇش تولىمۇ زۆرۈر .
1- ئېنىقلىما : فىزىكىلىق شەكىل - - مۇئەييەن گىئومىتىرىيىلىك ۋە ئوپتىكىلىق ھالەت.
3. <فىزىكىلىق شەكىل> ئۇقۇمىنىڭ ئاساسلىرى
1. بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك كۈزىتىلگەن پۈتكۈل ماددى دۇنيا فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە .
2. فىزىكىلىق شەكىلدىن مۇستەسنا ھەرىكەتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .
3. فىزىكىلىق شەكىلدىن مۇستەسنا تەبىئەت دۇنياسىنى بىلىش تارىخىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .
1- ئاكسىيۇما : فىزىكىلىق شەكىل – ماددىنىڭ كونكىرىتلىقى بولۇپ ، فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددا مەۋجۇت ئەمەس .
1- بەلگىلىمە : فىزىكىلىق شەكىل ھەر قانداق ھالەتتىكى ماددىنىڭ ئىزچىل خۇسۇسىيىتى ئىكەن، ئۇ ھالدا ، زۆرۈر تېپىلغاندا ماددىنى <فىزىكىلىق شەكىل > دەپ ئاتاش ئورۇنلۇق .
ماددىنىڭ ئايلىنىش ۋە ساقلىنىش قانۇنىغا ئاساسەن :
2. ئاكسىيۇما : فىزىكىلىق شەكىل يوقالمايدۇ ۋە يوقتىن بار بولمايدۇ.
4. ئاق قەغەز مودىلى
فىزىكىلىق شەكىل – فىزىكىلىق رېئاللىق بولۇش بىلەن بىرىگە يەنە گىئومىتىرىيىلىك رېئاللىق بولغانلىغى ئۈچۈن ، مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشتىكى قولايلىقنى كۆزدە تۇتۇپ بىرەر مودېل تۇرغۇزۇش كېرەك.
بىزگە مەلۇمكى ، ھەر قانداق گىئومىتىرىيىلىك پەرەز ، جەزمەن ھەر قانداق گىئومىتىرىيىلىك پەرەزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان غەيرى گىئومىتىيىلىك رېئاللىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ . ئاق قەغەزنى چەكسىزلىك دەپ پەرەز قىلغىنىمىزدا ، ئاق قەغەز ھەر قانداق گىئومىتىرىيىلىك پەرەزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان غەيرىې گىئومىتىرىيىلىك رېئاللىقنىڭ مودىلىغا ئايلىنىدۇ .
A چەمبەر ۋە An چەمبەرلەر فىزىكىلىق شەكىللەرگە، B تەكشىلىك بولسا <ئارقا كۆرۈنۈش> كە ۋەكىللىك قىلىدۇ .
2- بەلگىلىمە : ئاق قەغەز مودېلىدىكى A چەمبەر ۋە An چەمبەرلەر كونكىرېت ماددىنىڭ ئابىستىراكىت بەلگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھەر قاچان ئۈچ ئۆلچەملىك ماددى نوقتا دەپ پەرەز قىلىنىشى كېرەك .
[attachment=2263]
3- بەلگىلىمە : ئاق قەغەز مودېلىدىكى B تەكشىلىك كونكرېت ماكاننىڭ ئابىستىراكىت بەلگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھەر قاچان ئۈچ ئۆلچەملىك چەكسىزلىك دەپ پەرەز قىلىنىشى كېرەك .
5. ئارقا كۆرۈنۈش
2 - ئېنىقلىما : ئارقا كۆرۈنۈش - مۇئەييەن فىزىكىلىق شەكلىنى ئۆز قوينىغا ئالغان ماكان .
ئاق قەغەز مودىلىدىكى A چەمبەر بىلەن B تەكشىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىدىن شۇنداق خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇكى :
3-ئاكسىيوما : ھەر قانداق فىزىكىلىق شەكىل مۇئەييەن ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدىلا ئىپادىلىنىدۇ . ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولمىغان فىزىكىلىق شەكىل مەۋجۇت ئەمەس .
1- تېئورىما : ھەر قانداق فىزىكىلىق شەكىل چەكلىك ۋە تۇيۇق بولىدۇ .
2- تىئورىما : ھەر قانداق فىزىكىلىق شەكىل ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ.
يۇقۇرقىلارغا ئاساسەن:
4. بەلگىلىمە : چەكسىزلىك شەكىلسىزلىككە خاس خۇسۇسىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن ، فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدە ھەر قانداق گىئومېتىرىيىلىك شەكىل چەكلىك دەپ قارىلىدۇ.
6 . يوقلۇق
< ئېيينىشتىيىن ئالەم مودىلى> ۋە <كېڭىيىۋاتقان ئالەم مودىلى> قاتارلىقلاردا تەسۋىرلەنگەن بارلىق ماسسا – ئېنېرگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالەمنى ئاق قەغەز مودىلىدىكى A چەمبەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ . بۇ ھالدا 2- ئاكسىيومىغا ئاساسەن B تەكشىلىكنى غەيرىې ماددىې رېئاللىق دەپ چۈشىنىش كېرەك. نىيۇتۇن بۇخىل رېئاللىقنى <مۇتلەق ماكان> دەپ .ئاتىسا ، قەدىمكى يۇنان ۋە جوڭگۇ مۇتەپپەكۇرلىرى <يوقلۇق> دەپ ئاتىغان .
3-ئېنىقلىما : يوقلۇق - ئۈچ ئۆلچەملىك چەكسىزلىك ، شەكىلسىزلىك ۋە ئۈزلۈكسىزلىكتىن ئىبارەت .
3- تېئورىما : يوقلۇق – مۇتلەق ئۆتكۈزۈشچانلىققا ۋە مۇتلەق سىغدۇرۇشچانلىققا ئېگە .
4- تېئورىما : يوقلۇق – ھەر قانداق پەيتتە مۇتلەق جىم مۇھىت .
4- ئاكسىيوما : يوقلۇق – ھەر بىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك، ئومۇمىلىقتا چەكسىز بولىدۇ . يەنى ، يوقلۇق – ھەر بىر كونكىرىتلىقتا چەكسىز دەپ قارالسا ماددىنىڭ سىزىقلىق ھەرىكىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ . ئومۇملىقتا بولسا ئۇنى ئۆلچەپ چېكىگە يەتكىلى تاماملىغىلى بولمايدۇ .
7. ماكان
يوقلۇقنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن نىيوتۇنچە ھەقىقى بوشلۇقنىڭ ئەمەلى رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . يەنى :
يوقلۇق = نيۇتۇن ماكانى .
بۇ ھالدا ، ئاتالغۇ قالايمىقانچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ،بەزى قىسمەنلىكلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئاساسەن <ماكان> ئاتالغۇسىنى قوللىنىش ئورۇنلۇق ، لېكىن :
5-بەلگىلىمە : فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدە ،<ماكان > ئاتالغۇسى نيۇتۇنچە مۇتلەق ھەقىقى بوشلۇق مەناسىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ھەرگىز ئېينىشتىيىنچە <ماددى ماكان > بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېلىشقا بولمايدۇ .
5- ئاكسىيۇما : ماكاننىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارىنىڭ ماكروسپىيىلىك ۋە مىكروسكوپىيىلىك قىممىتى ، ماددىنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارىنىڭ ماكروسپىيلىك ۋە مىكروسوىيىلىك قىممىتىدىن ھامان چوڭ بولىدۇ . يەنى ماكان ماددىدىن چوڭلۇقتا چوڭ،كىچىكلىكتە كىچىك قىممەت ئالىدۇ .
8. نيۇتۇن نۇقتىسى
ماددىنىڭ ماكاندىكى ئورنى ، ئەمەلىې ھەجمى ۋە ھەرىكىتىنى توغرا ياكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسۋىرلەشتە 4-،5- ئاكسىيوملارغا ئاساسەن ماكاننىڭ ئەڭ كىچىك بۆلىكى مەۋجۇت دەپ پەرەز قىلىش ئورۇنلۇق ، فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدە كۆزدە تۇتۇلىدىغان ماكان نيۇتۇن ماكانى بولغانلىقى ئۈچۈن ، ماكاننىڭ ئەڭ كىچىك بۆلىكىنى <نيۇتۇن نۇقتىسى >دەپ ئاتاش مۇۋاپىق .
4. ئېنىقلىما : نيۇتۇن نۇقتىسى – ماكاننىڭ پەرەز قىلىنغان ئەڭ كىچىك بىر ئەمەلى بۆلىكى بولۇپ ، ماكاننىڭ ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بۆلىكى مەۋجۇت دەپ پەرەز قىلىش ئورۇنسىز .
6. ئاكسىيۇما : ماكان – ھەرىكەتكە نىسبەتەن مۇتلەق جىم بولغان،مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسىدىن ئىبارەت .
بۇ ھالدا ، گالىلى – ئېينىشتىيىن نىسپىلىك پىرىنسىپىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
9- نىسپىلىك پىرىنسىپىنىڭ فىزىكىلىق شەكىل نەزىريىسىدىكى ئورنى
نيۇتۇن ماكاننىڭ مەۋجۇتلىغى ، ھەرىكەتكە نىسبەتەن مۇتلەق جىم بولغان مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئىسپاتلايدۇ . شۇنداق ئىكەن:
1.گالىلى- ئېينىشتىيىن نىسبىلىك پېرىنسىپىنى ، ھەرىكەتنى بىلىشنىڭ بىلىش نەزىريىسى خارەكتىرلىك پىرىنسىپى دەپ چۈشىنىش كېرەك . تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھەركىتى ئوبىكتىپ ۋە مۇتلەق بولۇپ ، تەبىئى ھەركەت بىزنىڭ بىلىش – بىلمەسلىكىمىزدىن قەتئىې نەزەر مۇقەررەر ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ .
دىمەك ، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا نىسپىلىك پىرىنسىپىنى ھەرىكەتنىڭ ئېنىقلىمىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ .
2. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ،گالىلى–ئېينىشتىيىن نىسپىلىك پىرىنسىپىنى ھەرىكەتنى بىلىشنىڭ بىردىنبىر پىرىنسىپى ياكى يېتەرلىك شەرتى دەپ قارىۋىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ھەركەتنى بىلىش ياكى كۆزىتىش ئۈچۈن ، كۆزەتكۈچى بىلەن كۆزىتىلىۋاتقان جىسىم ئوتتۇرىسىدا ئۈنۈملۈك ئارىلىق بولىشى كېرەك . يەنى ، ئاق قەغەز مودېلىدىكى A چەمبەرنىڭ ھەرىكىتىنى An چەمبەردە تۇرۇپ كۈزىتىش ئۈچۈن جەزمەن B تەكشىلىك مەۋجۇت بولىشى كېرەك .
3. ئاق قەغەز مودىلىدىكى B تەكشىلىك بىزنىڭ ھەرىكەتنى بىلىشىمىزنىڭ مۇتلەق شەرتى بولۇپلا قالماي ، A چەمبەر ۋە An چەمبەرلەر ھەرىكىتىنىڭمۇ مۇتلەق شەرتىدىن ئىبارەت .
دىمەك :
5- تېئورېما : ماكان – ھەرىكەتنىڭ مۇتلەق شەرتى بولۇپلا قالماي ، ھەرىكەتنى بىلىشنىڭمۇ مۇتلەق شەرتىدىن ئىبارەت .
بۇ ھالدا :
6- بەلگىلىمە : گالىلى – ئېينىشتىيىن نىسپىلىك پېرىنسىپىنى ھارىكەتنى بىلىشنىڭ نىسپىلىك پىرىنسىپى دەپ قاراش ئورۇنلۇق ئىكەن ، 5-تېئورمىنى ھەرىكەتنى بىلىشنىڭ مۇتلەقلىق پرىنسىپى دەپ قاراش ئوخشاشلا ئورۇنلۇق بولىدۇ .
روشەنكى ، مەيلى نىسپىلىك پىرىنسىپى ياكى مۇتلەقلىق پىرىنسىپى بولسۇن ، بۇ مەسىلە پەلسەپە ۋە بىلىش نەزىرىيىسىگە خاس مەسىلە بولۇپ ، ئۇنىڭ ئېيتارلىق فېزىكىلىق ئەھمىيىتى يوق .
يۇقۇرىقى بايانلارنى كىلاسسىك ئىدىيىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا ، شۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇكى :
6- تېئورىما : ئالەم – ماددا ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەمەلىې رېئاللىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى . شۇنداقلا:
7- تېئورىما : ئالەمنىڭ ھەر قانداق پەيىتتىكى گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى ، ئالەمنى تەشكىل قىلغۇچى ھەقىقى ماددىلارنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارىدىن ھامان چوڭ بولىدۇ.
10. ئاساسى زەررىچىلەر مەۋجۇت
ماددىنىڭ چەكسىز پارچىلىنىشى بىر خىل ماتىماتىكىلىق پەرەز بولۇپ،بۇخىل پەرەزنىڭ قىلچە فىزىكىلىق ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتى يوق . چۈنكى ،
1.چەكسىز پارچىلىنىش ئۈچۈن پارچىلانغۇچى شەيئىنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى چەكسىز بولىشى كېرەك .ھالبۇكى ، ئاق قەغەز مودىلى ماددىنىڭ بۇ خىل چەكسىزلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ .
2.چەكسىز شەيئىنى پارچىلاشقا بولمايدۇ ۋە چەكسىز شەيئى پارچىلانمايدۇ . چۈنكى چەكسىز شەيئى ماكاننى تولۇق قاپلىغان بولغاچقا ، بۇ شەيئىنى پارچىلاشنىڭ ماكان شەرتى بولمىغان بولىدۇ .
3.چەكسىز پارچىلىنىش جەريانى بىر خىل تاماملانماس جەرياندىن ئىبارەت . مۇبادا بۇ جەريان بىردىنبىر جەريان دەپ قارالسا ئۇ ھالدا ، چەكسىز بىرىكىش جەريانى بولمايدۇ .
ھالبۇكى :
4.چەكسىز پارچىلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى جەزمەن چەكسىز بىرىكىش بولىشى كېرەك . چەكسىز بىرىكىش جەريانى مەۋجۇت دەپ قارالسا ، بۇ ھەم تاماملانماس جەريان بولۇپ، چەكسىز پارچىلىنىشقا ئورۇن قالمايدۇ . شۇنداقلا چەكسىز بىرىكمىگەن شەيئى چەكسىز پارچىلانمايدۇ . دېمەك :
8- تېئورىما : ماددىنىڭ چەكسىز پارچىلىنىشى ۋە چەكسىز بىرىكىشى مۆمكىن ئەمەس. پارچىلىنىش ۋە بىرىكىش جەريانلىرى ھامان چەكلىك بولىدۇ .
بۇ ھالدا ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك .ئاساسى زەررىچىلەر مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارالسا ، تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغان ماددى دۇنيانىڭ فىزىكىلىق مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ . شۇنداق ئىكەن ئاساسى زەررىچىلەر زادى قانداق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ؟
1. ئاساسى زەررىچىلەر جىسىملارنى تۈزىدىغان بولغانلىغى ئۈچۈن جەزمەن ئەڭ چوڭ مىكرو قىممەت ئالغان بولىدۇ .
2. ئاساسى زەررىچىلەر ئۈزلۈكسىز ماددى مۇھىت سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى بىلەن باراۋەر بولغان ماكاننى تولۇق ۋە باراۋەر قاپلىغان بولىدۇ.يۇقۇرىقى ئىككى شەرتنى قانائەتلەندۈرىدىغان فىزىكىلىق شەكىل پەقەت شار شەكلىدە بولىدۇ.
5. ئېنىقلىما : ئاساسى زەررىچىلەر ماكاندىكى ئەڭ چوڭ مىكرو قىممەتكە ئىگە ھەقىقى ماددىلار بولۇپ ، ئۇلار شار شەكىللىك بولىدۇ.
9- تېئورېما : ئاساسى زەررىچىلەر سىغدۇرۇشچانلىققا ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىققا ئىگە بولمىغان مۇتلەق قاتتىق مۇھىتتىن ئىبارەت.
10- تېئورېما : ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ گىئومىتىرىيىلىق مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ .
11- تېئورېما : ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ ماتىماتىكىلىق مىقدارى تۇراقلىق ۋە چەكلىك بولىدۇ .
12- تېئورېما : ئاساسى زەررىچىلەر بىر - بىرىگە نىسبەتەن ئۈزۈلمىلىك ، ئۆز گەۋدىسى ئىچىدە ئۈزلۈكسىز بولىدۇ .
1- پەرەز : تەبىئەت دۇنياسىدا ئۆز ھەجمى بىلەن باراۋەر ماكاننى سىرتىدىن تولۇق قاپلىغان،ئىچى كاۋاك ئاساسى زەررىچىلەر مەۋجۇت دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ .
11. <نۇقتا گىئومىتىرىيىسى > ئاساسلىرى
فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى - <نۇقتا گىئومىتىرىيىسى > دىن ئىبارەت گىئومىتىرىيە تارمىقىنى تەقەززا قىلىدۇ .
13- تىئورىما : ھەر قانداق <گىئومىتىيىلىك نۇقتا > نى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە فىزىكىلىق رېئاللىق دەپ قاراشقا بولىدۇ . باشقىچە ئېيىتقاندا، گېئومىتىرىيىلىك نوقتا زەررىچىلەر توپلىمىدىن ئىبارەت.
14- تىئورىما: ھەر قانداق گىئومىتىرىيىلىك نۇقتا ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ .
15-تىئورىما: ھەر قانداق گىئومىتىرىيىلىك شەكىل نۇقتىلار توپلىمىدىن ئىبارەت .
دىمەك :
16-تىئورىما: ھەر قانداق گىئومىتىرىيىلىك شەكىل ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ .
بۇ ھالدا :
7- بەلگىلىمە : ئېۋكىلىد گىئومىتىرىيىسىنى فىزىكىلىق رېئاللىقنىڭ چىن تەسۋىرى دەپ قارىماي بەلكى بىر خىل تەسۋىرلەش مىتودى دەپ قاراش كېرەك .
17- تېئورېما : تەبىئەت دۇنياسىدا ئىككى ئۆلچەملىك فىزىكىلىق ۋە گىئومىتىرىيىلىك رېئاللىق مەۋجۇت ئەمەس .
6- ئېنىقلىما : گىئومىتىرىيىلىك ئاساسى نۇقتا ئەڭ چوڭ مىكرو قىممەتكە ئىگە نۇقتىدىن ئىبارەت .
18- تېئورېما : ئاساسى زەررىچىلەر بىلەن گىئومىتىرىيىلىك ئاساسى نۇقتا پەقەت ۋە پەقەت بىر خىللا رېئاللىقتىن ئىبارەت .
12. جىسىم
7- ئېنىقلىما : جىسىم ماكاننىڭ ماددا بىر قەدەر زىچ توپلاشقان بىر بۆلىكى .
19- تېئورېما : جىسىملار ساپ ماددى مۇھىت بولماي ، ماددا بىلەن ماكاننىڭ ئارىلاشما گەۋدىسىدىن ئىبارەت .
20- تېئورېما : جىسىمنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى ، شۇ جىسىمنى تەشكىل قىلغۇچى ھەقىقى ماددىلار (ئاساسى زەررىچە) نىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارىدىن چوڭ بولىدۇ .
13. ھەرىكەت
8- ئېنىقلىما : ھەرىكەت – مۇئەييەن ماددىنىڭ مۇئەييەن ماكاندا ھەم مەۋجۇت ھەم مەۋجۇت ئەمەسلىكىدە ئىپادىلىنىدىغان ئىككى ياقلىمىلىق رېئاللىق .
<نىيۇتۇن نۇقتىسى > ئۇقۇمى ۋە 5- ئاكسىيوما ھەرىكەتنىڭ يۇقۇرىقى ئېنىقلىمىسىنىڭ يېتەرلىك شەرتى .
8-بەلگىلىمە : ھەرىكەت پەقەت ماددىغىلا خاس خۇسۇسىيەت ئىكەن ، بۇ ھالدا ماددىنى زۆرۈر تېپىلغاندا ھەرىكەت دەپ ئاتاش ئورۇنلۇق .
14. ھەرىكەت مىقدارى
9-بەلگىلىمە :ھەرىكەت ئۈچ ئۆلچەملىك رېئاللىق بولغانلىغى ئۈچۈن ھەرىكەت مىقدارىنى توغرا تەسۋىرلەشتە ئۈچ ئۆلچەملىك (㎥) ئۆلچەم بىرلىگىنى قوللىنىشكېرەك.
1- تەڭلىمە : ھەرىكەت مىقدارى = ھەرىكەتنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى × ھەرىكەتنىڭ ماتىماتىكىلىق مىقدارى .
9- ئېنىقلىما : ھەرىكەتنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى – ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارىدىن ئىبارەت .
10- ئېنىقلىما : ھەرىكەتنىڭ ماتىماتىكىلىق مىقدارى – ئاساسى زەررىچىلەر بېسىپ ئۆتكەن ماكاننىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى ياكى ئاساسى زەررىچىلەر دەۋرى ھەركىتىنىڭ قېتىم سانىدىن ئىبارەت .
21- تېئورېما : ھەركەتنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى تۇراقلىق ، ماتىماتىكىلىق مىقدارى ئۈزلۈكسىز بولىدۇ .
22- تېئورېما : ھەركەتنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى ھەر قانداق پەيتتە ئارقا كۆرۈنۈشكە نىسبەتەن ئۈزۈلمىلىك (كۋانتلىق )بولىدۇ .
15. ھەركەت مىقدارىنى تەقسىملەش پىرىنسىپى
10- بەلگىلىمە : ماكان ھەركەت قىلمايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ، جىسىمنىڭ ھەركەت مىقدارىنى شۇ جىسىمنى تەشكىل قىلغان ھەقىقى ماددىلارغا تەقسىملەپ بېرىش ئورۇنلۇق .
23- تېئورېما : مۇئەييەن جىسىمدىكى ھەقىقى ماددىلارنىڭ ھەركەت مىقدارى ، شۇ جىسىمنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارىدىن چوڭ بولىدۇ.
11- بەلگىلىمە : 23- تېئورېما مەيدان ۋە ئېينىشتىيىن ماكانى ئۈچۈنمۇ ئورۇنلۇق .
24- تېئورېما : جىسىمنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى ، شۇ جىسىمنى تەشكىل قىلغۇچى ھەقىقى ماددىلارنىڭ ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ .
16. ھەرىكەت شەكلى
25- تېئورېما : مەيلى تارتىش كۈچى مەيدانى ياكى غەيرى تارتىش كۈچى <مەيدانى> بولسۇن ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ھامان ئەگرى بولىدۇ .
26- تېئورېما : ھەركەت مۇتلەق تۈز بولىدۇ دەپ قارالسا جىسىملارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ .
27- تېئورېما : ھەركەت مۇتلەق تۈز بولىدۇ دەپ قارالسا ، ئىككى مەنبەلىك ئالەمنىڭ ھەر قانداق پەيتتىكى ئەگرىلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .
28- تېئورېما : ماكاننىڭ ئەگرىلىگى ھەرىكەتنىڭ ئەگرىلىگىنى بەلگىلىمەيدۇ ، ئەكسىچە ھەرىكەتنىڭ ئەگرىلىكى ماكاننىڭ ئەگرىلىگىنى بەلگىلەيدۇ .
29- تېئورېما : زەررىچە ياكى جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدا ئۆز ئىسبىن يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ .
30- تېئورېما : ئەگرى سىزىقنىڭ ئەڭ قىسقا سىزىقى تۈز سىزىقتىن ئىبارەت .
31- تېئورېما : تۈز سىزىقنىڭ ئەڭ كىچىك بۆلىكى ئەگرى (نۇقتا) بولىدۇ .
32- تېئورېما : تەبىئەت دۇنياسىدا مىكروسپىيىلىك نۇقتىدىن كۈزەتكەندە <نوقتا> لا مەۋجۇتكى ، سىزىق مەۋجۇت ئەمەس .
17. <زامان >نىڭ فىزىكىلىق شەكىل نەزىريىسىدىكى ئورنى
ئوبىكتىپ ئالەم ماددا ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەمەلى رېئاللىقتىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ، <ئوبىكتىپ زامان > نىڭ تەجرىبىۋى ئاساسى يوق . <زامان > دەۋرى ھەرىكەت سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بىر خىل خاتا سەزگۈدىن ئىبارەت . ھالبۇكى <زامان > ئۇقۇمى ھەرىكەتنى تەسۋىرىلەشتىكى زۆرۈر ئۇقۇم . شۇڭا :
12- بەلگىلىمە : بارلىق ئەمەلى پايدىلىنىشلاردا <زامان > نىڭ ئوبىكتىپ رېئاللىق بولماي بەلكى سوبىكتىپ پايدىلىنىش سىستېمىسى ئىكەنلىگىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
33- تېئورېما : ئالەم ئۈچ ئۆلچەملىك رېئاللىق بولۇپ ، ئۇنىڭغا زاماندىن ئىبارەت 4- ئۆلچەمنى زورلاپ تېڭىشنىڭ قىلچە ئىلمى ئاساسى يوق .
18. فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدىكى مۇھىم پىرىنسىپلار
34- تېئورېما : نىسپىلىك ئككى مۇتلەقلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.
35- تېئورېما : ماددىنىڭ ھەرىكىتى مۇتلەق ، ماكاننىڭ جىملىقى مۇتلەق بولىدۇ .
36- تېئورېما : ماددا بىلەن ماكان مۇتلەق بىر تۇتاش بولىدۇ .
37- تېئورېما : ماددا بىلەن ماكان ئۈزلۈكسىز بولىدۇ .
38- تېئورېما : قايتىلىنىدىغان جەريانلارنىڭ قارىمۇ – قارشى يۆنىلىشلىرىنىڭ مىقدارى باراۋەر بولىدۇ .
38- تېئورېمىنىڭ ئىزاھاتى : تەبىئەت دۇنياسىدا قاتلىنىدىغان (دەۋرى) جەريانلار ئومۇمى ھادىسە ، بارلىق دەۋرى ھەركەتلەرنى ۋە ئالەمنىڭ كېڭىيىشى ھەم تارىيىشىنى قايتىلىنىدىغان جەريانلار دەپ قارايمىز . قايتىلنىدىغان جەريانلارنى قارىمۇ قارشى يۆنىلىشلىك ئىككى جەريانغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .
38- تېئورېما : بىر قېتىملىق دەۋرىلىك ئۈچۈن ئورۇنلۇق .
19. گىگانتلارنىڭ ئۇچرىشىشى
مەيداننىڭ ماددا ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى مەنبەلىك رېئاللىق ئىكەنلىكى ، بىر مەنبەلىك ئېينىشتىيىن بوشلۇقىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزىدۇ . يەنى ، ئاق قەغەز مودىلىدىكى A چەمبەرنىڭ ئەگرى ھالىتى ، نيۇتۇن تەكشىلىكى B نى تەقەززا قىلىدۇ . ئېينىشتىيىن بوشلۇقى كىۋانت مەيدان نەزەرىيىسىگە يولۇققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى جەھەتتىكى كەمتۈكلىگىنى ئاشكارىلايدۇ . ھالبۇكى ، بۇخىل كەمتۈكلىكنى پەقەت نىيۇتۇن بوشلىقىلا تۈزىتەلەيدۇ . دىمەك ، بۇ ھالدا مەيدان نىيۇتۇن – ئېينىشتىيىن بوشلۇقىغا ئايلنىدۇ ۋە كىۋانت نەزەرىيىسى ئىلىم –پەن مۇنبىرىدىكى ئادىل سودىيەنىڭ رولىنى ئالىدۇ .
مەيداننىڭ ئىككى مەنبەلىك ھالىتى نىيۇتۇن بوشلۇقىغا ، ماددىنىڭ ماكاندىكى تارقىلىشىنىڭ ئەگرىلىكى ئېينىشتىيىن بوشلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئاساسى زەررىچىلەر ئىدىيىسىنىڭ مۇرەسسەچىلىك روھى نىيۇتۇن ماكانى ، مەيدان نەزەرىيىسى ، كىۋانت نەزەرىيىسى ۋە نىسپىلىك نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت تۆت گىگانت سىستېمىنى بىر –بىرى بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاساسى زەررىچىلەر ئىدىيىسى ئۈزۈل – كېسىل مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا :
1- پەرەز : تەبىئى كۈچلەر (ئۆز ئارا تەسىر )نىڭ بىرلىشىشىنى ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن ئىبارەت بىر نۇقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۆمكىن .
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرىكەتنى تەسۋىرلەش ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتقاندا <نىيۇتۇن نۇقتىسى >نى <گىئومىتىرىيىلىك ئاساسى نۇقتا >نىڭ ماكان ۋارىئانتى سۈپىتىدە قوللىنىشقا بولىدۇ .
20. ئاخىرقى سۆز
قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەر مەخسۇس كەسىپ ئەھلىنىڭ باھالاپ كۆرىشى ئۈچۈن تەييارلانغانلىقتىن، پەقەت <فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى > نىڭ ئاساسى مەزمۇنىلا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ، كونكىرىت ۋە ئاممىباپ بولمىغان ئەسەر ھېساپلىنىدۇ . سەھىپە چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ ماقالىدىكى تېئورىما ، بەلگىلىمىلەرنىڭ تەپسىلى ئىزاھاتلىرى ۋە ئىسپاتلىنىش جەريانى قىسقارتىلىپ، پەقەت ئۇنىڭ جەۋھىرى قىسمىلا يىغىنچاق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ تەنقىدى مۇلاھىزىلىرىنى ھەر ۋاقىت قوبۇل قىلىمەن .
كەسپى مۇھەررىرلىرى : ئامىنە ئىمىن ، سابىت ھامۇت ، تاشپولات تېيىپ.
مەنبە:
"قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى" 1998.يىللىق3. سانىدىن ئېلىندى.
جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە – جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ نەشىر ئەپكارى
|
|