قاسىم سىدىق--《ئوبىكتىپ زامان》- خاتا سەزگۈمۇ ۋە ياكى چىنلىق؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-28 15:53:37 كۆرۈلۈش سانى : 137
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
《ئوبىكتىپ زامان》- خاتا سەزگۈمۇ ۋە ياكى چىنلىق؟
قاسىم سىدىق
"زامان"-زۆرۈرى ئۇقۇم. "زامان"ئۇقۇمى كىرگۈزۇلمىسە ھەرىكەت، بولۇپمۇ تېزلىكنى تەسۋىرلەش قىيىنغا توختايدۇ. ھالبۇكى، "زامان" ئۇقۇمىنىڭ زۆرۇرلىكىنى ئېتىراپ قىلىش "زامان" نىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى سوبىيېكتىپلىقىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، "زامان"نىڭ ئوبيېكتىپلىقى ياكى سوبىيكتىپلىقى ھەققىدىكى بەس مۇنازىرە داۋاملىشىپ كەلدى ۋە داۋاملاشماقتا. 20-ئەسىر ئىلىم-پەن مۇھىتى تولىمۇ قەدىمىي تېما-زامان ھەققىدە قايتا ئىزدىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. قولۇڭلاردىكى تېزىس-ئاپتۇر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇشۇ خىل ئىزدىنىشنىڭ دەسلەپكى مەھسۇلى.
1
بىلىش تارىخى نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا، "زامان" ئۇقۇمى دەۋرى ھەرىكەتنى مەنبە قىلىدۇ. ھەرىكەت بولمىسا، "زامان" ئۇقۇمىنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، ئۇقۇم سۇپىتىدىكى "زامان" بىلەن ھەرىكەت، سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.
2
"ئوبيېكتىپ زامان"-تېخى ئۇزۇل-كېسل ئىسپاتلانمىغان كاتىگۇرىيە، ئۇزۇل-كىسل ئىسپاتلانمىغان كاتىگۇرىيىلەرنى پەيىتلىك ۋاستە ياكى مىتۇد سۇپىتىدە تونۇشقا بولدۇكى، پەلسەپەۋى ۋە لوگىكىلىق ئاكسىۇما سۇپىتىدە قوللۇنىشقا بولمايدۇ.
3
ئاتالمىش "ئوبيېكتىپ زامان" بىلەن ھەرىكەت، سەۋەپ، نەتىجە باغلىنىشقا ئىگە ئەمەس.
4
سەۋەپ-نەتىجە باغلىنىشىقا(مۇناسىۋىتىگە) ئىگە بولمىغان شەيئى ۋە ھادىسىلەر بىر-بىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ.
5
ھەرىكەت، ئاتالمىش "ئوبيېكىتىپ زامان" بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.
6
"زامان" فىزىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەرقانداق ئالامىتىگە ئىگە.
7
"زامان" نىڭ ئۆزى مىقدارغا ئىگە ئەمەس.
8
ھامان مۇئەييەن ھالەتتە تۇرۇش-ئالەمنىڭ تۈپ خۇسۇسيىتى. ھالبۇكى، "مۇئەييەن ھالەت" بولسا، شەكىللىك ۋە شەكىلسىزلىك، چەكلىك ۋە چەكسىزلىك، ھەرىكەت ۋە جىملىق ھالەتلىرىدىن ئىبارەتكى، ئاللىقانداقتۇر "زامان ھالىتى" ئەمەس.
9
روھتىن خالى ئالەم ئۇچۇن "زامان"نىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزگىرىش "زامان" نى ئەمەس بەلكى ھەرىكەتنى شەرت قىلىدۇ.
10
"ئۆتمۇش"-"ھازىر"لارنىڭ يىغىندىسى، "كىلەچەك"ئەمەلىي رىياللىق ئەمەس. روھتىن خالىي ئالەمنى كۆزدە تۇتقاندا، ئالەم ھامان "ھازىر"دا تۇرىدۇ. "ھازىر"نىڭ ئۆزى بولسا "مۇئەييەن ھالەت" كە ۋەكىللىك قىلغۇچى ئالماش.
11
"ئۆتمۇش، "ھازىر"لارنىڭ يىغىندىسى ۋە "كېلەچەك" ئەمەلىي رىياللىق ئەمەس ئىكەن، ئاتالمىش "ئوبيېكتىپ زامان" نىڭ گەۋدىسى پەقەت "ھازىر"بولۇشى كىرەك. چۇنكى، روھتىن خالى ئالەمنىڭ ئۆتمۇشى ۋە كېلەچىكى بولمايدۇ. باشقىچە ئېيىتقاندا، "ئۆتمۇش" ساقلانمايدۇ. "كېلەچەك" ئىپادىلەنمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يەتكىلى بولمايدۇ.
1989.يىل
|
|