بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەخسۇس سەھىپىلەر >> قاسىم سىدىق ئىلمىي ماقالىلىرى >> قاسىم سىدىق:   كەڭ تورداشلارغا  سالام

قاسىم سىدىق:   كەڭ تورداشلارغا  سالام

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-24 12:26:33    كۆرۈلۈش سانى : 1210  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
كەڭ تورداشلارغا  سالام       --سالام بىلكىيار ئەپەندى! قولىڭىزنى چىڭ سىقىمەن ۋە قېرىنداشلارچە قۇچاقلايمەن! ئۇچۇرىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم ۋە سۆيۈندۈم! ئورتاق تىرىشچانلىق بىزنى ئىلىم-پەن تارىخىدا نۇرانە مەنزىلگە يەتكۈزگۈسى. ئاتۇشلۇق يىگىتكە سىز ئارقىلىق سالام يوللايمەن!.    بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» گە مەيلى تەنقىد ۋە مەيلى مۇئەييەنلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن قىممەتلىك ۋاقىت چىقىرىپ ئىنكاس يازغان دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېتىمەن.  مەن ھازىر مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن بەكرەك تەنقىدكە موھتاج. ئوبرازلىق ئېيتسام قېرىنداش مىللەتلەر ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىككە مۇشۇنداق تەنقىد ئەلگەكلىرىدە تاسقالغان ئاق ئۇندا تىتىملىغىراق تاماق ئېتىپ سۇنماقچى. بىز ھازىر ھەممىمىز "ئاشپەز" لىك قىلىۋاتىمىز. غۇلجىدا مەخسۇس مىنىڭ نەزىرىيەمدىن قۇسۇر تاپىدىغان بىر «پىشۇرۇش كۇلۇبى» بار. چوڭقۇر پىكىرلىك ئىنىم مەھەممەتجان بۇ پىشۇرۇش كۇلۇبىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، ئۇنىڭ بىر  "مۇشت" ى ئېنىشتېيىنگە يەنە بىر "مۇشت" ى نىيۇتۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.    غۇلجىدا ئۇرۇشقاندا كاللا بىلەن ئۇرىدىغان ئادەتمۇ بار. مەمەتجاننىڭ كاللىسى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق تارىخىدىكى پۈتۈن كلاسسىك ئىدىيىلەر بىلەن تولغان كاللا بولۇپ، ئۇ مېنى ئىككى  "مۇشت"  بىلەن سالغاندىن باشقا ئەنە ئەشۇ نېيترون يۇلتۇز زىچلىقىغا ئىگە كاللىسى بىلەنمۇ ئۈسسۈيدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شۇ، مەن ئۇنىڭ "قۇم خالتىسى".       يۇقىرىقى قۇرلارنى يېزىشىمدىكى مەقسەت، تورداشلارنى مىنىڭ تەنقىدكە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمدىن خەۋەردار قىلىش.         مىنىڭ ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتمىگەن، خام-خوتا تاماقنى ئالدىراپ – سالدىراپ ئىنسانىيەتنىڭ شىرەسىگە تىزىپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىزىنى بەتتەم قىلغۇم يوق.      «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ لوگىكىلىق گەۋدىسى  31يىل ئىزدەنگەندىن كىيىن 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاساسى جەھەتتىن تاماملاندى.  مەن شۇ كۈنى بالا – چاقىلىرىمغا «مەن بۇندىن كىيىن ئۆيدە بولاي ياكى بولماي، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئائىلە بايرىمى قىلايلى، تاپقان ياخشى نەرسىلەردىن لەززەتلىك تائاملارنى تەييارلاپ دوستلار بىلەن بۇ بايرامنى بىللە قۇتلۇقلايلى» دېدىم، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ماڭا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق ۋە ئىشەنچ مانا موشۇ !       يېقىندا بىز تەتقىقات ياردەمچىلىرىم بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىنىڭ ھەجمىنى بېكىتتۇق. مەن بۇ زەررىچىگە گىگانت ئالىم ئېينىشتېيىننى خاتىرىلەپ «ئېيىن» دەپ نام بېرىشنى تەشەببۇس قىلدىم. ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە مەن: « مۇبادا ئېينىشتېيىننىڭ ئەگرىلىك ئىدىيىسى بولمىغان بولسا "فىزىكىلىق شەكىل" نى ئەسلا كەلتۇرۇپ چىقىرالمايتىم. فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىدە ئۆزىمىزگە قالدۇرۇلغان يەنە نۇرغۇن پۇرسەتلەر بار، ئېنىشتېيننىڭ قارچۇقى ( بىز ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچىنىڭ نامىنى شۇنداق ئاتىۋالغان ئىدۇق)غا چىقىلمايلى» دىدىم.      بىز ئەندى مەن تىكلىگەن لوگىكا بىناسىنى ماتىماتىكا ۋە كەسپى فىزىكا بوياقلىرى بىلەن پەردازلاشنى باشلىدۇق. ئالاقىدار مەۋقەرىمنى «ئوچۇق خەت»كە ئېلان قىلغان ئىدىم. مۇتەخەسىسلەر تەتقىقاتقا قاتنىشىشنى خالىسا ھەر قاچان قارشى ئالىمەن.      -- سالام ئىنىم ئەيبۇ !       مۇھاكىمىنى ئۈنۈملۇك ئىزغا سېلىش ئۇچۇن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىڭغا ئاپىرىن ! ئاز ئىنىرگىيە سەرىپ قىلىپ كۆپىرەك ئۈنۈمگە ئىرىشىش ئۈچۈن مەن بۇنداق بىر تەكلىپ بىرەي. توغرا تېپىلسا شۇ بويىچە سىناپ كۆرسەك.        «فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى» نىڭ ئىپتىدائى ئۇقۇمى «فىزىكىلىق شەكىل» ئۇقۇمىدىن ئىبارەت. «تارىخ قەيەردىن باشلانسا تەپەككۇر شۇ يەردىن باشلىنىشى كىرەك» دىگەن پىرىنسىپ بويىچە بىز ئالدى بىلەن «فىزىكىلىق شەكىل»نى «پىشۇرۇش كۈلۇبى» غا سۆرەپ كىرىپ نوقتىلىق دومبالاپ كۆرسەك، ئاندىن ئىككىنجى ئۇقۇم ۋە ياكى مەسىلىلەر ئەنە شۇنداق كۆرگۇلۇكىنى كۆرسە !. مۇشۇنداق نوقتىلىق تەنقىت ئۆتكىلىدىن ئامان - ئىسەن ئۆتۇپ بولجىماي تىك تۇرالىغان ئىدىيىلىرىمنى مۇئەييەنلەشتۇرگۇڭلار كەلسە ئاندىن مۇئەييەنلەشتۇرساڭلار بولىدۇ.      مۇشۇ ئىنكاس ئارقىلىق مەن «فىزىكىلىق شەكىل» ئۇقۇمىنى «پىشۇرۇش كۇلۇبى» (ۋە ياكى پىشۇرۇش ئىكرانى)غا  ئەۋەتتىم.        توردىن خەۋىرىم بولمىغاچقا ئارتۇقچە تەكلىپ بىرەلمەيمەن. ئۆزەڭ مۇۋاپىق بىر شەكىلنى تاللاپ «فىزىكىلق شەكىل»نى نۆۋەتتىكى نوقتۇلۇق مۇھاكىمە تېمىسى سۇپىتىدە تورداشلارنىڭ  "مۇشت"ىنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرۇشكە تاپشۇرارسەن. مەن «فىزىكىلىق شەكىل» گە ھەربىر "مۇشت" تەككەندە ئىلمى ھەقىقەتكە قاراپ بىر قەدەم سىلجىيمەن، ئاخىرى يەنىلا ھەممە پايدىنى مەن ئالغان بولىمەن !        قىرىنداشلارغا رەھمەت ! سىزلەرگە يۇكسەك تەپەككۇر ئىقتىدارى، كائىناتنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن سۆيىدىغان ئالىجاناپ روھ تىلەيمەن !  يىراق ئەنگىلىيەدە ئېغىر كىسەل ئازابىنى تارتىپ تۇرۇغلۇق ئالەمشومۇل ئىدىيەلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن خاۋ كىڭ ئەپەندىدىن ئۇلگە ئالايلى ۋە پۇت –قوللىرىمىزدىكى قۇدرەتنى مىڭىمىزگە توپلايلى! ھۆرمەت بىلەن قاسىم سىدىق. 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۇنى. غۇلجا شەھەر بۇلاق دادامتۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەھمەدجان ئىكرام
●  ھەر بىر پەن ئۆزىنىڭ...
●  ھاۋا قاچىلاپ ماڭىد...
●  قاسىم سىدىق تەنقىد ...
●  قاسىم سىدىق . فىزىك...
●  قۇربانجان سەمەت : «...
●  قاسىم سىدىق، قۇربا...
●  قاسىم سىدىق : ئالە...
●  قاسىم سىدىق ئېلېم...
●  قاسىم سىدىق: كەڭ ت...
●  زامانداشلىرىمغا ئو...
●  ئىلىم پەن ساھەسىدى...
●  "چوڭ پارتىلاش ئالەم...
●  قاسىم سىدىق ---"يوقل...
●  قاسىم سىدىق--《ئوبىك...
●  قاسىم سىدىق--ساختا ...
●  قاسىم سىدىق--ئالىم ...
●  قاسىم سىدىق. ئېينىش...
●  قاسىم سىدىق كوسمول...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەھمەدجان ئىكرام
●  ھەر بىر پەن ئۆزىنىڭ پەلس...
●  ھاۋا قاچىلاپ ماڭىدىغان ...
●  قاسىم سىدىق تەنقىد ۋە مۇ...
●  قاسىم سىدىق . فىزىكىلىق ...
●  قۇربانجان سەمەت : «فىزىك...
●  قاسىم سىدىق، قۇربانجان ...
●  قاسىم سىدىق : ئالەمنىڭ ...
●  قاسىم سىدىق ئېلېمېنتا...
●  قاسىم سىدىق: كەڭ تورداش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى