قاسىم سىدىق ---"يوقلۇق" ۋە ئالەمنى بىلىش مەسىلىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-20 15:26:32 كۆرۈلۈش سانى : 215
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
"يوقلۇق" ۋە ئالەمنى بىلىش مەسىلىسى
قاسىم سىدىق
مەيلى قايسى دەۋر بولسۇن، ئالەمنىڭ ئوبرازى ھەققىدىكى ئىزلىنىشلەر "شەكىل"دىن ئىبارەت مۇھىم بىر ۋاستىدىن ئايرىلغىنى يوق. شەكىل قەدىمدىن ھازىرغىچە ھەم بىلىش ۋاستىسى ھەم ئىپادىلەش ۋاستىسى سۇپىتىدە رول ئويناپ كەلدى. قەدىمكى جۇڭگۇنىڭ "گۇمبەز ئاسمان تەلىماتى"، "مانان ئاسمان تەلىماتى"، بابىللىقلارنىڭ يىرىم شار شەكىللىك ئاسمان كۆز قارشى، ھىندىلارنىڭ زىمىن، پىل، تاشپاقا ۋە دىڭىزدىن شەكىللەنگەن ئالەم كۆز قارىشى ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى ئالەمنىڭ ئوبرازلىق تەسۋىرىدۇر.
ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان چوڭ پارتىلاش ئالەم مودىلى ( كۆپىۋاتقان ئالەم مودىلى، ئىپتىدائى ئوت شار نەزەريىسى) ئېينىشتېيىن ئالەم مودىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا شەكىلنى (ئوپتىك ئوبرازنى)ئىپادىلەش ۋە بىلىش ۋاستىسى قىلىدۇ.
ھالبۇكى، ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ئالەم ھەققىدىكى كۆزقاراشلار ۋە ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىقى (كوسمولوگىيە) گەرچە ئالەمنى ھەرقاچان مۇئەييەن شەكىل سۇپىتىدە تەسۋىرلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن، ھازىرغىچە ئالەم چەكلىكمۇ ياكى چەكسىزمۇ دىگەن نوقتىدىكى تالاش-تارتىش ئۇزۇل- كېسىل ھەل بولماي كېلىۋاتىدۇ. ئالەمنىڭ كونكىرىت مىقدارىنى بىۋاستە ئۆلچەپ چىقىش ئەلبەتتە مۈمكىن ئەمەس. ئەگەر بىز ھازىرقىدەك ئەھۋالدا ھەرقانداق شەكىلدىكى لوگىكىدىن خالى تۇرۇپ ئالەمنى نوقۇل بىۋاستە تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلايمىز دەيدىكەنمىز بۇ بىر ئەخمىقانىلىق بولىدۇ. نوقۇل تەجرىبىچىلىك بىلەن نوقۇل ئەقلىچىلىكنىڭ ھەرئىككىسى ئوخشاشلا
بىمەنىلىك، بۇئىككىسىنىڭ دىيالىكتىكىسىغا ھۆرمەت قىلىش تولىمۇ زۇرۇر.
ئالەمنىڭ چەكسىزلىگى ۋە ياكى چەكلىكلىگىدىن ئىبارەت بۇ مۇنازىرە پۇتكۇل تەبىئى پەن ۋە بىلىش تارىخى بىلەن تەڭ قەدەملىك مەسىلە. ئىلىم –پەن تارىخىنىڭ ئىپتىدائى دەۋىرلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇتەپەككۇرلەر بۇ نوقتىدا ئىككى لاگىرغا ئايرىلىپ كەلگەن. گەرچە كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسى ئالەمنىڭ چەكلىكلىگىنى خېلى قانائەتلىنەرلىك دەرىجىدە تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، لىكىن، بۇ خىل قاراش ئومۇملاشمىدى. يەنە كېلىپ نەزىرىيەدىكى ئاجىزلىقلار تۇپەيلى ئالەمنى چەكلىك دەپ قاراش مۇئەييەن مەنىدە ئالەمنى چەكسىز دەپ قاراشقا ئوخشاشلا مۇجىمەللىكتىن خالى بولالمىدى. قارىغاندا بۇ يەردىكى مەسىلە ئالدى بىلەن ئالەمشۇناسلىق ۋە پەلسەپەدىكى مىتۇدۇلۇگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك تۇرىدۇ. يەنى، بىز ئالەمنىڭ كۆلىمىنى بىلىشنىڭ ئەپلىك مىتۇدىنى بايقىيالمىغاندەك تۇرىمىز. مۇئەييەن شەيئىنى مىقدار نوقتىسدىن ئىگەللەش ئۇچۇن، ئەلبەتتە، ئۇ شەيئىنىڭ كونكىرىت قاتلىمى ۋە ئۇلارنىڭ كونكىرىت مىقدارلىرىنى ئالدى بىلەن ئىگەللەپ چىقىشى كىرەك. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بارلىق ئىلغار مۇتەپەككۇرلەر ئالەمنى بىر پۇتۇن گەۋدە سۇپىتىدە تەسۋىرلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بىر پۇتۇنلۇك ئۇستىدە ئىزلىنىۋاتىدۇ. بىز نىمىلا بولمىسۇن ئالەم بىر پۇتۇن گەۋدە دىگەن ئالدىنقى شەرتكە ئاساسەن، ئالدى بىلەن ئونىڭ ماكرۇ قاتلاملىرى ۋە بۇ قاتلاملارنىڭ مىقدارى ئۇستىدە ئىزلىنىپ كۇرەيلى . مانا بۇ، ئالەمنىڭ ئۇمۇمى ئوبرازى ئۇستىدە ھۆكۇم چىقىرىشىمىزنىڭ بىر چىقىش يولى.
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان بارلىق نوپۇزلۇق نەزىرىيەلەردە ئالەم ماددا ۋە بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامغا ئىگە بولۇپ كەلگەن.
گەرچە مەيدان نەزىرىيىسىنىڭ تەرەققى قىلىش نەتىجىسىدە "بوشلۇق"نىڭ زىمىنى تارىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىز ئېينىشتېيىننىڭ بوشلۇق، مەيدان، ئېفىرلارنى بىرلا خىل نەرسىنىڭ ھەرخىل ئاتىلىشى دەپ تونۇغانلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ (1) يەنىلا بوشلۇق ئاتالغۇسى ۋە بوشلۇق رىياللىغىنى قوبۇل قىلىپ تۇرىمىز.ئەمدى كىلاسسىك، شۇنداقلا ، رىيال فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق نەزىرىدىكى بۇ ئىككى قاتلاملىق ئالەم (ماددا-بوشلۇق)نىڭ كۆلىمى ئۇستىدە تەخمىنىي خۇلاسە چىقىرىش قىيىن بولمىسا كىرەك.
1. ماددا قاتلىمى. بو ھازىرغا قەدەر ئەڭ كەڭ ئۈگۇنىلگەن قاتلام ۋە ياكى سوبىستانىسىيە. ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى بارلىق ساقلىنىش قانۇنلىرى ماددا قاتلىمىنىڭ چەكلىكلىگىدىن بىشارەت بىرىدۇ. ماسسا-ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى، ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى قاتارلىقلار ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى تۇراقلىق سانغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ماددا چەكسىز دىيلىدىكەن فىزىكا شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك باشقا پەنلەر يۇقارقى قانۇنلاردىن ۋاز كېچىشى كىرەك.
مۇبادا، ئالەم نوقۇل ماددا،ماددىدىن باشقا ھىچقانداق نەرسە يوق دىيلىدىكەن بۇ ئالەم يەنىلا يۇقارقى سەۋەپلەر تۇپەيلى چەكلىك بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى بىز ئالەمنى بىر پۇتۇن دەپ قارايمىز. شۇڭا بوشلۇقنىڭ كۆلىمىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
2. بوشلۇق قاتلىمى. مەيلى ئېينىشتېيىن ئالەم مودىلى نوقتىسىدىن ئېيتايلى ۋە مەيلى مەيدان نەزەرىيىسى نوقتىسىدىن ئېيتايلى بوشلۇق قاتلىمىمۇ چەكلىك قاتلامدىن ئىبارەت. ئالەمنى شار شەكىلدە تەسۋىرلەيدىغان ھازىرقى زامان نەزىرىيىلىرىدىن ھەرگىز ئالەمنىڭ گىيۇمىتىرىيىلىك كۆلىمىنىڭ چەكسىزلىگىنى كەلتۇرۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ. چۇنكى، يۇقارقى نەزىرىيىلەر بويىچە بولغاندا بوشلۇق تارتىش كۇچى مەيدانىدا ئېگىلىدۇ. مۇئەييەن ماسسا مۇئەييەن بوشلۇقنى ئېگىدۇ. ئالەملىك ئومۇمى ماسسا ئالەملىك ئومۇمى ئەگرى بوشلۇق ئىچىدە تۇرىدۇ. ماددا بىلەن بوشلۇقنىڭ بۇخىل مۇناسىۋىتى ۋە ھالىتىنى ئېينىشتېيىن شۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
زامان-ماكاننىڭ گيۇمىتىريىلىك مىقدارى = ماددىنىڭ فىزىكىلىق مىقدارى.(2)
بىز بۇ يەردە شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئېلىشىمىز لازىمكى، تۇراقلىق مىقدارغا يىغىنچاقلانغان شەيئى ھامان چەكلىك بولۇپ قالىدۇ.
تەجرىبىلەر ئالەمدىكى ماددىنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىغى
10-31∼10-30 g/㎤
ئىكەنلىگىنى كۆرسەتتى (3). بۇ دىگەنلىك يەر شارى چۇڭلۇغىدىكى بوشلۇققا بىر دانە قۇم زەررىچىسىلىك ماددا توغرا كىلىدۇ دىگەنلىكتۇر(4) .
ماددا بىلەن بوشلۇقنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋىتىدىن بىز يەنىلا ماددا- بوشلۇق ئالىمىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىگىنى كۆرۇپ ئالالايمىز.
خوش، شۇنداق قىلىپ ماددا ۋە بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككى قاتلاملىق ئالەمنىڭ چەكلىكلىگى نۆۋەتتىكى ئالەمشۇناسلىقتا يىڭى ئىدىيە ،شۇنداقلا، نوپۇزلۇق ئىدىيە بولۇپ قالدى. بۇ خىل نەتىجە ئۆتمۇشتىكى بەزى پەننى ۋە پەلسەپەۋى چۇشەنچىلەرگە قاتتىق ئەقىدە باغلىغان كىشىلەرنى ئەلبەتتە مەمنۇن قىلالمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن كۆنكىرىت شەيئىنى نەزەردە تۇتمىغان چەكسىزلىك ئەقىدىسى يەنىلا ئېقىپ يۈرىۋاتىدۇ. لىكىن، بۇ خىل ئاناكسىماندىرچە چەكسىزلىك (5) ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن مۇھىتىدا ياشاش ھوقۇقىنى قولدىن بېرىپ قويىۋاتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. چۇنكى، ئالەم چەكلىك دىگۇچىلەر كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىنىڭ مۇناسىۋەتىلىك نوقتىلىرى تەجىربىدە ئىسپاتلىنىشى بىلەن ئۆزلىرىگە ئاساس تۇرغۇزالىدى. ھالبۇكى، ماددا- بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككى قاتلاملىق ئالەمنى چەكسىز دىگۇچىلەر يىتەرلىك ئاساسقا ئىگە ئەمەس.
2
"ئالەم چەكلىكمۇ ياكى چەكسىزمۇ؟" دىن ئىبارەت بۇ مۇنازىرىنى ئۇزۇل-كېسىل ئاياقلاشتۇرۇش ئۇچۇن بىرقانچە يىڭى ئۇقۇم كىرگۇزۇش لازىمدەك تۇرىدۇ. بۇ خىل يىڭى ئۇقۇملار ئەلبەتتە تەجىربە پەنلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ئۇستىگە قۇرىلىدۇ. يەنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەجىربىدىن ھالقىيدۇ. چۇنكى، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك تەجىرىبە پەنلىرى ئالەمنىڭ ئومۇمى گيۇمىتىرىيىلىك ئوبرازى بىلەن بىۋاستە ئۇچىراشقىنى يوق ۋە بىرمۇنچە سەۋەپلەر تۇپەيلى مەڭگۇ تولۇق ئۇچىرىشالمايدۇ. بۇ دىگەنلىك ھەرگىز ئالەمنى مەڭگۇ تولۇق بىلگىلى بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس. چۇنكى، تەجىرىبە بىلىشنىڭ بىردىن بىر ۋاستىسى ئەمەس .
ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىغى تەسەۋۇرىدىكى ئىككى قاتلاملىق ئالەم گىيۇمىتىريىلىك ئالەم. ئېينىشتېيننىڭ تىرىشچانلىقلىرى ۋەجىدىن ئالەمشۇناسلىقلا ئەمەس فىزىكىمۇ گيۇمىتىرىيەلەشتى. يۇناننىڭ بۇ قەدىمقى ئەنئەنىسى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن مۇھىتىدا يۇكسەك چوققىغا يەتتى.ئېينيشتېين ۋە ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىغى ئالەمنى يىڭى ئوبرازغا ئىگە قىلدى. قەدىمقى سىتىخىيە، گىپۇتېزا تۇسىنى ئالغان، بىرتەرەپلىمە ئالەم ئوبرازى ئورنىغا ئىلمى-تەجىربىيىۋى ئاساسلار ئۇستىگە قۇرۇلغان ئالەم ئوبرازى دەسسىدى. بوشلۇقنىڭ گيۇمىتىرىيىلىشىشى، فىزىكىنىڭ گىيۇمىتىرىيىلىشى ۋە شۇنداقلا ئالەمنىڭ گىيۇمىتىرىيىلىشىشى "شەكىل" ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇپ كۆرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.
دەرۋەقە، بوشلۇقنىڭ گيۇمىتىريىلىشىشىنىڭ ئۆزى "شەكىل"نىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن بىشارەت بىرەتتى. ھالبۇكى، "شەكىل" نى ئۇقۇم دەرىجىسىگە كوتۇرۇش،ئۇنىڭ رولىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلنىشتا ئالدىرمىغاندەك قىلىمىز.
گەرچە شەكىل چۇشەنچىسى ۋە ئاتالغۇسى بارلىق پەلسەپە ۋە تۈپ كاتىگۇرىيىلەرگە ئوخشاش شۇنچە قەدىمى بولسىمۇ ئونىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغىنى يوق. ئۇنىڭ ئۇستىگە شەكىل ھەققىدىكى بەزى كىلاسسىك چۇشەنچىلەر مۇنازىرە تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىۋاتقىنى ئەلبەتتە تەبىئەت دۇنياسىغا مەنسۇپ شەكىللەردىن ئىبارەت.
مەيلى قەدىمقى ۋە ھازىرقى ئالەم مۇدىللىرى بولسۇن ھەممىسى ئورتاق ھالدا شەكىلگە ئىگە. باشقىچە ئېيىتقاندا ئالەم ئۆزى شەكىل(ھەجىم)گە ئىگە ، ماددا -بوشلۇق ئالىمىنىڭ چەكلىكلىگىنى شەكىلنىڭ چەكلىكلىگى سۇپىتىدە چۇشۇنىش مۇمكىن. گىيۇمىتىرىيىلششنىڭ ئۆزى شەكىل ئېلشتىن ئىبارەت.
گيۇمىتىرىيە شەكىلدىن ئايرىلسا مەۋجۇت بولالمىغىنىدەك، گيۇمىتىرىيىلىك خارەكتىرگە ئىگە ئالەممۇ شەكىلدىن ئايرىلغان ھالدا مەۋجۇت ئەمەس. نوقۇل ئالەمشۇناسلىقلا ئەمەس، تەبىئەت دۇنياسىنى ئۇگۇنىشنى مەقسەت قىلغان بارلىق كونكىرىت پەنلەرمۇ ھەربىر كونكىرىتلىقتا شەكىلدىن ئايرىلمايدۇ.
پۇتكۇل بىلىش تارىخى شەكىلدىن ئايرىلغان ئەمەس. ماكرۇ دۇنيا شەكىلگە ئىگە بولۇپلا قالماي مىكرۇ دۇنيامۇ ئوخشاشلا شەكىلگە ئىگە. شۇڭا ھازىرقى زامان شەكىل ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويۇش ۋە ئۇنى ئاياققا تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى تەپەككۇر ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇش تولىمۇ زۇرۇر. بۇ ئۇقۇم ئالەمنىڭ چەكلىك ياكى چەكسىزلىگىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەم بولسا زادىلا بولمايدۇ.
شەكىل- مۇئەييەن ئوپتىك ۋە گيۇمىتىريىلىك ھالەت. ئاپتۇر ھازىرچە تەبىئى شەكىلگە(6) يۇقارقىچە تەبىر بېرىشنى لايىق تاپىدۇ. ئەمدى، تېمىمىزنىڭ ئىھتىياجى شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، ئالدى بىلەن شەكىل بىلەن مىقدارنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ ئېلىش كىرەك.
شۇنداق ھۆكۇم قىلىشقا بولدۇكى، ھەرقانداق ئوپتىك ۋە گيۇمىتىرىيىلىك ھالەتكە(شەكىلگە) ئىگە نەرسە كونكىرىت مىقدارغا ئىگە. بىر دانە فۇدبۇل ھەم ئوپتىك ھەم گيۇمىتىريىلىك ھالەتكە ئىگە نەرسە. ئو ھەرقايسى نوقتىلاردىن ئېيىتقاندا، ھەربىر كونكىرىتلىقتا مۇئەييەن مىقدارغا ئىگە. بۇخىل مىقدار مۇئەييەن پەيىتتە تۇراقلىق مىقدار. شۇ سەۋەپتىن فۇدبۇل چەكسىز ئەمەس چەكلىك. باشقىچە ئېيىتقاندا ئوپتىك ۋە گيۇمىتىرىيىلىك ئوبرازغا ئىگە نەرسىلەرنى ئولچىگىلى بولىدۇ. ئۆلچىگىلى بولدىغان نەرسىلەر چەكلىك بولىدۇ. شەكىل بىلەن مىقدارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توۋەندىكىچە يىزىش مۇمكىن:
شەكىل=مىقدار
كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى، ماددا ۋە بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككى قاتلاملىق ئالەم ھامان شەكىلگە يىغىنچاقلىنىپ قالغانلىغى ۋەجىدىن بۇ ئالەمنى چەكلىك دەپ ھۆكۇم قىلىشقا بولىدۇ.
بۇ يەردە يەنە شۇنداق نەتىجىنى چەككىلەپ چىقىرىش مۇمكىن: شەكىل بىلەن چەكسىزلىك سىغىشالمايدۇ. شەكىل بار يەردە چەكسىزلىك يوق، چەكسىزلىك بار يەردە شەكىل يوق.
لېكىن، ئالەمنىڭ زامان نوقتىسىدىكى "چەكسىز" لىگى بۇ باشقا گەپ.
ئىككى قاتلاملىق ئالەم ئۇمۇمىلىقتىن ئالغاندا زامان نوقتىسىدىن ئېيىتساق "چەكسىز" تەكرارلىنىدۇ. بۇ ھەربىر كونكىرىتلىقنىڭ ماكان نوقتىسىدىكى "چەكسىز"لىگى ئەمەس، بەلكى، ئومۇملىقنىڭ زامان نوقتىسىدىكى "چەكسىز" لىگى. يەنى ، بۇ ھەرگىز گيۇمىتىرىيىلىك كۆلەمنىڭ "چەكسىز"لىگى ئەمەس.
بۇ يەردە چەكسىزلىك ئاتالغۇسىدىن ئەبىدىلىك ئاتالغۇسى بەكرەك مۇۋاپىق كەلسە كىرەك. زاماننىڭ "چەكسىز"لىگىنى ئىپادىلەشتە "ئەبىدى ۋە ئەزىلى"دىن مۇۋاپىقراق ئاتالغۇ يوق. بىز تولاراق ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىمىز. "چەك" ۋە "چەكسىزلىك" ئۇقۇملىرى ئوپتېكىلىق ۋە گيۇمىتىرىيىلىك ئوبرازلارنى يورۇتۇپ بىرىشكە مۇۋاپىق كىلىدۇ.
كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى، ئالەم چەكلىك ياكى چەكسىز دىگەندە قايسى نوقتا كۆزدە تۇتىلىۋاتىدۇ، بۇ بەكمۇ مۇھىم. ئىككى قاتلاملىق ئالەمنى ماكان نوقتىسىدىن كۇزەتكەندە چەكسىزلىك ئاتالغۇسىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇنداق ئالەمنىڭ ئەبىدى ۋە ئەزىلىلىگىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇ. چۇنكى، بارلىق ساقلىنىش قانۇنلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئالەم زامان جەھەتتىن، مىقدار جەھەتتىن، كۆلەم(ماكان) جەھەتتىن ئەبىدى ۋە ئەزىلى دىيىش ھازىرقى زامان ئىلم-پەن نەتىجىلىرىنىڭ روھىغا پۇتۇنلەي ئۇيغۇن. ھالبۇكى، ئالەم چەكسىز دىيىش بولسا ئۇنداق ئەمەس.
يۇقۇرقى بايانلاردىن ئىككى قاتلاملىق ماددا- بوشلۇق ئالىمىنىڭ گيۇمىتىرىيىلىك كۇلەم جەھەتتىن چەكلىكلىگىنى، زامان جەھەتتىن ئەزىلى ۋە ئەبىدىلىگىنى كۆرۇپ ئالغىلى بولىدۇ. ئالەم چەكسىزمۇ ياكى چەكلىكمۇ دىگەن نوقتىدا گويا ئەمدى تالاشمىساقمۇ بولدىغاندەك تۇرىدۇ. لېكىن، يۇقارقىچە ئالەم مودىللىرى زىددىيەتنى يۇتۇنلەي ھەل قىلىپ بولدى دىيىشكە تىخى بالدۇرلۇق قىلسا كىرەك.
سەۋەپ شۇكى، بىز ماددا بوشلۇق ئالىمىنىڭ چەكلىكلىگىنى شەكىل ئۇقۇمىنى كىرگۇزۇش ئارقىلىق تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئالغان ئىدۇق. گەرچە شەكىل ئۇقۇمى بىزگە بۇ نوقتىدا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ ئۇ يەنە بىر مەسىلىنىڭ ئىزاھلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئو بولسىمۇ "شەكىل قانداق شەرتلەر ئاستىدا ۋاقېئى بولىدۇ؟" مەسىلىسى. شەكىلنىڭ ۋاقېئى بولۇش شەرتلىرى ئەلبەتتە ئاز ئەمەس. لېكىن، بىز بۇ يەردە تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان شەرت ئۇستىدىلا مۇھاكىمە ئىلىپ بارىمىز.
بىزگە مەلۇمكى، مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە نەرسە جەزمەن ئۆزىگە نىسىبەتەن "غەيرى شەكىل" گە ئىگە نەرسىنى ئارقا كۆرۇنۇش قىلىدۇ. باشقىچە ئېيىتقاندا "ئۆزى سۇپىتىدە يوق نەرسە"نى ئارقا كۆرۇنۇش قىلىدۇ. ئۇستەل چىرىغىنى ئېلىپ ئېيىتساق، ئۇستەل چىراق سۇپىتىدە "يۇق نەرسە" ،يەنى، ئۇستەل چىراق ئەمەس، چىراق ئۇستەل ئەمەس. چىراقنىڭ گيۇمىترىيىلىك كۆلىمى ۋە ئوپتىك ئوبرازىدىن باشقا يەردە چىراق يوق. ئۇ،ئۆزىگە نىسىبەتەن"يوقلۇق" بىلەن چىگرالانغان بولىدۇ. بىز چىراقنى تەكشۇرۇش ئوبىكتى قىلغىنىمىزدا دەل شۇنداق بولىدۇ. بىز بۇ يەردە "نىسبى يوقلۇق" ئۇقۇمىغا ئاسانلا ئېرىشىمىز. ھالبۇكى، بۇ خىل "نىسبى يوقلۇق" ئۇقۇمى ئالەمشۇناسلىققا تەتبىقلانغاندا "مۇتلەق يوقلۇق" قا ئايلىنىدۇ.
ئالدى بىلەن ئاساسى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئىلىشىمىز كىرەك. ھەرقانداق شەكىل جەزمەن ئارقا كۆرۇنۇشكە ئىگە (7). ئارقا كۆرۈنىش بولمىسا شەكىل بولمايدۇ. مانا بۇ شەكىلنىڭ ئاساسى شەرتىدۇر. بىزگە مەلۇمكى، ئالەمدە ئارقا كۆرۈنىشى بولمىغان شەكىلنى ئۇچۇرتىش مۇمكىن ئەمەس ، ئۇستەل ئۇستىدىكى چىراقنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى-- ئۇستەل. بۇ مەسىلە ئارتۇقچە ئىسپات تەلەپ قىلمىسا كىرەك. دىمەك، بىز بۇ يەردە "شەكىل ئارقا كۆرۈنىشسىز مەۋجۇت ئەمەس" دىگەن ھۆكۇمنى چىقىرالايمىز.
ئۇستەل ئۇستىدىكى چىراقلا كۆزدە تۇتۇلسا "يوقلۇق" ئاتالغۇسى ۋە ئۇقۇمنىڭ زۆرۇرىيىتى يوقتەك قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئالەمشۇناسلىقتا مەسىلە ئۇنداق ئاددى ئەمەس.
ئېينيشتېيىن ۋە ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىقى بوشلۇققا شەكىل بېرىپ قويغانلىغى ھەممىمىزگە مەلۇم. ھالبۇكى ھازىرقى زامان نەزىرىيىلىرى شار شەكىللىك ماددا – بوشلۇق ئالىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۇشى ھەققىدە تېخى قانائەتلىنەرلىك بىر نەرسە دىگىنى يوق. ھەتتا نۇرغۇن ماتىرياللاردا ئالەم شارىنىڭ سىرتىدا نىمە بارلىغى ئۇستىدە ئىزلىنىش مەنىسىزلىك دەپ يىزىلغان(8). ماھىيەتتە، مەسىلىنڭ ئاچقۇچى دەل شۇ يەردە. ماددا – بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككى قاتلاملىق ئالەم شارىنىڭ(9) سىرتىدىن ئۇزىنى قاچۇرغان ۋە ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھەرقانداق نەزىرىيە ئالەمنى ئاخىرقى ھسابتا ئېگەللىيەلمەيدۇ.
خوش، بىز بۇ يەردە"شەكىل ئارقا كۆرۈنۇش شەرتى ئاستىدىلا مەۋجۇت "دىگەن ئالدىنقى شەرتكە ئاساسەن، ئىككى قاتلاملىق ئالەم "شەكلى"نىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تامامەن ھەقلىقمىز. ئومۇمى ماددى ئالەم ئومۇمى ئەگرى بوشلۇق ئالىمىنى ئارقا كۆرۈنۇش قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئەگرى بوشلۇق ئالىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى نىمە؟
بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىۋاتقان ئالەم بارلىق ماددا ۋە ئومومى بوشلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىغى ئۇچۇن ئۇنىڭ سىرتىدا يەنە ماددا ۋە بوشلۇق بار دىيىش بىمەنىلىك بولىدۇ. ئەندى پەقەت ئىككى قاتلاملىق ئالەم شارىنىڭ سىرتىدا ھىچنەرسە "يوق" دىيىشتىن باشقا چارە قالمىغاندەك قىلىدۇ.
"يوق"دىگەن بۇ ئاتالغۇ بەكمۇ قەدىمى ۋە ئۆز نوۋىتىدە يەنە يىڭى ئاتالغۇ. ئەمدىكى گەپ ئاشۇ "يوق"نىڭ "بار"لىغىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشتە .
ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بوشلۇق شەكىلگە ئېگە ،ئۇنىڭ سىرتىدا ھىچنەرسە يوق دىگىنىمىزدە بىز ئالەم بىر پۇتۇن دىگەن نوقتىدىن چەتنەپ كېتىمىز. بو نوقتىنى ئىنىق چۇشۇنىۋىلىش ئۇچۇن "يوق"نىڭ "بار"لىغىنى ئىسپاتلاش كىرەك. بىز يۇقۇردا شەكىل ئۇقۇمىنى كىرگۇزۇپ ئىككى قاتلاملىق ئالەمنىڭ چەكلىكلىگىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەن ئىدۇق. ئەندى يەنە نوۋەتتىكى زىدىيەتنى ھەل قىلىش ئۇچۇن "يوقلۇق" ئۇقۇمىنى كىرگۇزىشىمىز كېرەك. "يوق"لۇق ئاتالغۇسى ۋە ياكى ئوقۇمىمۇ كەم بولغاندا جۇڭگۇ پەلسەپەسىنىڭ پىشىۋاسى لاۋزىدىن باشلانغان دىيىشكە بولىدۇ(10). ھالبۇكى بۇ خىل ئىدىيە ئانچە راۋاجلانمىغان. "يوقلۇق" ئىدىيىسىنىڭ ئۇچىرىگى ئەلبەتتە مەخسۇس تىما(11). ھازىر ئۆز سۆزىمىزگە كىلەيلى.
"يوقلۇق" ئۇقۇمى نىمە ئۇچۇن زۇرۇر؟ سەۋەپ شۇكى، "يوقلۇق"نىڭ ئوزى ئالدى بىلەن ئالەمنىڭ بىر قاتلىمى سۈپىتىدىكى ئوبىكتىپ چىنلىق. ھەرقانداق شەكىلدىكى چەكلىك بارلىق ھامان "يوقلۇق" بىلەن چىگرالانغان بولىدۇ. بىز بۇ"يوقلۇق"نى شەكىلگە ئىگە بولغان ئىككى قاتلاملىق ماددا-بوشلۇق ئالىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدىن تاپالايمىز. (ماكرۇ جەھەتتىن دەل ئەشۇنداق) مىكرۇ جەھەتتىن كونكىرىت ئادەم، جەمىيەت، مىللەت، شەيئى ۋەھاكازالارنىڭ ئەمىلى بارلىغىنىڭ ئاخىرقى نوقتىسىدىن تاپالايمىز. ئۇلارنىڭ ھەممىسى-ھەرقانداق شەكىلدىكى يەككىلىك، ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك نەرسىلەر بولغان ئىكەن، دەل ئەشۇ"چەك"نىڭ سىرتىدا"يوق"قالىدۇ.
تەپەككۇر ۋە تىل ئادىتى نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا "يوق" نىڭ "بار"لىغىنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن. لېكىن، بىز"يوقلۇق"نى ئۇقۇم شەكلىگە كىرگۇزسەك ئۇنى" بار" سۇپىتىدە قوبول قىلالايمىز.
بىز ئادەتتە "بار"دەۋاتقان نەرسىلەر ھامان شەكىلگە ئىگە نەرسىلەر بولۇپ كەلدى. يۇقۇرىدا قەيىت قىلىنغان سەۋەپلەرگە كۇرە شەكىلنىڭ ئۆزى ھامان چەكلىك نەرسىدىن ئىبارەت. دىمەك، كىلاسسىك چۇشەنچىلەرنىڭ "بار"لىغى شەكىلگە ۋە چەككە ئىگە بولغان ئىچكى-تاشقى چىنلىقتىن ئىبارەت.
بىز ئادەتتە "يوق" نى "بار"نىڭ قارشى تەرپى دەپ چۇشۇنىمىز. "يوق"نىڭ تۈپ خۇسۇسيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا،يوقلۇق- شەكىلسىزلىك ۋە چەكسىزلىك سۇپىتىدىكى بارلىقتىن ئىبارەت. خوش، شۇنداق قىلىپ يۇقۇرقىچە ئۇقۇم شەكلىنى ئالغان "يوقلۇق"ئالەمنىڭ ئومۇمى ئوبرازىنى تولۇقلايدۇ دىيىش مۇمكىن. بۇ يەردە"يوقلۇق"نى ئالەمدىن ئايرىۋەتسەك ئالەم چەكلىك بولۇپ قالىدۇ."يوقلۇق"ئالەمنىڭ ئۇچىنچى قاتلىمى دەپ تونىساق ئالەم چەكسىز بولىدۇ. ئەلبەتتە، ئالەم بىر پۇتۇن ۋە"يوقلۇق" ئوبىكتىپ رىياللىق دەپ تونۇلغان ئىكەن ئالەم ئۇچ قاتلاملىق ۋە چەكسىز دەپ قاراش كىرەك.
بۇ خىل قاراش ۋە ئۇقۇملار قالدۇرۇپ قويغان يەنە بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، "يوق"بىلەن "بار"نىڭ ھەر ئىككىسى "بار"بولۇپ قېلىش مەسىلىسى (12). قارىغاندا، بۇ يەردە ئاتالغۇ جەھەتتىكى ئوخشاشلىق كىشىلەرنى گاڭگىرىتىشى مۇمكىن. شۇڭا "يوقلۇق"نى زۆرۇر تېپىلغاندا "غەيرى بارلىق"دەپ ئاتىساق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ مەسىلىنى "مەۋجۇتلۇك"ئۇقۇمى ھەل قىلىدۇ. "يوقلۇق" ۋە "بارلىق" مەۋجۇدلۇقنىڭ ئىككى قاتلىمىدىن ئىبارەت. "مەۋجۇدلۇق-ھەممە" دەپ چۇشۇنىش لازىم. دىئالىكتىكا نوقتىسىدىن قارىغاندا "بار"بىلەن "يوق"نىڭ دىئالىكتىكىسىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كىرەك. "مەۋجۇدلۇق" ئۇچۇن ئاللىقانداقتۇر "قارشى تەرەپ" ئىزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. چۇنكى ئۇ ماددا، بوشلۇق، "يوقلۇق" لاردەك ئوبىكتىپ شەيئى ئەمەس، بەلكى،ئابىستىراكىت ئۇقۇم ۋە ياكى سوبىكتىپ كاتىگۇرىيە.
3
"يوقلۇق" ئىدىيىسىنىڭ تارىخى ئوچىرىگى ئەلبەتتە مەخسۇس تېما. زۇرۇريەت تۇپەيلى بۇ سەرلەۋھە ئاستىدا پەقەت قىسقىچىلا توختىلشقا توغرا كىلىدۇ.
"ئالەم يوقلۇقتىن پەيدا بولغان" دىگەن ئىدىيىنىڭ ئەسلى ۋەتىنى يەنىلا قەدىمقى زامان كەشپىيات دۆلىتى جۇڭگۇ بولسا كىرەك. جۇڭگۇ كىلاسسىك پەلسەپەسىنىڭ پىشىۋاسى لاۋزى مىلادىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرلەردىلا بوخىل ئىدىيىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇخىل ئىدىيىگە ئۇچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى مۇتەپەككۇرلاردىن ۋاڭ بى ( مىلادىدىن ئىلگىرىكى 226 - 249 يىللار) ، خې يەن (249-؟) قاتارلىقلار ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئالەمدىكى شەيئىلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى"يوقلۇق"دىن ئىبارەت دەپ قارىغان (13).
"ئالەم يوقلۇقتىن پەيدا بولىدۇ"، "يوقلۇق ئەسلى زات (سوبىستانىسيە)" دەيدىغان بۇنداق ئىدىيىنى پەقەت قەدىمقى زامان ئىدىيە غەزىنىسىگە خاس ئاسارە-ئەتىقە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. لاۋزى قاتارلىقلار ياشىغان ۋاقتىتتىن ئالاھىزەل 2500 يىل كىيىن، يەنى،1980-يىلى ئامرىكا فىزىكا ئالىمى H .A گوت قاتارلىق كىشىلەرمۇ "ئالەمدىكى بارلىق ماددا ۋە ئىنىرگىيە...يوقلۇقتىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن"دەپ يازىدۇ(14). بۇخىل ئىدىيە H. F ھوئىرنىڭ "ئۈزلۇكسىز پەيدا بولىۋاتقان ۋە كىڭىيۋاتقان ئالەم"(15) ناملىق ئەسىرىدىمۇ ئىلگىرى سۇرۇلىدۇ. بۇ خىل نوقتىنەزەر بوندى ۋە گولىد قاتارلىق كىشىلەرگىمۇ ئورتاق ئىدى(16).
كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى، قەدىمقى ۋە ھازىرقى زامانغا مەنسۇپ بولغان بۇ كىشىلەر "يوقلۇق"نىڭ مەۋجۇتلىگىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا، ئۇنىڭ فۇنكىسيىسى ئۈستىدە ئىزلەنگەن ئىدى.
"يوقلۇق"نىڭ مەۋجۇتلىگىنى قەدىمقى گىرىك مۇتەپەككۇرلىرىدىن لېئوكىپىپۇس ۋە دىمۇكىرىت (مىلادىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىر) قاتارلىقلار مۇئەييەنلەشتۇرگەن ئىدى(17). مۇئەييەن مەنىدىن ئالغاندا ئاناكسىماندىر ئېيىتقان "چەكسىزلىك" نىمۇ"يوقلۇق" دەپ مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇ(18). قەدىمقى رىمنىڭ داڭلىق ماتىريالىست پەيلاسۇپى ۋە شائىرى لوكىرتسى كار (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 98-53-يىللار) ئالەم ماددا بىلەن يوقلۇقتىن تۇزۇلگەن،ماددا ۋە يوقلۇق سوبېستانسىيە دەپ قارايدۇ(19).
"ماددا يوقلۇقتىن پەيدا بولىدۇ" دەيدىغان بۇنداق نوقتىنەزەر فىزىكا قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەس. ئوخشىمىغان دەۋىرلەردىكى نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۇر، ئالىملار بۇنداق نوقتىنەزەرگە قارشى چىقىپ كەلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىمۇ بۇنداق كۆز قاراشقا قوشۇلالمايدۇ. لېكىن، يۇقارقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ مۇئەييەن نوقتىلىرىنى تەنقىدى يۇسۇندا قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. بىز بۇنى ئادەتتە "شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ مىغىزىنى قوبۇل قىلىش" دەپ ئاتايمىز. يۇقارقى نوقتىنەزەرلەرنىڭ "مىغىزى" شۇ يەردىكى، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ "يوقلۇق"نىڭ مەۋجۇتلىگىنى تونۇپ يەتكەنلىگىدۇر.
"‹بىز بىر نەرسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز، بىراق، ئۇ ئىگەللىگەن بوشلۇقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز ›- قارىغاندا ، بىزدە ھەرقانداق تەجىربىدىن ئىلگىرىلا بوشلۇق ئۇقۇمى باردەك تۇرىدۇ"(20). ئېينىشتېيىن قەلىمى ئاستىدىكى بۇ خىل "بوشلۇق" ماھىيەتتە "يوقلۇق"ئىكەنلىگىنى كۆرۇپ ئالغىلى بولىدۇ.
قەدىمقىلار ۋە ھازىرقىلارنىڭ "يوقلۇق" ھەققىدە نىمە دىيىشىدىن قەتئى نەزەر پەقەت"يوقلۇق"نىڭ مەۋجۇتلىگىنىلا ئىسپاتلايدىغان مەخسۇس ئەسەرلەر يوق بولسا كىرەك. ھىچبۇلمىغاندا بۇئەسەرنىڭ ئاپتۇرى بوھەقتە ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس. نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە ئالدى بىلەن "يوقلۇق"نىڭ فۇنكىسيىسنى ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت.
بىز، يۇقۇرىدا "شەكىل" ئۇقۇمىنى كىرگۇزۇش ئارقىلىق "يوقلۇق"نىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىسپاتلىدۇق. بىز"شەكىل" بىلەن "ئارقا كۆرنۇش"نىڭ يۇقارقىچە مۇناسىۋىتىنى ئىنكار قىلالىغان تەقدىردە ئاندىن "يوقلۇق" نىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىنكار قىلالىشىمىز مۇمكىن.
لېكىن، تۆۋەندە يەنە بىرقانچە مەسىلىلەرنى ئويلۇشۇپ كۆرمەي بولمايدۇ. "يوقلۇق"نىڭ مەۋجۇتلىگى ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىگى ھەققىدە ئاندىن تېخىمۇ ئىنىق بىر قارارغا كىلىشىمىز مۇمكىن.
ھەممىزگە مەلۇم، "چوڭ پارتىلاش ئالەم نەزىريىسى" ۋە "كۆپۈۋاتقان ئالەم نەزىرىيىسى" قاتارلىق نەزىرىيە ۋە مۇدىللار نۆۋەتتە ئالەمشۇناسلىقتىكى (كوسمولۇگىيە) نوپۇزلۇق نەزىرىيە ۋە مودىللاردىن ئىبارەت. بۇ نەزىرىيەلەر ئالەمنىڭ ھازىرقى يىشىنى تەخمىنەن 200مىليارىت يىل دەپ بىكىتىدۇ.
200مىليارىت يىلدىن ئىلگىرى ئالەم بىرلا ماددى نوقتا ياكى ئىپتىدائى ئوت شارى بولغان. ئاندىن كىيىن پارتىلاپ ھازىرقى نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلار سىستىملىرى بولۇپ شەكىللەنگەن ۋە كىڭەيگەن. نۆۋەتتە، ئاستىرۇنومىيىدە كۇزىتىلگەن ئالەمنىڭ ئۇمۇمى كۆلىمى 200 مىليارىت يورۇقلۇق يىلى.( 200 مىليارىت يورۇقلۇق يىلى بولماي 100 مىليارىد يورۇقلۇق يىلى دېيىلگەن تەقدىردىمۇ بۇ سانلىق قىممەتلەرنىڭ بۇ ئەسەردىكى ئاساسى ئىدىيىگە بىۋاستە تەسىرى يوق ) . بىز يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن شار شەكىللىك ئۇمۇمى ئالەم ھەجىمىنىڭ ئەڭ چۇڭ ئىھتىماللىقىغا ھۆكۇم قىلالايمىز. بۇ يەردە ھەرقانداق تىزلىكنىڭ يورۇقلۇق تىزلىگىدىن ئاشمايدىغانلىغى نەزەرگە ئېلىنىدۇ، ئەلبەتتە. يۇقارقى سانلىق مەلۇمات بويىچە بولغاندا ئالەم شارىنىڭ رادىئۇسى ئەڭ چوڭ بولدى دىگەندىمۇ 200مىليارىت يورۇقلۇق يىلى بولىدۇ.
شار شەكلى ۋە ياكى قانداقلا بىر مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولغان ماددا- بوشلۇق ئالىمىنىڭ چەكلىك بولدىغانلىغىنى يۇقۇرىدا مۇئەييەنلەشتۇرگەن ئىدۇق. دىمەك، ھازىرقى ئىككى قاتلاملىق ئالەمنىڭ دىيامىتىرى ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ 400 مىليارىت يورۇقلۇق يىلىدىن ئاشمايدۇ .
يۇقۇرىدا نامى زىكىر قىلىنغان نەزىرىيەلەر بويىچە بولغاندا ئالەم ئۇزلۇكسىز كېڭىيۋاتىدۇ. ئالەم پەقەت ماددا ۋە بوشلۇق (مەيدان) دىن ئىبارەت ئىككى قاتلامغا ئىگە، ئۇندىن باشقا ھىچنەرسە مەۋجۇت ئەمەس دىيىلسە، ئۇنداقتا بۇ ئالەم قايسى "جاي"غا كېڭىيىدۇ؟ كىڭىيىش ئىمكانىيىتى بولغان بىرەر"جاي"بولمىسا ئىككى قاتلاملىق ئالەم "تاقىشىپ"قېلىشى كېرەك. كۆرۈنۇپ تۇرۇپتىكى "كۆپۈۋاتقان ئالەم" نىڭ ئۆزىلا "يوقلۇق"نىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىسپاتلاپ قويىدۇ. بۇ يەردە بىز يۇقۇرىدا"يوقلۇق"قا بەرگەن ئىنىقلىمىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
"يوقلۇق"نىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئەندى پەقەت بىرلا تۇز سىزىق بىلەن ئىسپاتلاش مۇمكىن:
يۇقۇرىدىكى A ۋە B دىن ئىبارەت ئىككى نوقتا ئارىلىغى ئىككى قاتلاملىق ئالەمنىڭ ئەمەلى رادىئۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. (نۆۋەتتىكى ئالەم رادىئۇسىنى كۆزدە تۇتقاندا ئەلبەتتە بۇ ئارىلىق 200مىليارىت يورۇقلۇق يىلىدىن ئىبارەت). ئۇزۇك سىزىقلار ياكى B ۋە C نوقتا ئارلىغى "چەكسىزلىك"كە، يەنى، "يوقلۇق"قا ۋەكىللىك قىلىدۇ. كىڭىيىۋاتقان ئىككى قاتلاملىق ئالەم ھامان "چەكسىزلىك" كە قاراپ سىلجىيدۇ ، بىراق، C نوقتىغا مەڭگۇ يىتەلمەيدۇ. سەۋەپ "چەكسزلىك" كە يەتكىلى بولمايدۇ.
ئالەم قانچىكى كىڭىيىشىدىن قەتئى نەزەر (ئىككى قاتلاملىق ئالەم كۆزدە تۇتۇلىۋاتىدۇ) يۇقورىقى فورما مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. يەنى ، A نوقتا بىلەن B نوقتىنىڭ ئارىلىغى بىرقانچە تىرلىيۇن يورۇقلۇق يىلى دەپ بىكىتكىنىمىزدىمۇ يۇقارقى شەكىل ئۆزگەرمەيدۇ. چەكلىك بولغان ماددا چەكسىزلىك سۇپىتىدىكى يوقلۇقنى مەڭگۇ تويۇندۇرالمايدۇ.
باشقىچە ئېيىتقاندا ئىپتىدائى ئوت شارىنىڭ رادىيۇسىنىمۇ يۇقارىقى A نوقتا بىلەن B نوقتىنىڭ ئارلىغى دەپ بىكىتەلەيمىز. پەقەت بۇ يەردە ئارىلىق قىسقا، خالاس، يەنى، 200 مىليارىت يورۇقلۇق يىلىدىن ئىلگىرىكى ئالەمنىمۇ يۇقۇرىدىكى تۇز سىزىق، ئۇزۇك سىزىق ياكى C، B، A نوقتىلار ئارقلىق چۇشەندۇرىمىز. ماددا-بوشلۇق قاتلىمى بىلەن "يوقلۇق" قاتلىمىنىڭ مۇناسىۋەت فورمىسى ئەزەلدىن يوقارقىچە بولۇپلا قالماي ئەبىدى شۇنداق بولىدۇ.
بىز بۇ يەردە C نوقتىنى چەكسىزلىك (يوقلۇق) نىڭ بەلگىسى سۇپىتىدە قوللاندۇق. بۇ ھەرگىز ئۇ يەردە ئوبىكتىپ بىرەر نوقتا بار دىگەنلىك ئەمەس، ئەلبەتتە.
كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى، گىگانىت ئالىم ئېينىشتېيىن قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان يوقارقىچە ئالەم مۇدىللىرى "يوقلۇق"نىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئاسانلا ئىسپاتلاپ قويىدو. مۇبادا بىز، ھازىرقى زاماندىكى يۇقۇرىقى نوپۇزلۇق ئالەم مودىللىرى ۋە نەزىرىيەلىرىدىن ۋاز كەچمەي تۇرۇپ "يوقلۇق" ئىدىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايمىز دەيدىكەنمىز، بۇ يەنىلا بىھۇدە ئۇرۇنۇش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەقىقەتەن شۇنداق ئىرادىگە كەلسەك، يۇقارقى نەزىرىيىلەر تايانغان تەجرىبە نەتىجىلىرىگە باشقىچە ئىزاھ بېرىش كىرەك. ھازىرقى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقاندا بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
"يوقلۇق- چەكسىزلىك ۋە شەكىلسىزلىك سۇپىتىدىكى بارلىق"دەيدىغان بۇنداق ئىدىيەنى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن مۇھىتىدىن قارىغاندا بىر مۇقەرەرلىك دىيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئىدىيىنى ئاغدۇرۇش ئۇچۇن ئەلبەتتە يوقۇردا ئوتتۇرىغا قويولغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۇش لازىم. بۇخىل ئىدىيە تەنقىدكە بەرداشلىق بىرەلەمدۇ- يوق، ئەلبەتتە ئۇ، تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كىرەك.
يۇقورقىلاردىن باشقا، ئاپتۇر كىتاپخانلاردىن تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتا ئۇستىدىمۇ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ كۆرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ نوقتىلارمۇ يوقارقى ئىدىيىنىڭ ئاساسلىرىدىن ئىبارەت.
1. ئىككى قاتلاملىق ئالەم كونكىرىت نەرسىلەردىن تۇزۇلگەنمۇ يوق؟ كونكىرىت نەرسە بىلەن مىقدارنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟
2. ماددا ۋە بوشلۇق شەكىلگە ئىگىمۇ ئەمەسمۇ؟ شەكىل (ھەجىم)گە ئىگە بولمىغان ماددىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولامدۇ؟ شەكىل(ھەجىم)بىلەن مىقدارنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟
3. ئاپتۇرنىڭ شەكىل بىلەن ئارقا كۆرۈنىشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى قوبول قىلىشقا بولامدۇ، بولمامدۇ؟ نىمە ئۇچۇن؟
4. ماسسا-ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى "چەكسىزلىك"دىن دېرەك بىرەمدۇ؟ ھەم يوقالمايدىغان ھەم قايتا پەيدا بولمايدىغان نەرسە (ماددا) "چەكسىز"نەرسە بولامدۇ؟
ئاپتۇر يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر "يوقلۇق" نى نەزىرىيىۋى جەھەتتىن ئىسپاتلاشتا موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە دەپ قارايدۇ.
4
ئىككى قاتلاملىق ئالەمنىڭ فارادى ۋە ماكسىۋىلدىن ئىلگىرىكى ھالىتى ماددا-يوقلۇق شەكلىدە ئىدى دىيىشكە بولامدۇ؟ ياق، بونداق دىسەك بولمىغىدەك. يۇنانلىقلار ئېفىرنى ئىختىرا قىلغاندىن كىيىن تاكى ئېينىشتېينگىچە ئالەم "يوقلۇق" دىن ئايرىلىپ قالدى. يەنى، بوشلۇق فىزىكىلىق خۇسۇسيەتكە ئىگە ئەمەلى گەۋدە بولۇپ قالدى. نىيۇتۇن ۋە ھەتتا لورىنتىسمۇ ئېفىردىن ئىبارەت بىر قاتلامنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ ۋە بۇ ئىدىيىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلدى. ئالبىرىت، ئېينيشتېيىن گەرچە تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزىريىسىنى ئېفىردىن مۇستەسنا تاماملىغان بولسىمۇ، لىكىن، كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىريىسىدە ئېفىرنى ئىلىپ كىردى ۋە ھەتتا ئۇنى ئۇزۇل –كېسىل مۇئەييەنلەشتۇردى(21). مەيدان ئۇقۇمىنىڭ كىرگۇزۇلىشى بىلەن ئېفىر ياكى بوشلۇق سىقىپ چىقىرىلىشقا باشلىدى دىگەن تەقدىردىمۇ ، پەلسەپەۋى نوقتىدىن ئىتقاندا ،قىممەت ئانچە ئۆزگەرگىنى يوق. چۇنكى، "مەيدان" نىڭ ئوزى ئالەمنىڭ ئىككىنجى قاتلىمى بولۇپ قالىۋەردى." مەيدان بوشلۇقنىڭ فىزىكىلىق ھالىتى " (-- ئېنيشتېيىن) بولغانلىغى ئۇچۇن پەلسەپەۋى نوقتىدا تۇرۇپ يەنىلا بوشلۇق ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىۋىرىمىز. چۇنكى، مەيدان ئاتالغۇسى ۋە ئۇقۇمى تېخى پەلسەپەۋى كاتىگۇرىيە سۇپىتىدە قوبۇل قىلىنغىنى يوق.
گەرچە، ئېينيشتېيىنگىچە بولغان ئالەمشۇناسلىق ۋە فىزىكا ئالەمنى ئەمەلى گەۋدىگە ئىگە ئىككى قاتلامدىن تۇزۇلگەن دەپ تونوغان بولسىمۇ، لېكىن ،تېخى بۇ خىل نەزىرىيىلەردىن ئالەمنىڭ مۇكەممەل ئوبرازىنى كەلتۇرۇپ چىقارغىلى، شۇنداقلا، ئالەمنىڭ ئۈچىنچى قاتلىمى بولغان "يوقلۇق"نى كەلتۇرۇپ چىقارغىلى بولمايىتتى. ئېينيشتېيىن قاچانكى بوشلۇققا ئەگرىلىك بەخىش قىلدى ۋە بۇ نۇقتىنەزەر تەجىربىدە ئىسپاتلاندى شۇندىن تارتىپ ئىككى قاتلاملىق ماددا –بوشلۇق ئالىمى مۇكەممەل ئوبرازغا ئىگە بولدى. مۇھىم يىرى شۇكى ، ئېينيشتېيىن سۇرەتلىگەن شار شەكىللىك ئىككى قاتلاملىق ئالەم ئالەمنىڭ ئۇچىنچى قاتلىمى بولغان"يوقلۇق" نى ئىگەللەشنىڭ شەرىت –شارائىتى بولۇپ قالدى. ئاپتۇر ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان "يوقلۇق" ئىدىيىسىگە سەۋەپ بولغان بارلىق ئىلھام ئۇلۇق ئالىم ئالىبىرىت ئېنيشتېيىننى مەنبە قىلىدۇ.
بىز يوقۇرىدا "يوقلۇق"نىڭ ئالەمنى تۇزۇشكە قاتنىشىدىغانلىغىنى مۇئەييەنلەشتۇردۇق. چۇنكى "يوقلۇق" مەۋجۇت بولغانلىغى ۋە "ئالەم بىر پۇتۇن"دەپ قارىلدىغانلىغى ئۇچۇن بىز شۇنداق دىيىشكە مەجبۇرمىز. بۇنداق دىيىلسە كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى يوقلۇق سوبىستانسىيە دەپ قارالغان بولىدۇ. ھالبۇكى بىزنىڭ ئەنئەنىۋى سوبىستانسىيە ئۆلچىمىمىز جىسىمنىمۇ تۇزۇشنى شەرت قىلىدۇ. ئۇنداقتا "يوقلۇق" جىسىمنى تۈزۈشكە قاتنىشامدۇ- يوق؟ بومەسىلە ئۇستىدە ئىزلىنىپ كۆرۇش كىرەك.
جىسىم ماددا ۋە بوشلۇقتىن تۇزۇلىدۇ. بۇخىل قاراش شۇنچە قەدىمى بولىشىدىن قەتئى نەزەر شۇنچە توغرا ۋە يەنىلا يېڭى قاراش. بىز بۇ ھەقتە ئەلبەتتە ئارتۇقچە مۇھاكىمە قىلىپ ئولتۇرمايمىز. موھىمى ماددا بىلەن بوشلۇقنىڭ كونكىرىت شەكلىنى بەلگۇلەپ ئېلىشتا.
ھەمىمىزگە مەلۇم، ماددىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى شەكلى زەررىچە. مۇئەييەن شەكىل (ھەجىم)گە ئىگە بولغان بۇ خىل زەررىچە بوشلۇق بىلەن بىۋاستە تۇتىشامدۇ؟ ياق ! چۇنكى، بوشلۇق ئۆزى ماددى خۇسۇسيەتكە ئىگە بولغانلىغى ئۇچۇن ئەگەر بىۋاستە تۇتىشىدۇ دىيىلسە مۇتلەق بىر تۇتاشلىق كېلىپ چىقىدۇ ۋە بۇ ھال ھەركەتنى يوققا چىقىرىدۇ! يەنە بىزگە مەلۇمكى، بوشلۇق(مەيدان)مو كىۋانتلىق تۇزۇلۇشكە ئىگە. كىۋانتلىق تۇزۇلۇشكە ئىگە بولغان بوشلۇقنىمۇ ماددا بىلەن بىۋاستە تۇتۇشىدۇ دىيەلمەيمىز. چۇنكى، بۇ ھالدا نەتىجە يەنىلا مۇتلەق بىر تۇتاشلىق بولۇپ قېلىپ ھەركەت چەتكە قېقىلىدۇ. كىۋانىت نەزىريىسى بويىچە بولغاندا بۇنداق مۇمكىنچىلىك مەۋجۇت ئەمەس.
دىمەك، ماددا بىلەن بوشلۇق ھەرگىز مۇتلەق بىر تۇتاش ئەمەس. ماددا بىلەن بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى ھامان بىر ۋاستىچىنى شەرت قىلىدۇ. بو ۋاستىچى زادى نىمە؟ بىز يۇقۇرىدا "يوقلۇق"نىڭ مەۋجۇتلىگىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەن ئىكەنمىز بۇ ۋاستىچى دەل شۇ "يوقلۇق"دىن ئىبارەت.
"كوپوۋاتقان ئالەم مودىلى"نى پايدىلىنىش سىستىمىسى قىلساق"يوقلۇق"نىڭ ئالەمنى تۇزۇشكە قاتنىشىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن. بۇندىن 200مىليارىت يورۇقلۇق يىلى ئىلگىرى ئالەم رادىيۇسى تولىمۇ قىسقا بولغان نوقتا ياكى "ئىپتىدائى ئوت شارى" ئىكەن، ئۇنداقتا ، ئەڭ چۇڭ دىگەندىمۇ 200 مىليارىت يورۇقلۇق يىلىنى دىيامىتىر قىلغان ھازىرقى ئالەم شارىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى "يوقلۇق"بولىدۇ. چۇنكى، ماسسا –ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى بويىچە بولغاندا 200مىليارىت يورۇقلۇق يىلىدىن ئىلگىرىكى ماددىنىڭ ئومۇمى مىقدارى بىلەن ھازىرقى ماددىنىڭ ئومۇمى مىقدارى ئوخشاشلا بىر خىل مىقدار. مۇئەييەن ماددا مۇئەييەن ھەجىم(شەكىل) دىن ئايرىلمايدۇ دىگەن ئالدىنقى شەرتكە ئاساسەن "ئىپتىدائى ئوت شارى" نىڭ ھەجىمىنى ئالەمدىكى ئومومى ماددىنىڭ ھەقىقى ھەجىمى دەپ چۇشۇنشىمىز كىرەك. ماددىنى ھەجىمدىن پۇتۇنلەي ئايرىۋىتەلەيدىغان بىرەر قۇدرەت ئىگىسى كارامەت كۆرسەتكەندىلا بىز يۇقۇرىقى نوقتىدىن ۋاز كېچىشىمىز مۇمكىن. ھالبۇكى، بونداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئەلبەتتە.
ماددىنىڭ ماكاندىكى ئوتتۇرچە زىچلىغىنى تەكشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىزدىنىشلەردىن بىز يەر شارى چوڭلۇغىدىكى ماكانغا بىر قۇم دانىچىسىلىك ماددىنىڭ توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. قۇم دانىچىسىلىك ھەجىم ۋە زىچلىققا ئىگە بولغان ماددىنىڭ يەرشارى چوڭلىغىدىكى ماكاننى ئەگرى قىلىپ تاشلىشىنى ئەسلا تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى، ماددىنىڭ بوشلۇقتا ئوتتۇرىچە تەقسىملىنىشىنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ "يوقلۇق" ئالەمنىڭ ئەڭ كەڭ ئىچكى –تاشقى رىياللىغى بولۇپ قالىدۇ.
بو نوقتىدا نىترون يۇلتۇزلارنى بىر ئىلھامبەخىش قىلغۇچى پايدىلىنىش سىستىمىسى دىيىش مۇمكىن. ھەر كۇپ سانتىمىتىرىنىڭ ئىغىرلىغى 100مىليۇن توننا بولغان نىترۇن يولتۇزلار بىلەن ئىپتىدائى ئوت شارى ياكى نوقتا ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك پەرق بار ياكى بىزنىڭ يەر شارىمىزنىڭ زىچلىغى ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك پەرىق بار؟ بۇ ئەلبەتتە كىشىنى چۇچۇتىدىغان سان.
شۇنداق بىر زۇرۇرىيەتنى تونۇپ يىتىش كىرەككى، پەن ئەھلى ئەمدى نوقول ماددىنىڭ ئۆز ھەجىمى ئۇستىدە ،يەنى، ھەرھالدا "ساپ ماددا"نىڭ ھەجىمى ئۇستىدە ئىزلىنىپ كۆرۇشى كىرەك. نىترۇن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش بىرەر پايدىلىنىش سىستىمىسى تۇرغۇزۇپ ماددىنىڭ "ھەقىقى ھەجىمى" نى ئىزلىنىپ كۆرۇش لازىم. بونداق قىلىشنىڭ ئالەمشۇناسلىقلا ئەمەس مۇناسىۋەتلىك بارلىق پەنلەر ئۇچۇن بولغان پايدىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. چۇنكى، مەيلى ئىككى قاتلاملىق ياكى ئۇچ قاتلاملىق ئالەم بولسۇن ئۇ ھەرگىز نوقۇل ماددا ئالىمى ئەمەس.
يوقۇرىقى نوقتىنەزەرلەر كىۋانىت نەزىريىسىنىڭ روھىغا ئەلبەتتە زىت ئەمەس. ماددا ۋە بوشلۇقنىڭ كىۋانىتلىق ھالىتىنى "يوقلۇق"دىن ئىبارەت يەنە بىر قاتلامسىز تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئاتۇم دۇنياسىنى كۆزدە تۇتساق ئىلىكترۇن بىلەن يادرۇ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى پۇتۇنلەي ئېينيشتېينچە ئەگرى بوشلۇق دىيىشكە بولامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇنى نوقۇل ماددى خۇسۇسيەتكە ئىگە بوشلۇق (مەيدان)دىيىش يەنىلا ماددا بىلەن بوشلۇقنى مۇتلەق بىر تۇتاش قىلىپ قويىدۇ. بىز قانداقلا بولمىسۇن زەررىچىلەر دۇنياسىنى مۇئەييەنلەشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز مۇقەرەر ھالدا "يوقلۇق"نى ئېلىپ كىرىشكە مەجبۇر بولىمىز.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۇپ يىتەلەيمىزكى، "يوقلۇق"خۇددى ماددا ۋە بوشلۇققا ئوخشاشلا ئالەمنى، شۇنداقلا ،جىسىمنى تۈزۈشكە قاتنىشىدىغانلىغى ئۇچۇن ئو ھەم سوبىستانسىيە (ئەسلى زات) ھىسابلىنىشى كىرەك.
لېكىن، بۇ دىگەنلىك "يوقلۇق"ماددىغا ئايلىنىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. ھىچنەرسە ھىچنەرسىگە ئايلانمايدۇ. ئۇلار ئۆزى سۇپىتىدە ساقلىنىدۇ ۋە يوقالمايدۇ. ئالەم ھامان ئۇچ قاتلاملىق ھالىتىنى ساقلايدۇ. ئۇلار بىر –بىرىگە ئايلىنىدۇ دىيىلسە ئۇ ھالدا فىزىكىدىكى ساقلىنىش قانۇنلىرى يوققا چىقىدۇ.
بۇ ھالدا ماددا يوقولىشى، يوقلۇق مادىغا ئايلىنىشى، بوشلۇقمۇ يوقۇلىشى ۋە ئاللىنىمىلەرگە ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇنداق يەكۇن ئىنسانىيەت ئىگەللىگەن تەبىئەت قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەس. ماددىدىن ئىبارەت ئەسلا يوقالمايدۇ دەپ كېلىنىۋاتقان نەرسىنىڭ يوقولوشى بىلەن ھەقىقى مەنىدىكى چەكسىزلىك بولغان "يوقلۇق"نىڭ چەكلىك نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشنى ئەسلا تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. چۇنكى، بۇ يىڭىچە چەكلىك نەرسە ھامان يەنىلا چەكسىز نەرسىنى ئارقا كۆرۇنۇش قىلغاندىلا چەكلىك بولالايدۇ. بۇ ھالدا بىز ئالەمنىڭ ھازىرغىچە بايقالمىغان يەنە بىر قاتلىمىنى ئىزلىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. دىمەك ، بۇنداق قىلىش بىمەنىلىكتۇر. قارىغاندا، ئالەمنىڭ ئۇچ قاتلاملىق ھالىتى مەڭگۇ ساقلىنىدۇ.
5
"يوقلۇق" ئۇقۇمى كىرگۇزۇلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئالەمنى تولۇق بىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىز يۇقۇرىقى بايانلاردىن بۇ نوقتىنى تونۇپ يىتەلەيمىز. ئېنيشتېيىن تەسۋىرلىگەن ئىككى قاتلاملىق ئالەم ھامان شەكىلسىزلىك ۋە چەكسىزلىك سۇپىتىدىكى بارلىق بولغان "يوقلۇق" بىلەن چىگرالانغان بولىدۇ.
ماددا –بوشلۇق قاتلىمىنىڭ كىۋانىتلىق تۈزۇلىشىكە ئىگە قاتلام ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۇردىغان ھەرقانداق نەزىرىيە ۋە ھەرقانداق شەخىس ئاخىرقى ھىسابتا "يوقلۇق"قا مۇراجەت قىلماي قالمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەپلىرى ئۇستىدە بىز يۇقۇرىدا يىتەرلىك توختالدۇق. ئەسلى ئوبىكتىپ چىنلىق سۇپىتىدە مەۋجۇت بولغان، ئەمدى بولسا ئۇقۇم شەكلىنى ئالغان "يوقلۇق"نىڭ ئالەمنى ماكرۇ نوقتىدىن بىلشتىكى قىممىتى دەل مۇشۇ يەردە.
يالغۇز يۇقارقىلارلا ئەمەس، "تارىخ"نىڭ ئۆزى "يوقلۇق" بىلەن چىگرالانغان بولىدۇ. ھەربىر كونكىرىت يەككىلىكنىڭ تارىخى دەل ئاشۇنداق. بۇندىن 4مىليارىت600مىليۇن يىل ئىلگىرى يەر شارى ۋە يەر شارىدىكى ھازىرقى ئىنسانلار يوق ئىدى. ئېينيشتېيىن 18-ئەسىردە يوق ئىدى. دۇنيانىڭ كىلەچىگى ھازىر يوق، ۋەھاكازا. مانا بۇلاردىن بىز ھەرخىل، ھەرشەكىلدىكى "يوقلۇق"لارنىڭ مەۋجۇتلىگىنى، "يوقلۇق"نىڭ چەكسىزلىگىنى كۆرۇپ ئالالايمىز.
بىلىش تارىخى ھامان "بارلىق"نى ئوبىكىت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ھامان "يوقلۇق" نى شەرت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ "يوقلۇق"نىمۇ ئىگەللەيدۇ. "يوقلۇق" بىلەن چىگرالانمىغان بىلىش ئوبىكتى ۋە بىلىشنىڭ ئوزى مۇكەممەل نەرسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە"يوقلۇق" بىلەن چىگرالانمىغان بىلىشمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
"يوقلۇق"ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى تەبىئەت، جەمىيەت، روھىيەتكە تەدبىقلاشنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى. ماددا ۋە بوشلۇقتىن ئىبارەت چەكلىك بولغان ماكرۇ قاتلامنى مىكرۇ نوقتىدىن ئۇگەنگەندە، يەنىلا ئۇنىڭ چەكسىزلىگى ئۇستىدە ئىزلىنىشنىڭ ئەمدى ھاجىتى يوق. ماددا ۋە بوشلۇق ئومۇمىلىقتا چەكلىك ئىكەن كونكىرىتلىقتىمۇ چەكلىك. "يوقلۇق"ئومومىلىقتا چەكسىز.
"يوقلۇق" ئىدىيىسى قوبول قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا ئالەمنىڭ چەكسىز ياكى چەكلىكلىگى ھەققىدە تالاش – تارتىش قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئۇچ قاتلاملىق ئالەم چەكسىز ئالەمدىن ئىبارەت. چۇنكى ئالەم ھەرقاچان بىر پۇتۇن دەپ قارىلىدۇ.
يۇقارقىلار "يوقلۇق"نىڭ ئالەمنى ھەر تەرەپلىمە بىلىشتىكى رولى ۋە ئونىۋىرسال ئەھمىيىتىدىن بىشارەت بىرىدۇ(22).
ئىزاھلار (ئاپتۇردىن).
(1) "ئېينيشتېيىن ئەسەرلىرى" سودا نەشىرياتى نەشىرى.
1979-يىل. 1.توم. 128-بەتكە قارالسۇن.
(2) "ئاستۇرنومىيىدىن ئومومى بايان"--جۇڭگۇ خەلق ئونىۋىرسىتىتى
1987-يىل نەشىرى. 361-بەت.
(3) يۇقارقى كىتاپ. 371-بەت.
(4) E.P ھوببېلىې –"ئالەم بوشلۇغى ئۇستىدە ئىزلىنىش" گە قاراڭ."غەرب ئالەم نەزىريىسىدىن بايان"(خەنزۇچە نەشىرى)161-بەت.
(5)ئاناكسىماندىر (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىر)يۇنان پەيلاسۇپى. ئو،ئالەمنىڭ مەنبەسىنى ئەينى زامان پەلسەپەسىدىكى تۆت زات ئەمەس، بەلكى ، بىرخىل "چەكسىزلىك"دەپ قارايدۇ. "غەرب پەلسەپەسىنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرىدىن بەھىرلىنىش" –سودا نەشىرياتى 1982-يىل نەشىرى 10-توم 16 -بەتكە قاراڭ.
(6) "شەكىل"نى تۇرلەشكە توغرا كىلىدۇ. ئىجدىمائى،روھى "شەكىل"لەرنىڭ مەۋجۇتلىگىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك.
(7) بۇ يەردە كۆزدە تۇتىلىۋاتقان "ئارقا كۆرۇنۇش" كوزەتكۇچى بىلەن كۇزىتىش ئوبىكتىغىچە بولغان ئارىلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(8) "ئاستۇرنومىيە كالېدۇسكوپى" –(ئۇيغۇرچە نەشىرى)،
130-132-بەتلەرگە قاراڭ.
(9) ئېنيشتىېيىن ۋە ئالەمشۇناسلارنىڭ نەزەرىدىكى ئالەم شار شەكىللىك ئالەم ،شار شەكىللىك بولماي ھەرقانداق بىرەر شەكىلگە ئىگە بولغان ئالەم مودىلى ئۇچۇنمۇ يەنىلا "ئارقا كۆرۇنۇش" شەرت بولىدۇ.
(10) "ئوكيانوس" –شاڭخەي لوغەت نەشىرياتى نەشىرى."لاۋزى"غا قارالسۇن.
(11) بو ھەقتە ئاپتۇر تولۇق ماتىرىيالغا ئىگە ئەمەس. ئاپتۇر ئۆزىنىڭ "يوقلۇق"ئىدىيىسىنى قارارلاشتۇرغان ۋاقىتتا تېخى"يوقلۇق"قا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتىرياللاردىن پۇتۇنلەي خەۋەرسىز ئىدى. بۇ ئەسەردە نامى زىكىر قىلىنغان "يوقلۇق"ئىدىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەردىن ئاپتۇر كىيىنچە خەۋەر تاپتى.
(12) بۇ ئىككى خىل "بارلىق"نىڭ ئالاھىدىلىگىنى ئەستىن چىقارماسلىق كىرەك. ئۇنىڭ بىرى شەكىلگە ۋە چەككە ئىگە بولغان بارلىق،يەنە بىرى شەكىلسىز ۋە چەكسىز بارلىق.
(13) "ئوكيانۇس" –"ۋاڭ بى"، "خې يەن"لەرگە قارالسۇن.
(14). H. A گوت ، P. ستىنھازدىت---"كۆپۇۋاتقان ئالەم"، "پەن" ژورنىلى 1984-يىل 9-سان.
(15) "غەرب ئالەم نەزىرىيەسىدىن بايان" - 212 -بەت .
(16) "ئاسترۇنومىيىدىن ئومومى بايان" – 397-بەت.
(17) "قەدىمقى يۇنان -- رىم پەلسەپەسى" – سودا نەشىرياتى 1982-يىل نەشرى. 97-99-بەتلەرگە قارالسۇن.
(18) ئىزاھ (5)گە قارالسۇن.
(19) لوكىرتسى- "ماددا خۇسۇسيىتى ھەققىدە"- سودا نەشىرياتى 1982-يىل نەشىرى. 18-22-بەتلەرگە قاراڭ.
(20) "ئېينيشتېيىن ئەسەرلىرى"1-توم. 247-بەتكە قاراڭ.
(21) يۇقارقى كىتاپ. 125،128،261،126،127،124-بەتلەرگە قاراڭ.
(22) بۇ ئەسەردە ئىككى قاتلاملىق ماددا بوشلۇق ئالىمىنىڭ يېشى بەزىدە 100 مىليارد يىل، بەزىدە 200 مىليارد يىل دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ماتىريال مەنبەلىرىدىكى ئۇچۇرلار بىردەكلىككە ئېگە ئەمەس. بۇ ئەسەرنىڭ ۋەزىپىسى ئالەمنىڭ ئېنىق يېشىنى بېكىتىش بولمىغانلىقى ؛ ئەسەرنىڭ ۋەزىپىسى يوقلۇقنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە رولىنى ئىسپاتلاش بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇقۇرىدىكى ئوخشىمىغان سانلىق مەلۇماتلار پەقەت پايدىلىنىش قىممىتىگە ئېگە. يوقلۇق ئىدىيىسىنى قايسىسىنىڭ توغرا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ھەر ئىككى سانلىق مەلۇماتتىن ئوخشاشلا كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا ، بۇ ئەسەردە ئېينىشتىيىنچە ماددا- بوشلۇق ئالىمى ئىككى قاتلاملىق ئالەم دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ئېينىشتىيىنچە بوشلۇقمۇ ماددا خارەكتىرىنى ئالغان بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ ئىككى قاتلامنى ماھىيەتتە بىرلا قاتلام دەپ قاراش ئورۇنلۇق. بۇ ھالدا ئالەم -- ماددا ۋە يوقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى قاتلاملىقلا ئالەم ھېساپلىنىدۇ !
1990-يىلى ئۆكتەبىر.
|
|